جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى (ئەركەكلەر)




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بىرزات ھەكىم. مەن بۇ يىل 31 دىن ئاشتىم .توي قىلغىلى 5 يىل بولدى. جىنسى ھەۋىسىم تۆۋەنلەپ كەتتى. زەكىرىم ھەر كۈنى ئەتىگىنى ھەم بەزىدە مەقسەتسىزلا قىتىۋالىدۇ. لىكىن ھەۋىسىم يوقلا . جىنسى مۇناسىۋەتكە قىزىقماس بولۇپ قالدىم. جىنسى تۇرمۇشتىنممۇ كۆپ ھوزۇر ئالالماس بۇلۇپ قالدىم. مەنى سۇيۇقلىقىمۇ ئاز چىقىدۇ.
قانداق قىلسام بولار دەپ بىشىم قىتىۋاتىدۇ.
مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن.

جاۋاب:
قورامىغا يەتكەن، ئوتتۇرا ياشتىكىلەرنىڭ ئۆز يېشىغا ماس كەلمەيدىغان جىنسىي ھەۋەسنىڭ ناچارلىقى ياكى يوقاپ كېتىشى قاتارلىق نۇرمالسىز ھالەتلەر جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى دېيلىدۇ. بۇ خىلدىكى كېسەللەر ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئۆزىدە ھېچقانداق جىنسىي ئارزۇنىڭ يوقلۇقى ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىتا ھېچقانداق ھەۋەسنىڭ يوقلىقىدىن زارلىنىدۇ. پەقەت خوتۇنى تەلەپ قىلسا ئاندىن تەستىرەك جىنسىي ئالاقە قىلالايدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭشىشى ئارقىسىدا بىر يۈرۈش شەرتلىك ۋە شەرتسىز رېفلېكىسلار، ھەرىكەت، قان ئايلىنىش، نەپەسلىنىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغانسىتېمىلارنىڭ قاتنىشىشى نەتىجىسىدە تاماملىنىدۇ. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاش مومكىن:
1-جىسمانىي كۈچ ئامىلى: جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق چارچاش، ياكى ھەر خىل سوزۇلما كېسەللەردىن جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاجىزلاش يۈز بەرگەنلەردە جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىش كىلىپ چىقىدۇ.
2.زېھنى كۈچ ئامىلى: بۇ ئاساسەن ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ھەددىدىن زىيادە چارچاش، جىددىيلىشىش نەتىجىسىدە مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جىنسىي مەركەزگە ئوخشاش نۇقتىلىرىدا تىزگىنلىنىش يۈز بىرىدۇ. بۇنىڭدىن جىنسىي ھەۋەسنىڭ يوقىلىشى ياكى ئاجىزلىشىشى كىلىپ چىقىدۇ.
3. پىسخىك ئامىل:بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىنتايىن موھىم ئامىل بولۇپ ، تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
(1) ھەددىدىن زىيادە غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم، غەزەبلىنىش، قورقۇش قاتارلىقلار...
(2) ئايالىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىدە بولىشى، يەنى ئۆز ئىرىگە قوپال مۇئامىلدە بولۇش ياكى خوتۇنى بىر مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالىماسلىق پوزىتسىيسىدە بولۇش ياكى مەنى مەنى چىقىرىلغاندىن كىيىنكى <<پاسكىنچىلىق >> نى يامان كۆرۈش،،،،،،،
4. سوغۇقلۇق ياكى ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇرۇقدان خىزمىتى زەئىپلەشكەندە مەنى ئازلايدۇ دە شەھۋەتمۇ سۇسلاپ زەكرنىڭ قېتىشى ئاستا ۋە بوشراق بولىدۇ.
........................
سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ. پىسخىك جەھەتتە مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ئەر-خوتۇن ئۆز ئارا ئازادە، خۇشال موھىت بەرپا قىلىپ روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك!
جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىش جىسمانىي جەھەتتىكى قۇۋۋەتسىزلىك، مەنى ئازلاپ كېتىش، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش دېگەنلەر سەۋەبىدىن بولسا ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلىگۈچى، بۆرەك ئۇرۇقدان خىزمىتىنى ياخشىلاپ جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتكۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا:
1. مەجۈنى سۆئىلەپ
2. لۇبۇبى كەبىر
3. داۋائىل مىشكى
قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا : جىگدە چېچىگى گۈلقەنتى، جېگدە چېچىگى ھەسىلى، ئەنجۈر مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى، قۇچقاچ ، كەپتە كاۋاپلىرى....دېگەندەك غىزالارمۇ جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇ ئاياللارغىمۇ ئورتاقتۇر.
تامام





[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:31 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي، ئەرلەر، كۈچ، قۇۋۋەت، مەنى، ھەركەت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 12 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkuyqi[2013-03-27 01:20 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مىنىڭ تۇنجى قىتىم كىرىشم،بەكمۇ ياخشى تىمىلار باركەن ،مىنىڭمۇ بىر سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى،مەندە شەيتان ئاتلاش ئەھۋالى يو ق،جىنسى ھەۋىسىم قوزگلش نورمال.تز قوزگلدۇ مەنى تىز  كېتىغان ئەھۋال بار.بۇرۇن قول بىلەن 8-9يىل لەززەتىلىنىپ بېلېم گاھدا  ئاغريدۇ.چېچممۇ چۇشدۇ.قانداق دورا قلسام مەنى تىز كەتمايدۇ.مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن.
回复قايتۇرماberzat[2012-02-25 10:15 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتىرەم بېزات ئەپەندى  مىنىڭ بىر سۇئالىم بارئىدى مۇمكىنىن بۇلسا ...
مىنىڭ بۇرۇن كالپۇكۇم  يۇزۇم  ئىششىمايتتى  ئوزۇممۇ بىلەلمىدىم   ھازىىر بەك سەت ئىششىدىغان  ئوخلاپ قۇپسام  بۇگۇن بىلەن ئەتىكى  چىرايىم ئېششۇقى ئوخشىمايدۇ  بىر كۇنى بۇلسا سا قىيىپ  ئىششۇقى يىنىپ كىتىدۇ  يەنە بىر كۇن  يەنە ئىشىۋالىدۇ   بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم  مۇمكىن بۇلسا ياردەم قۇلىڭىز نى ئايىمىسىڭىز
回复قايتۇرماmanxu[2011-12-04 07:03 AM | del]
ياخشىمۇسىز  بېرزات  ھەكىم،،،،،مىنىڭ زەكىرىمنىڭ تۇمۇرلىرى  كۇپۈۋالغاندەك  بۇلۇپ   قالدى  يەنە   ئازراق  سول  تەرەپكە  مايماق بۇلۇپ  قالغاندھك        ،،يەنە  زەكىرىم  كىچىكلەپ   قالغاندەك ھېس  قىلىۋاتىمەن   ،مەسلىھەت  بەرگەن   بولسىڭز.
回复قايتۇرماAvanger[2011-01-04 05:37 PM | del]
ياخشىمۇ سىز ئۇستاز مەن بۇ يىل 18ياشقا كىردىم . قول بىلەن 3يىل لەززەتىلىنىپ بېقىپىتىمەن .ھازىر زەكىرىم ئاسان قوپمايدىغان .تىز مەنى كېتىغان  ماڭا ياردام قىلىسىڭىز. قانداق قىلسام بولدۇ.
回复قايتۇرماablikim[2010-07-13 09:44 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بىرزات ھەكىم.   ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  مىنىڭ ئىنىم  چۇمادو دىگەن دورىنى يىيىشنى ئۈگۈنۈپ قېلىپ 2  يىلچە يەپتۇ ئۆيدىكىلەر بىلگەن دىن كىيىن مەن ئىنىمنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ يارىپ ئامبۇلاتۇريەسىدە داۋالاتتىم دورىنى شۇنىڭ بىلەن تاشلىدى لىكىن ئىنىم نىڭ بەدىنىدە دورىنىڭ ئاسارىتى قاپتۇ  بىز ئۇنىڭ تۇيىنى قىلىپ قويغىلى 1يىل بولدى ئايا لىنىڭ بۇيىدا قالمىدى كىيىن ئىنىم ماڭا ئۈزىنىڭ جىنسى ھەۋىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى تويقىلغاندىن بۇيان بىر قېتىمدىن ئارتۇق جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىغان لىقىنى ئېتتى  بىر قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغان دىكىن قايتا ھىسياتى كەلمەس بوپقالغان لىقىنى ھەمدە ئىككىنچى قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشكە ئۇرۇنسا زەكىرىنىڭ بەكتەستە قېتىپ جىنسى مۇناسىۋەت تۈگىمەيلا يۇمشاپ كىتىدىكەن جىنسى مۇنا سىۋەتنىمۇ ئۈزىنى مەجبۇرلاپراق قىلىدىكەن  سىيگەندىمۇ سۈيدۈك بېسىمسىز  ھەم سىيىپ بولغان دىن كىين مەنى ئەمەس مەزى يەنى قۇيۇغراق سۈيدۈك تېمشىيدىكەن .سىيىپ بولغان دىن كىيىنمۇ يەنە سىيگىسى كەلگەندەك سۈيدۈك قېپقالغاندەن ھىسقىلدىكەن  ...بىرزات ھەكىم سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي ئىنىمنىڭ بۇ كىسى لىگە مەسلەھەت بەرگەن بول سىڭىز قاندان دورىلارنى ئىشلەتسە ئۈنىمى ياخشى راق  قانچە ئۇزۇن دورا يەيدۇ  ھەم قانداق پەرىز تۇتىدۇ  مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  دورىلارنىڭ ئىسمىنى ئىنىقراق دەپبەرگەن بولسىڭىز سىزدىن ئۈتىنەي .جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.ئاللاھ سىزدىن رازى سۇن   ئاللاغا ئامانەت  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
回复قايتۇرماablikim[2010-07-13 09:18 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بىرزات ھەكىم  سىزدىن سوراي دىغان بىر مەسلە بار ئىدى  ئېغىر كۆرمەي جاۋاپ بىرى شىڭىزنى تۆۋەن چىلىك بىلەن سورايمەن مىنىڭ بىر ئىنىم بار ئىدى  ئۇ كىچى كىدىنلا دىندا ئوقۇپ 14 ياش چاغ لىرىدا قۇرئاننى يادا ئېلپ بولغان ئىدى ..مۇيىم گەپكە كىلەي ئىنىم بىرقىسىم جەمىي تىمىز دىكى باللار بىلەن ئارلىشىپ قېلىپ  چۇمادو دىگەن دورىغا خۇمار بولۇپ قاپتۇ  تەخمىنەن ئۇ دورىنى 3يىل يەپتۇ بىز بۇنى دەسلەپتە بايقىماپ تىمىز  چۇنكى ئۇنىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلىشىنى پەقەتلا ئويلىماپ تىمىز  بىز بىلگەن دىن كىيىن  مەن ئۇنى ئۈرۈمچى يارىپ ئامبۇلا تۇريىسىگە ئاپىرىپ دورىنى تاش لىتىپ كەلدىم  ئىنىم ھازىر 21 ياشقا كىرىپ قالدى بىز ئۇنى ئۆيلەپ قويماقچى بولدۇق بىراق ئىنىم ئۇنماي تۇرۋالدى  شۇنداق تىمۇ مەجبۇرى تۇيىنى قىلىپ قويغان ئىدۇق . ئىنىم كىيىن ماڭا ئۆزىنىڭ قىز لارغا ئانچە قىززىق ماي دىغان لىقىنى دىدى مەن شۇنداق ئازاپلاندىم ..ئىنىم نىڭ دىيىشىچە جىنسى مۇناسىۋەتنى بىرلا قېتىم قىلىپ بولغان دىكىن قايتا يىسيا تى كەلمەي دىكەن تۇيىنى قىپ قوي غىلىمۇ بىر يىل بولدى  بىريىل دىن بىرى  بىر كىچىدە بىر قېدىم دىن ئارتۇق جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقماپتۇ  10كۈننىڭ ئىچىدە 2 قېتىملا جىنسى مۇناسىۋەت قىلى دىكەن ھەم ئايا لىنىڭ ئالدىدا نىمۇس قىلىپ ئۈزىنى مەجبۇرلاپ دىگەندەك جىنسى مۇنا سىۋەت ئۆتكۈز دىكەن  بىر يىلنىڭ ياڭقى ئايا لىنىڭ بۇيىدا قالمىدى .كۆڭۈل جەھەتتە قىز بالىغا قىززى قىشى بار لىكىن قىنسى ھەۋىسى ئاجىزكەن  ئادەتتى سىيىپ بولغان دىكىن مەنى ئەمەس مەزى .قۇيۇغ راق سۇيدۇك ئاقىدىكەن  ھەم سىيىپ بولۇپمۇ يەنە سۈيدۈك باردەك ھىسقىل دىكەن  ھەم جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان دا زەكىرى قاتماي دىغان قاتسىمۇ تىزلا يۇمشىۋالىدىكەن  ئۈتۈنۈپ قالاي بىرزات ھەكىم  ئىنىم نىڭ كىسى لىگە قانداق دورا ئىشلەتسەك مەنپەتىنى كۆرەلەيدۇ مۇشۇنىڭغا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بىرە ..سىزنىڭ ئىشلىرى ڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى سالامەت لىكىڭىزنىڭ ياخشى ئۈمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنى ئاللاھ تىن تىلەيمەن ھەر ۋاخ نامىزىم دا ...ئاللاھ  رەھمەتقىلسۇن .......جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن  ئاللاغا ئامانەت  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
回复قايتۇرماdartman[2010-07-13 08:27 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى، مەن تىخى توي قىلمىغان بىر ياش يىگىىت، ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ دەۋىرەي، مەن بۇ يىل 22 ياشقا كىردىم، بۇ چاغقىچە بىرەر قىز بىلەن بىرگە بولۇپ باقمىدىم، مۇ شۇ بىر يىلدىن بىرى مىنىڭ ھىسياتىم بارغانسىرى ئاجىزلىشۋاتقاندەك بىلىنىپ قالدى، دوسلىرىم بولسا پىچاقنى بىلىسە ئىتتىكلىشىدۇ، سەنىمۇ جىم تۇرما ، ئۇ نەرسىنى ئىشلىتىپ تۇر دەۋاتىدۇ، راس گەپنى قىلىسام ئۆزۈمدە چاتاق باردەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، ھىسايتىم بەكلا ئاجىز، مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز
رەخمەت، ئاۋارا قىلدىم، بەزى گەپلىرىم قىلىقسىزلىق بولسىمۇ دەۋەردىم، ئەپۇ قىلارسىز
回复قايتۇرماasanjan[2010-07-01 06:32 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!! مەن سىزگە خەت قالدۇرسام كورمەپسىز؟؟؟ مەن ھېلىقى 19 كىردىم دىگەن بالا. بەلكىم بەك ئالدىراشسىز، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنەي،ماڭا مەسلىھەت بەرگەب بولسىڭىز؟؟؟  ئالدىنقى قېتىم دېگەندىكى ئەھۋال يەنى : ئۇدا شەيتان ئاتلاش ئەھۋالى ھازىر يوقىدى، شۇڭا ئەمدى ئۆزەمنى قانداق ئاسىرشىم كېرەك؟؟؟   مەن زەكەر چوڭايتىدىغان ۋە تەننى كۈچلەندۇردىغان دورىلار بولسا دەپ بەرگەن بولسىڭىز، ياكى سىزدە بولسا باھاسىنى تەڭ قوشۇپ ئەۋەتكەن بولسىڭىز؟!!  رەھمەت!!!     مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن.
回复قايتۇرماeidiris[2010-06-30 09:04 AM | del]
ئۇستام مەن خۇتەندېن دېگەن  سۇئالغا كاراپ  كويماپلېغۇ   ئاللا رەىمەت كېلسۇن  جاۋابېنې  4  كۇزۇم   بېلەن  كۇتۇپ ئولتۇرۇپ تېمەن                                           ؟         ؟                  ؟
回复قايتۇرماeidiris[2010-06-29 06:13 AM | del]
بېرزات ئەپەندېم  مەن خۇتەندېن  خۇتەنلېك  تېۋپتېن  دورا ئالسام  پاي دېسې بۇلامۇ   يا  سېلنېڭ  خۇتەندە     دوكان لېرې بار مېدۇ  بار بولسا  ئادېر سېنې  دەپ بەرگەيلا                      دوكان لېرې بولمېسا    تۇنۇشلېرې  باردۇ  مەن  زەكەر چوڭايتېدېغان  كۇچېيدېغان  كاتتۇردېغان  مەنېي كۇيتېدېغان           دورا ئالماكچې   ماڭا  شۇ دورالارنېڭ   ئېسمېنې  دەپ  بەرگەيلا    مەن خەت  يېزېشنې  ئانچە ئۇكمايتېم  خاپابولماي جاۋاپ برگەيلا   رەخمەت  ئەمېسە  ئاۋارە كېلېپ كوي دۇم                                                              جاۋاپ لېرنې  نەدېن كۇرېمەن  
回复قايتۇرماasanajn[2010-06-28 09:51 PM | del]
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم!!! ھۆرمەتلىك ئۇستاز: مەن بۇ يىل ئاران 19  ياشقا كىردىم. بۇرۇن قولدا كۆپ لەززەتلەنگەنلىكتىنمىكى بىلمىدىم، ئىلگىرى زەكىرىم خىلى ئۇزۇن ئىدى، لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس. قاتقان ھالەتتىكىسى 10 سانتىمىتىرگىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە يىقىندىن بېرى بىر ھەپتە ئالدىدا ئۇدا ئىككى كۇن ئاتلاپ شەيتان ئاتلاپ قىلىپ، بېلىم ئاغرىشقا باشلىدى. بۇ جەھەتتىن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم.  مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، يەنە بىر ئىش زەكەرنى يوغانتىشقا ئائىت سىزدە دورىلار بارمۇ؟؟؟ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم مەسلھەت سورىشىم، بۇرۇن دوستلىرىمدىن نامىڭىزنى ئاڭلاپ قەدەم تەشرىپ قىلدىم. خەلىققە يەنە تۆھپە قوشىشىڭىز ئۇچۈن، ئاللاھ ئومرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن!!!!
回复قايتۇرماkagilik[2010-06-07 10:48 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مىنىڭ تۇنجى قىتىم كىرىشم،بەكمۇ ياخشى تىمىلار باركەن ،مىنىڭمۇ بىر سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى،مىنىڭ بۇيۇن تەرىپىمگە ئۇششاق  كىچىك  قىزىل نەرسىلەر چىۋالدى،دورا دۇكانلىرىدىن دورا سىتىۋىلىپ ئىشلەتسەم ئۇنىمى بولدى،نىمىلىكىنى سورىسام تەڭگە تەمىرەتكە ،دەەيدۇ،بەش ئالتە ئاي بولدى،ىىلى پەيدا بولىدۇ ،دورا سۇۋىسام يوقايدۇ،كىيىن  يەنە چىقىۋالىدۇ،بۇنىڭ ئۇنۇملۇك دورىسى بامۇ؟يىمەك -ئىچمەكتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىمە،مۇشۇنۇڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا،ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بىرە
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.