دوختۇرلار ئاغرىققا شىپا، ئۆلۈمگە ئامال ئىزدىگۈچىلەر بولۇپ، تېببىي كەسىپ قەدىمدىن بېرى ئنىسانلار تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىپ كېلىنىۋاتقان كەسىپتۇر. دوختۇر - بىمارلار ئەزەلدىن ناھايىتى يېقىن - قويۇق مۇناسىۋەتتە، ئۆز - ئارا ھۆرمەت، كۆيۈنۈش ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق رېئاللىق شۇكى، دوختۇر - بىمارلار ئارىسىدىكى يۇقىرىقىدەك ئىناق مۇناسىۋەت ئاللىقاچان بۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مەنپەت ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇناسىۋەت ئىگىلىگەن. ھەتتا، گاھىدا ئۆز - ئارا كەسكىن توقۇنىشىدىغان، قارشىلىشىدىغان ئۆز - ئارا زىت مۇناسىۋەت خاراكتېرىنى ئالغان. كىشىلەرمۇ دوختۇر دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىشقىنىدا بۇرۇنقىدەك << ئاق خالاتلىق پەرشتىلەر >> دېگەن چىرايلىق نامنى ئېسىگە ئېلىشتىن بالدۇرراق << ئاق خالاتلىق بۆرىلەر >> دەيدىغان ۋەھشىيانە سۈپەت سۆزىنى ئېسىگە ئالىدىغان بولۇپ قېلىشقان...
تېخى يېقىندىلا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن چىقىرىلغان ستاتىستىكىلىق خۇلاسىگە قارىغاندا، %64.7 كىشى دوختۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرۇي - ئىناۋىتىنى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. % 30.2 كىشى دوختۇرلارنىڭ زىيادە ئىقتىسادىي مەنپەتنى قوغلىشىشى ئۇلارنىڭ ئابرۇي - ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارايدىكەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازى بارغانسىېرى << ناچار >> لىشىپ كېتىۋاتماقتا.
ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟ دوختۇرلارنىڭ ئەخلاقى ۋە كەسپىي ئىستېلىدا چېكىنىش بولىۋاتامدۇ ياكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە مەسىلە بارمۇ ؟

 

" /> دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ئىقتىسادقا باغلىقمۇ ؟ - 80 خالتا بلوگى

دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ئىقتىسادقا باغلىقمۇ ؟


پەن -تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى ھەمدە كىشلەر ئۆزلىرىنى كۈتۈشكە ، تەن -سالامەتلىكىنى ئاسراشقا كۆڭۈل بۈلىدىغان بولدى ، بۇخىل يۈزلىنىش بىزنىڭ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلىرىمىزگە ياخشى ئامەتلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى -ئەلۋەتتە . ئاز بىر قىسىم دوختۇرلىرىمىز ئىنساپ بىلەن ياشاپ بۇ ئېسىل نامنى ساقلاپ قالغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، كۆپىنچە دوختۇرلار بۇ نامنى نەپىسنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ئاللا بۇرۇن ئۇنتۇلۇپ قالدىغۇ دەيمەن ؟! كېسەلگە كېسەلنىڭ ماھىيتى بۇيىچە مۇئامىلە قىلماي ، بىمارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ ئاز-كۆپلۈگى ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىش ئازىرقى دوختۇرخانىلىرىمىز ۋە دوختۇرلىرىمىزنىڭ تۈپ ھەرىكەت قىبلىنامىسى بۇلۇپ قالدىغۇ دەيمەن . مەن بۇ يەردە دەل مۇشۇ ئامەتلەرنى كۆرەلمەي ، دوختۇرلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن غەيۋەت قىلماقچى بۇلۇپ قالدىم . ئەيىپكە بۇيرىمايسىلەر :

دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارساق رەسمىيەت يۈزىسىدىن سورايدىغان " نەرىڭىزنىڭ مىجەزى يوق ؟" دىگەن بىرىنجى جۈملە سۆزىدىن كىينلا سورايدىغىنى قايسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ؟ ئۇنداقتا شەخسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكىلەرنى قانداق ئويلىشىمىز؟ بۇ يەردە كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلامدۇ ياكى سۇغۇرتىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلامدۇ ؟
نىمە دىگەن بىمەنىلىك -ھە ! كېسەلنىڭ ئەھۋالى قانداق بولسا شۇنداق داۋالاش كېرەكقۇ دەيمەن . ھۈكۈمەت ئاتچوت قىلسىمۇ قەغەز زاۋۇتىدا پۇل بېسىپ ئاتچوت قىلمايدۇ ، يەنىلا شۇ خەلىق ئاممىسىنىڭ قان تەرىدىن ئالغان باجدىن چىقىرىپ ئاتچوت قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتچوت قىلىدىكەن دەپ بىھۇدە تەكشۈرۈش ۋە ئارتۇقچە دورىلارنى قۇبۇل قىلغان بىلەن شەخسىنىڭ ئۆزى كۆتۈرىدىغان سوممىسىمۇ شۇنىڭغا ماس ئېشىپ بارىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغۇرتا شىركەتلىرىمۇ ھازىر قاقۋاشلىشىپ كەتتى ، ئامال بار ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئاتچوت قىلمايدىغان تۈرلەرنى كۆپەيتىۋالدى ، بۇ زىيان ئاخىرىدا بىمارغا بولىدىغان گەپ .
دوختۇرخانلارغا كىرگۈزۈلگەن ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ھۈكۈمەت ئېلىپ بېرىدىغاندۇ ياكى ئۆزلىرى سېتىۋېلىپ ئەكەلتۈردىغاندۇ ، لىكىن بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن بىمارلارنى قارىغۇلارچە قاقتى- سوقتى قىلىشنىڭ زۈرۈريىتى بارمۇ ؟ ئالايلى ، بىر زۇكام بولغان كىشىنى چوڭ -كىچىك تەرەت تەكشۈرتەيلى ، قان تەكشۈرتەيلى ، ئۆپكىسىنى رەسىمگە ئالايلى ، ئەمما ب-تىپلىق تېز تەكشۈرۈش قىلغىنىنى دوختۇرنىڭ بەك ئەستايىدىللىقى دەيمىزمۇ ؟
ئايلىقىدىن سىرىت دوختۇرخانىدىنمۇ ئالسا بۇ ھاياننى ، دورا زاۋۇتلىرى ۋە دورىپۇرۇشلاردىنمۇ ئالسا بۇ ھاياننى ، بىمارلاردىنمۇ ئالسا بۇ ھاياننى بىزنىڭ بۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلىرىمىز شۇنچىلىك كەمبەغەلمۇ ياكى ئىقتىسادقا بەكلا ئېھتىياجلقمۇ ؟
كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتكە تايىنىش . بۇنداق بولغاندا بىھۇدە تەكشۈرۈش ياكى نورمىدىن ئارتۇق دورىلاردىن خالىي بولغىلى بۇلىدۇ .
يېزىلغان دورا ئۇكۇللارنىڭ نامىنى ياكى رۇلىنى سورىسا بىزار بۇلۇش . ئەمىلىيەتتە بىمار بۇلۇش سۈپتىڭىز بىلەن بۇلارنى بىلىش ھۇقۇقىڭىز بار تۇرسىمۇ ، مەن دىگەندەك قىل ، تۇلا سورىما ، دورا چۈشەندۈرىشگە قارىساڭ بۇلىدۇ ، دىگەندەك گەپلەر بىلەن سوغاق مۇئامىلەگە ئۇچرايسىز .
ئالاھىدە بىمارلارغا ئالاھىدە مۇتەخەسىس ، ئالاھىدە سېستىرا ، ئالاھىدە مۇئامىلە ، ئالاھىدە كېسەل كارۋىتى ۋە ئۆي دىگەندەك ئايرىمچىلىقلار . ئەلۋەتتە بۇ ئالاھىدە بىمارلار ئەمەلدارلار ، كاتتا بايلار بۇلىدۇ ، نامراتلارغا ،پۇقرالارغا بۇنداق ئامەت ھەرگىز كەلمەيدۇ . جوڭگولىقلارنىڭ باشلىقنى ياكى پۇلى بارلارنى كۆرسە كۇچۇكلىنىپ كىتىدىغان بۇخىل "ئېسىل " ئەنئەنىسى ، بىمارلارنىڭ كېسىلىنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قۇلىغا ئالالايدىغان دوختۇرلىرىىزنىڭ قان قېنىغا سىڭىپ كەتكىنى قىززىق ، كېسەلگە قارىتا "ئالاھىدە " بولماي ، ئادەمگە قارىتا "ئالاھىدە " بۇلۇش ،مۇشۇ مەنىدىنلا دۇختۇرلىرىمىز ئاق خالاتلىق پەرىشتە بۇلۇشقا قەتئي لايىق ئەمەس .
مۇتەخىسىس ۋە ئادەتتىكى دوختۇر دەپ ئايرىش ، نۇمۇر باھاسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ، تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ باھا پەرقى ،كىشلەرنىڭ ئېڭىدە باراۋەرسىزلىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى .
يىغىپ ئېيتقاندا ، كېسەلگە كېسەلنىڭ ماھىيتى بويىچە مۇئامىلە قىلساق ، يۈرىكىمىزنى تۇتۇپ كۆرۈپ قانداق داۋالاش توغرا كەلسە ، قانداق مۇئامىلە قىلىش توغراكەلسە شۇنداق قىلساق ، ئەسلىدىكى ئاق خالاتلىق پەرىشتە ھالىتىمىزغا قايىتساق دىمەكچىمەن .
ئاپتۇرى:  ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئالىپ
تۆۋەندىكىسى: <<يۈكسەل بلوگى>> نىڭ قۇرغۇچىسى يۈكسەلنىڭ ئىنكاسى:
دوختۇرلار ئاغرىققا شىپا، ئۆلۈمگە ئامال ئىزدىگۈچىلەر بولۇپ، تېببىي كەسىپ قەدىمدىن بېرى ئنىسانلار تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىپ كېلىنىۋاتقان كەسىپتۇر. دوختۇر - بىمارلار ئەزەلدىن ناھايىتى يېقىن - قويۇق مۇناسىۋەتتە، ئۆز - ئارا ھۆرمەت، كۆيۈنۈش ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق رېئاللىق شۇكى، دوختۇر - بىمارلار ئارىسىدىكى يۇقىرىقىدەك ئىناق مۇناسىۋەت ئاللىقاچان بۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مەنپەت ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇناسىۋەت ئىگىلىگەن. ھەتتا، گاھىدا ئۆز - ئارا كەسكىن توقۇنىشىدىغان، قارشىلىشىدىغان ئۆز - ئارا زىت مۇناسىۋەت خاراكتېرىنى ئالغان. كىشىلەرمۇ دوختۇر دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىشقىنىدا بۇرۇنقىدەك << ئاق خالاتلىق پەرشتىلەر >> دېگەن چىرايلىق نامنى ئېسىگە ئېلىشتىن بالدۇرراق << ئاق خالاتلىق بۆرىلەر >> دەيدىغان ۋەھشىيانە سۈپەت سۆزىنى ئېسىگە ئالىدىغان بولۇپ قېلىشقان...
تېخى يېقىندىلا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن چىقىرىلغان ستاتىستىكىلىق خۇلاسىگە قارىغاندا، %64.7 كىشى دوختۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرۇي - ئىناۋىتىنى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. % 30.2 كىشى دوختۇرلارنىڭ زىيادە ئىقتىسادىي مەنپەتنى قوغلىشىشى ئۇلارنىڭ ئابرۇي - ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارايدىكەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازى بارغانسىېرى << ناچار >> لىشىپ كېتىۋاتماقتا.
ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟ دوختۇرلارنىڭ ئەخلاقى ۋە كەسپىي ئىستېلىدا چېكىنىش بولىۋاتامدۇ ياكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە مەسىلە بارمۇ ؟
مېنىڭچە ھەر ئىككى خىل ئامىل تەڭ مەۋجۇد. ئەمما، كېيىنكىسى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بازارلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن كىشىلىرىمىزدە پۇلغا چوقىنىش ئېڭى ، ماددىي بايلىق ھېرىسمەنلىكىنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي. دوختۇرلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن تۆلىگەن بەدەللىرىگە مۇناسىپ ئېرىشكەن يوللۇق ماددىي مەنپەتلىرىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ، بىمار ۋە دورا تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن دوختۇرلاردا قىزىل بولاق ئالىدىغان، يازغان رېتسىپتىن شىرىنكانە ئېلىشقا ئوخشاش قىلمىشلارمۇ ھە دېگەنچە ئەدەپ كېتىپ بارىدۇ.
بۇ مەسىللەرنى تۈزەشتە دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى مۇھىم ئامىل بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس. ھەل قىلغۇچ ئامىل دەل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدۇر. دېمەك ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىدە ئېغىر دەرىجىدە يۇچۇق مەۋجۇد. بۇ يوچۇقلار دەل يۇقىرىقىدەك چىرىكلىشىشنىڭ تۈپ مەنبەسى.
دوختورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، تېلېۋۇزۇردا ئېلانى چىقىدىغان ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر جىنسىي كېسەللىكلەرنى مەخسۇس داۋالايدىغان دوختۇرخانا گوياكى بۇلاڭچىلارغا ئوخشايدىكەن. ئۇ بۇرۇن بۇ دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەن بولۇپ، دوختۇرخانىنىڭ پايدا تېپىشتىكى كۆڭلى قارىلىقىدىن بىزار بولۇپ خىزمەتنى تاشلاپ باشقا دوختۇرخانىغا ئالماشقان ئىكەن. سىز بەلكىم دورا يېزىپ شېرىنكانە ئالغاننى ئاڭلىغانسىز، ياكى داۋالاش خىراجىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ پۇل شۇلغاننى ئاڭلىغانسىز . ئەمما، ساق ئادەمنى كېسەل چىقىرىپ، داۋالاپ ساقايتىپ پۇل تاپقاننى ئاڭلىغانمىدىڭىز ؟ بۇ دوختۇرخانا دەل شۇنداق قىلغان. يەنى سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىكىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى ساق - نورمال چىقسىمۇ ، كېسەل چىقىرىپ ، بىمارغا سىز مۇنداق كېسەل چىقىپسىز، قاراڭ نەتىجىسى 3 پلوس ئىكەن، دەرھال ياتاققا ئېلىپ داۋالمىساق بولمايدۇ دەپ ياتاققا ئالىدكەن. ئاندىن 3 كۈن داۋالاپ بىر تەكشۈرۈپ ، قاراڭ ئەمدى 2 مۇسبەتكە چۈشۈپتۇ، داۋالىشىمىزنىڭ ئۈنۈمى بولىۋېتىپتۇ. يەنە داۋاملىق داۋالايلى .... مۇشۇنداق قىلىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ، سىز تولۇق ساقايدىڭىز ، دەپ يولغان سالغان. بىر تەرەپتىن بۇ كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئالسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇلارنىڭ ھەشقاللىرىنى ئالغان ۋە ئۇلار جامائەتچىلىككە پالانى دوختۇرخانا قالتىسكەن دەپ ، داڭلاپ يۈرگەن ...
ئەجىبا بۇ دوختۇرخانىلارنى نازارەت قىلىدىغان ئورۇن يوقمۇ؟ ...
بەزى دوختۇرخانىلار دوختۇرلارغا بەزى تەلەپلەرنى ئاشكارا قويىدۇ. يەنى بىمارلارنى تەكشۈرگەندە ئۇ- بۇ تۈرلەرنىمۇ قوشۇپ تەكشۈرۋېتىش كېرەك ( ھاجىتى بولمىسمۇ ) ، داۋالاش جەريانىدا مۇنداق دورىلارنى ( باھاسى ئەرزان ) ئاز ئىشلىتىپ، مۇنداق دورىلارنى ( باھاسى قىممەت ياكى مەلۇم دورىگەرلىك شىركىتىدىن كىرگۈزۈلگەن دېگەندەك ) كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك. بار ئاماللار بىلەن داۋالىنىش خىراجىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك ... دېگەندەك. يەنە تېخى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش خادىملىرىغا ئايدا بېرىدىغان مۇكاپاتلىرىمۇ شۇ دوختۇر تەۋە بولىۋاتقان بۆلۈمنىڭ شۇ ئايلىق داۋالاشتىن تاپقان كىرىمى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ. يەنى كۆپ بولسا كۆپ ئالىدۇ، ئاز بولسا ئاز ئالىدۇ. شۇنداقكەن تەبىئىي ھالدا بۆلۈملەر ھەر ئاماللار بىلەن داۋالاش كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشمەيدۇ - دېگىلى بولامدۇ ؟! ... بۇنداق مەسىلىلەرنى دەپ كەلسەك بەك كۆپ .

چەتئەللەردە داۋالاش ساھەسىنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش تولىمۇ قاتتىق بولۇپ، چەتئەلدىكى دوختۇرلار ئامما ئارىسىدا يۈكسەك ئىناۋەتكە ئىگە. مەسىلەن ، ئامېرىكىدا بىر دوختۇرنىڭ قىزىل بولاق ئالغانلىقى مەلۇم بولسا، بۇ دوختۇرنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە ئۆمۈر بويى دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنشىغا يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا، ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق قىلىدىغانلار ئاساسەن بىمارلار تەرىپىدىن ئېرىشىلىش مۇمكىنلىكى بولغان مەنپەتلەرگە قىزىقمايدۇ، قىزىقسىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئامېرىكا خەلقى ئامېرىكا دوختۇرلىرىنى ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشىلەر دەپ قارايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا دوختۇرلىرى سوتتا گۇۋاھلىق بېرىش توغرا كەلسە ئىنجىل تۇتۇپ قەسەم قىلمىسىمۇ بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلار جامائەتچىلىك تەرىپىدىن يالغان گەپ قىلمايدىغانلار ، دەپ ئېتراپ قىلىنغانلار ئىكەن.

بىز بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ تۈزۈملىرىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلەيلى دېمەكچى ئەمەسمىز. ئەمما، داۋالاش ساھەسىدە تۈزۈم جەھەتتە يوچۇقلارنىڭ كۆپلىكىنى بالدۇرراق ھېس قىلىپ ، بالدۇرراق ئەتسەك بولاتتى. بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەتىگە تاقىشىدىغان ناھايتى سەزگۈر ۋە مۇھىم مەسىللەردىن ئىدى.

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ئادىل 621 ئەپەندىمنىڭ مۇشۇ تېمىغا يازغان ئىنكاسى :

ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ 3ﺋﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ 4ﻳﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ،ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﻪﻥ.ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﺳﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻩﻳﻠﻰ:

ﻣﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ 1ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﭘﯩﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯗﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﺗﺘﻰ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ ﮬﻪﻡ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯗﻡ ﻳﻮﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻼ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺘﺘﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻛﻪﺳﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺘﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ:ﺑﯩﺮﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ،ﺋﯘﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯧﻤﯩﻨﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ،ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻗﻮﺳﺎﻗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﺘﻰ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﻥ(ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﺑﺎﺭ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﯨﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭﻳﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻤﻪﻛﭽﻰ،ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥئاستىبېزى ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ)،ﺳﯜﻳﺪﯗﻙ(ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯗ)،ﻗﻮﺳﺎﻕ ﺋﯘﻟﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ(ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ)،ﻗﻮﺳﺎﻕ ﺱ ﺕ (ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ،ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﻣﯘﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﯛﻡ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ 1000ﻳﯘﻩﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭘﻼ ﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪﻗﻮﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯘ ﺩﻩﭖ ﻛﺎﻳﯩﺪﻯ،ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﺍ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻕ ﺧﺎﻻﺗﻠﯩﻖ ﺑﯚﺭﯨﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﺘﻰ،ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﺳﯩﻜﻰ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ،ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﺳﺎﻗﻨﻰ ﺋﯘﻟﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ (ﺏ ﭼﺎﯞ )ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺸﻨﯩﻼ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ،ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺕ ﺳﻪﻝ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ(ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺕ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ)ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯚﺕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻜﻪﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺋﯘﺭﺳﺎﯕﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﯦﺪﻯ،ﻣﺎﻗﺎ ﺧﻮﭖ ﺩﯦﺪﯨﻢ،ﺋﻮﻛﯘﻟﻨﻰ ﺋﯩﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ،ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯜﺯﯛﺗﯩﻠﻰ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺋﻮﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯩﻠﻠﯩﺪﻯ،ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ئاستى بېزى ﻳﺎﻟﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯚﻟﯩﺴﻪﻥ ﺩﯦﺪﯨﻢ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯜﺯﯛﺗﯜﺷﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ.ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ،ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻣﺎﯕﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ،ﺑﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻕ6ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻧﺪﻯ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯﯨﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ :ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻗﻰ+ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻗﻰ+ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺷﻮﻙ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﯘﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮﻯ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ،ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻮﭘﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ.ﺧﯘﺩﺍ ﻏﺎ ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺧﻮﺵ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺳﻮﻟﺘﻪﻙ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﺘﻘﺎﻥ ﺩﻩﺷﻨﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﯓ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻩﺭﮬﺎﻟﻼ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ(ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮬﻪﺭ4ﺩﻩ):-ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ +ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺷﻮﻙ......

-ﻧﯧﻤﻪ؟!ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ؟

-6ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ....

-ﻛﺎﻟﻼﯕﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺳﯧﻨﯩﯔ؟@$#%%$%^^^(ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﺋﻪﻣﻤﺎ)

-..........

ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ،ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻳﻼ ﻗﻮﻳﺎﻱ،ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻼ،ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ،ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﻮﭘﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ.ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ،ﺗﺎﻣﺎﻗﻤﯘ ﻳﯧﻤﻪﻱ ﺳﯘﻣﯘ ﺋﯩﭽﻤﻪﻱ (ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻣﺪﻩ)ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺖ ﭘﻮﻕ ﻳﯧﻤﻪﺳﺘﻪ ﺋﯩﺸﯩﺘﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﺯﯨﻤﯘ ﮬﺎﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ،ﺑﯘﻧﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﮔﯩﺴﯩﻐﯘ ﻣﻪﻳﻠﯩﺘﺘﻰ ﺋﻮﭘﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﻨﻰ ﺗﺎﯕﻐﺎ ﺋﯘﻻﭖ 5-6ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯘﻕ،ﺋﻮﭘﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﯘﺧﺎﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯘﺩﻩﻙ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺸﺸﯩﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﺧﯧﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.ﭼﯜﺷﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﭘﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﻠﯜﭖ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻱ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﻣﻐﺎ (ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻰ)ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﯘﻡ ﺳﺎﻳﺮﯨﺪﻯ،ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﺎﭘﻼ ﺩﯦﺪﯨﻢ......

ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺸﯩﺘﺘﯩﻢ....1ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﭘﯘﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ، ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺩﯨﺠﻮﺭﻧﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺩﻩﺧﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ....ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩن ﻛﯚﭖ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮاتتى.....

ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯘ؟

ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﺩﯦﻤﯩﺪﻯ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﻼ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ،ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﻰ........

ﮬﻰ ﮬﻰ ﮬﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﯩﯟﺍﻟﻐﯘﻟﻰ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺑﯘﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻛﺎﺭﯞﺍﺗﻘﺎ ﺩﯛﻡ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﺎﺯﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺘﺘﯩﻢ.

ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﺎﮬﺎﻧﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻣﺎﯕﺎ،ﺷﯘﻛﯜﻧﻰ ﺩﯨﺠﻮﺭﻧﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﯘﻡ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟--8ﻛﻮﻱ! ﺋﻮﭘﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﯚﻟﯜم ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﭘﯩﭙﻪﻧﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﯨﻢ ﻳﻪﻧﻪ...

ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻜﯩﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﯞﺍﻟﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ1000ﺩﯨﻦ1ﺭﻯ ﺧﺎﻻﺱ،ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ~ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺑﯩﺰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ،ﺷﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﻳﻤﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﻩﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ~ﻳﻪ ﺱ ﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺑﺎﮬﺎ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺗﯧﺨﻰ،ﺳﺎﭖ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ، ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ. ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺸﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺭﺯ ﺳﯘﻧﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﻮﭘﺎﻟﻜﻪﻥ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ،ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﻪﯓ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺸﺸﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ. ﻳﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ..................

ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ ﺩﻩﭘﺘﯘ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ،ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ ﺳﻪﻝ ﺟﯩﻘﺮﺍﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺩﻩﺭﺳﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﭼﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﺷﯘ ﺷﻮﺟﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﯕﻼﻳﺴﯩﺰ،ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﯕﻼﻳﺴﯩﺰ.......

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﭼﯘ؟ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ،ﺑﯚﻟﯜﻡ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺳﻮﺗﺨﺎﻧﺎ،ﻗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﺎ، ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﭘﺎﺩﺍ ﭼﯩﻘﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ،ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺟﯩﻖ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ.

ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﻳﯘﻟﯘﻗﯘﭖ ﺑﯘﺭﻧﯘﻣﻐﺎ ﺗﻮﻻ ﺳﯘ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻕ ﺧﺎﻻﺗﻠﯩﻖ <<ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ>> ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯨﻢ،ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻤﯩﺴﻪﻡ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﯩﻤﯘ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﺪﻩ! ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻳﺎ؟

ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﻗﺸﺎﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﻮﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﻜﻪﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺯﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﻜﻪﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ.ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﻤﯩﻜﯩﻦ،ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻛﯘﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﺎﺭ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺭ،ﺳﯩﺰ ﺑﺎﻟﻨﯩﺴﺘﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻣﯘﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ،ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﯩﺰ ﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻛﯘﻟﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.....

ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﻼ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ،ﻗﻮﺳﯘﻗﯘﻡ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺯﺍﺭﻣﻪﻥ،ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﺎﺭﻣﻪﻥ

 




[Birzat بۇنى 2010-09-23 05:33 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: دوختۇر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماgulruh[2010-09-29 07:50 PM | del]
كەسىپى ئەخلاقلىق ، ساپالىق دوختۇرلىرىمىزمۇ كۆپ . دوختۇرلۇق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق بەكمۇ ئۇلۇغ كەسىپ .ئۇلارنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى خاتالىشىپ جەمىيەتكە يامان تەسىر پەيدا قىلىشىنى خالىمايمەن .

ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم ، سوئال سوراي دىسەم قەيەرنىڭ سوئال يازىدىغان يەرلىكىنى بىلەلمىدىم شۇڭائىنكاس شەكلىدىلا  ئۆزلىرىدىن بىر سوئال سورىغۇم كەلدى .

مەن 3- ئايدا قەشقەردە سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ئۆت ياللۇغى باركەن دەپ چىققان ئىدى . يېقىندىن بۇيان كۆڭلۈم ئېلىشىپ ، تاماق يىگۈم كەلمەي بىئارام بولىۋاتىمەن . مەن ۋاختىدا سەل قاراپ نىمىلەرگە دىقەت قىلىش ھەم نىمىلەردىن پەرز تۇتۇش نى سورىماپتىكەنمەن . مانا ئەمدى جاپا تارتىۋاتىمەن . يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ بۇ يىراق شەھەرگە كەلگىنىمگە 2 ئاي بوپقالدى . قۇرغاق ھاۋادىن بىراقلا بۇ نەم ھاۋاغا ماسلىشالمايۋاتامدىم يا ، ھىچ بىلمىدىم .

مەن نىمىلەرگە دىقەت قىلسام بولىدۇ ، مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا . ئەھۋالىمنى ئېنىق چۈشەندۈرەلمىگەن بولسام يەنە تولۇقلىسام بولىدۇ . مىنىڭ جاھاننىڭ بۇ چېتىدە ئاغرىپ قالغۇم يوق ، مۇساپىرچىلىقىممۇ يىتەرلىك .
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-09-30 01:55 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ياخشى پۇشۇرۇلغان پىننە گۈلقەنتى ياكى يالپۇز گۈلقەنتىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىشنىڭ ئاشقازان ، ئۆت ، قان ئازلىق كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولغۇچىلارغا بولغان پايدىسى زور. ئۆت ياللۇقىغا قارىتا يەرلىك ئۇسسۇلدا يۇقۇردىكىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى چايلىقنى داۋاملىق ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن ئىچىپ بەرسە ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئىچىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. بۇ ھەر قانداق مىجەزدىكى ئۆت خالتا ياللۇقى بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ. :
كاسىنە يېلتىزى، ئارپا بەدىيان، چىڭسەي يېلتىزى، گاۋزىبان، ئەنگۈر شىپا، كاكىنەچ، يالپۇز، پىننە، لاچىندانە، ئوغرىتېكەن، چىڭسەي ئۇرۇقى 10 گىرامدىن؛ سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئاق ئەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىل گۈل، زېرىق قاتارلىقلاردىن 5 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىلىدۇ.
يەنە ئائىلىدە تەييار قىلغىلى بولىدىغان شەربەتلىك بىر رېتسىپ بار:
زېرىق 100 گىرام
بېھى سۈيىدىن 200 مىللىلىتېر؛
ئاچچىق ئانار سۈيى، ئالما سۈيى 50 مىللىلىتېردىن؛
شىكەر 100 گىرام.
تەييارلاش ئۇسسۇلى: زېرىقنى مېۋە سۇلىرىغا 24 سائەت چىلاپ ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ سۈزۈپ شىكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىستىمال مىقدارى: كۈۈندە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتېردىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
ھەسەلدىن چىلان ياكى زاراڭزا چېچىگى ھەسىلى ئىستىمال قىلىپ بىرىش مۇۋاپىق.
يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە: ھايۋانات مايلىرى، تۇخۇم سېرىقى، زىيادە ئىسسىقلىق چاي دورىلىرى، غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر ، قورساقنى ئېسىدىغان، قەۋزىيەت پەيدا قىلىدىغان ، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەك، غىزالاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
سۇيۇق-سەلەڭ، سېڭىشلىق ، تۇزسىزراق تاماقلار ئىستىمال قىلىنىدۇ. ھەر قېتىملىق غىزادىن كىيىن يىنىك ھەركەت قىلىپ بىرىش كېرەك.
__________ بىرزات
回复قايتۇرماباھار[2010-09-28 06:48 PM | del]
ئادىل621ئەپەندىمنىڭ يازغىنىنى كۈرۈپ،ئىنتايىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى.مەن بۇرۇن دوختۇرلارنىڭ جاپاسىنى ئانچە بىلمەيتتىم.ئۆزۈم ئاغرىپ قېلىپ داۋالىنىپ چىققاندىن كىيىن ئاندىن ھېس قىلدىم.ئۇلاردىكى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى مىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى....ئۇلار ھەقىقەتەن ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر...ئەگەر ۋاقىت كەينىگە يانغان بولسا مەن چۇقۇم دوختۇرلۇقتا ئوقىغان ھەمدە ياخشى بىر دوختۇر بولغان بۇلاتتىم.........
تەكشۈرۈشلەر جېق بۇلۇپ كەتتى دىدۇق،لېكىن مەن تەكشۈرۈشنىڭ ئاز بولغانلىقى ئەتراپلىق بولمىغانلىقىدىن(يەنى يۈرۈكۈم تىز سوقىدۇ نەپەس قىستايدۇ دىسەم ئۆپكىنى تەكشۈرۈشنىلا تەۋسىيە قىلىشى،تىڭشىغۇچتا تىڭشاپمۇ باقماي دىئاەنوز قۇيۇشى سەۋەبىدىن)كىسىلىم ئېغىرلىشىپ قالغاندا ئاندىن بايقىغان.شۇڭا مەن تەكشۈرۈشنىڭ تەپسىلى بۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلغۇچىلاردىنمەن...
بەش قول تەڭ ئەمەس،ئەلۋەتتە كەسپى ئەخلاقى ياخشى بولمىغان دوختۇرلارمۇ بار،لېكىن مىنى داۋالاش جەريانىدا كۆرگەنلىرىم ھەقىقى ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر.........
ئادىل621ئەپەندىم خالىسىڭىز پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان سىرداش بۇلۇپ قالساق
چ چ نومۇرۇم1601638600
回复قايتۇرماqarqan[2010-09-26 01:58 AM | del]
ناھيىلىك دۇختۇرخانا
بىركۇنى سىڭلىمنى دختۇرغا  ئاپاردىم ، دۇختۇر  جىددى خارەكتىرلىك  سۇقۇر ئۇچەي دەپ دىياگۇنۇز قويدى .سىڭلىم ۋايجانلاپ ياتىدۇ ،ئوپراتسىيە قىلىدىغان دۇختۇر كىرمىدى ،بىرتالاي سۇركۇلۇشلەردىن كىيىن مەلۇم بولدىكى ئوپراتسىيە قىلىدىغان دۇختۇرنى بىرىنقى قول باشلىق  ئىشخانىسىغا چاقىرىپ تۇنۇگۇنكى ئەرزىمەس خاتالىقى ئۇچۇن تەنقىتلەۋېتىپتۇ،جىددى كىسەل كەلگەنلىكى توغرىلىق 2قېتىم  باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا تېلفۇن ئۇرۇپتۇ .دۇختۇر يەنە يوق ،باشلىقنىڭ ئاچچىقى بېسىلماي سوزلەپ ساپتىمىش،ئاخىرى بولماي   بىرىنقى قول باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا  ئۇزۇم كىردىم  ،شۇندىلا دۇختۇرنى ئەدەپلەشتىن توختاپ مەن بىلەن يولغا سالدى ،  شۇنداق قىلىپ سىڭلىمنىڭ 40مىنۇتتىن  ئاتۇقچە ئازاپلىنىشى ، ئىنىمنىڭ دۇختۇرلارنى  بىرنەچچە ئېغىز تىللىشى ، ............دىگەندەكلەردىن كىيىن ئوپراتسىيە باشلاندى . ئاللاغا مىڭ شۇكرى  سىڭلىم  ساقايدى .
ئويلىنىش : مەسىلە كىمدە  .سىڭلىمدىمۇ ؟ دۇختۇرنى تىللىغان ئىنىمدىمۇ ؟ دۇختۇردىمۇ ؟  ئۇرۇنسىز  ۋاقىتنى ئسراپ قىلغان  ئەشۇ  بىرىنجى قولدىمۇ ؟؟؟  
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.