B تېپلىق جىگەر ياللۇقى ھەققىدە
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-11-12
جېگەر ياللۇغى ، بەدەننىڭ ئېممۇنېت كۈچى تۆۋەنلەش، جىگەر خزمىتى ئاجىزلاپ خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى سەۋەبىدىن ۋېرۇسلار جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ياللۇقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كۆڭۈل ئىلىشىش، ئىشتىھاسىزلىق، بەدەن ماغدۇرسىزلىق، جىگەر زورىيىش ، سۈيدۈك سېرىق كىلىش، چىراي سارغىيىش ، يەڭگىل قىزتما دېگەندەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تېبابىتىمىزدە جېگەر ياللۇقىنىڭ تېپىنى بىكىتىشتە بىمارنىڭ مىزاج-خىلىتلىرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ سەپرا خىلتىدىن بولغان جېگەر ياللۇقى، سەۋدادىن بولغان جىگەر ياللۇقى، قاندىن، بەلغەم خىلىتلىرىدىن بولغان جىگەر ياللۇقى دەپ ئايرىيدۇ. ھەم ۋېرۇس پەيدا قىلغۇچى خىلىتقا قارىتا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
Bﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﯘﻏﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﯩﮕﻰ ----B ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻗﺎﻥ ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻐﻰ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﻭﯞﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍئﯩﺮﺳﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ، ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯔ ﺑﯩﺮﻯ .
ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ---
ﻗﺎﻥ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻐﻰ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ئاﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ، ﯞﻩ ﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮئائىلىدە ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﻮﭘﺴﺎ ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ ، ﻟﻮﯕﮕﻪ ، ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ئوﺭﺗﺎﻕ ئﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ئاﺳﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ .
ئادەتتە ب تېپلىق جىگەر ياللۇغىنى تۆۋەندىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورا رېتسىپلار ئارقىلىق 3 ئاي ئەتراپىدا داۋالانغاندا داۋالىغىلى بولۇش مومكىن. ئەلۋەتتە بۇ 3 ئايلىق داۋالىنىش تېۋىپنىڭ قايناتما ۋە باشقا دورىلارنى ئىنچىكىلىك ، ئەستايدىللىق بىلەن تەييار قىلىشى، بىمارنىڭ مىزاجى، خىلىتى، بەدەن ھالىتىگە قاراپ دورىلارنىڭ ئىلگىرى-كىيىنلىك تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرىشى ، بىمارنىڭ مۇشۇ تەرتىپلەرگە ، بۇيرۇلغان پەرھىزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىپ سەبرىچان بولىشى تولىمۇ موھىمدۇر.
دورىلاردىن :
1.مەجۈنى دەبدىلۋەرد
2. مەجۈنى زەپە
3.ئەرقى كاسىنە
4.بۇزۇرى شەربىتى
5.دىنار شەربىتى
6. ئەرقى بەدىيان
7. جاۋارىش ئامىلە
8.ئامىلە نۇشدارى قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئومومىي ئەھۋالىغا قارىتا تاللاپ تەييار قىلىنىدۇ.
دەملەپ ئىچىدىغان كۈندۈلۈك چايلىقى ئۈچۈن:
ئوسما يېلتىزى، بەدىيان، كاسىنە، قىزىل گۈل، جىغان ، زۇپا، پىرسىياۋشان قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ كۈندە ئىككى قېتىم قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.
مايلىق، قورۇما تاماقلاردىن ئىمكان بار پەرھىز تۇتۇلىدۇ. يېڭى سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە كۆپرەك يەپ بىرىدۇ.
چوقۇم ئارام ئوبدان بولۇشى،ھەرگىز ئاچچىق،يەللىك نەرسىلەرنى يېمەيسىز،ئانار سۈيى،تاۋۇز، سەۋزە دېگەندەك يەل-يېمىشنى كۆپ يەيسىز، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىسىز.چۈشتە 1 سائەت ئارام ئالىسىز.
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىگەر
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
fbsag +
hbs -
hbeag +
abe -
hbc+
hcv -
چىقتى.
دىئاگنوز نەتىجىسىگە ياللۇق ؟ يىزىپ قويوپتۇ، سورىسام ئا تىپلىق بىلەن ب تىپلىقنى تەكشۈرتۈپ بوپسىز ئەمدى س تىپلىق بىلەن د تىپلىقنى تەكشۈرتۈڭ دەيدۇ، يەنە تىخى جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈڭ دەيدۇ.
تۇنجى بولوپ شۇ جىەەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ ئاندىن شۇ پىلوس چىققانتى.
بەزىلەر ئىممۇنىتنىڭ ئاجىزلىقى خاتىرجەم بولوپ دىققەت قىلىڭ دەيدۇ.
لىكىن يەنىلا تەشۋىشتە.
ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز.