بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟(ئەركەكلەر)




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم. تۇنۈگۈن بۇ 80خالتا تور بەتلىرىگە سۇئال يازغىلى بولماپتى، شۇنچە كۆپ سۇئاللارغا جاۋاب يېزىپ بولالماي ھېرىپ كەتكەن چېغى دەپ قاپتىمەن. ھا ھا ھا ... چاخچاق ئەمەس راس شۇنداق ئويلىدىم. ھىلىمۇ جىنىڭىز پىششىق ئادەمكەنسىز، يالغۇز جىنىڭىزغا خىلى پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ جىق ساۋاپ ئىلىۋاتىسىز. شەخسەن ئۆزۈم سىزگە كۆڭلى - كۆكسۈمدىن چىقىرىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىمەن. باشقىلارنى ساغلام بولسۇن دەپ كېچىلەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاغرىپ قالماڭ يەنە،(خۇدايىم ساقلىسۇن) بىزدەك كەڭ تور جامائىتى سىزدەك ئەمەلىي نەپ يەتكۈزگۈچى پىداكارلاغا موھتاج.
شۇڭا تەن ساقلىقىڭىزنى ياخشى ئاسرىشىڭىزنى جىددى تەلەپ قىلىمەن. سالامەت بولۇڭ!
سىزدىن بىر سۇئال سوراي دېگەن. ( يۇقۇردا سىزنى سۇئالىمغا جاۋاب بىرەمدىكىن دەپ ماختىمىدىم جۇما يانا): بۆرەك زەئىپلىشىش بىلەن بۆرەك ئاجىزلىقى ئىككىسى بىر گەپمۇ يا سەل پەرقىمۇ بارمۇ؟

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
چارچاپ ، ھېرىپ قالساممۇ تورداشلارنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچى ھەم دۇئايى-تىلەكلىرىدە ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدۇ. سىزگىمۇ رەھمەت.
سۇئالىڭىزغا كەلسەك ئىككى سۆز ئاساسەن ئوخشاش . زەئىپ سۆزى ئەرەپچىدىن كىرگەن بولۇپ شۇ << ئاجىز >> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلىقى ھەققىدە ئەتتىگەن تېخى بىر تورداشقا جاۋاب يازغان ئىدىم:
بۆرەك ئاجىزلىقى دېگەندە بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىنى تولۇق ئورۇندىيالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل بۆرەك خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچرىسا ، بۆرەك ئىچكى قىسمىنى بۇزۇپ ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىپ بۆرەك ئالماشتۇرمىسا بولمايدىغان دەرىجىدە كاردىن چىقىش، ھەتتا ئۆلۈم دېگەندەك ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىشنىڭ سەۋەبى :
بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بۇزۇلۇپ ئۇزاق داۋاملىشىشى، بۆرەك ئورۇقلاش، بۆرەك ئىچكى نەيچىلىرى بوشاپ كېتىش، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلىش، ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرىنى تولۇق داۋالاپ ۋاقتىدا ساقايتماسلىق، بۆرەك سىلى ۋە باشقا يۇقۇملىنىشلارنىڭ قالدۇرغان ئاسارەتلىرى سەۋەبىدىن ، بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجىرتىپ چىقىرىش خىزمىتى ئاجىزلىشىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا مەزىبېىزى يوغۇناپ سۈيدۈكنى قىسىش، سۈيدۈك يوللىرى تارىيىش، ئۆسمە دېگەندەكلەرمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۆرەكنى زەئىپلەشتۈرىدۇ.
ئاقسىللىق تاماقلارنى كۆپ ئىستمال قىلىش، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش، كۆپ قېتىم ئۇسسۇز قىلىپ سۇسىزلىنىش، كۆپ قان كېتىش، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىش، داۋاملىق ئات-ئۇلاققا مېنىش ، پىيادە كۆپ يول يۈرۈش، ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ سۇ ئىچىش، سۈيدۈك قىستىغاندا ۋاقتىدا چېقىرۋەتمەي ساقلاش قاتارلىقلار بۆرەك زەئىپلىشىشنى تېزلىتىشكە ياردەم بىرىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلاش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە توختىلىپ باقايلى:
ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىقىدىن ئۇزۇن مۇددەت بۆرەككە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە شەھۋەت (باھ، جىنسىي ھېسيات ) تۆۋەنلەيدۇ. ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرى، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك جاراھىتى، بۆرەك سېفلىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بۆرەك خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.
ئۇندىن باشقا بۆرەك مىزاجىنىڭ ھۆل، سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇقتىن بۇزۇلۇشى سەۋەبلىكمۇ بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقى يۈز بىرىدۇ.
جىنسىي ئالاقىنى زىيادە كۆپ قىلىش نەتىجىسىدە بۆرەك ئەتراپىدىكى ياغ ئىرىپ تەدىرجى بۆرەك ئورۇقلاپ كېتىش، بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى.
ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ھاراق-شاراب، ھەر خىل چېكىملىكلەر، بۆرەكتىكى تاشلارنى ئىرىتكۈچى ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبدىنمۇ بۆرەككە بېسىم پەيدا قىلىپ بۆرەك مەنبەلىك جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ ئالامەتلىرى:
بەل تېلىپ ئاغرىيدۇ، پۇت-قول ئېغىرلىشىدۇ. بۆرەك ئاجىزلىق ئېغىرلاشقانسىرى ئىككى يوتا تېلىپ ئاغرىيدۇ. بىمارد دائىم جىنسىي ئاجىزلىق ، ئەرلىك ئەزا كارغا كەلمەسلىكتىن قاقشايدۇ.قاپىقى، پۇت-قولنىڭ دۈمبىسى سەل ئىششىيدۇ.
بەزىدە ئىختىيارسىز مەنى مېڭىپ كېتىشى مومكىن. جىنسىي ئەزا ۋە ئۇرۇقدان ساھەسى سوغۇق بولىدۇ. سوغۇق تەرلەيدۇ، بەزى ھاللاردا سۈيدۈك يولىدا ئىچىشىش يۈز بىرىشى مومكىن. سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە سۈيدۈكتە ياغ تېپىلىدۇ. كۆپۈنچە سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ ، مىقدارى ئاز كېلىدۇ. سۈيدۈك تۇتالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. داۋاملىق ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆزى قاراڭغۇلىشىدۇ. زېھنى قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ ئۇنۇتقاقلىق يۈز بېرىدۇ.
بۇنى داۋالاشتا سەۋەبىگە قارىتا، بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن چارە قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق، كەمقانلىق، ئانانىزىم ياكى مەنى تۇتالماسلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولسا
ياڭاق مۇرابباسى، ھەسەل سۈيى ، داۋائىي تەرەنجىۋىل، ھالۋايىي بەيزە، لۇبۇبى كەبىر، لوبۇبى سەغىر، ماددىتىل ھايات، جاۋارىش زەرئۇنى قاتارلىق دورىلاردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
تامام





[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:31 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بۆرەك، جىنسىي، ئانانىزىم، لۇبۇبى كەبىر، ھەسەل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 13 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمامەمەتجان[2012-12-26 07:59 PM | del]
ياخشىمۇ سىز
  مەن بۇ يىل 22ياش ،توي قىلغىلى 6ئاي بولدى ،بۇرۇن 6يىلدەك ئانانىزىم قىلغان .ھازىر جىنسى تۇرمۇشۇمغۇ ياخشى ،بىراق چىچىم ھەددىدىن زىيادە چۇشۇپ كىتىۋاتىدۇ. بىر مىللى تىبابەت دورىخانىسىغا كىرسەم ،بۆرىكىڭىز سوۋۇپ كىتىپتۇ دەيدۇ،ۋە لوبوبى كەبىر دەيدىغان 80يۈەنلىك بىر دورىنى تەۋسىيە قىلدى ،يەنە بىر 91يۇەنلىك بىر چا مىيىمۇ با ر .سىزچە لوبوبى كەبىر دىگەن دورا مىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمغا ماس كىلەمدۇ.مەسلەھەت بەرسىڭىز .يەنە سىلەرنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانداق ياخشى دوراڭلار بار ،تونۇشتۇرغايسىز
回复قايتۇرماmessi[2011-06-11 10:19 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
    مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم  مەن توربكتىڭزنى  كۇرگەنگەئانچەئۇزۇن بولمدى لىكىن بۇبىرقانچەقىتم كۈرۇش جەيانىدا كۈپلىگەن تونۇشقا ئىگەبولدۇم.رەھمەت سىزنىڭ مۇشۇنداق بىلشكە تىگشلىك ئىشلانى بىزگە بىلدۇرگىنڭزگە ئۇلۇغ ئاللا تىنڭزنى ساق ئشلىرڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.
回复قايتۇرماsoyamsz[2011-03-04 08:24 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  برزات  ئەپەندم    مەن بۇيل29ياش   توي  قىلغلى4يل  بولدى  يىقندن بۇيان  ئىنچكەبىلم ئارامسز  بولۇپ  قالدى    بەدىنىم  سوغۇق تەرلەيدۇ     ئايالم بىلەن  بىرگە  بولۇشتن  بۇرۇن مەن شۇنداق قىزغن ئككنچى  قىتمدا يىرم  يولدا ئسپىرما  كەلمەي  تۇرۇپلا  بوشاپ كىتدۇ   بۇئەخۋال  بولغلى  2ئاي  ئەتراپدا  بولدى  رەنجمەي مەسلەت  بەرگەن  بولسڭز
回复قايتۇرماmrdan[2011-02-05 11:29 PM | del]
ئەسللاممۇئەلەيكۇم؟ مىنىڭ بۆرۈكىمدە تاش پەيدا بولۇپتۇ مۇشۇكېسەلدىن قانداق قۇتۇلمەن؟بۆرىكىم ئاجىزلاپ كىتەرمۇ؟
回复قايتۇرماxxx[2011-01-24 01:27 PM | del]
ياخشىمسىز پۇتبول ئويناشتىن  كېلىپ چىققان بەل-پۇت ئاغرىشنىڭ زىيىنى بارمۇ؟
回复قايتۇرمائىلدوس[2010-10-08 03:08 AM | del]
سالام بىر زات ھەكىم،
مەن ھەركىچە ئۇخلىغاندا  پۈتۇن بەدىنىم سوغۇق تەرلەپ سۇغا چۈشكەندەك چىلىق چىلىق ھۆل بولۇپ كىتىمەن، توي قىلغاندىن بىرى شۇنداق بولدى،ئەمما جنسي تۇرمۇشۇمنىڭ ساغلام ۋە نورمال بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىمەن.  بۇ تەرلەش نىمە  سەۋەپتىن بولىدۇ، داۋالاش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشىم كىرەك. مەسلھەت بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،
回复قايتۇرماxahzat[2010-08-01 09:32 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:مەن سىزدىن بىر  مەسلىنى سورىۋالاي دىگەن .مەن بۇ يىل 21 ياشقا كىردىم  مەن كىچىكىمدىنلا ئانانىزىمغا  ئۇگۇنۇپ قالغاچقامىكىن(6يىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن)  زەكىرىم بەك كىچىك ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە  ئەگىشىپ  بەدىنىمدە يەنە مەزىبىزىنىڭ ئالامەتلىرى كورىلىشكە باشلىدى .مەن  مۇشۇ  ئانانىزىمدىن  قۇتۇلسام   ياخشى  بولاتتى . قانداق قىلسام  بولىدۇ خاپا بولماي يول كۆرسىتىپ بەرسىڭىز  بوپتىكەن .رەخمەت سىزگە!(جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن)
回复قايتۇرماablikim[2010-07-17 05:30 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بىرزات ھەكىم.   ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  مىنىڭ ئىنىم  چۇمادو دىگەن دورىنى يىيىشنى ئۈگۈنۈپ قېلىپ 2  يىلچە يەپتۇ ئۆيدىكىلەر بىلگەن دىن كىيىن مەن ئىنىمنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ يارىپ ئامبۇلاتۇريەسىدە داۋالاتتىم دورىنى شۇنىڭ بىلەن تاشلىدى لىكىن ئىنىم نىڭ بەدىنىدە دورىنىڭ ئاسارىتى قاپتۇ  بىز ئۇنىڭ تۇيىنى قىلىپ قويغىلى 1يىل بولدى ئايا لىنىڭ بۇيىدا قالمىدى كىيىن ئىنىم ماڭا ئۈزىنىڭ جىنسى ھەۋىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى تويقىلغاندىن بۇيان بىر قېتىمدىن ئارتۇق جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىغان لىقىنى ئېتتى  بىر قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغان دىكىن قايتا ھىسياتى كەلمەس بوپقالغان لىقىنى ھەمدە ئىككىنچى قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشكە ئۇرۇنسا زەكىرىنىڭ بەكتەستە قېتىپ جىنسى مۇناسىۋەت تۈگىمەيلا يۇمشاپ كىتىدىكەن جىنسى مۇنا سىۋەتنىمۇ ئۈزىنى مەجبۇرلاپراق قىلىدىكەن  سىيگەندىمۇ سۈيدۈك بېسىمسىز  ھەم سىيىپ بولغان دىن كىين مەنى ئەمەس مەزى يەنى قۇيۇغراق سۈيدۈك تېمشىيدىكەن .سىيىپ بولغان دىن كىيىنمۇ يەنە سىيگىسى كەلگەندەك سۈيدۈك قېپقالغاندەن ھىسقىلدىكەن  ...بىرزات ھەكىم سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي ئىنىمنىڭ بۇ كىسى لىگە مەسلەھەت بەرگەن بول سىڭىز قاندان دورىلارنى ئىشلەتسە ئۈنىمى ياخشى راق  قانچە ئۇزۇن دورا يەيدۇ  ھەم قانداق پەرىز تۇتىدۇ  مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  دورىلارنىڭ ئىسمىنى ئىنىقراق دەپبەرگەن بولسىڭىز سىزدىن ئۈتىنەي .جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.ئاللاھ سىزدىن رازى سۇن   ئاللاغا ئامانەت  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
回复قايتۇرماnp1223101[2010-06-29 08:59 PM | del]
بۇ تور بەت مەندەك ياشلارغا بەك ماس كىلدىكەن سىللەرگە كۆپ رەھمەت بىرزات دوختۇر
回复قايتۇرماھەكىم[2010-06-11 08:17 PM | del]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك بىرزات چەكىم ئاللاتائالاكوپ رەھمەت قىلسۇن مەن توي قىلغىلى يەتتە يىل بولدى ئىككى بالاممۇ بار ئايالىم كىسەلچان بولغاچقا ئانالىزىم بىلەن شۇغۇللۇنۇپ تىمەن مىنڭ يىرىقىمنىڭ سول توپى ئىككى ئۇچ ئايدا بىرچىڭ قىلىپ ئاغرىريدۇ.ھەم زەكەرسەل كىچىكلەپ قالغاندەك بىلىنىدۇمەندىكى بۇئەھۋاللار ئانالىزىم بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ .مەن شەھۋەت پەرەس ئەمەس لىكىن مىنىڭ زەكىرىم بۇرۇن قىدەك ھالەتتەئەمەس ھەم ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەت ياخشى ئەمەس . ھورمەتلىك بىرزات ھەكىم مۇشۇكىسىلىمگە بىر تەبىر بەرگەيلا. ئاللاتائالا قىلغان ئىبادەتلىرىنى قوبۇل گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن .ھەم ھارماي تالماي خەلقىمىزگە قىلغان خىزمەتلىرى ئۇچۇن رەھمىتىنى ئايىمىسۇن ئامىن.
回复قايتۇرماpekir[2010-06-08 06:21 PM | del]
ئەسسالام ئەلەيكۇم !

مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم،سىزنىڭ بۇ توربېتىڭىزنى بۇرۇنلا ئۇقاتتىم،شۇ نەچچە ۋاقتىن يۇرتىمىزدا تور يوق بولۇش سەۋەبى ئېتىلىپ قاپتىكەن،،زىيارەت قلالمىدۇق،بۇگۇن بۇ تور بېتىڭىزنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئۇقتۇم ھەم بەك خوش بولدۇم....مېنىڭمۇ سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى،ئىمكان بولسا قىممەتلىك ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىپ بېرەلەسىزمۇ؟؟
مەن بۇ يىل 22ياشتا،مېنىڭ جىنسى ئەزايىم بەكلا كىچىك،دوستلۇرۇرم بىلەن مۇنچىغانىغا بىللە كىرگەندە ھەممىسى مېنى بەك زاڭلىق ئېتىدۇ،،بولمىسا بەدەن بوي  قۇرۇلۇشۇم كىچىك ئەمەس ،شۇ جىنسى ئەزايىم بەكلا تەرەققىي قىلمىغان ،،بۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىمشغا چوڭ تەسىرى بولارمۇ؟سەل ئەنسىرەپ قالدىم، يەنە دورا قىلىپ يوغىناتقىلى بولارمۇ؟؟؟
قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،   ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!
回复قايتۇرماsami2525[2010-06-06 00:57 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
جاۋابىڭىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوش بولدۇم، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!!!!!!!!مىھرىبان ئاللادىن سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!!!!!
回复قايتۇرماsami2525[2010-06-05 02:24 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
    مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم...مەن توربىكىىتىڭىزنى بۈگۈن كۆردۈم ھەم ئېنتايىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم،سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ....سىزدىن بېرقانچە سۇئال سورىماقچى ئىدىم،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بېرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!!!!!!
مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،22ياشقا كىردىم،2يىل بولدى،كەيپىياتىم بەكلا تۇراقسىز،ئەڭ يامان بولغىنى ئاچچىقىم بەكلا يامان بولۇپ قالدى ھەم بەك ئاسان ئاچچىقلىنىمەن....ئاچچىقىم كەلسە بەك ئەسەبى بولۇپ كىتىمەن،ھەتتا تاملارغا ئۇرۇپ ،قوللۇرۇمنى چىشلەپ يارلاندۇرۇپ قويىمەن،ياخشى يېرى ئاچچىقىم بەك تىزلا يېنىپ قالىدۇ،كىيىن پۇشايمان قىلىپ قىپقالىمەن  ....مىجەزىممىدۇ دىسەم بۇرۇن قەتتى بۇنداق ئەمەس ئېدىم .....سوراپ باقسام بۇ بىر خىل كىسەللىكمۇ ياكى باشقا بىر سەۋەپ بارمىدۇ؟؟؟
مىھرىبان ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!!!!رەھمەت!!!!!!!!!

Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-05 09:57 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
سىزدە كۆرۈلگەن بۇ ئەھۋال خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەسىلە بولۇپ ئاساسلىقى روھىي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇنىڭدا سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى تۇراقسىز قىلىۋەتكەن سەۋەبچى ئامىللارنى تېپىپ چىققاندا ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بەلكىم بۇ سەۋەبچى ئامىللار يېقىندىن بۇيان روھىيتىڭىزگە، دۇنيا قارىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىشلار، مۇھەببەت مەسىلىسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى ئىستىقبال ۋە ياكى زىيادە ئۈگۈنۈش بېسىمى دېگەندەك سەۋەبلەر بولغان بولىشىمۇ مومكىن. ئۆزىڭىزنى قىيناۋاتقان روھىي بېسىملار ئالدىدا ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ قايس زادى خىل ئامىلنىڭ سىزنى زىيادە سەپرا مىزاج قىلىپ مىجەزىڭىزنى بۇزۇپ قويىۋاتقانلىقىغا ئەستايدىل دېققەت قىلىڭ! ساغلام بولغان كۆڭۈل ئىچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېرىڭ. ئەقىلگە توشقان ئىلىمدار كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ تۇرۇڭ! يەڭگىل، سېڭىشلىق، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئوزۇقلۇق-يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىپ بىرىڭ! بۇلارنىڭ بەلكىم ئۆزىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىزدا ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قىلىشى مومكىن.
سەپرانى كىسىپ نېرىپ-ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورا-دەرمەكلەردىن رەيھان دەملىمىسى، ھېلىلە مۇرابباسى، ئامىلە نۇشدارى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
تامام
__________________ بىرزات
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.