ئۇيقۇدىن كىيىنكى ئاستىنقى قاپاق ئىششىپ قىلىشقا قانداق چارە بار؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-11-12
ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندىم . بىر سۇئالىم بار ئىدى سوراشقا بۈگۈن پۇرسەت كەلگەن ئوخشايدۇ،مەن توي قىلغىلى بەش يىل بولدى مەن دائىملا ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كىيىن ئاستىن قاپىغىم بەكلا ئىششپ كىتىدۇ ،چۈشتىن كىيىنلەردە ئازراق ئوڭشىلىدۇ .دىمەكچى بولغىنىم بۆرەكتە مەسىلە بولسا مۇشۇنداق بولامدۇ . بۇنىڭ سەۋەبىگە قارىتا بىرەر ياخشى دورا ياكى باشقا ئامالى بارمۇ ؟سالامەتلىگىم ھەر جەھەتتىن ياخشى بولمىسا،باشقا تىۋىپلاردىن سورىسام ئىنىق جاۋاپ يوق ،شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشىم نائۈمىت قويمىغايلا
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئېيتقانلىرى بويچە سىلىدە باشقا ئالاھىدە بىرەر ئالامەت يوق بولسا ھەم زامانىۋى تەكشۈرۈش سايمانلىرىدا تەكشۈرۈپ بۆرەكتە باشقا مەسىلە بارلىقى بايقالمىغان ئەھۋالدا ئۇيقۇدىن كىيىن ئاستىنقى قاپاقتا ئىششىش كۆرۈلسە ئومومىي بەدەندە ، بولۇپمۇ بۆرەك ئەتراپىدا ھۆللۈك ، سوغۇقلۇقنىڭ زىيادە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئىھتىماللىقى چوڭراق بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھەم كۆپ تەرلەش، بەل-بۆرەك ئۇدۇلى داۋاملىق سوغۇق تۇرۇش، ئۇيقۇدىن كېيىن باش ئىغىر ھېس قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كىلىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا بۆرەك ھەم ئومۇمىي بەدەن پەي-مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرغۇچى سوغۇقلۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن:
توڭلاتقۇدا مۇزلاتقان ئىچىملىكلەر- كولا، ھاراق، پىۋا؛
دوغ، ماروژنا، قېتىق، چوكا مۇز، لەڭپۇڭ، راڭپىزا،كالا گۆشلۈك ئۈگۈرە، تاۋۇز، تولۇق پىشمىغان ئۈرۈك قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوزۇقلۇقلاردىن ساپ جىگدە چېچىگى ياكى ئاپتاپپەرەس ھەسىلىدە ئىلىمان قايناق سۇغا تەڭشەپ ئۇسسۇلۇققا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. ئوزۇقلۇققا ئەتتىگەن - كەچتە ئاپتاپپەرەس چېچىگى گۈلقەنتىدىن بىر قوشۇقتىن يەپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﭙﻪﺭﺱ ﮔﯜﻟﻰ ﮔﯜﻟﻘﻪنتىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى:
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ
ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ: ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻣﯧﯖﻪ -ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﺮﺗﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﯞﻩ ﮬﻪﻳﺰﻧﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺑﺎﮬﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ، ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ، ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ، ﺳﯜﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﺮﺗﯩﺶ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﻪﺩەﻥ ﺋﻮﺭﻭﻗﻼﺵ،ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻣﻪﻧﻰ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ، ﮬﻪﻳﺰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﺑﻪﺯﮔﻪﻙ، ﻣﯧﯖﻪ - ﭘﻪﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﭼﯩﺶ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺵ، ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻲ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ئاپتاپپەرەسنىڭ يىلتىزىنى، چېچىكىنى قاينىتىپ چايلىق ئورنىدا ئىچىپ بەرسىمۇ بۆرەك ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئىچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق قايتۇرۇشتا مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىشى مومكىن.
تېبابەت مۇرەككەپ دورىلىرىدىن :
جاۋارىش زەرئۇنىي
ئەرقى بەدىيان قاتارلىقلاردىن ئەھۋالغا قاراپ 15-20 كۈن مىقدارى ئىچىپ بىرىلىدۇ.
مۇۋاپىق ئۇسسۇلدا بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىشنىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ.
__________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قاپاق، بۆرەك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ھۆرمەتلىك بېرزات ئەپەندى.مىنىڭ سىلدىن سورايىدىغان مەسلھەتىم مەن داۋاملىق ئەسنەپ تۇرىمەن .ئادەتتە ئۇيقۇنى قېنىپ ئۇخىلساممىۇ ئەسنەيمەن كۈندۈزى ئىشلەۋېىتپمۇ بەك ئەسنەيمەن . بۇ بىر كېسەللىككە كىرەمىدۇ قانىداق .مەسلھەت بەرگەن بولىسلا.
سىلىدىن سورايدىغان بىرقانچە مەسلە بار ئىدى، مەن يىقىندىن بېرى بەكلا ئاسان ئاچچىقلايدىغان بوپ قالدىم ،لىكىن تۇرمۇشۇمدا بۇنىڭغا سەۋەپ بوغۇدەك ئىشمۇ يوق شۇڭا بۇ كىسەللىكمىدۇ دەپ ئويلاپ كالدىم .يەنە بىرى يارا ۋە ياكى جاراھەت ئورنى ئاسان ساقايمايدىغان بوپ قالدى بۇمۇ كىسەللىكمۇ ؟قىزلىقنىڭ بۇلۇش بومماسلىقىنىڭ پەرقى بامۇ؟