80خالتا رېتسىپى-شىپايى نەپەس قايناتمىسى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-11-09
قىش كىرىپ سوغۇق چۈشۈشكە باشلىغاندا ئۆپكە، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى قوزغۇلۇپ ياكى يېڭىدىن پەيدا بولۇپ دوختۇرخانىلارغا كېسەللەر تولۇپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ زېققە، كاناي شاخچە ياللۇقى، ئۆپكە ئىششىقى، زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنى خاتىرجەمسىز قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا يىنىكرەك بولغاندا ئائىللەردە قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بەرسە ئوبدان ئۈنۈمى بولىدىغان بىر رېتسىپ - 80خالتا شىپايى نەپەس قايناتمىسىنى تونۇشتۇرۇشنى لايىق كۆردۇق.
رېتسىپ تەركىبى:
خەشخاش ئۇرىقى، بىخ بەدىيان، بىخكەرەپشە، بىخسۇس مۇقەششەر، بىخسەۋسەن، ئارپابەدىيان، رۇمبەدىيان، تۇخۇمى كەرەپشە 10گىرامدىن؛ پوستىخەشخاش 15گىرام؛ زۇپا ھىندى 30گىرام؛ پىرسىياۋشىيان 30گىرام؛ نىلوفەر 15گىرام؛ گۈلبىنەپشە 30گىرام، ئەنجۈر قېقى 30گىرام؛ چىلان 30گىرام؛ قىزىلگۈلقەنت 300گىرام. ئومومىي دورىلارنى 3لىتېر سۇغا 8 سائەت چىلاپ ئۇندىن كىيىن سۇس ئوتتا يىرىم سائەت قاينىتىپ قىلىن داكىدا سۈزۈپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. چوڭلار ھەر قېتىمدا 100 مىللىدىن 3 قېتىم. 5 ياشتىن تۆۋەنلەرگە 30مىللىدىن 3 قېتىم ئىچكۈزۈپ بىرىلىدۇ.
زېققە، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىدىكى ھەر خىل ئىللەتلەر ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەسىرى: ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، دەم سىقىلىش، قىزتما ، يۆتەل، زۇكام قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
_________________ 80خالتا دۇكىنىنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلىرىدىن
دۇكىنىمىز ئادەتتە زېققە ۋە باشقا جايىل نەپەس يولى بىمارلىرىغا يۇقۇردىكى رېتسىپقا قوشۇپ ياكى ئارىم ھالدا سۇپۇپى سۇئال مۇرەككەپ ھەم چامغۇر شەربىتى قاتارلىقلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
سۇپۇپى سۇئال مۇرەككەپ-(يەنە بىر نامى: مۇرەككەپ بادام جەۋھىرى)
ھەر خىل ئۆپكە-نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدە ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ يۆتەل پەسەيتىش، كاناي ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇش، بەلغەم بوشۇتۇش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاپ سىلىقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
بۇ تالقان تەمىنىڭ تاتلىق بولۇشى ھەم ھېچقانداق ئەكىس تەسىرىنىڭ بولماسلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن بالىلار ۋە ھامىلدار ئاياللاردىكى يۆتەل ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىغا ئالاھىدە ماس كىلىدۇ.
بىر بولاق تالقان-150 گىرام
ھەربىر بولىقى:28 يۈئەن
ئىىش مىقدارى:چوڭلار بىر قوشۇقتىن كۈندە 3 قېتىم ، بالىلار يېرىم قوشۇقتىن كۈندە 3 قېتىم.
چامغۇر شەربىتى
زامانىۋى شەھەر ئىستىمالىمىزدا ئۇنتۇلۇشقا يۈز تۇتقان، يېزا-قىشلاقلاردا يەنىلا ئەتىۋارلىنىپ ئىستىمال قىلىنىدىغان، قۇۋۋەتتە گۆشتىن قىلىشمايدىغان چامغۇر ئۇيغۇر تېبابىتىدە ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﻰنىڭ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ بولىشى، ﻳﯚﺗﻪﻟﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺑﻪﻟﻐﻪﻡ ﺑﻮﺷﺘﯩﺶ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺑﺎﮬﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﻣﻪﻧﯩﻴﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، چىراينى پارقىرتىش ، بەلغەم تازىلاش قاتارلىق ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴەتلىرى بىلەن مەشھۇردۇر.
ئەجداتلىرىمىز تۇپرىقىمىزنىڭ قۇرغاق، چاڭ-توزانلىق ھاۋا كىلىماتىغا نىسبەتەن يەرلىك كۆكتات - چامغۇرنى ئەتىۋارلاپ ئىستىمال قىلىپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىپ تەن ساقلىقىنى قوغداپ كەلگەن.
80خالتا دۇكىنىمىز شىرىسىنى ئىلىپ جەۋھەرلەپ تەييار قىلغان چامغۇر شەربىتىنى ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﻳﯚﺗﻪﻝ، ئۆپكە تېبۇركوليۇز، زىققە قاتارلىق ئۆپكە -نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىدە؛ ئومومىي ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ئىستىمال قىلىپ بىرىشكە ماس كىلىدۇ.
ئىچىش مىقدارى : كۈنىگە 30-50 مىللىلىتىردىن 3 قېتىم ئىچىپ بىرىلىدۇ. (تەخمىنەن 2 قوشۇقتىن ئۈچ قېتىم) .
بىر قۇتىسى-250مىللىلېتىر ، 12 يۈئەن
تەمى:چامغۇر تەمى ئارىلاش تاتلىققا مايىل؛ ئىچىشلىك.
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: نەپەس رېتسىپ
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئاللا ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق كىلسۇن.