ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىدا ئاياللارنىڭ سەۋەنلىكى يوقمۇ؟


ھېسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاياللاردا جىنسىي قوزغىلىش پەيدا قىلىدىغان پاراڭ ياكى يېقىنچىلىق سەۋەبىدىن يىنىك دەرىجىدە ھۆللۈكنىڭ پەيدا بولىشى نۇرمال ئەھۋال بولۇپ جىمادا سىلىقلاشتۇرۇپ بىرىش رولىنى ئوينايدۇ بۇ ھەم جىنسىي مۇناسىۋەتكە پايدىلىقتۇر. لىكىن ئۇ خىل ھۆللۈك كۆپ بولۇپ كەتسە ھەم بۇ خىل ئەھۋالدا ئاياللار مۇناسىپ چارە تەدبىر قوللانماي بىر مەزگىل داۋام قىلسا جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تالاغا قاتىراپ قالغان ئەرلەرنىڭ بەزى بىر سۇئاللىرىدىن قارىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا ئاياللار جىنسىي يولىنىڭ زىيادە ھۆللىشىپ كېڭىرىپ كېتىشى ھەم ئۇلارنىڭ ناز خۇلىقىنىڭ بىر خىللا بولىشى ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىغا ئوبدان باھانە بولۇپ بەرگەن . ئۇلارنىڭ : نېمە ئۈچۈن ئايالىم بىلەن بىرگە بولسام مەندە جىنسىي ئاجىزلىق باردەك ھېس قىلىمەن ھەم بەك خوش يېقىپ كەتمەيدۇ، تالادىكى ئاياللار بىلەن بىرگە بولسام ھېچقانداق مەسىلە يوق؟ دەپ سۇئال سورىشى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كىرەك. شۇڭا ئاياللارنىڭ ئائىلە بەختىنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرشى ئۈچۈن جىنسىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرۈپ جىنسىي ئەزالار تازىلىقى ۋە ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزىنى ئاسىراشنى بىلىشى زۆرۈر.
1.بەدەننى ھەر ۋاقىت ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى، لەڭپۇڭ، راڭپىزا، قېتىق، ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىكلەر دېگەندەك پەي-نېرىپلارنى بوشاشتۇرۇپ مىجەزنى سۇسلاشتۇردىغان سوغۇق، ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىشى زۆرۈر.
2. بالياتقۇغا سوغۇق ئۆتكەن ياكى ئاجىزلاپ قالغاننى ھېس قىلغان ھامان بەزى مۇناسىپ چارىلەرنى قوللىنىش زۆرۈر- ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش، دورا سىلىش، دورىلىق ھورداققا چۈشۈش ، مۇناسىپ تېبابەت دورىلىرىدىن تەييارلاپ قاينىتىپ ئولتۇرۇش دېگەندەك.
3.شەھۋەت سۇس بولۇش، ھۆللۈك كۆپ بولۇش ئەھۋاللىرىغا قارىتا ھەم ئومومىي بەدەننى ئاسىراش ئۈچۈن: مەجۈنى ماددىتىل ھايات ، مەجۈنى ئاياللار گۆھىرى ، ئەنجىباھار جەۋھىرى ، مەجۈنى ئازاراقى دېگەندەك دورىلاردىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ جىنسىي يولنى قورۇش، تارايتىش، جىنسىي يول، بالياتقۇنى قىززىتىش، ھېسياتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سىرتىدىن سىلىپ ئىشلىتىشكە
:"   خانىملار قورۇش تالقىنى   "نىڭ ئۈنۈمى ياخشى .
4. قۇۋۋەتلىك، ئىسسىقلىقى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ئوزۇقلۇقلار بىلەن غىزالىنىش: كەپتەر شورپىسى، يەرلىك توخۇ شورپىسى، پاقلان شورپىسى ياكى كاۋاپلىرى، جىگدە ھەسەلى، جېگدە چېچىگى گۇلقەنتى، ياڭاق مۇرابباسى، زەپە چايلىقى ياكى مۇناسىپ ئىسسىقلىق قۇۋۋەت دورا چايلىقلىرى دىگەندەك.
ئۇنىڭدىن باشقا
قىز-ئاياللارنىڭ جىنسىي ھېسياتى سۇس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرىدېگەن تېمىدا مۇناسىۋەتلىك چارە-تەدبىرلەر خىلى تەپسىلىي كۆرسىتىلدى.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن(بىرزات)






[Birzat بۇنى 2011-07-18 10:03 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ناز

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 24 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماARKIZADA[2013-06-03 10:04 PM | del]
ئۇلۇق ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم مەن سىزدىن مەسلەھەت سوراپ بىر پارچە ئىنكاس يوللىغان ئىدىم لىكىن تازا دىگەندەك تەپسىلى بولماپتۇ. مەندە سۈيدۈك ئاجىز كىلىش ئەھۋالى بار بۇنىڭغا ئۇزۇن بولدى شۇنچىكى سۈيدۈك كەلگەندەك بۇلىدۇ لىكىن چىڭقىلىپ كەلمەيدۇ شۇنداق ئەھۋالدا ئۇزۇنراق كىچىك تەرەت قىلمىسام سۈيدۈك تاراپ كىتىدۇ بۆرىكىمدىن چاتاق چىققانمىدۇ دەپ ئەنسىرەيمەن جىنسى ئىقتىدارىممۇ ئاجىز تەخمىنەن 3 ئاي ھىچقانداق ئىنكاس يوق ئىنتايىن كىچىك ھالەتتە خۇددى مۇزدەكلا بىلىنىدىغان بۇپ قالغان ئىدى ھازىر بۇرۇنقىدىن سەل ياخشىراق ئانچە مۇنچە -ئىنكاس با . لىكىن بەزىدە زەكىرىم قاتمايلا مەنى چىقىپ كىتىدۇ. سۈيدۈك ئاغىرتىپ كىلىدۇ بەزىدە مەنى چىققاندىمۇ شۇنداق ئاغرىيدۇ
回复قايتۇرماmikman[2013-06-03 05:29 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىنىڭ بۇ بلوگغا تېخى تۇنجى قېتىم كىرىشىم قانداق تىزىملىتىشنى بىلەلمەيۋتىمەن ياردەم قىلغان بولسىلا.
回复قايتۇرماELIYJAN[2013-01-12 00:56 AM | del]
yahximu siz birzat apanda man sizdin sorap baksam zakar kanqa santir kalsa normal bolidu hapa bolmay jawap bargan bolsila rahmat
回复قايتۇرماbulmak[2012-07-02 09:38 PM | del]
نەقىل مەنبەسى alifvp622 نەقىل مەنبەسى alifvp622
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى
سىزدىن سورايدىغان بىرنەچچە سۇئالىم بار ئىدى
بۇ سۇئالنى يەنە بىر توردىشىمىزمۇ سوراپتىكەن ، مىنڭ ئەھۋالىممۇ ئوخىششىپ قالدىكەن ، مەن بالا ئالماقچى بولغىنىمغا4يىلغىچە بولۇپ قالدى ،لىكىن ھامىلدار بولالمىدىم  تەكشۈرۈتسەم دوختۇرلارچاتاق يوق نورمالكەن دەيدۇ. بىراق مىنىڭدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بار بولار بىرەر كسەللىك ئالامىتىمۇ ؟ ھامىلدار بولالماسلىقىمغا سەۋەپ بولالامدۇ ؟
1> ھەر قىتىم 35~45 كۈنلەر ئارلىقىدا بىر قىتىم ھەيىز كۆرىمەن ، بۇنداق ئۇزۇندا كەلگەنگە چۈشلۇق مىقدارىمۇ بەكلا ئاز، 2كۈنلەرگىچە مىقدارى نورمال ، كىيىنكى كۈندىن باشلاپ بەكلا ئازلاپ كىتىدۇ2~3كۈنلىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە قورساق ، بەللىرىم ئاغىرىش سىزىمى بولمايدۇ، ئاز چاغلاردا بىلىم سۇس تىلىپ ئاغىرىيدۇ.
2> ھەيىز كۆرمىگەن نورمال چاغلىرىمدا بەزىدە دوۋسۇن قىسىمىمنىڭ ئوڭ- سول تەرەپلىرىدە 5سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر يەرلىرىم سانجىپ-سانجىپ ئاغىرىيدۇ، قانچە تۇيۇقسىىز ئاغىرسا ، شۇنچە تىز ئاغىرىق سىزىمى يوقايدۇ.
3> جىنسى مۇناسىۋەت قىتىم سانى سەل كۆپ بولۇپ قالسىلا <كۈندە شۇنداق ئىش بولسا >، مەندە قۇرغاقلىشىپ قالغاندەك سىزىم بولىدۇ، بەزىدە بەكلا بىئارام بولۇپ، بىزارلىق ھىس قىلىپ قالىمەن، ئەگەر نورمال بولسا ئۇنداق بولمايمەن.                                                                                            
4>مەن توي قىلىپ 3 ئايدىن كېيىن تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدە ئوسمە بار ئىكەن دەپ ئوپراتسىيە قىلغۇزغان دوختۇر 3 ئاي پەرىز دېگەن بولسىمۇ يېڭى توي قىلغاچقا پەرىزنى ئۇزاق تۇتالمىغان،
جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز مەندىكى بۇلار كىسەللىك ئالامىتىمۇ؟ قانداق قىلسام ھامىلدار بولۇشقا تىخىمۇ ياخشى شەرت ھازىرلاپ، ئانا بولۇشىتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ شەرەپكە مۇيەسسەر بولالايمەن.
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئارزۇلىرىمىزغا يەتكۈزگەي.
回复قايتۇرماMAHPIY[2012-05-07 05:29 PM | del]
ASSALAMU ALAYKUM
回复قايتۇرماaexa[2012-03-23 06:53 PM | del]
ئانانىزىم دىگەن نىم گەپ؟
回复قايتۇرماaaab[2012-03-14 06:20 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم:
  مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، تۇلۇقسىزدىكى گۆدەكلىكىمدە ئاشۇ ئانانىزىم دېگەن نىجىس ئىشقا ئۆگىنىپ قاپتىكەنمەن. ھازىر بۇنىڭغا 6~7يىل بولدى.تېخى يېقىندىلا تاشلىدىم، ئۆزەمدە نۇرغۇن جىنسى ئاجىزلىقنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.
   شۇنىڭ بىلەن بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن ماتىرياللارنى كۆردۈم.
تور ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە ئامرىكىنىڭ بىر شىپالىق كۇسىرىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ قالدىم، ھەم ئاشۇ توربەتتىكى دوختۇرلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرىنىڭ يوقلىقىنى،ئۈنىمىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدىم....لىكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۆزەمدە ئازراق گۇمان بۇلۇپ قالدى...شۇڭا سىزنىڭ بۇ كۇسارنى كۆرۈپ مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
   http://www.zxyd123.com/?d021 مانا بۇ شۇ توربەتنىڭ ئادىرسى.كۆرۈپ مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
回复قايتۇرماturkistan[2012-01-07 05:16 AM | del]
اللە رەخمەت قىلسۇن..
回复قايتۇرماakpar111[2011-12-26 12:48 AM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! بىرزات دوختۇر، ئۇلۇغ ئاللاھدىن بارلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن .مەن سىزدىن قىسقىچىلام بىر سوئال سورىسام مومكىن بولسا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز ، مىنىڭ ئالدىمدىن ئاق سۇيۇقلۇق چىقىدىغان بۇلۇپ قالغىلى 6ئاي دەك بۇلۇپ قالدى ، بۇ ئىش پەقەت مىنىڭ كاللامغا قالايمىقان خىيال كىرىپ قالغاندا داۋاملىشىدۇ، باشقا ۋاقىتتا ئۇنداق ئەمەس، مىنىڭ بۇكېسىلىم ساقىيامۇ؟ مەن نىمىلەرگە دېھقەت قىلسام بۇلۇدۇ؟ ماڭا ياردەم قىلغان بولسىىڭىز؟؟
回复قايتۇرماanyar[2011-09-26 01:27 AM | del]
ياخشىمۇ سىز بىرزات ئەپەندى مەن سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن qq نۇمۇرڭىزنى ياكى تىلفۇن نۇمۇرڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز مىنىڭ qq نۇمۇرۇم 752780923  ئاۋارە قىلدىم
回复قايتۇرماipar0[2011-08-28 05:56 PM | del]
بىرزات ئەپەندى ،مەن <<خانملار قورۇش تالىقنى >>دىن سېتۋالاي دىگەن ،بۇ دۇرا سىزنىڭ دۇكنڭىزدا بارمۇ ؟باشقا شەھەردە بۇلساق ئەۋەتىپ بىرەلەمسىز ؟باھاسى قەنچە پۇل ؟مۇشۇ تۇغىرسدا ماڭا بىر ئۇچۇر قالدۇرسىڭىز بوپتىكەن.
回复قايتۇرماyalguzum[2011-07-08 09:12 PM | del]
نىمىشقىدۇ ،مۇشۇنداق نىملەرنى ئوقۇسام بەكلا كۆڭلۇم ئىلىشىدۇ.بولۇپمۇ ھازىرقى ئەرلەر بەكلا مەينەتكەن،يىنىغا كىلىپ قالغۇدەك بولسا سىسىق تەر بۇراپ ئىغزىنى چايقىماي.شۇنداقلىقغا قارىماي ئۇ  ئىشقا ئامراق بولۇڭ دىسە دۇم چۇشدۇ ئايال كىشىگە.


回复قايتۇرمادىلرۇس[2011-06-27 06:57 PM | del]
بىر ياخشى ئەر بىر ئايالنى  ياخشى ئايال قىلالايدۇ، بۇزۇق، شاللاق ئەرلەر قانچە قىلسىڭىزمۇ ھامان بۇزۇلىدۇ،ئەر ئەردەك بولسا، ئايالمۇ ئايالدەك بولىدۇ، خېنىم مىجەز ، نامەرت ئەرلەر ئايالىنى يا ئايالغا، ، يا ئەرگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، ئايالىنىڭ نازاكەتلىك بولۇشىنى ئىزدىگەن ئەر ئايالىغا سۆيگۈ، مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى بىلىشى، ئەرلىك مىھرىبانلىقنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشى كىرەك. تالاغا قاراپ قالغان ئەرنىڭ ئايالىمۇ ھامان بىر كۈنى تالاغا قاراپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ ئىللىقلىققا، مۇھەببەتكە موھتاج.  ئايالىم ئىپپەتلىك، ۋاپادار بولسۇن دىگەن ئەرلەر ئۆزى ئېسىل، ئەخلاقلىق بولۇشى، ئايالىنى ياخشىلىققا يىتەكلىشى كىرەك، ئاياللار ئەرلەر سەۋەپلىك گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ، شۇڭا ئەرلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنى ياخشىلىشى، ئايالىدىن مۇھەببەت، ياخشىلىق، ۋاپادارلىق كۈتسە ئالدى بىلەن ئۆزىمۇ ئايالنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجلىرىنى ئويلىشىشى كىرەك. ئائىلەم بەختلىك بولسۇن، ئايالىم گىپىمنى يىرمىسۇن دىگەن ئەرلەر بۇنى كۈرۈپ باقسا بولىدۇ.
回复قايتۇرماadiljan99[2011-06-21 11:51 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك بىرزات ئەپەندى مەن توي قىلغىلى 3 ئايدىن ئاشتى ،ئايالىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بەك ياخشى ،يېقىندىن بۇيان ئايالىمنىڭ تۇلا كۆڭلى ئېلىشىدىغان بوپ قالدى تەكشۇرتسەك قۇرسىغىدا بار ئىكەن ،،،،ئەمدى مىنىڭ سورايدىغىنىم  بىز تېخى كىچىك بولغاچقا ئايالىممۇ مەنمۇ تەجىربىسىز ،،كۈن بۇتى كۆڭلى ئېلىشىپ ھېچ قانداق نەرسىگە كۆڭلى تارتمايدۇ ،،مەن ئايالىمغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي ئاغرىپ يېتىپ قالامىكىن دەپ بەك ئەنسىرەپ قالدىم،،،،قانداق قىلسام بۇلا ،،،قۇۋۋەت تۇلۇقلىغۇچى دورىلارنى يىسە بۇلامۇ يە،،،،،مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز،،،رەھمەت
回复قايتۇرماathar[2011-06-16 03:24 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم    بىر زات ئەپەندىم     مىنڭ چ چ نۇمۇرۇم  1621430799   مىنى چ چ رىڭىزغا  قوشۇۋالغان بولسىڭىز           مەن سىز دىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم      
回复قايتۇرماmt[2011-06-07 07:56 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى
سىلىدىن سورايدىغان بىر سۇئالىم بار ئىدى
مەن توي قىلغان بىر بالىلىق بولغان ، ھازىر ئىككىنچى بالىنى ئالماقچى بولۋاتىمىز ، ئايالىمنىڭ ھىسىياتى بەكلا سۇز ، يىقىنچىلىق قىلىپ قۇچاقلاپ سۆيسەممۇ خۇشاقمايدۇ، داۋاملىق ئاچىق يىمەكلىكلەرنى يەيدىغانغا ئامىراق ، مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئارىمىزغا سۇغاقچىلىق بۇلۇپ قالدى . ئاجىرشىپ كىتەيلى دىسەم قەتئى قۇشۇلمايدۇ
回复قايتۇرماشەھرىزات[2011-05-08 12:42 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى
سىزدىن سورايدىغان بىرنەچچە سۇئالىم بار ئىدى
بۇ سۇئالنى يەنە بىر توردىشىمىزمۇ سوراپتىكەن ، مىنڭ ئەھۋالىممۇ ئوخىششىپ قالدىكەن ، مەن بالا ئالماقچى بولغىنىمغا 3يىلچە بولۇپ قالدى ،تا ھازىرغىچە ھامىلدار بولالمىدىم. تەكشۈرۈتسەم دوختۇرلارسىزنىڭ بالا ياتقۇڭىز تەرەققى قىلىلماپتۇ ،كېچىك ئىكەن ددەيدۇ. بىراق مىنىڭدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بار بولار بىرەر كسەللىك ئالامىتىمۇ ؟ ھامىلدار بولالماسلىقىمغا سەۋەپ بولالامدۇ ؟
1> ھەر قىتىم 30~37 كۈنلەر ئارلىقىدا بىر قىتىم ھەيىز كۆرىمەن ، بۇنداق ئۇزۇندا كەلگەنگە چۈشلۇق مىقدارىمۇ بەكلا ئاز، 2كۈنلەرگىچە مىقدارى نورمال ، كىيىنكى كۈندىن باشلاپ بەكلا ئازلاپ كىتىدۇ 3~4 كۈنلىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە قورساق ، بەللىرىم ئاغىرىش سىزىمى بولمايدۇ، ئاز چاغلاردا بىلىم سۇس تىلىپ ئاغىرىيدۇ..
2> جىنسى مۇناسىۋەت قىلساق ، مەندە قۇرغاقلىشىپ قالغاندەك سىزىم بولىدۇ، بەزىدە بەكلا بىئارام بولۇپ، بىزارلىق ھىس قىلىپ قالىمەن،
3>يولدىشىم بىلەن بىر يەرگە كەلسەك مەن بەكمۇ جىددىيلىشىپ كېتىمەن ،پۈتۈن بەدىنىم چىڭىپ يولدىشىم بىلەنمۇ ئوبدانراق ماسلىشالماي قالىمەن دە تۈز يېتىۋىلىپ ئالاقە قىلىشىنى ئوتتۇرغە قويۇپ بەزىدە يولدىشىم بىلەنمۇ سوقۇشۇپ قالدىم بۇ مىنىڭ ھازىرغىچە بالىلىق بولالمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىمۇ قانداق ؟
4>يولدىشىمنى تەكشۈرتكەنىدۇق ،دوختۇرلار يولدىشىمنى مەزى بېزى ياللۇغى ،جىنسى ئاجىزلىق دەپ دىئاگونۇز قويدى ،مىللى تىبابەتتە داۋالانغان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە ئۈنۈمى بولمىدى ،مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ پەرزەنەت كۆرۈشكە تەسىرى بارمۇ ؟
جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز مەندىكى بۇلار كىسەللىك ئالامىتىمۇ؟ قانداق قىلسام ھامىلدار بولۇشقا تىخىمۇ ياخشى شەرت ھازىرلاپ، ئانا بولۇشىتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ شەرەپكە مۇيەسسەر بولالايمەن.
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئارزۇلىرىمىزغا يەتكۈزگەي.
回复قايتۇرماkumuli[2011-03-01 11:45 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى. مەن بۇ يىل 38 ياشقا كىردىم. ئىلگىرى ئۆت ياللۇغى ھەم مەزى بېزى ياللۇغى بار ئىدى. يېقىندا تىۋىپقا كۆرۈنسەم. ئىچكى تاشقى بۆرەك ياللۇغى، جىگەرنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى ئاجىز، ئىستىھزال ، يۈرەك، مېڭىگە قان يېتىشمەيدىكەن. قاندا جۇشقۇنلۇق كەمچىل، مەزى بېزى ياللۇغى دېگەندەك بىرمۇنچە كېسەللىكنى ئېيتتى. تومۇر ئارقىلىق مۇشۇ كېسەللىكلەرنى بايقاش مۈمكىنمۇ؟
مەندە سوغۇق تەرلەش، ماغدۇرسىزلىق، ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بالدۇر مەنى يۈرۈپ كېتىش، كىچىك تەرەت كۆيۈشۈپ كېلىش، جىنسىي ئەزا تولۇق قايىم بولماسلىق، باش ئېغىر، خارامۇش يۈرۈش، ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەسلىكتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى بار.
بۇنىڭ داۋاسى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىدىن لوبوبى كەبىر، قۇرسى كاكىنەچ ۋە ماددەتۇل ھاياتلارنى يەپ باقتىم. ھېچقانداق ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ.
بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز.... جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. ئاندىن چچ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.....
回复قايتۇرماalifvp622[2011-01-29 05:15 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى
سىزدىن سورايدىغان بىرنەچچە سۇئالىم بار ئىدى
بۇ سۇئالنى يەنە بىر توردىشىمىزمۇ سوراپتىكەن ، مىنڭ ئەھۋالىممۇ ئوخىششىپ قالدىكەن ، مەن بالا ئالماقچى بولغىنىمغا 2يىلچە بولۇپ قالدى ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن 3قىتىم ھامىلدار بولغان بىراق بالا ئىلشقا تەييارلىقىمىز پۈتمىگەچ ھامىلىنى ئالدۇرۋەتكەن ئىدىم، ئەمدى بالا ئالاي دىسەممۇ ھامىلدار بولمايۋاتىمەن . تەكشۈرۈتسەم دوختۇرلارچاتاق يوق نورمالكەن دەيدۇ. بىراق مىنىڭدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بار بولار بىرەر كسەللىك ئالامىتىمۇ ؟ ھامىلدار بولالماسلىقىمغا سەۋەپ بولالامدۇ ؟
1> ھەر قىتىم 35~45 كۈنلەر ئارلىقىدا بىر قىتىم ھەيىز كۆرىمەن ، بۇنداق ئۇزۇندا كەلگەنگە چۈشلۇق مىقدارىمۇ بەكلا ئاز، 2كۈنلەرگىچە مىقدارى نورمال ، كىيىنكى كۈندىن باشلاپ بەكلا ئازلاپ كىتىدۇ 6~7 كۈنلىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە قورساق ، بەللىرىم ئاغىرىش سىزىمى بولمايدۇ، ئاز چاغلاردا بىلىم سۇس تىلىپ ئاغىرىيدۇ.
2> ھەيىز كۆرمىگەن نورمال چاغلىرىمدا بەزىدە دوۋسۇن قىسىمىمنىڭ ئوڭ- سول تەرەپلىرىدە 5سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر يەرلىرىم سانجىپ-سانجىپ ئاغىرىيدۇ، قانچە تۇيۇقسىىز ئاغىرسا ، شۇنچە تىز ئاغىرىق سىزىمى يوقايدۇ.
3> جىنسى مۇناسىۋەت قىتىم سانى سەل كۆپ بولۇپ قالسىلا <كۈندە شۇنداق ئىش بولسا >، مەندە قۇرغاقلىشىپ قالغاندەك سىزىم بولىدۇ، بەزىدە بەكلا بىئارام بولۇپ، بىزارلىق ھىس قىلىپ قالىمەن، ئەگەر نورمال بولسا ئۇنداق بولمايمەن.
جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز مەندىكى بۇلار كىسەللىك ئالامىتىمۇ؟ قانداق قىلسام ھامىلدار بولۇشقا تىخىمۇ ياخشى شەرت ھازىرلاپ، ئانا بولۇشىتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ شەرەپكە مۇيەسسەر بولالايمەن.
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئارزۇلىرىمىزغا يەتكۈزگەي.
回复قايتۇرماakbar520[2010-12-05 06:28 PM | del]
ھۈرمەتلىك بىرزات ئەپەندى مەندە مەنىي سۇيۇق بولۇش مەنىي تېز يۇرۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى بار بۇرۇن ئانانىزىم ئادىتى باتى  مۇشۇنىڭغا ئۈنۈملۈك دورا ئالاي دىگەن  ئاڭلىسام سىلىدە 100يۇەن لىك بىر دورا بار ئىكەن قايسى دورا ئۇ؟
回复قايتۇرماmanggul[2010-12-03 06:02 PM | del]
تۇي قىلغاندىن كىيىن يۇلدۇشۇم بىلەن بىللە بولسام داۋاملىق ھۆل ھالەتتە بولىدۇ، يۇلدۇشۇممۇ ماڭا نەچچە رەت بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمنى ئىيتتى، تەكشۈرتسەم بالياتقۇدا ياللۇغ بار ئىكەن. قانداق قىلىشىم كىرەك؟ بەدىنىم مۇز سوغۇق، قاندق قىلسام بەدىنىمنى ئىسسىق قىلالايمەن؟ تىگىشلىك يەرنى ھەم ئىسسىق، ھەم قۇرغاق قىلالايمەن؟ مەسلىھەتىڭىزنى ئايىمىسىڭىز.
回复قايتۇرماmastur[2010-11-09 02:15 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى
سىزدىن سورايدىغان بىرنەچچە سۇئالىم بار ئىدى
مىنىڭ يۈزۈم كالپۇكلىرىم ھەددىدىن زىيادە قىزىرىپ كېتىدۇ ،بۇمۇ بىر خىل كېسەللىكمۇ ؟
مەن كومپيۇتېر بىلەن  بەكرەك ھەپىلىشىمەن تولاراق  تويلارنى ھەر خىل يىغىلىشلارنى سىنغا ئېلىش جەريانىدا ئادەملەر بىلەن كۆپرەك ئۇچۇرشىمەن ،شۇنداق ۋاقىتلاردا شۇنداق قىزىرىپ كېتىمەن .مەن ھازىر 23ياش ئازالىزىمغا ئۈگۈنۈپ قالغىلى 3يىلدەك بولدى شۇنىڭ تەسىرمۇ يا"
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.