كېرەك 80خالتا دۇكىنى تەييار قىلغان مەھسۇلاتلار تېزىملىكى ۋە چۈشەندۈرۈش



خانىم- قىزلار گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى

داغ يوقۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى يەرلىك تەبئىي ئىسىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ ئۇزۇن يىل كۆزىتىش، تەجىربە قىلىش ئارقىلىق تەييارلانغان بۇ مەلھەم قىز-ئاياللارنىڭ يۈز تېرىسىنى سۈزۈلدۈرۈپ پارقىراق ، نۇرلۇق قىلىپ تېرىدىكى خۇنۈكلىكنى يوقىتىدۇ. تېرىدىكى قارا-سۆسۈن داغلارنى ، كۈن نۇرى دېغى، تۇغۇتتىن قالغان داغ، دانىخورەك-مۇدۇر ئېزى ۋە باشقا ھەر خىل داغلارغا ئىشلىتىپ ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقۇرى. ئادەتتە تېرىنى ئاسىراش، گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىچكى ئورگانىزىملارنى تەڭشەش ۋە كەيپىياتنى تەڭشەپ چىرايىنى گۈزەللششتۈرۈش ئۈچۈن يۇقۇردىكى مەلھەمگە ماس ھالدا دورىلىق ئالى ھەسەل ۋە مەلھەمنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېرە ۋە مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇناسىپ مەھسۇلاتلارنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىپ بىرىلىدۇ. 20 كۈن بىر باسقۇچ بولىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ ئىككى باسقۇچتىن ئۈچ باسقۇچقىچە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىرباسقۇچلۇق مەلھەم300گىرام. باھاسى: 58 يۈئەن. بىرباسقۇچلۇق دورىلىق ئالى ھەسەل ئىككى قۇتا.ھەر قۇتىسىنىڭ باھاسى:25 يۈئەن. (بىر يۈرۈشى:108 يۈئەن). مەلھەمنىڭ دۇكىنىمىزدىكى سىتىلىش باھاسى: بىر يۈرۈشى-98 يۈئەن. باشقا شەھەرلەرگە ئەۋەتىشتە بىخەتەر يەتكۈزۈلۈش دېگەندەك بەزى بىر مۇلازىمەتلەر قوشۇلۇپ 10يۈئەن قوشۇلۇپ 108 يۈئەن بولىدۇ-خىرىدارلىرىمىز توغرا چۈشەنگەي!
دورىلىق ئالى ھەسەلنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق رولى: ئاياللاردا بالياتقۇ، تۇخۇمداننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، يۈرەك-مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، كەم ماغدۇرلۇق، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا، ئەرلەردە مەزى بېزى خىزمىتى ناچار بولۇش، بۆرەك ۋە پەيلەر ئاجىزلىقى، بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلاردا ئەھۋاللاردا ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ.
دېققەت قىلىدىغان ئىشلار:
2.بۇ مەلھەمنى ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە ئاچچىق-چۈچۈك غېدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش كېرەك.
3.ئىچكى جەھەتتىن ئاياللارنىڭ بالياتقۇ -تۇخۇمداننى ئاسراش، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دۇكىنىمىز تەۋسىيە قىلغان دورىلىق ھەسەل بىر يۈرۈش ئىشلىتىلىدۇ.


[color=Green]ھالۋايى لۇبۇب (مېغىز ھالۋىسى)

ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سۈت ۋە مەنى مەنى كۆپەيتىدۇ. ئومومىي بەدەن ئاجىزلىقى، جىنسىي ئاجىزلىق، سۈت ۋە مەنى ئازلىق، رەئىس ئەزالار ئاجىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
بىر قوشۇقتىن كۈندە ئۈچ قېتىم ئىشلىتىلىدۇ.
قاچىلىنىشى: بىر قۇتا- 280 گىرام. 3 قۇتا بىر باسقۇچ بولىدۇ.
بىر قۇتىسى: 40 يۈئەن

بوۋاسىر مەجۈنى:
بوۋاسىر (گېمىروي) كېسەللىكى مەيلى ئوپراتسىيە قىلىنسۇن ياكى دورا بىلەن ساقايسۇن ، يېلتىزىدىن قۇرىمىغاچقا بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بولسىمۇ قايتا قوزغىلىدۇ. بىز تەييار قىلغان بۇ مەجۈناتنى تۆۋەندە كۆرسەتكەن پەرھىزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتىدۇ.
پەرھىزلەر: بۇ دورىنى يەپ تۈگەتكۈچە ھەر قانداق سوغۇق ئىچىملىك، سوغۇق سۇنى قەتئىي ئىچمەسلىك، لازا، سامساق، ئاچچىقسۇلاردىن، كالا، قوتاز، تۆگە گۆشىدىن ھەزەر ئەيلەش، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنماسلىق، ئىسلىغان يېمەكلىك، قورۇغان تاماقلارنى يېمەسللىك لازىم.
بۇ مەجۈنات ئاساسلىقى ئۇچقۇر پاقا، ئاق يەر يىلان، يانتاق چېچىگى، ئادراسمان ئۇرۇقى، ئەمەن، كات ھېندى، بىخ مارجان، بۇغا مۈڭگۈزى كۈشتىسى، زەمچە كۈشتىسى، ئۆلتۈرۈلگەن سىماپ ، ھەسەل جەۋھىرى .... قاتارلىق دورا-دەرمەكلەردىن تەييار قىلىنغان.
ئىستىمال مىقدارى: چوڭلار ئەتتىگەن - كەچتە قايناقسۇ بىلەن چىلاندەكتىن يەيدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە دەسلەپتە كۈنىگە ئىككى قېتىم يەپ كېسەللىك ساقىيىپ ئاساسەن مۇقىملاشقاندىن كىيىن يەنە ئىككى ئايغىچە ھەپتىدە چىلاندەك چوڭلۇقتا ئىككى قېتىم يەپ داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
خۇسۇسىيتى: بەدەندىكى ھەر خىل يەل، ئىششىق، يارا، بوۋاسىرنى يوقىتىش، زەخىم ئورنىنى قۇرۇتۇش، مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈش، قان تازىلاش، جاراھەتلەرنى ئۈنۈملۈك ساقايتىش رولى بار.
قاچىلىنىشى: ھەر بىر قۇتىغا 250 گىرام قاچىلانغان.
بىر قۇتا 20 كۈن يېتىدۇ. بىر قۇتىسىنىڭ باھاسى: 130 يۈئەن
بىر باسقۇچى: 2 قۇتا

خۇش قەلىب ئەبرىشىم ئىچىملىكى
ئاساسلىق تەركىبى: پىلە غوزىسى، زەپە، كۆمۈش ياپراقچە...قاتارلىقلار.
يۈرەك-مېڭە قان-تومۇرلارنى ئاسىراش ھەم قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، چىراينى پارقىرتىپ  گۈزەللەشتۈرۈش، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ ھارغىنلىقنى تۈگۈتۈش قاتارلىق مەقسەتلەردە ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
ئىچىش مىقدارى : كۈنىگە بىر يۇتۇمدىن 3 قېتىم ئىچىپ بىرىلىدۇ. (تەخمىنەن بىر قوشۇقتىن ئۈچ قېتىم) .
بىر قۇتىسى: 250مىللىلېتىر . باھاسى: 28 يۈئەن
بىر باسقۇچى: 5 قۇتا

رەيھان دەملىمىسى
ئاساسلىق تەركىبى: سۇمبۇل، قارارەيھان، گاۋزىبان، ئۇستىقۇددۇس، قىزىلگۈل، ئەفتىمۇن قاتارلىقلار.
خۇسۇسىيەتلىرى:
قاننى جانلاندۇرۇپ قان-تومۇرلاردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، قان تولۇقلايدۇ، يۈرەك مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ ھەم ئىقتىدارنى ياخشىلايدۇ. مېڭىگە قۇۋەت يېتىشمەسلىكتىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئاسان چېچىلىش، يۈرەك رېتىمسىزلىق، قان ئازلىق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەزىمنى ياخشىلاپ ئاشقازان - ئۆت ياللۇقلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بىرىدۇ.
قاچىلىنىشى: بىر بولىقى- 150 گىرام
ئىچىش ئۇسۇلى: يېرىم پىيالە قايناق سۇدا بىر قوشۇقتىن دەملەپ كۈندە 3 قېتىم ئاچ قورساق ئىچىلىدۇ.
بىر بولاق رەيھان دەملىمىسى 5 كۈن ئىچىشكە يېتىدۇ. 4 بولاق بىر باسقۇچ بولىدۇ.
بىر بولىقى: 20 يۈئەن

سۇپۇپى ئىمساك
مەنىنى قويالتىپ مەنى تېز كېتىشكە داۋا بولىدۇ. ئاساسلىقى مەنى سۈيۈلۈپ كېتىش سەۋەبىدىن بولغان مەنى تېز كېتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
قاچىلىنىشى: بىر بولاق-150 گىرام
ئىچىش ئۇسۇلى: يېرىم پىيالە قايناق سۇدا بىر قوشۇق تالقاننى ئۇماچ قىلىپ كۈندە 3 قېتىم تاماقتىن كىيىن ئىچىلىدۇ.
بىر بولاق تالقان 5 كۈن ئىچىشكە يېتىدۇ. 4 بولاق بىر باسقۇچ بولىدۇ.
بىر بولىقى: 20 يۈئەن

داۋائىلمىشكى
ئاساسلىق تەركىبى: ئىپار، زەپەر، سۇمبۇل، ئۇدسەلىپ، كەھرىۋا، ئامىلە
خۇسۇسىيەتلىرى:
يۈرەك-مېڭە ۋە نېرىپلارنى قۇۋۋەتلەش، ئەقلىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش، روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈش خۇسۇسىيتىگە ئىگە بولۇپ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، نېرۋا ئاجىزلىقى، يۈرەك-مېڭە ئاجىزلىقى، ئۇنتۇغاقلىق، تۇتقاقلىق، زىھنى قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، ساراڭلىق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
قاچىلىنىشى: بىر قۇتا-50 گىرام. 3 قۇتا بىر باسقۇچ
ئىستىمال مىقدارى: چىلاندەك چوڭلۇقتا كۈندە 2 قېتىم. بالىلارغا ئەقلى ئىقتىدارنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مىغىزدەك چوڭلۇقتا كۈندە 2 قېتىم ئىستىمال قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
بىر قۇتىسى: 38 يۈئەن

ھالۋايى لۇبۇب (مېغىز ھالۋىسى)
ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سۈت ۋە مەنى مەنى كۆپەيتىدۇ. ئومومىي بەدەن ئاجىزلىقى، جىنسىي ئاجىزلىق، سۈت ۋە مەنى ئازلىق، رەئىس ئەزالار ئاجىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
بىر قوشۇقتىن كۈندە ئۈچ قېتىم ئىشلىتىلىدۇ.
قاچىلىنىشى: بىر قۇتا- 280 گىرام. 3 قۇتا بىر باسقۇچ بولىدۇ.
بىر قۇتىسى: 40 يۈئەن

سۇپۇپى سۇئال مۇرەككەپ-(يەنە بىر نامى: مۇرەككەپ بادام جەۋھىرى)
ھەر خىل ئۆپكە-نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدە ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ يۆتەل پەسەيتىش، كاناي ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇش، بەلغەم بوشۇتۇش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاپ سىلىقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
بۇ تالقان تەمىنىڭ تاتلىق بولۇشى ھەم ھېچقانداق ئەكىس تەسىرىنىڭ بولماسلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن بالىلار ۋە ھامىلدار ئاياللاردىكى يۆتەل ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىغا ئالاھىدە ماس كىلىدۇ.
بىر بولاق تالقان-150 گىرام
بىر بولىقى: 28 يۈئەن
ئىىش مىقدارى:چوڭلار بىر قوشۇقتىن كۈندە 3 قېتىم ، بالىلار يېرىم قوشۇقتىن كۈندە 3 قېتىم.

.مەجۈنى ماددەتۇلھايات
رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش - جۈملىدىن مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى يۇقۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەنى كۆپەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ مېڭە، پالەچ، لەقۋا كېسەللىكلىرى، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ئىشتىھانى ئىچىش، بەل-بۆرەك ئاغرىقى، جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچلەندۈرۈش، خۇشخۇي قىلىش، چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئېغىزدىكى پۇراقنى ۋە شال قۇيۇلۇپ قىلىشنى يوقۇتۇش، سۈيدۈك تېمىپ كىلىش ھەم ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپىيىپ قىلىشنى تۈگۈتۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بولۇپ سوغۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.
گۈلىدەك چوڭلۇقتا كۈندە 2-3 قېتىم ئىستىمال قىلىدۇ.
بىر قۇتىسى: 280گىرام. (تەخمىنەن 15 كۈن ئىسىمال قىلىشقا يېتىدۇ)
بىر باسقۇچ: 2 قۇتا
بىر قۇتىسى: 38 يۈئەن
ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلار
1. يۇقۇرى قان بېسىم، قان قويۇق كىشىلەر
2.مەزى بېزى ياللۇقى بىلەن ئاغرىغانلار ئاۋۋال مەزى بېزىدىكى ياللۇق، توسالغۇلار تۈگۈگەندىن كىيىن ئىستىمال قىلىش كېرەك.

ئاق يەر يىلان تالقىنى

ئوپال تاغلىرى ۋە جاڭگال-قېقىرلاردا ياشايدىغان ئاق يەر يىلىنى، كېلە، چايان، پاقا، قۇلىيلىن زاراڭزا، شاھتەررە، رۇم بەدىيان قاتارلىقلارنى ئاساسى ماتېريال قىلىپ تالقان ھالىتىدە تەييارلانغان بۇ مەھسۇلات ھەر خىل يەل كېسەللىكلىرى-جۈملىدىن رېماتىزىم، بوۋاسىر (گېمروي)، ئۆسمە، تېبۇركوليۇز، ئىششىق، يارا، ياللۇق، يۇقۇملىنىش ، سۈيدۈك يولى ياللۇقلىرى ۋە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە ئۈنۈمى يۇقۇرى.
يېرىم قوشۇقتىن كۈندە ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلىپ بىرىلىدۇ. تاماققا سېپىپ يېسىمۇ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشتىمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
بىر بولاق تالقان: 100گىرام
بىر بولىقى: 65 يۈئەن

خانىملار قورۇش تالقىنى [/color]
رولى: بالياتقۇنى قىززىتىپ جىنسىي يول ئېغىزىنى قورۇش، چېڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ ئاق خۇننى توختىتىش، جىنسىي ھەۋەسنى ئويغىتىش، بالياتقۇدىكى سۇلۇق ئىششىق، جىنسىي يول ياللۇقى، زىدە قاتارلىقلار مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاياللاردىكى جىنسى ھەۋەس تۆۋەنلەپ كېتىش، ئەر -ئاياللار جىنسى تۇرمۇشتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىغانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: دېزىنپىكسىيە قىلىنغان داكىدىن بىگىز بارماق چوڭلۇقىدا خالتا ياساپ، تالقاننى خالتىنىڭ ئىچىگە قۇيۇپ جىنسى يولغا كىرگۈزۈپ بىر سائەت ياكى كېچىچە تۇرغۇزىلىدۇ.
2 بولاق بىر باسقۇچ بولىدۇ. ھەر بولىقىنىڭ باھاسى:38 يۈئەن
ئەسكەرتىش:1. قەۋزىيەت بارلار ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئىشلىتىپ بەرسە بولىدۇ. دورىنى ئىشلىتىش جەريانىدا قەۋزىيەت بولۇپ قالسا تالقاننى ئىككى-ئۈچ كۈن ئىشلىتىشتىن توختاپ كىيىن يەنە ئىشلەتسە بولىدۇ.
2.زىيادە ئىسسىقچان، قۇرۇق مىزاجلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدۇ.

ئىسسىق بەدەن قايناتمىسى

تەركىبى :جويۇز .بوزۇغا،زەنجىۋىل، مامرانچىنى قاتارلىق پەي نېرىپلارنى قۇۋۋەتلىگۈچى ئىسسىقلىق دورا ئەشيالار.
رولى :بالىياتقۇ ،بۆرەك سوۋۇپ كېتىش،مۇسكۇل بوشاپ كېتىش،بەل پۇت ئاغرىش ،ئاق خۇن كۆپ كېلىش، جىنسى يول ياللۇغى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:قاينىتىپ ھوردىلىدۇ ، ياكى يۇيۇنىدۇ. مىقدارى ھەر قېتىمدا 10~20 گىرام ئەتراپىدا.
ھەر بولىقىنىڭ باھاسى:20يۈئەن

جىگدە يىلىمى چاچ قۇۋۋەتلەش تالقىنى
ئاساسلىق تەركىبى :ساپ جېگدە يېلىمى،ئوسما، موزا قاتارلىقلار بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تەييارلانغان بۇ يېلىم تالقىنى زامانىمىزدا كەڭ ئەۋج ئالغان ھەر خىل چاچ ئاسرىغۇچى نامدىكى خىمىيەلىك ماددىلاردىن خالى تەبئىيلىكى بىلەن چاچنىڭ تەبئىي مىزاجىنى تەڭشەپ چاچ يېلتىزىنى قۇۋۋەتلەش، چاچنىڭ تەبئىي پارقىراقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چاچ يېرىلىش، كېپەكلىشىش، قېچىشىش، چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ چاچنى ساغلاملاشتۇرۇپ تال-تال قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:بىر قۇشۇق تالقانغا بەش قۇشۇق سۇ قۇيۇپ مەلھەم ھالىتىگە كەلتۈرۈپ 1~2سائەتتىن سائەتتىن كېيىن چاچنىڭ تېگىگە سۈركەيدۇ.
ھەر بولىقىنىڭ باھاسى:22يۈئەن

خۇشپۇراق مۆتىدىل چايلىق
لاچىندانە ھىندى، خوتەن گۈل چېيى، قارا رەيھان قاتارلىق تەبئىي خۇرۇچلار بىلەن تەييارلانغان بۇ چايلىق ئۆزىنىڭ دورىلىق ھەم چايلىقتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈم خۇسۇسىيتى بىلەن يۈرەك -مېڭىنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىپ روھىي كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ ھارغىنلىقنى تۈگۈتىدۇ.
خۇشپۇرىقى، تەمىنىڭ مىزىلىكلىكى، رەڭگىنىڭ ئۆزگىچە سۈزۈكلىكى بىلەن ئىستىمالچىلارنى ھەقىقى چاي ھوزۇرىدىن بەھرىمان قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:دەملەپ ئىچىلىدۇ.
ھەر بولىقىنىڭ باھاسى:15 يۈئەن

ئىسسىقلىق قۇۋۋەت دورا چايلىقى
قەلەمپۇر، خۇلۇنجان، بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك تەبئىي قۇۋۋەت دورا خۇرۇچلىرىدىن تەييارلانغان بۇ دورا چايلىق ئومومىي بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش خۇسۇسىيتىگە ئىگە بولۇپ سوغۇق ئەڭگىزى ئىشىپ كەتكەنلەردىكى بەل-پۇت سوغۇق ، ماغدۇرسىز ھېس قىلىش، كۆپ تەرلەش، ئۇيقۇ ئېغىر بولۇش، ئاق خۇن كۆپ كىلىش، پۇت-قوللار ئېغىرلىشىپ ئىنكاسى ئاستىلاپ قىلىش قاتارلىقلاردا سوغۇقجان كىشىلەرنىڭ دەملەپ ئىچىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.
ھەر بولىقىنىڭ باھاسى:15يۈئەن

بىھى شەربىتى
بىھىنى سېقىپ سۈيى ئىلىنىپ تەييارلانغان بۇ دورىلىق ئىچىملىك يۈرەك-ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ. يۈرەك، ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزلىقلىرى، نېرۋا، جىگەر كېسەللىكلىرىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋائىي ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۈل ئىلىشىش، سېزىكنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئىچىش ئۇسۇلى:تاماقتىن بۇرۇن 1~2قۇشۇق ئىچىدۇ.
ھەر بىر شىشىسىنىڭ باھاسى: 12 يۈئەن. (250مىللىلىتېر)

چامغۇر شەربىتى
زامانىۋى شەھەر ئىستىمالىمىزدا ئۇنتۇلۇشقا يۈز تۇتقان، يېزا-قىشلاقلاردا يەنىلا ئەتىۋارلىنىپ ئىستىمال قىلىنىدىغان، قۇۋۋەتتە گۆشتىن قىلىشمايدىغان چامغۇر ئۇيغۇر تېبابىتىدە ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﻰنىڭ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ بولىشى، ﻳﯚﺗﻪﻟﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺑﻪﻟﻐﻪﻡ ﺑﻮﺷﺘﯩﺶ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺑﺎﮬﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﻣﻪﻧﯩﻴﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، چىراينى پارقىرتىش ، بەلغەم تازىلاش قاتارلىق ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴەتلىرى بىلەن مەشھۇردۇر.
ئەجداتلىرىمىز تۇپرىقىمىزنىڭ قۇرغاق، چاڭ-توزانلىق ھاۋا كىلىماتىغا نىسبەتەن يەرلىك كۆكتات - چامغۇرنى ئەتىۋارلاپ ئىستىمال قىلىپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىپ تەن ساقلىقىنى قوغداپ كەلگەن.
80خالتا دۇكىنىمىز شىرىسىنى ئىلىپ جەۋھەرلەپ تەييار قىلغان چامغۇر شەربىتىنى ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﻳﯚﺗﻪﻝ، ئۆپكە تېبۇركوليۇز، زىققە قاتارلىق ئۆپكە -نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىدە؛ ئومومىي ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ئىستىمال قىلىپ بىرىشكە ماس كىلىدۇ.
ئىچىش مىقدارى : كۈنىگە 30-50 مىللىلىتىردىن 3 قېتىم ئىچىپ بىرىلىدۇ. (تەخمىنەن 2 قوشۇقتىن ئۈچ قېتىم) .
بىر قۇتىسى-250مىللىلېتىر ، 12 يۈئەن
تەمى:چامغۇر تەمى ئارىلاش تاتلىققا مايىل؛ ئىچىشلىك.

سەۋزە شەربىتى
يەرلىك سەۋزىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ تېبابىتىمىزدە مەخسۇس ئىشلىنىدىغان شەربەت-شەربتى گەزەرنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيتى: جىگەر ، يۈرەك، مېڭىگە قۇۋۋەت بىرىدۇ؛ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. مەنى كۆپەيتىپ جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ؛ ئىچىنى يۇمشىتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.
ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغانلار: يۈرەك، مېڭىگە قۇۋۋەت يېتىشمەيدىغانلار ،جىگەر ئاجىزلىقى ۋە جىگەردە توسۇلۇش كۆرۈلگەنلەر، ئۆپكە ئىششىقلىرىغا، يۆتەل، زېققە، سۈيدۈك ئېچىشىپ كىلىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاشقا ۋە ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە ئىچىپ بىرىلىدۇ. ھەر قانداق راك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ۋە راك ھۈجەيرىلىرىنى تىزگىنلەشتە قوشۇمچە دورا ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قىزىلئۆڭگەچ راكىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىچىش مىقدارى : كۈنىگە 30-50 مىللىلىتىردىن 3 قېتىم ئىچىپ بىرىلىدۇ. (تەخمىنەن 2 قوشۇقتىن ئۈچ قېتىم) .
بىر قۇتىسى-250مىللىلېتىر . 12 يۈئەن
____________________________________________________________________________سەۋسەۋسەۋ سەۋزىنى تونۇشتۇرۇش:
سەۋزە ، كۆكتاتلار ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى ۋە شىپالىق رولىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئىستىمالىمىزدا ئوموملاشقان ئىسىل يېمەكلىكتۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قۇۋۋەت غىزاسى بولغان پولونىڭ ئاساسلىق خۇرۇچى بولۇپ تەم ھەم قۇۋۋەت جەھەتتە پولونى مەشھۇر قىلىدىغىنى نەخ شۇ سەۋزىدۇر.
سەۋزە ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن كۆپ تەرەپلىمە ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولغاچقا جۇڭگۇ تېبابىتىدە «كىچىك ئادەمگىياھ» ياكى "ئىككىنجى ئادەمگىياھ " دەپ تەرپلىنىدۇ.
پەن – تەتقىقات نەتىجىلىرى سەۋزە تەركىبىدىكى ۋېتامىن A نىڭ راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇش ، كۆز ئاجىزلىقى، ناماز شام قارىغۇسى، كۆز قۇرغاقلىشىشنى داۋالاش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى .
سەۋزە تەركىبىدە مول ۋىتامىنB1،ۋىتامىنB2، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC،ۋىتامىنD، ۋىتامىنE،ۋىتامىنK،يوپۇرماق كىسلاتاسى ھەمدە فوسفور، كالتىسي قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ ۋىتامىنلىق بىرىكمە تابلېتكىلاردىن قېلىشمايدۇ. ھەر 500 گرام سەۋزە تەركىبىدە 140گرام فوسفور،305گرام كالتىسىي بولىدۇ.
سەۋزىنىڭ تەبئىتىي مۆتىدىل،تەمى تاتلىق بولۇپ،«يەل ماڭدۇرۇش، دېمى سىقىلىشنى، بەلغەم بوشىتىش، تاماق سىڭدۈرۈش، قورساق ئېسىلىشنى يوقىتىش، يەللىك ئاغرىقنى توختىتىش» قاتارلىق رولى بار.
سەۋزە ئورگانىزىمنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ نورمالىقىنى ساقلاش، ناماز شام قارىغۇسى كېسىلى ۋە كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى داۋالاش قاتارلىق روللارغا ئىگە.
سەۋزە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، راكقا قارىشى تۇرۇش رولى بار ھەمدە كۆپ خىل ئەزالارنى قوغداش رولى بار.
سەۋزە قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا قارىتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.
سەۋزە تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەمنى قېرىتىۋېتىدىغان ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ يەنە تېرىنى سىلىقلاش ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
سەۋزىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگانزىمنىڭ كېسەلگە قارىشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رولى بار.
ئاياللار سەۋزە ئىستېمال قىلىپ بەرسە تۇخۇمدان راكى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىقىلى بولىدۇ. سەۋزىنىڭ خۇش پۇرىقىنىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار.
مۇۋاپىق مىقداردا سەۋزە شەربىتى ياكى سەۋزە مۇرابباسى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئادەم بەدىنىگە ئوزۇقلۇق بولۇپ ، ھەزىمنى ياخشىلاپ ، كۆڭۈل ئېلىشىشنى ياخشىلايدۇ ، ياندۇرۇشنى توختىتىدۇ . يۈرەكنى ياخشىلاپ ، يۇقىرى قان بېسىم ھەمدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . قەۋزىيەت ۋە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ .

بىرزات 80خالتا دۇكىنىنىڭ مۇقىم ئادرىسى: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون -يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن: 13565662787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تور ئادرىسىمىز: www.80halta.com
سودا-سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:
6222023012001797796 麦麦吐尔逊祖农


ھەر قايسى شەھەر ناھىيلەردىكى 80خالتا دۇكان مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگۈچىلەر تېزىملىكى:


بۆرتالا جىڭ ناھىيە 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى گۈلىستان خانىم . تېلفۇن نۇمۇرى: 18709095018
_________________________________________________________

كورلا چەرچەن ناھىيسى چوڭ بازار ب بۆلەك 139-دۇكان (مەھلىيا كىلىنچەك گىرىمخانىسى)
ئالاقىلاشقۇچى: مەريەمگۇل خانىم
0996-7628278
13667567388

________________________________________________________________________
ئاقسۇدا-شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۇچقۇر تېز يوللانما شىركىتى ينىدىكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت زالى ئىچىدە: گۈلبەھرەم -13150286878، 18609978852

________________________________________________

تۇرپان پىچاندا - زىياگۇل-15309955385

_________________________________________________

توقسۇن ناھىيسىدە-تۇرسۇنگۇل ھامۇت -15809952250

قوشۇمچە:
گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمىنى ئىشلىتىش ھەققىدە ئەسكەرتىش
كېرەك 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى تەييارلىغان داغ يوقۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى بازارغا سېلىنغاندىن بېرى نۇرغۇن خانىم -قىزلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشتى.بولۇپمۇ 40 ياشتىن توۋەنلەرگە ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولدى.ھەتتا بىز كۈتمىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق .مەسىلەن:كۈن نۇرى دېغى ،تۇغۇتتىن قالغان داغ ، دانىخورەك دېغى سۇسلاپ يوقالغاندىن باشقا يەنە قورۇقلار يوقاش،تېرە چىڭىش،دانىخورەك يوقاشتەك ئۈنۈملەر كۆرۈلدى. بىز مەلھەم ياساشتا تېخىمۇ تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتىمىز.
بىراق ئىشلىتىش جەھەتتە خانىملارنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى بايقاپ قالدۇق، شۇڭا ئەسكەرتىپ قويۇشنى راۋا كۆردۇق.
1.مەلھەمنىڭ يۇرۇشلۈك ھەسىلىنى چوقۇم ئىستىمال قىلىشى كېرەك.چۇنكى بۇ ھەسەل ئون نەچچە خىل دورۇلۇق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئېلىنغان ھەسەل ،ئوزۇقلۇق قىممىتى بەك يۇقىرى. بىز بۇ مەلھەمنى ئىشلەتكۈچىلەرنى زىيارەت قىلغىنمىزدا ئۇلارنىڭ ھەسەل ھەقتىكى ئىنكاسى تۆۋەندىكىچە بولدى :بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ قەۋزىيەت ھەمدە ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ، ئاز كىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئوڭشالدى. ئاشقازان ئاغرىقلىرىمۇ ئوڭشالدى، ئۇيقۇمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى.ھەسەل تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ھەمدە تۆمۈر ،كالتىسىي، مىس، مانگان، كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.تېرىنى نەمخۇش قىلىپ، تېرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
2.2-3 قوشۇق مەلھەمنى يۈزگە سۈركەپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ چوقۇم يۇيۇۋېتىش كېرەك.ھەرگىز كېچىچە تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ، چۇنكى تېرىمىز كېچىچە نەپەسلىنىشقا مۇھتاج.ھەر قانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بولغان مەلھەمنىمۇ تىرە يېرىم سائەتتىن كېيىن ھەرگىز سۇمۇرمەيدۇ.شۇڭا كېچىچە تۇرغۇزساقمۇ تېرىنىڭ سۇمۇرۈشى ناتايىن ھەمدە تېرىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن ئۇچرىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
3.سەزگۇر تېرىلەر ئىشلىتىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.مەلھەمدە ئازراقمۇ خېمىيىلىك نەرسە يوق.بىراق سەزگۇر تېرىلەرگە تەبىئى نەرسىلەرمۇ خىل كەلمەيدىغان ئىشلار بار.مەسىلەن:ھەسەل ،گۇل چېڭى،مەرۋايىت تالقىنى دېگەندەك ......تىرە قىزىرىپ قالسا قايتا ئىشلەتمەڭ.
ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات) تېلىفون : 0998-2820877



[Birzat بۇنى 2010-11-09 01:04 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: 80خالتا ، جىنسىي، ھەسەل
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 35 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkurbanjan10[2010-11-11 01:48 PM | del]
ئەسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ،سزنىڭ چ چ ياكى خەت ساندۇقىڭىز بارمۇ؟مەن مەسلەھەت سوراي دىگەنتىم.
回复قايتۇرما/oclfn[2010-10-27 08:31 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!تۇتقاقلىق كىسىلىگە داۋا بارمىدۇ؟
回复قايتۇرماmehir[2010-10-23 08:16 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
بىرزات ئەپەندىم،مەن ھازىر چەتئەلدە.چەتئەلگە دورا سېلىپ بېرەلەرسىزمۇ قانداق؟
回复قايتۇرماtabar[2010-10-23 01:09 PM | del]
ۇرۇمچدې سېتش ورن بېرمۇ
回复قايتۇرماsabi[2010-09-17 11:00 PM | del]
ئۈرۈمچىدە سېتىش ئورنى يوقمۇ ؟
回复قايتۇرماchush[2010-09-04 08:30 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.،.،.،توردا پاراڭلاشقىلى بولارمۇ بىرزاتكا؟
回复قايتۇرماAHHAN[2010-09-03 10:50 PM | del]
assalammu alaykum man hanimlar korux talkini setiwalay digan idim  karamayga ewatip beralamsilar
回复قايتۇرما阿热祖[2010-09-03 07:35 PM | del]
نەقىل مەنبەسى hairi نەقىل مەنبەسى hairi
قار ا مايغا قاندا ق  ئە ۋەتىسىز؟。
回复قايتۇرماKhalifa[2010-08-28 05:27 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم...بىرزات ئاكا  ياخشىمۇسىز؟ ئۇزۇندىن بۇيان سىزنىڭ بۇ تۇربېتىڭىزدىكى يېڭى يېڭى مەزمۇنلارغا دېققەت قىلىپ كىتىپ بېرىۋاتىمەن....سىزنىنىڭ مۇشۇ جىنىسي ئاجىزلىققا ھەم بورەك  رەئىس ئەزالارغا پايدا قىلىدىغان قوۋەت شىپا قىلىدىغان  ئىسسىقلىق   دورىلىرىڭىزدىن سېتىۋالاي دېگەنتىم ...ئۆزەم ھازىر چەتئەلدە.بولسا ئېۋەتڭپ بېرەلەمسىلەر..قانچە پۇل پوچتا ھەققى كەتسە مەيلى...ئىمكانىيەت بولسا بىر ئالىقىلىشپ باققان بولساق..خەت ساندۇق ياكى چ چ نۇمۇرى بولسىمۇ بولىدۇ  رەخمەت...
回复قايتۇرماkaxkir[2010-08-21 04:56 PM | del]
ئەسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئاكا، مەن ئانانىزىم ئادىتىگە كۆنۈپ قاغىلى بىرقانچە يىل بولغان ئىدى.
مىنىڭ زەكىرىم قىسقا ھەم ئىنچىكە يەنە بىر تەرەپكە سەل مايماق.بىرزات ئاكا بۇنىڭ ئۈنۈملۈك
داۋاسى بارمىدۇ؟ سىلىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورىسام مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا. مەن تىخى
ھازىر 24 ياش. جاۋابىڭىزنى كۇتىمەن.
2010.يىل.08.ئاينىڭ.21.كۈنى.   ( شەنبە )
回复قايتۇرماabudu2[2010-08-05 10:31 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندىم، بىلىگوڭىزغا بۈگۈن تۇنجى قېتم ئەزا  بۇلۇپ كىردىم، سىزنىڭ باشقا مەسلەھەت سورىغانلارغا ئەستايىدىل جاۋاپ بەرگەنلىگىڭىزنى كۈرۈپ مەنمۇ تارتىنماي سىزدىن سۇئال سوراشقا جۈرئەت قىلدىم.  مەن دادام توغۇرلۇق مەسلەھەت سورىماقچى ئىدىم، دادام دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغىلى 8 يىل ئەتراپىدا بولدى، ئادەتتە قان شىكىرىنى تىزگىنلەيدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىدۇ، تاماققىمۇ بەك دىققەت قىلىدۇ، يەل - يىمىشلەردىنمۇ پەرھىز قىلىپ كەلگەچكىمىكىن ياكى كۈندە نورمال ھەركەت قىلىشنى قولدىن بەرمىگەچكىمىكىن سالامەتلىگى خېلى ياخشى، پەقەت سەل ئاجىزلاپ قالغاندەك كۈرىنىدۇ، ئادەتتە دادام بەك بەستىلىك ھەم كۈچلۈك ئىدى شۇڭىلاشقىمىكىن ئۇششاق - چۈششەك كىسىلى يوق، لىكىن بۇ يىلدىن باشلاپ ھەددىدىن ئارتۇق تەرلەيدىغان بۇلۇپ قالدى، ئادەتتە كىچىسى بەكرەك ئېغىر ، ھەتتا يوتقان - كۆرپىلەرمۇ يامغۇردا قالغاندەك ھۆل بۇلۇپ كىتىدىكەن . بۇ زادى نىمە سەۋەپتىن ئىكەنلىگىنى زادىلا بىلەلمىدۇق، چوڭ دوختۇرخانلىلارغا بېرىپ پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك تەكشۈرتۈش ئېلىپمۇ باردۇق، لىكىن باشقا چوڭ كىسەللىك يوق دەپ دىئاگىنوز قويدى . شۇڭا سىزدىن مۇشۇ توغۇرلۇق مەسلەھەت سورىماقچى ئىدىم، مۇمكىن بولسا قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز ، يەنە  بۇ كىسىلىگە شىپا قىلىدىغان دورىلارنىڭ ئىسمىنىمۇ يېزىپ قويغان بولسىڭىز .
回复قايتۇرماHUSANJAN[2010-08-05 04:36 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندىم مۇشۇ بريلچە بولدى قۇلىقىم ئىچى تۇرۇپ  تۇرۇپ  بەكمۇ  شىرىن قىچىشىدۇ. كوچىلىسام  دەسلەپتە  شۇنداق  خۇشياقىدۇ. كىيىن  قاتتىق  ئاغرىيدۇ   چوڭلادىن  سورىسام  سوغۇقۇڭ  ئېشىپ كېتىپتۇ  دەيدۇ .بارغانسېرى  ئېغىرلىشىپ كېتۋاتىدۇ.كېيىنچە  ئاڭلىماسمۇ بوپ قالار مەنمۇ
回复قايتۇرماzilala[2010-08-04 06:06 PM | del]
خانىملار قورۇش تالقىنىنى سېتۋالماقچى ئىدىم. ئۇنى قانداق سېتۋالىمىز. بايدا سېتىش ئورنى بارمۇ؟  نەچچە باسقۇچتا ئۈنۇمىنى كۆرگىلى بولىدۇ؟  بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، بالياتقۇ بوينى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنىمۇ ساقايتالامدۇ؟
回复قايتۇرماhairi[2010-08-04 01:02 PM | del]
قار ا مايغا قاندا ق  ئە ۋەتىسىز؟。
回复قايتۇرماzulai625[2010-07-14 11:11 AM | del]
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم !خانىملار قورۇش تالقىنى،غۇلجىدا سېتىش ئورنى بارمىدۇ ياكى ئەۋەتىپ بېرەرسېلەرمۇ؟مەن سىتىۋالاي دىگەن؟
回复قايتۇرماoghuz[2010-07-12 05:23 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،سىزدە ياشسۇمبۇلنىڭ (ئاق) يىلتىزىدىن بارمۇ بولسا ماڭا 4كىلو لازىمتى
回复قايتۇرماuyradiofan[2010-07-08 02:24 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ھەكىم ،يىقىندا ئايالىم ئوڭۇشلۇق يەڭگىدى ،لىكىن يۇزىدىكى داغلارنى يوقۇتۇشقا ئشەنچلىك رىتسىپ تاپالماي يۇرىۋاتىمەن ،بەزىلەر دەيدۇ سۇپىتى ناچار يۇز سوپۇندا يۇزىنى يۇيسا ،تىرىنى يېرىۋىتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن داغمۇ بىللە يوقاپ كېتىدۇ دەيدۇ ،سىلىنڭچە بۇ توغرىمىدۇ ؟
ئاندىن ئوزلىرى بىلىپ بىر دورا تەۋسىيە قىلىشلىرىنى سورايمەن .
يەنە بىر كۆرۇشكىچە ئاللاھ ئگەم ھەممىمىزنى ئامان قىلغاي .
回复قايتۇرمايامغۇر[2010-07-07 05:43 PM | del]
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم !
مەنمۇ دورىلاردىن سىېتىۋالاي دىگەن  ،غۇلجىدا سېتىش ئورنى بارمىدۇ ياكى ئەۋەتىپ بېرەرسېلەرمۇ؟
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-29 06:55 PM | del]
دۇكىنىمىزدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكۈچىلەر چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا بىۋاستە تېلفۇن قىلغايسىز!!
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن: 13565662787
回复قايتۇرماsss[2010-06-29 03:19 PM | del]
كۆكنۇر شىركىتىنىڭ خوتەندىكى سېتىش ئورنى قەيەردىدۇ؟
بىلىدىغانلار ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويسا بوپتىكەن.
回复قايتۇرماADBIMIJIT[2010-06-29 02:45 PM | del]
ASSALAMU ALAYKUM MAN 28.YAXKA KIRDIM SALAMATLKIMGU YAHXI TOY KILGILI 6 YIL BOLDI 2 BAMMUBAR JINCI TURMUXXUMMU  YAHXI LKIN BADINIM BAK orUK ARAN 50KLMU KALMAYMAN TAMIKIMMU YAHXI KANDAK KILCAM BADINIMNI CAMIRTALAYMAN
回复قايتۇرما开心1120[2010-06-24 01:41 PM | del]
كورلىدا سېتىش ئورنى تەسسىس قىلمامسىلەر،
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.