ئالتۇن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-30
ئالتۇن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
ئىلگىلىزچە نامى :gold
ئەرەبچە نامى: زەھەب
پارىسچە نامى: تىللا، زەر
خەنزۇچە نامى: 金 jin
ئېلىمىنتلار جەدۋىلىدىكى نۇمۇرى: 79
ئېلىمىنت نامى: Au
بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان قىممەتلىك كان بايلىقى ئالتۇن بولۇپ بۇنىڭ كۈشتە قىلىنىغىنى، داغلاپ سۇغارغان سۈيى، مەخسۇس تەييارلىنىدىغان ياپراقچىلىرى تېبابىتىمىزدە موھىم دورىلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئاق، قېزىل، سېرىق رەڭلەردە بولۇپ ئادەتتە دورىلىققا سېرىق ئالتۇن ئىشلىتىلىدۇ.
تەبئىتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: يۈرەك، مېڭە ، ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، كۆزنى رۇشەنلەشتۈرۈش...
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك مېڭە ئاجىزلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، تۇتقاقلىق، مالۇخۇلىيا، ۋەسۋە، غەم-ئەندىشە، ئومومىي بەدەن ئاجىزلىقى، ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرى، ئىچى سۈرۈش، سەرئىي (تۇتقاقلىق)، ھېستىرىيە، قان قۇسۇش قاتارلىقلار....
ئىشلىتىدىغان دورا ياسالمىلىرى: داۋائىل مىشكى، ئەبرىشىم شەربىتى، خىمىرى گاۋزىبان ئەمبىرى قاتارلىقلار...
ئىشلىتىش ئۇسسۇلى: ئالتۇن كۈشتىسىنى مەرۋايىت تالقىنى بىلەن ئىچىپ بەرسە ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئالتۇن كۈشتىسى، سۈرمە كۈشتىسى، مامرانچىنى قاتارلىقلاردىن سۈرمە تەييارلاپ كۆزگە تارتسا ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.
ئالتۇن تاۋلاپ سۇغارغان سۈيىگە قېتىق سۈزمىسىنى سىلىپ ئىرىتىپ ئىچسە ئىچى سۈرۈش، قان تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەرقى بىدە مىشكى، ئەرقى سەندەل، ئەرىقى گاۋزىبان قاتارلىق ئەرەقلەرگە ئالتۇن داغمال سۈيىنى قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە يۈرەك مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. غەم-ئەندىشە، جۇنۇنلۇقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالتۇن سۇغارغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ئاۋاز سۈزۈپ جاراڭلىق قىلىدۇ. كەيپىياتنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ كىشىنى جۇشقۇن قىلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: دوۋساققا زەرەر قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل
ئورۇنباسارى : ياقۇت
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: