بىر يۇرتتا ئۇيغۇر تىبابىتى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بۇلۇپ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنى قانداق كۈتۈش، نېمە كېسەلگە نېمە شىپا بۇلۇشتىن تارتىپ بىلىدىكەن. بۇ يۇرتتا كامالەتكە يەتكەن بىر تىۋىپ بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى بار ئىكەن. شاگىرتلىرى ئىچىدە ئىخلاسمەن، تىرىشچان، بىلىمى تېز يۈكسېلىۋاتقان بىر شاگىرتى ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتىدىكەن. ئۇستاز تېۋىپ بىر كۈنى شاگىرتىنى چاقىرىپ:‹‹سېنڭ تىۋىپلىق ئىلىمىڭ خېلى كامال تاپتى، ئۆز ئالدىڭغا ئەمخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىساڭ بولىدۇ. شۇڭا ساڭا بېرىدىغان مەسلىھەتىم، بۇ يەردىن يىراق بىر جايدا تۇرپان دىگەن يۇرت بار، ئۇ يەردىن بوران كۆپ چىقىدۇ، ھاۋاسى توپا-چاڭ، بۇنداق مۇھىتتا كېسەل كۆپ كۆرۈلىدۇ، سەن شۇ يۇرتقا بېرىپ كىشىلەرنى داۋالىغىن›› دەپ دۇئا بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاگىرت بۇ يۇرتقا كېلىپ ئەمخانا ئېچىپتىكەن، بىر يىلغىچە تۈزۈك كېسەلمۇ كىرمەپتۇ. قارىسا كىشىلەر چامغۇرنى سۇيۇقئاشقا توغراپ سېلىۋاتقانلىغىنى، گۆش پىشۇرسا شورپىغا چامغۇر سېلىۋاتقانلىغىنى ۋە يەنە باشقا ئۇسوللار بىلەنمۇ كۈندە ئىستىمال قىلۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، كىشىلەرنىڭ كېسەل بولماسلىق سەۋەبىنى چۈشىنىپ، ئۇستازىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇستازى قايتىپ كېلىش سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن،...

" /> ھېكايەت: نامراتنىڭ گۆشى-چامغۇر - 80 خالتا بلوگى

ھېكايەت: نامراتنىڭ گۆشى-چامغۇر


بىر يۇرتتا ئۇيغۇر تىبابىتى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بۇلۇپ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنى قانداق كۈتۈش، نېمە كېسەلگە نېمە شىپا بۇلۇشتىن تارتىپ بىلىدىكەن. بۇ يۇرتتا كامالەتكە يەتكەن بىر تىۋىپ بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى بار ئىكەن. شاگىرتلىرى ئىچىدە ئىخلاسمەن، تىرىشچان، بىلىمى تېز يۈكسېلىۋاتقان بىر شاگىرتى ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتىدىكەن. ئۇستاز تېۋىپ بىر كۈنى شاگىرتىنى چاقىرىپ:‹‹سېنڭ تىۋىپلىق ئىلىمىڭ خېلى كامال تاپتى، ئۆز ئالدىڭغا ئەمخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىساڭ بولىدۇ. شۇڭا ساڭا بېرىدىغان مەسلىھەتىم، بۇ يەردىن يىراق بىر جايدا تۇرپان دىگەن يۇرت بار، ئۇ يەردىن بوران كۆپ چىقىدۇ، ھاۋاسى توپا-چاڭ، بۇنداق مۇھىتتا كېسەل كۆپ كۆرۈلىدۇ، سەن شۇ يۇرتقا بېرىپ كىشىلەرنى داۋالىغىن›› دەپ دۇئا بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاگىرت بۇ يۇرتقا كېلىپ ئەمخانا ئېچىپتىكەن، بىر يىلغىچە تۈزۈك كېسەلمۇ كىرمەپتۇ. قارىسا كىشىلەر چامغۇرنى سۇيۇقئاشقا توغراپ سېلىۋاتقانلىغىنى، گۆش پىشۇرسا شورپىغا چامغۇر سېلىۋاتقانلىغىنى ۋە يەنە باشقا ئۇسوللار بىلەنمۇ كۈندە ئىستىمال قىلۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، كىشىلەرنىڭ كېسەل بولماسلىق سەۋەبىنى چۈشىنىپ، ئۇستازىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇستازى قايتىپ كېلىش سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن، ئۇ ئەينى ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز چامغۇرنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى تەكشۈرگەن ئىكەن چامغۇردا نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان مول تەركىپلەر بار ئىكەن. تۇرپانلىقلارنىڭ چامغۇرنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ كېسەل بولماسلىق سەۋەبىنى چۈشىنىپتۇ››.

ھازىرقى تىبابەت ئىلمىدىمۇ چامغۇرنىڭ ئۆپكە كېسەللىرىنى داۋالاشتىلا رولى بۇلۇپ قالماي، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قەۋزىيەتنى داۋالاپ، قاننى راۋانلاشتۇرۇش، جىگەرنى تازىلاش، يۈرەكنى ياشارتىش جەھەتتىمۇ رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان. گەرچە چامغۇر كەڭ دائىرىدە تېرىلمىسىمۇ، ھازىر كۆپ قىسىم دېھقانلار كۆكتاتلىقلىرىغا چامغۇر تېرىپ ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى كىشىلەرمۇ چامغۇرنى دورىلىققا ئىزدەپ كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. چامغۇر ھازىر ‹‹نامراتنىڭ گۆشى›› بۇلۇپلا قالماي‹‹بايلارنىڭمۇ گۆشى›› بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. چامغۇرنىڭ شىپالىق رولى ھەممىمىزگە ئايان بولغاچقا، تېخىمۇ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، كۆپرەك چامغۇر ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنەيلى!




[Birzat بۇنى 2012-01-05 11:09 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: چامغۇر، زېققە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماELEBAG[2014-01-27 10:12 AM | del]
چامىغۇر ھەقىقەتەن ياخشى دۇرا ئىكەن
回复قايتۇرماELEBAG[2014-01-27 10:09 AM | del]
چامىغۇر ھەقىقەتەن ياخشى دۇرا ئىكەن....... ياشا دھىقان...............
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.