قىز-ئاياللارنىڭ جىنسىي ھېسياتى سۇس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرى



يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بىرزات ھەكىم  ياخشىمۇ سىز؟سزدىن مەسلىھەت سۇرىماقچى ئىدىم .ئىلگىرى ئەنىئەنىۋى كۆزقاراش ھەم ئەدەپ-ئەخلاق يۈززىسدىن سۇراشقا جۈرىئەت قىلالمىغان ئىدم . بۇ يىل 26 ياشقا كىردم يېقىندا يىگىتم بىلەن توي قىلماقچى ئىدۇق بىراق مەندە جىنسىي ھسيات ھەم قىززىقش يوق دىيەرلك بەك تۈۋەن . پۇت قوللىرىم مۇزلاپلا تۇردۇ   بىلىممۇ بەك تۇلا ئاغرىپلا تۇرىدۇ  كىيىنكى تۇرمۇشۇمدىن سەل  ئەنسىرەپ قالدم ~~~~~~~~~~بۇمەندىكى كىسەللىكمۇقانداق ؟كىسەللىك بولسا قاندق داۋاسى بار؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسڭىز~~                   ئاللا رەھمەت قىلسۇن    رەھمەت!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام :
سىزدىكى بۇ خىل ئەھۋالنى كېسەللىك دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەمما سىزدىكى ئۇ ئالامەتلەر بەل-بالياتقۇ ساھەسىنىڭ زىيادە سوغۇقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  بۇ خىل ئەھۋالدا قېتىق، سۈت، فىرىما، لەڭپۇڭ-راڭپىزا، كالا گۆشلۈك ئۈگرە، قوينىڭ ئۆپكىسى، ماروژنا، تولۇق پىشمىغان مېۋە-چېۋە ( غورا، توڭ سويما، تەرخەمەك) دېگەندەك قاننى سوۋۇتۇپ پەي-ئەسەبلەرنى ئاجىزلىتىدىغان، شەھۋەت قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، ھاۋا سوغۇق پەيتلەردە قىلىنراق كىيىنىش، سوغۇق سۇ بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىشلار ھەم نەم موھىتتا ئۇزۇن تۇرماسلىق دېگەندەك ئىشلارغا دېققەت قىلىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى چارىلەرنى ئىشلىتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ:
1. ئىككى كۈندە بىر باچكا شورپىسى قاينىتىپ ئىچىپ بېرىڭ! ( قوشۇمچە خۇرۇچلىرىغا قەلەمپۇر، قارامۇچ، سەۋزە، پىياز دېگەندەك ئىسسىقلىق دورا-دەرمەكلەر ھەم تېتىتقۇلاردىن مۇۋاپىق سالسا بولىدۇ). قوچقار گۆشى شورپىسى ياكى كاۋىپى بولسىمۇ بولىدۇ. يەرلىك توخۇنىڭ پۇشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقىدىن كۈندە ئىككىنى يەپ بەرسە بولىدۇ.
2. كۈندە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا بىر پىيالە قايناق سۇنى سوۋۇتۇپ ساپ جېگدە چېچىگى ھەسىلىدىن 1-2 قوشۇق سىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەنچلىك زەپەدىن 3-4 تال سېلىۋېتىپ ئىچىپ بېرىڭ!
3.ھەر قېتىم يۇيۇنغاندا ئىسسىقلىق دورا-دەرمەكلەردىن سىلىپ سۇ قاينىتىپ شۇ دورا سۈيىدە يۇيۇنۇپ بېرىڭ! ( جوز، بوزۇغا، قەلەمپۇر، كاۋاۋېچىن، پىل-پىل، قوۋزاقدارچىن دېگەندەك دەرمەكلەر).
4. كۈندە ئەتتىگىنى ناشتىلىق بىلەن بىللە 2 تالدىن ياڭاق ھەم 8-10 تال بادام مېغىزى، قىزىل ئۈزۈم  يەپ بېرىشنى ئادەت قىلىڭ!
5.كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىڭ! ( قۇۋۋەتلىك ، كۈچلۈك غىزالىنىپ سەمىرىپ كېتىشتىن قورقىدىغان قىز-ئاياللار ئۈچۈن جىنسىي ھەۋەسنى كۈچەيتىش ۋە مۇسكۇللارنىڭ تەرەقىياتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش.
<< ئاياللارنىڭ ھەركىتى كۆپ بولغانسېرى ھېسياتى شۇنچە كۈچىيىدۇ./asp_49.html >>  دېگەن تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ!

6.مېۋە چېۋىلەردىن : ئەنجۈر، ماڭگو، تاتلىق ئانار قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
7.ئارام ئىلىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، كەيپىياتنىڭ ئازادە ، خۇشال بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، ئارتۇق غەم-غۇسسىلەرگە سەۋەب بولىدىغان ئارتۇقچە خياللاردىن ساقلىنىڭ!
8.بەل-دوۋسۇن ساھەسىنى ئىسسىقلىق مايلار بىلەن (بوزۇغا مېيى، قەلەمپۇر مېيى دېگەندەكلار بىلەن )مايلاپ يەڭگىل ئۇۋلاپ بىرىڭ!
9.ئارىلاپ زەپە، بۇغا مۈڭگۈزى، ئىپار، قەلەمپۇر، قارا رەيھان دېگەندەك قاننى قىززىتىپ روھنى ئۇرغۇتىدىغان، ھېسياتنى كۈچەيتىدىغان چايلىق تەڭشىتىپ ناۋات ياكى ھەسەل بىلەن دەملەپ ئىچىپ بېرىڭ!
10.ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن قاننى قىززىتىپ پەي-مۇسكۇل، بالياتقۇ، بەل-بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان: ماددىتىل ھايات، مەجۈنى ئاياللار گۆھىرى، لۇبۇبى كەبىر، رەيھان جەۋھىرى ، ئەبرىشىم شەربىتى دېگەندەك دورىلاردىن 2 ياكى 3 خىلىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
يۇقۇردىكى چارىلەر توي قىلىپ جىنسىي تۇرمۇشتىن زوق ئالالمايۋاتقان ھەم شۇ خىل كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىپ ئەرنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قىلىۋاتقان سوغۇق مىجەز ئاياللارغىمۇ ياخشى ئۈنۈم ئاتا قىلغۇسى.
ئاللا بارچە ئائىللەرگە بەخىت-شادىمانلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ ئەر-خوتۇنلارنىڭ بارچە ئىسىل ، ھالال نىئمەتلەردىن ھوزۇرلىنىپ خۇشال ياشىشىغا نېسىپ قىلغاي!
_______ بىرزات
يوشۇرۇن مەزمۇن يوشۇرۇن مەزمۇن
بۇ مەزمۇن ئاپتور تەرىپىدىن يوشۇرىۋېتىلگەن، پەقەت ئەزالارلا كۆرەلەيدۇ كىرىش | تىزىملىتىش


./asp_49.html





[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:30 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھېسيات، قىز، جىنسىي، قېتىق، ھەسەل، 80

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 19 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماgulum1020[2012-11-16 11:35 PM | del]
回复قايتۇرماhadhyg[2012-05-15 02:38 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :  خانىملار قۇرۇش تالقىنىنى قەيەردىن سىتىۋالىمىز؟
回复قايتۇرماGVZALTURMUX[2012-05-07 06:03 PM | del]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مىنى چ چ رىڭىزغا قۇشۇۋالغان بولسىڭىز    چ چ نۇمۇرۇم   673844601          1874235362     سىزدىن سورايدىغان    جىددىي سۇئال  بارتى
回复قايتۇرماaexa[2012-03-23 06:42 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :  خانىملار قۇرۇش تالقىنىنى قەيەردىن سىتىۋالىمىز؟
回复قايتۇرماtumar[2012-02-10 01:54 PM | del]
مەن 28 ياشتا توي قىلغىلى 8 يىل بولدى بىر قېتىممۇ ئۆزۇمدە ھىسىيات پەيدا بولغىنىنى بىلمەيمەن
回复قايتۇرماdilraba[2011-06-13 06:33 PM | del]
نەقىل مەنبەسى Gulirayhan نەقىل مەنبەسى Gulirayhan
ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم،مەن يېڭى ئەزا بولغاچقا مەسلىھەتنى قانداق يېزىپ سۇراشنى بىلمەي مۇشۇ يەرگە كىرىپ
قالدىم.
ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن جىنسى ئەزاسىدىن يەل چىقىدىغان بولۇپ قالسا قانداق داۋاسى بار؟
回复قايتۇرماdilraba[2011-06-13 06:32 PM | del]
نەقىل مەنبەسى dilraba نەقىل مەنبەسى dilraba
[]ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم،مەن يېڭى ئەزا بولغاچقا مەسلىھەتنى قانداق يېزىپ سۇراشنى بىلمەي مۇشۇ يەرگە كىرىپ
قالدىم.
ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن جىنسى ئەزاسىدىن يەل چىقىدىغان بولۇپ قالسا قانداق داۋاسى بار؟
[/quote]
回复قايتۇرماdilraba[2011-06-12 03:45 PM | del]
[]ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم،مەن يېڭى ئەزا بولغاچقا مەسلىھەتنى قانداق يېزىپ سۇراشنى بىلمەي مۇشۇ يەرگە كىرىپ
قالدىم.
ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن جىنسى ئەزاسىدىن يەل چىقىدىغان بولۇپ قالسا قانداق داۋاسى بار؟[/quote]
回复قايتۇرمارەيھان[2011-05-10 03:20 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز
مەندە كىچىگىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئورنۇمغا سىيىپ قويىدىغان ئەھۋال بار.مەن ھەرقېتىم بەك چارچاپ كەتكەندە ،ئادەت كۆرۈشكە ئاز قالغاندا كېچىدە بەك كۆپ چۈش كۆرۈپ بولۇپمۇ سىيىپ چۈش كۆرىمەن.شۇنداق چاغلاردا مەندە شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.مەن ھازىر 29ياشقا كىردىم بۇ ئەھۋال ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.مەن قانداق قىلسام بولار مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماmubaris[2011-01-06 02:00 PM | del]
بىرزات  ئەپەندىم   سىلىدىن  سورايدىغان   يەنە  بىر  سوئالىم  بار  ئىدى   .   ئېيىتقىنىمدەك مىنىڭ  بىر  ئوغلۇم  بار   5   ياشقا  كىردى   .   ھازىر   مەندە  ئۈزۈك  بار   تېخى   بالا ئېلىشنى  ئويلاشمىدۇق   .  لىكىن  كىيىنچە  بالىلىق  بولسام   قىز  تۇغقۇم   بار   ئىدى   .    گەرچە   ئاللا  نىمە  بۇيرىسا   شۇنى  تۇغىدىغان   ئىش   بولسىمۇ   يەنىلا   قىز  تۇغۇشنى  ئارزۇ  قىلىمەن  .   كىشىلەردىن  ئاڭلىسام   ئاياللار  ھىسيات  جەھەتتە   ئەرلەردىن   ئۈستۈن   تۇرسا   بالىسى  قىز  بولارمىش  مۇشۇ  گەپ  راسمۇ؟    ئەگەر   راس  بولسا   جىنسى  مۇناسىۋەتتە  ئېرىمدىن  يامان  بولۇش   ئۈچۈن   بىرەر   ئامال بارمۇ  ؟  
回复قايتۇرماmubaris[2011-01-06 01:52 PM | del]
ئەسسالامۇ   ئەلەيكۇم  بىرزات  ھەكىم  ياخشىمۇ   سىز  ؟  مەن  بۇ   تور  بەتكە   يېڭىدىن  ئەزا  بولۇپ  كىردىم  ، مەخسەت   سىزدىن  بىر  نەچچە    سۇئال   سورىماقچى  ئىدىم   .  مەن  توي قىلغىلى  6  يىل بولدى   بىر  ئوغلۇم  بار   ھازىر  بەش  ياشتا  .  يولدۇشۇم   خىزمەت  مۇناسىۋىتى   بىلەن  بىر  ئاي  ئۆيدە  بولاممايدۇ  .  بىر ئاي  دەم ئالىدۇ  .   يولدۇشۇم  شۇ ئىشلەۋاتقان  ۋاقىتتا  ئۇنى  بەك  سېغىنىمەن  ،  داۋاملىق  جىنسى  مۇناسىۋەت  ئۆتكۈزۈشنى   ئويلايمەن  ،  لىكىن  يولدۇشۇم  قايتىپ كەلگەندە   بولسا   ئۇنىڭغا  يېقىنلىشىشنى  خالىمايمەن  .  ئۇنى   سۆيگۈم  ياكى  قۇچاقلىغۇم   كەلمەيدۇ   قىنسى  مۇناسىۋەت  قىلساقمۇ   بىئارام  بوپ كېىتىمەن  خۇددى   يات  بىرى  بىلەن  بىللە  بولىۋاتقاندەك  .  تېزرەك  تۇگەشنى  ئارزۇ  قىلىمەن  .   يولدۇشۇم بۇنىڭدىن  بەك خاپا  بولىدۇ   ،  مىنى  باشقا  بىرىنى  تېپىۋالدىڭ  دەپ  گۇمان  قىلىپلا  يۈرىدۇ  .  مەن  نىمىشقا  يولدۇشۇمغا   نىسبەتەن     يېقىنچىلىق  قىلاممايمەن  ؟  بۇ  مەندىكى  جىنسىي  ئاجىزلىقمۇ؟  يەنە  بىر  گەپ   بەلكىم  سىزمۇ   بىلىدىغانسىز  ،  ھازىر   دۇكانلاردا  ئاياللار  ئالدىغا   سالىدىغان  دورىلار   بەك  جىق  ،   بۇ  دورىلار  ھەقىقەتەنمۇ    ئاق  خۇننى   يوقىتىپ   جىنسى  يولنى  تارايتىپ   جىنسى  يولنى   قىزىتىدۇ  ،   مەن  26   ياشقا   كىردىم   بالامننىمۇ   ئوپىراتسىيە  قىلىپ تۇققان   گەرچە   دورا  ئىشلىتىشىم   ھاجەتسىز   بولسىمۇ  مەنمۇ   بەزى  بەزىدە  بۇ  دورىلارنى  ئىشلىتىپ   تۇرىمەن  ،  بىراق   دورا   ئىشلىتىپ  2-3  كۇندىن  كىيىن  ئېرىم  بىلەن  بىللە  بولسام   بەك  بىئارام  بولىمەن   كىرگۇزۇپ  بولغىچە  بەك  ئاغرىيدۇ   ، ھەم  تىزراق   تۈگىسىكەن  دەپ   ئالدىراپ  كىتىمەن   .    نەچچە  كۈنگىچە   جىنسى  مۇناسىۋەتنى  خالىمايمەن  ،  ئاڭلىسام   ئەرلەر   ئاياللارنىڭ  جىنسى   يولىنى  كىچىك  بولىشىنى  يەنە  قۇرغاق  بولىشىنى   ئىسسىق  بولىشىنى   بەك  خالايدىكەن   بەزى  قىزلارمۇ    بۇنداق  دورىلارنى  ئىشلىتىپ  بىللە  بولسا   ئۆزلىرىمۇ  قانائەت     ھاسىىل   قىلىدىكەن  .  مەن  نىمىشقا   دورا  ئىشلەتسەم  ھوزۇرلىنالماي   ئەكسىچە   بىئارام  بولىمەن  .  بۇنداق  دورىلار   زىيانلىقمۇ   ؟   يەنە  دورا  ئىشلەتمىسەممۇ   بەزىدە   شۇنداق  بىئارام  بولۇپ  جىنسى  مۇناسىۋەت  قىلغۇم  كەلمەيدۇ   .  مەن  نىمىشقا   بۇنداق  ئىشلاردا   خىيالىمدىكىدەك   ھوزۇرلىنالمايمەن  ؟   بۇ  مەندە  كىسەل  بارلىقىنى   چۈشەندۈرەمدۇ  ؟  ئېرىم يېنىمدىكى ۋاقىتلاردىمۇ   جىنسى   مۇناسىۋەت   ئۆتكۈزگۈم   كىلىپ   ئۆزۈم  تەلەپ قىلىپ بىرگە   بولساممۇ   يەنە   ۋاقتى  سەللا  ئۇزىراپ  كەتسە   بىزار   بولسام   بۇ  قانداق  ئىش  ؟  ماڭا چۈشەندۈرۈپ   قويغان  بولسىلا   ؟   جاۋاپلىرىنى  كۈتىمەن .  
回复قايتۇرماGulirayhan[2010-11-28 06:50 AM | del]
ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم،مەن يېڭى ئەزا بولغاچقا مەسلىھەتنى قانداق يېزىپ سۇراشنى بىلمەي مۇشۇ يەرگە كىرىپ
قالدىم.
ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن جىنسى ئەزاسىدىن يەل چىقىدىغان بولۇپ قالسا قانداق داۋاسى بار؟
回复قايتۇرما热依拉[2010-11-11 04:04 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم  ياخشىمۇسىز !ماڭا چى چى نۇمۇرىڭىزنى ئىيتىپ بىرەلەرسىز مۇ؟
回复قايتۇرماazadam[2010-10-16 06:16 PM | del]
خانىملار  قورۇش تالقىنى ،ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى داغنى يۇقتىدىغان ئۈنۈملۇك دورا بارمۇ ؟ئالمىقچى ئىدىم .سىلەردە بارمۇ ؟ باھاسى قانچە پۇل
回复قايتۇرماuhlan[2010-09-21 01:08 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز ؟ مەن توي قىلىخىلى 2 يىل بولدى ، بەزى ئەھۋاللاردا جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكىزىۋاتقاندا ئوتتۇرلقتتا زەكەر قايىم بولماي مۇناسىۋەت توختتاپ قالخان ئەھۋال كۆرىلىدۇ.ھەم 2 جى قېتىم مۇناسۋەتتىمۇ شۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ،بۇنۇڭ سەۋەبى ؟ قانداق قىلسام ياخشى بۇلۇپ كېتىمەن؟ مەسلەھەت بەرگەن بولسڭىز رەخمەت..........
回复قايتۇرمابىمار[2010-09-17 07:45 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەكىم ، تچلىكمۇ ؟ مىنىڭ ئەدەپسىزلىكىمنى كەچۅرسىلە .
مەن توي قىلعىلى 3 يىل بولدى .بىر بالام بار . مەن توي قىلعاندىن تارتىپ تاكى ھازىر عىچە مىنىڭدە ئەر - حوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن بىرەر قىتىممۇ لەززەتلىنىش بولۇپ باقمىدى . مەن ئۇ حىل مۇناسىۋەتتە ھىسياتى ئۉرلىسە قانداق بولىدۇ ، لەززەتلەنسە قاندەق بولىدۇ پەقەتلا ھىس قىلىپ باقمىدىم . مەندىكى بۇ حىل ھالەت كسەللىكمۇ ھچ بىلمىدىم .منىڭمۇ باشقا نورمال ئاياللاردەك شۇ حىل تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىشىمگە مۅمكىنمۇ ؟
回复قايتۇرماnokiya[2010-06-24 01:27 PM | del]
ئەسسالام  ئەلەيكۇم  بىرزات  ھەكىم  قانداق  ئەھۋاللىرى -؟ مەندە  ئومۇمى  بەدەن   ئىسسىمايدىغان ھەم ئۇزۇن مەزگىل  نەم   يەردە   خىزمەت  قىلغاچقا  بالياتقۇم  مۇزدەك  تۇردۇ ؛ مەن  بۇنىڭغا  قارتا  قايسى  دورنى  ئىشلەتسەم  بەكرەك  ئۇنىمى  بولدۇ ؛ ئاساسلىقى  بالياتقۇنى  قىىزتىش  ؛ ئەگەر خانىملار   قورۇش  تالقىننى  ئشلەتسەم  تۇغۇشقا  تەسىرى  بولامۇ ؛مەسلھەت  بەرگە  بولسلا  -؟ ئاۋارا  قىلدىغان  بولدۇم .
回复قايتۇرماnuriman[2010-06-18 02:25 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز ! مەن ئەڭ ئالدى بىلەن تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن . مەن مۇنداق ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم ، ئۆتكەن يىلى مېنىڭ قۇلىقىم ئاغرىپ كېتىپ تەكشۈرتسەم ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويغان ئىدى . كېيىن ساقايدى . ئەمما يەنە قىشتىن بىرى سوغۇقتا توڭلاپ كەتسەم، قۇلىقىم بىر خىل ئىتىۋالغاندەك ، يەنە قۇلىقىمدا سۇ باردەك سىزىم پەيدا بولۇپ قالدى ، يېقىندا تەكشۈرتسەم دوختۇر قۇلاقتا ھىچنىمە يوقكەن ، ئەنسىرىمە دىدى ، لىكىن مەن يەنىلا ئىشىنەلمىدىم ، شۇڭا ئۆزىڭىزدىن بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپ باقاي ، مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ...
回复قايتۇرماjanan[2010-06-05 07:13 PM | del]
كۆپلىگەن سوغۇق مىجەز قىزلاردا مۇشۇ خىل ئەھۋال بارمىكى دەيمەن. بۇ گەپلەرنى يا بىرسىگە ئېيتقىلى بولمىغان. تورنىڭ پايدىسىنى مانا مۇشۇ يەردىن كۆرىمىز دە.
جىگدە ھەسىلىنىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن زادى. داۋاملىق ئىچىپ بىرىشنى ئادەت قىلسا روھىي كەيپىياتىمۇ ياخشى بولۇپ تېرىمۇ پارقىراپ كېتىدىكەن. ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىمۇ ياخشى بولۇپ قەۋزىيەتمۇ راۋانلىشىپ كېتىدىكەن. رەھمەت.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.