تۇزنىڭ ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇنى ئىستىمال قىلىشتا دېققەت قىلىشقا
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-11-12
تۇز تەركىبىدە فتور،ناترىي،يود،بور،خلور،ناترىي سۇلفات،فوسفات كىسلاتا تۇزلىرى قاتالىق تەركىبلەر بار.
تۇزنىڭ قۇستۇرۇش،ئىسسقنى تۈگتىش، قاننى سوۋۇتۇش،زەھەر قايتۇرۇش،ئىشتىھانى كۈچەيتىش قاتارلىق رولى بار، يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال قىلنسا،ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق يودنى تولۇقلاپ،ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش،يېتىلىشى كېچىكىشتەك ئالامەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
تۇز ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ،بەدەن سۈيۈقلۇقىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.
تۇزسۈيىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش،يېڭى پىتى ساقلاش،چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ،تېرىنىڭ سىرىتقى يۈزىدىكى مۇڭگۈز ماددا ۋە ۋە كىرىنى تازىلاپ، ئادەمنىڭ يۈزىنى يېڭى ۋە يۇمران،سۈزۈك كۆرسىتىدۇ،پۈتۈن بەدەن تېرىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگرى سۈرىدۇ،بەزى تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم،كۈنىگە6~10گرامدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
تۇز زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلنسا،جەزمەن كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشكە سەۋەب بولىدۇ، ھالبۇكى زىيادە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە يۈرەك ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە ئېغىرلىشىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا،يۈرەك،بۆرەك كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.
ئاندىن قالسا، ئادەم ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، قان تومۇرلار كۈنسايىن قېرىپ، ئىقتىدارى كۈنسايىن چىكىنىپ بارىدۇ،زىيادە كۆپ مىقداردىكى تۇز بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنلىرىنىڭ تەسىرىدە، قان تومۇرلارنىڭ ھەرخىل قان بېسىمنى ئۆرلەتكۈچى ماددىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى قان بىسمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەزىلەر قازانغا ياغ قۇيۇش بىلەن تەڭلا تۇز سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە تۇزنى ياغ بىلەن بىللە قاينىتىدۇ،قازاندىن كۆك ئىس كۆتۈرۈلگەندە ئاندىن كۆكتاتلارنى قازانغا سېلىپ قورۇيدۇ؛يەنە بەزىلەر كۆكتاتلارنى قازانغا سېلىپ بىر قانچە قىتىم ئارلاشتۇرۇپ قويۇپلا دەرھال تۇز سالىدۇ، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى توغرا ئەمەس.
قورۇما قورۇشتا، ئالدى بىلەن تۇز سالماسلىق، قورۇما تەركىبىدىكى سۇ ئىسسقلىق شۈمۈرۈپ قايناپ، ئىچىدىن تېشىغىچە تولۇق پىشقاندىن كېيىن ئاندىن تۇز سالسا، قورۇما جەزمەن چۈرۈك، مەززىلىك،رەڭگى،پۇرىقى،تەمى دەل جايىدا بولىدۇ.
جىگەر قېتىشىش كېسىلى بارلار تۇز ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلىشى، بالىلارمۇ تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
توخۇ،بېلىق قاتارلىقلاردىن قورۇما تەييارلاشتا تۇزنى ئاز سېلىش لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە لەززەتلىك تەمگە ئىگە ناترىي گلۇتامات بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىلا سەل تۇزلۇقراق.
قوشۇمچە:
1. تۇزنىڭ تۈرى- تۇز چىقىدىغان جايىغا قاراپ ، دېڭىز تۇزى ، كان تۇزى ، قۇدۇق تۇزى ، كۆل تۇزى دىگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ . سىچۇەننىڭ قۇدۇق تۇزى مەملىكىتىمىزگە داڭلىق . پىششىقلاپ ئىشلىنىش دەرىجىسىگە قاراپ ، يىرىك تۇز ، يۇمشاق تۇز دىگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ .
2. تۇزنىڭ ئىشلىتىلىشى. تۇز تۇزل تەمىنى ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ، ئۇ مەززىلىك تەمنى گەۋدىلەندۈرۈش ، خاس ، ئەسلى تەمنى كۈچەيتىش ، قىيمىنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇش ، خېمىرنىڭ چىڭىتىش رولى بار . ئۇندىن باشقا ، مىكروپ ئۆلتۈرۈش ، ئىسسىقلىق تارقىتىش ، يىمەكلىكلەرنىڭ چۈرۈك - يۇمشاقلىقىنى كۈچەيتىش رولى بار .
تۇز تەم جەھەتتە تاتلىق ، ياغلىق تەمنى بېسىش ، مەززىلىك تەمنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. كونىلاردا تاتلىق قىلاي دىسەڭ تۇز قات دىگەن گەپ بار . تاتلىق تائاملارغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قېتىلسا تاتلىق كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ .
3. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : تۇزنى گۆشلەرگە بەك بالدۇر سالماسلىق لازىم ، چۈنكى تۇز گۆش تەركىۋىدىكى ئاقسىل بىلەن ئېلىكتروزلىنىپ نېتراللىشىۋالىدۇ - دە ئاقسىلنى قاتۇرۇپ ، شورپىغا ئېرىپ چىقىشىغا تەسىر قىلىدۇ ، قورۇما تەييارلىغاندا ، يوپۇرماقلىق ، غوللۇق كۆكتاتلارغا بالدۇر سېلىش لازىم ، بۇنداق قىلغان كۆكتاتنىڭ تەركىۋىدىكى سۇنى سىقىپ چىقىرىپ ، تېز پىشىپ ، ۋېتامىن لانىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىدۇ . تۇزنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىش ، كۆپ سېلىپ تاماقنىڭ خاس تەمىگە نۇقسان يەتكۈزمەسلىق ، سالامەتلىككە زىيان سالماسلىق لازىم .
پايدىلانغان مەنبەلەر: بىلقۇت تورى، ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار دېگەن كىتاب
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تۇز 咸盐 xianyan
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: