كاۋاۋىچىن(花椒)ئەسلى شىمالىي شەنشى ئەتراپلىرىدىن چىقىدىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان بىرخىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخنىڭ مىۋىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مىۋىسى دۈگىلەك، ماش چوڭلۇقىدا بولۇپ، پوستى خۇشپۇراق ماتىريال ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، تەم تەڭشىگۈچى ماتىريال ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ، دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كاۋاۋىچىن تەركىبىدە ۋىتامىنB2، كاروتىن، نىكوتىن كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتىسىي، فوسفور،تۆمۈر قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.

" /> كاۋاۋىچىننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

كاۋاۋىچىننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


كاۋاۋىچىن(花椒)ئەسلى شىمالىي شەنشى ئەتراپلىرىدىن چىقىدىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان بىرخىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخنىڭ مىۋىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مىۋىسى دۈگىلەك، ماش چوڭلۇقىدا بولۇپ، پوستى خۇشپۇراق ماتىريال ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، تەم تەڭشىگۈچى ماتىريال ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ، دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كاۋاۋىچىن تەركىبىدە ۋىتامىنB2، كاروتىن، نىكوتىن كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتىسىي، فوسفور،تۆمۈر قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.
كاۋاۋىچىننىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى ئىسسق بولۇپ، تەر بەزلىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگرى سۈرىدۇ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە باكتېرىيە ئۆلتۈرىدۇ،ئىشتىھانى ئېچىش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.

كاۋاۋىچىن مېۋىسى ياكى شاخ، يوپۇرماقلىرىنى سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا بوۋاسىر، ھۆل تەمرەتكە، سۇلۇق ئىششىقنى يۇيۇپ بەرسە، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ قىچىشىشنى توختىتىش، ئىششقنى ياندۈرۈپ، ئاغرىقنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن چىش ئاغرىغاندا، ئاغرىغان چىش بىلەن كاۋاۋىچىننى چىشلەپ تۇرسا، دەرھال ئاغرىق توختىتىدۇ.
كاۋاۋىچىن ئىچكى ئەزالارنى ئىسسىتىپ، ئاغرىقنى توختىتىش، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش،قۇرت ئۆلتۈرۈش قاتارلىق روللارغا ئىگە،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قان بىسىمنى تۆۋەنلىتىش، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.كاۋاۋىچىن سۈيى ئىچىپ بەرگەندە پارازىت قۇرتلارنى قوغلاش ئۈنۈمى بولىدۇ.
كاۋاۋىچىننىڭ پۇرىقى خۇشبۇي بولۇپ ھەرخل گۆشلەرنىڭ تېكە پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.
ئىسرېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
زىققە،دىئابېت كېسلى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى،راك كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار،ھامىلدار ئاياللار، مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر كاۋاۋىچىن ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
كاۋاۋىچىننى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىسسىق تەبىئەتلىك بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا ئۈچەي يولىدىكى سۇنى خورىتىپ،قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كاۋاۋىچىننى ياغدا پىشۇرۇشتا ياغنىڭ تىمپىراتۇرسىغا دىققەت قىلىش، كاۋاۋىچىننى ئىمكانقەدەر كۆيدۈرىۋەتمەسلىك لازىم.
كاۋاۋىچىننى ھىم ئىتىلدىغان قۇرۇق قاچىغا قاچىلاپ قويۇش كېرەك.




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كاۋاۋىچىن

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمائەكرەم[2010-12-28 06:44 PM | del]
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم~!  
مېنىڭ دۈمبەم ئاغرىپ يۈرگىنىگە خېلى بولۇپ قالغانتى .. دوختۇرغا بارسام ئۆپكە تىبۇركىلۇز  بولۇپسەن  دەيدۇ.. باشقا  سەۋەپلەر بولغاچقا  دوختۇرخانىدا ياتمىغانتىم. تىبۇركىلۇزنىنڭ  رىتسىپىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ىشىلتىپ باقسام ......مەسلەت بەرگەن بولسىڭىز....
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.