توي قىلىش ئالدىدىكى قىزلارنىڭ بەزى بىر سۇئاللىرى


ياخشىمۇسىز ،مەن سىلەرنىڭ 80خالتا تىبابەت تورىڭلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدۇم ، ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرگەي، مەن سىزدىن بىر سۇئال سوراي دىگەن ئىدىم ، مۇمكىن بولسا جاۋاپسىز قالدۇرمىغان بولسىڭىز ، سىزدىن كۆپ تەشەككۇر بولار ئىدىم، مەن مۇشۇ 10 كۈن ئىچىدە توي قىلماقچى ئىدىم ، بىز توي خېتىنىمۇ ئېلىپ بولغان ئىدۇق، يىگىتىم مەندىن بىرگە بۇلۇشنى ئۆتۈنۈپ كېتىپ بارىدۇ ، مەن قارىشلىق قىلسام ئارىمىزدا سەل سوغاقچىلىق پەيدا بۇلۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ، يەنە بىرسى مىنىڭ توي قىلىپ بىر نەچچە ئايغىچە بالىلىق بولغۇم يوق ئىدى،قانداق قىلسام بولىدۇ ، ( بىر قېتىم بالنىستا يېتىپ قالغاندا دوختۇر مىنىڭ بالياتقۇمنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى، تۇغۇت چەكلەش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسەم كىيىن بالىلىق بۇلۇشقا تەسىر يىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى ) ، باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۇكۇل ئۇردۇسا تەسىرى ياخشى دەيدۇ ، مەن قانداق قىلسام بۇلار ؟ سۇئاللىرىم بەك قالايمىقان بۇلۇپ كەتتى ، شۇنداق بولسىمۇ ئېغىر كۆرمەي بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
سىلەرنىڭ توي خېتى ئېلىپ بولغانلىقىڭلارنىڭ ئۆزى ھالال نىكاھلانغان ھىساپلانمايدۇ. توي خېتى سىزنىڭ ئۇ كىشى بىلەن توي قىلغانلىقىڭىزنىڭ قانۇنى ئاساسى بولغان بولسا نىكاھلىنىش بىزنىڭ 1000 يىللاردىن بېرىقى دىنى ئىتىقادىمىز، ئۆرپ _ئادىتىمىزدۇر. نىكاھلانماي تۇرۇپ ئىپپىتىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىمەن ؟ نىمە قىلىمەن؟ دەپ ئۇرۇۋاتقان ئاھ زارلىرى كۆز ئالدىمىزدا كەڭرى تۇرۇپتۇ. شۇڭا يەنىلا تەكىتلەيدىغىنىمىز ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ! ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىڭىزنى تاكى شۇ توي كىچىسىگىچە قەدىرلەپ، ئاۋايلاپ ساقلاڭ! ئۇنىڭ ھەرقانداق ئۆتۈنىشىنى چىرايلىقچە ھەل قىلىڭ، مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ بىلەن توي كۈنىگىچە كۆپ ئۇچراشماڭ! ئۇنىڭ سىزگە نىسبەتەن شۇنداق قالايمىقان خىياللارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرمەڭ! ئەگەر ئۇ راسلا سىزنى قەدىرلىسە، سۆيسە شۇ كۈنگىچە سەبرى قىلىدۇ. 10 كۈن ئۇنچە كۆپ ۋاقىت ئەمەسقۇ؟ ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قەدرى بولمايدىغانلىقى ئېنىق! ھالال نىكاھلاپ ئالمىغان قىزنىڭ ئىپپىتىگە تاجاۋۇز قىلىشقا ھەرقانداق بىرسىنىڭ ھەققى يوق! گەرچە ئۇ سىزنىڭ توي قلماقچى بولغان توي خەت ئېلىپ بولغان كەلگۈسى ئىرىڭىز بولسىمۇ؟!
سىزنىڭ بالىياتقۇڭىزنىڭ كىچىك ئىكەنلىكى ئېبىق ئايرىلغان بولسا مېنىڭچە بالىلىق بولالىشىڭىزمۇ ئانچە ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى كۆرۈش تازا ياخشى بولمايدۇ. ناۋادا ھامىلدار بولۇپ قالسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا يەنىلا بۇ خىيالنى تاشلاڭ.
________________ سەفىيە

  ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ياخشىمسىز !
مەن تولۇق ئورتىنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى ماڭا ھەيىز كەلمىگىنى 5 ئايدەك بولۇپ قالدى بۇ قانداق ئەھۋالدۇ ؟ سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر سوئالىم باتتى بىز سىنىپتا دايىم توي كېچىسنىڭ گىپىنى قىلىپ ئولتۇرىمىز، بۇ نۇرمالمۇ يا بىز بالدۇر يىتىلىپ كەتتىقمۇ ؟ توي كىچىسى شۇنداق قورقۇنۇشلۇقمۇ؟

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ھەيز تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبى خىلمۇ خىل بولىدۇ. ھەر خىل نېرۋا، روھىي ئامىللار، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق، قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق، جنسي يول پۈتەيلىك، بالياتقۇ مىزاجىنىڭ قۇرۇقلۇقى ئىشىپ كېتىش، قان تومۇرلاردا توسۇلۇش، قان قويۇلۇش دېگەندەك. شۇڭا ھەيز تۇتۇلۇشنى داۋالىغاندا سەۋەبچى ئامىللارغا قارىتا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
17-18 ياشلارغا كىرگە قىزلار ئۈچۈن توي كېچىسىنىڭ پارىڭىنى قىلىش ئۇنچە بىنۇرمال ھادىسە دېگىلى بولمايدۇ. لىكىن سورۇنۇڭلاردا يولدىن چىققان چوڭ قىزلار بولسا بۇنداق پاراڭدىن يىراق تۇرغىنىڭىز ئەبزەل!
جىنسىيەت بىلىملىرىنى شۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلاردىن ئوقۇپ بىلىۋالغاننىڭ كىيىنكى تۇرمۇشقا، ۋە سالامەتلىككە بولغان پايدىسى كۆپ.
توي كېچىسى قىزلار زىيادە قورقۇپ كېتىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمىسا ، مۇۋاپىق پەيتلەردە يولدىشىغا تولۇق ماسلاشسىلا قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى تويدىن بۇرۇن قىزلىق ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتۇر!

____________ بىرزات

  دوختۇر ياخشىمۇ سىز؟ مەن تۇي قىلىش ئالدىدا تۇرمەن ،مەن بەكلا ھىسياتچان، ئەگەر تۇي كېچىسى مەن يولدىشىمغا ماسلاشسام ئۇ خاتاچۇشۇنۇپ قالارمۇ؟
جاۋاب:
ھېسياتى كۈچلۈك بولۇش ئەيىپ ئىش ئەمەس. ئەكسىچە ئۇنى ئەدەپ، شەرمىي-ھايا بىلەن زىننەتلىگەندە ئارتۇقچىلىق ھېسابلىنىپ شۇ سەۋەبلىك نىكاھنىڭ تۇنجى كۈنى ئەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولىشى مومكىن. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، يېگىتلەرنىڭ بېشىنى قاتۇردىغىنىمۇ قىزلارنىڭ توي كۈنى ئاخشىمى قېتىپ، بەزدەك تۇرۋىلىشىدۇر. تەشەببۇسكارلىق، تارتىنچاقلىق دېگەنلەرنى نۇرمال، ئۆز يولىدا ئىلىپ بارالىسىڭىزلا ئارتۇقچە ئەنسىرشىڭىز ھاجەتسىز!
سىزگە بەخىت تىلەيمەن!
__________ بىرزات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم.
مەن مۇشۇ ئايدا توي قىلماقچى ئىدىم. سەل ئەنسىرەپ قالدىم. ئاپام ماڭا بۈگۈن چۈشۈنۈكسىز بىر ئىشنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. مەن پەقەتلا قۇبۇل قىلالمايۋاتىمەن...
ئاپامنىڭ دىيىشىچە مېنى جۈمە كۈنى توغۇپتىكەن. شۇڭا مېنى قىز چىقمايسەن. يولدىشىڭغا بۇ ئىشنى يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئەسكەرتىپ قوي دەيدۇ. مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم. شۇڭا قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى مۇشۇ تور ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلاي دەپ بۇ پىكىرنى يوللىدىم. سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم < جۈمە كۈنى توغۇلغان قىزلارنىڭ قىز چىقماسلىقى > توغرىسىدا بۇلۇپ، سىزنىڭ ماڭا تەپشىلىي چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بۇ پەقەتلا ئىلمى ئاساسى يوق خۇراپىي قاراش، خالاس. ئەگەر قىزلىق پەردە ئوبدان ئاسرالمىسا باشقا كۈنلىرى تۇغۇلغانلارمۇ توي كۈنىسى قىز چىقماي قالىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەڭ!
_________ بىرزات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن سىزدىن بىر سوئال سورىماقچى ئىدىم!
مېنىڭ توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان يىگىتىم بېر ئىدى! ئۇ مېنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ! مەنمۇ شۇ!
لېكىن يېقىندىن بېرى ئۇ ماڭا <سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈم بار > دەپ تۇرۋالدى! مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغىم بار! لېكىن ئۇ ئىش بولغاندىن كېيىن تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا زىيان يېتىشىدىن بەكلا قورقىمەن! سىزنىڭ ماڭا مەسلەھەت بېرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن!
رەخمەت!
جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام:
ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قەدىر_ قىممىتى بولمايدۇ، ئىپپىتىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى ھەققىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى .. چەككەن كۈلپەتلىرى ... ۋە خىلمۇ خىل ئالدامچىلىقلار بىلەن توي كىچىسنى ئۆتكۈزۈپ جەمىيەتتە ئومۇميۈزلۈك قىز - ئاياللارنىڭ قەدىرسىز ، ئېتىبارسىز ھالەتكە قالدۇرۇپ قويغان مىساللار ئەتراپىمىزدا بەكمۇ كۆپ. شۇڭا سىزنىڭ يىنىكلىك بىلەن بۇ ئىشقا يول قويماسلىقىڭىزنى، ئوزىڭىزنى قەدىرلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئىپپەتلىك قىز _ ئاياللاردىن بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ئاتالمىش يىگىتىڭىزنىڭ ئۇ خىلدىكى تەلەپنى سىزگە قويۇشى ئەمەلىيەتتە سىزنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك، قەدىرلىمىگەنلىك، مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزنى خورلىغانلىق دەپ قارايمەن. ھەرگىز يەڭگىللىك قىلماسسىز.
ئەي يىگىت ! ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن قىز، سىز ئىپپىتىگە قول سۇنماقچى بولغان ئاشۇ قىز سىزنىڭ بىزنىڭ ئاچا سىڭلىمىز، ھەم كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانىسى.. كەلگۈسىنىڭ ئانىسىنى قەدىرلەڭ. قىزنىڭ ئىپپىتىگە قول سۇنۇشقا سىزنىڭ ھەققىڭىز يوق!
____________________ سەفىيە




[Birzat بۇنى 2010-06-04 08:29 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 47 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماanwar123[2013-01-09 04:17 PM | del]
回复قايتۇرماnaze[2012-10-10 04:22 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەفىيە خانىم ...ياخشىمۇ  سىز  مەن بۇيىل 18 ياشقا كىردىم .يىگىتىم بىلەن ئارلىشۋاتقىنىمغا 1يىل بولدى ئۇنى بەك ياخشى كورىمەن ئۇمۇ مىنى ياىشى كورىدۇ... يىقىندا بىر قىتىملىق خاتالىق تۇپەيلى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بوپ قالدىم .... ئۇ ئېش بولغاندىن بىرى مەن  پەقەتلا ىاتىرجام بولالماي ۋاتىمەن  ئادەم كوپ يەلەگە چىقاممايمەن .باشقىلا بىلىپ قالامۇ دەپ ئەندىشە ئېچىدىلا يۇرىمەن ...يەنە بۇيۇمدا قالامۇ دەپ قوقىمەن ...بۇ ئېشنى باشقىلاغا دىيەممەيمەن ...شۇڭا سىزدىن سوراپ باقسام  ئۇنداق ئېش بىر قىتىم بوسىمۇ بويدا قالامدۇ؟؟؟؟؟؟   ئۇ ئېش بولغاندا مەنتىخى ھەيىز مەزگىلددىن چىقىپ بپلاممىغان مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ بويۇمدا قالامۇ؟؟؟؟؟؟؟  ئېغىر كومەي جاۋاپ بەگەن بوسىڭىز  
回复قايتۇرما7198[2012-08-10 03:38 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دۇستلار قۇلىڭىزلارغا دەت كەلمىسۇن.  قانداق دېسەم بۇلا.ئەرلىرىنىڭ خۇتۇنلىرىغا ئامراقلىق قىلىپ ،ئۇلارنىڭ كۆكسىگە سۆيىشى،شۇرىشى تۇغرا ئەمەسمۇ؟ بۇنداق ئاياللار بىلەن نىكاھلانسا بۇلمامدۇ؟ [face10]
回复قايتۇرمامۇسلىم[2012-08-07 04:28 PM | del]
مۇشىۇنداق مۇسۇلمان دوختۇرلرىمىز نىڭ بولغانلىغىدىن خۇرسەنمەن
回复قايتۇرماadla[2012-06-07 01:31 AM | del]
مەن توي قىلماقچىئدم بىراق 16 ياشقا كىرگەن.قورقۇپ قېلۋاتمەن .مەن.توي قىلدىغان يىگىت  23.ياش .توي كىچسى قانداق بۇلا ؟ بېسمغا بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىمدىن قورقۇۋاتمەن.مۇشۇ.ھەقتە مەسلھەت بەرگەن بولسىڭېز....
回复قايتۇرماyexilkargay[2012-04-03 03:20 AM | del]
ىدكدقغدغوىق
回复قايتۇرماkarguli[2012-03-24 01:40 AM | del]
بۇ بەت ياخشى باشقۇرلۇپـتۇ،ئەگەر بۇئىشلارنى ئانىسىدن سۇرالايدىغانلار بولسا بۇ تور بىكەتتىن چىكىپ كەتتسۇن. بىز قاچانغىچە بۇ ئشلارنى بىلمەي دەردىمىزنى يۇتۇپ يۇرىيمىز. مەن خىزمىتىڭلارنى قوللايمەن، باشقىلارغا ئاسانلىق ئېلىپ كەلدىڭلار!
回复قايتۇرماaaaa[2012-01-28 00:10 AM | del]
ئەسەسەلامۇ ئەلەيكۇم
مىنىڭ بىر سىڭلىم توي قىلغىلى 4 ئاي بولۇپ قالدى
ئىلگىرى توي قىلماستا ھەيز كۆرۈپ توختاپ قالغان ھازىرمۇ كەلمەيدۇ،دوختۇرغا كۆرسەتسە بالياتقۇسى تەرەققىي قىلمىغان 8 ياشلىق بالىنىڭكىدەككەن دەپتۇ،ئەگەر راسلا تەرەققىي قىلمىغان بولسا ئىلگىرى ھەيز كۆرگەنىدى بۇ قانداق ئىش سوراپ باقاي دىگەن. ھە راس ئۇ سىڭلىم توي قىلماستا بىر ئاي ھەيز كۈرۈپ قەتتىي توختىمىغان شۇڭا چوڭلا ئىسسىقلىق دورا قىلىپتىكەن شۇنىڭ تەسىرى بارمۇ يا،قانداق قىلسا بولا؟
回复قايتۇرماxahla9[2011-12-30 05:26 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مەن توي قىلغىلى 4يىل بولدى ، ئارلىقتا ئوقۇش ۋە باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىككى قېتىم سۇنئى ئۇسۇلدا بالا چۈشۇرگەن، بىز ئەمدى بالا ئېلىشنى مەسلىھەت قىلغان ئىدۇق، ئالدىنقى قېتىملىق بالا چۇشۇرگەن ۋاقىت بۇنىڭدىن 2 يىل بۇرۇن بولغان، بۇنىڭ ھامىلدار بۇلىشىمغا تەسىرى بۇلامدۇ؟
يەنە بىر سۇئالىم 3ئاي ئىلگىرى بىر قېتىم ھالىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالدىغان دۇرا يىگەن(72سائەتتە ئۈنۈمى بار)، بۇنىڭ تەسىرى قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن يوقىلىدۇ؟
回复قايتۇرماكەكلىك[2011-08-02 03:42 PM | del]
مېنىڭ يولدىشىمدىمۇ بەش يىل بولدى مەنى بالدۇر كېتىدۇ بىرمىنۇتقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ،بىراق دوختۇرغا كۆرۈنىشنى ئېيتسام ئۇنىمايدۇ،مەن قانداق قىلىشىم كېرەك مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا
回复قايتۇرماsaran[2011-05-17 03:27 PM | del]
يامان تېتىقسز  توربەتكان.  
回复قايتۇرما520[2011-03-29 11:53 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  سەفىيە خانىم ،مەن سىزدىن ئازىراق ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سوراي دىگەنتىم :مەن  بىر بىر توي قلىپ ئاجىراشقان بىر ئايال ،بالام يوق، دوختۇرخانىدا تەكشۇرتۇپ باقسام   مەن دە بالياتقۇ سۇلۇك ڭششكى  پەيدا بۇلۇپتۇ،دوختۇرخانىدا ۇكۇل سالغۇزغان لىكىن ياخىشى بۇلۇپ كېتەلمىدىم ،ئۇنىڭ ئۈستگە بۇ ئايدىكى  ئاددتىم نۇرمال كەلمەيۋاتدۇ. مەن بۇنىڭدىن قورقۇپ قالدىم، ئەگەر بۇ كېسەللىك ئۇزۇن داۋدملىشىپ كەتسە ،ئادەت ۋاقتىدا  ،نۇرمال ئەسلىگە كەلمسە،تۇغماس بۇلۇپ  قېلىش ئېھتماللقى كىلىپ چىققامدۇ ،شوڭا بۇ ھەقتە ماڭا يول كۆرسەتسىڭىز؟
回复قايتۇرماnihal[2011-02-09 01:57 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مېنىڭ 35ياشلىق ھەدەم پىسخكىلق توسالغۇغا ئۇچىراش كېسىلىگە گىرىپتا بولۇپ قىلغان ئىدى ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە ئۇ كېسەل بولۇشتىن ئاۋال بىر نەچچە كۈن ئۇخلىيالمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن كۆز قارچۇغى يوغىناپ بىر نوقتىغا تىكىلىپ <<مەن نېمە بولدۇم>>دەپ سوئال سورايدۇ تۇنجى قېتىم 5يىل بۇرۇن مۇشۇنداق بولۇپ پىسخىكىلىق داۋالاش ئارقىلىق 15كۈندە ئەسلىگە كەلگەن 2يىل بۇرۇن يەنەبىر قوزغاپ بىر ھەپتىدە ئەسلىگە كەلگەن تۈنۈگۈن بىر كېچە ئۇخلىيالماسلىق سەۋەبىدىن يەنە شۇنداق بولۇپ قالدى ئاللا رەھمەت قىلسۇن بىزگە ياردەم بەرسەڭلار ؟
回复قايتۇرماuzum[2011-02-07 03:29 PM | del]
مەنمۇ  بىر ئوقۇغۇچى ، مەن باياتىن  ۋېلىسپىت مېنىشنىنڭ قىزلىق پەردىسىگە تەسىر كورسىتڭدڭغانلىقى توغۇرسىدا ئۇچۇرلار نى كۇرۇپ قالدىم .  مەنمۇ 4يىلدەك ۋىلىسپىت مىنگەن . بەك ئەنسىرەپ قالدىم. كۇرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز  ........          رەھمەت
回复قايتۇرماdilruz[2011-02-07 00:12 AM | del]
bu tor bat bak yah xikan,man nur gun bilim larga ega bol dum
回复قايتۇرماadili[2011-02-05 08:57 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ تور بەت ياخشى قۇرۇلۇپتۇ، مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قوللايمەن .
回复قايتۇرماخةپ[2011-01-29 08:42 PM | del]
ماڭا جاۋاپ لازىم؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
回复قايتۇرماboytak[2011-01-29 01:28 AM | del]
بۇ تور بەت ناھايىتى ياخشى قۇرۇلۇپتۇ! ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ! بىلمىگەنلەر بىلمىگەننى بىلىۋالغۇدەك! ئەگەردە بەزىللىرىڭىز ھەقىقىي ئۇيغۇر بولسىڭىز بۇ توربەتتىن قالايمىقان قۇسۇر چىقارماڭ! بىلىپ تۇرۇپ قالايمىقان سوئاللار نڭمۇ سورىماڭ ! شەرمىھى _ ھايا بىلەن گەپ قىلىڭ! باشقىلار بىلمەي سورىغانغا قۇسۇر ئىزدىمەڭ!
回复قايتۇرماturguneli[2011-01-28 05:14 PM | del]
مەن بۇ تور بېكىتىنى تۇنجى كۆرۈشۈم،مېنىڭچە ھازىرجىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر.بۇ تور بېكىتى ياخشى ئېچىلىپتۇ.
回复قايتۇرماnihan[2011-01-28 04:24 PM | del]
ئەسىلاممۇ-ئەلەيكۇم:
بۈگۈن تۇنجى كېتىم بۇ تور بەتكە كىرىپ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدىم، ئۇيغۇر جەمئيتىدە شەرمى-ھايانىڭ بۇنچە بويۇن كىسىپ قالغانلقىدىن ئەپسۇسلاندىم...قېرنداشلار ئەسلىمىزدىن تانمايلى،بولمىسا لەنەتكە دۇچار بولىمڭز!!!
回复قايتۇرماyaoirak[2011-01-28 02:45 PM | del]
[بۇ تۇر بېتى ناھايتى ياخشى ئېچىلىپتۇ دەپ قارايمەن.چۇنكى بىزنڭ جىنسيەت بىلىمىريمز ناھيتمۇ  تۆۋەن ئىدى.بۇ بۇشلۇكنى تۇلدۇرغۇنىڭزلارغا رەھمەت.باشقىلارنڭ سۇرىغان سۇۋالىرىدن بىز نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بۇلىمز،سۇۋال سۇرۇغۇچىلارنى تەڭلىكتە قۇيمايلى
回复قايتۇرماپەرھات[2011-01-28 11:46 AM | del]
مەن بۇ مۇنبەرنى ھازىر تۇنجى قىتىم كۆرۈۋاتىمەن،مۇنبەر  ناھايىتى ياخشى ئىكەن،مەنمۇ خېلى كۆپ بولغان بىلىملەرگە ئىرىشىۋالدىم،بىرزات ئەپەندىگەتەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. لىكىن بەزىلەر ھەقىقەتەن ئادەم ئوقۇشتىن خىجىل بولغۇدەك سوئاللارنى سورايدىكەن،ئۇنداق سوئاللارنىڭ ھەممە ئادەمگە بىرىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى سوئاللىرىنى مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى ئوقۇپمۇ بىلىۋالغىلى بولىدىغۇ، جىق گەپ قىلغان بولسام كەچۈرۈڭلار  
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.