كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-11-27
بىرزات ئىلاۋىسى:ھەر قايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك شارائىت، يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى، گېن-ئىرسىيەت ئامىلى دېگەندەك پەرقلەر سەۋەبلىك ھەر قايسى ئىقلىملاردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەب ھەر قايسى جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان ئۆسۈملۈك-كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: جۇڭگۇ تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنىڭ تەبئىتىنى ئىسسىق ياكى ئىسسىققا مايىل دەپ تەبىر بىرىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنى ئۆتكۈر دەرىجىدە سوغۇق دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككىلا قاراشنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى ئۆز ئەمەلىيىتى ئاساسىدا ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ بىرسىنىڭ قارىشىنى توغرا، يەنە بىرسىنىڭكىنى خاتا دەپ قاراش مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى ئالدىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك پەرقلىق مىزاج ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. خەنزۇچە ياكى باشقا ئەل-خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى تەرجىمە ماقالىلەرنى ئوقۇغاندا يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن نۇقتىلارغا دېققەت قىلغايسىز! بىزنىڭ بەدىنىمىز ۋە ساغلاملىقىمىز تەكلىماكان بويلىرىدىكى قۇرغاق كىلىمات ۋە شۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ چىققان نىئمەتلەرنى ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە شۇنىڭغا مۇناسىپ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ شۇ ئاساستا تەرەققى قىلغان. تۆۋەندە خەنزۇچە ئائىلە دوختۇرى لىنىيىسىنىڭ <<كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە>> ماۋزۇسىدىكى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلگەن ماقالىدە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان مېۋىلەر قاتارىدا ئۈزۈم، ئۈجمە قاتارلىقلارنى ساناپ قىلىپ ئارقىدىن قارقات ۋە چىلاننىمۇ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ چۈشەنچە يازىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ قارىشىدا ئالدىدىكى ئىككى خىل مېۋە ئىسسىقلىق ۋە قۇۋۋەت تەسىرىدىن بۆرەك ۋە باشقا رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كىيىنكى ئىككى خىل مېۋە بولسا قۇرۇق سوغۇققا تەۋە بولۇپ ئاساسلىقى قاننى سۈيەلتىپ قان تازىلاش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئىسسىقنى ئىلىش خۇسۇسىيەتلىرى بار. دېمەك ئىسسىق مىزاجلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلگىنى بىلەن سوغۇق مىزاج كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا بەلكىم بەدەن-قاننى سوۋۇتۇپ بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مومكىن. شۇڭا تەرجىمە ماقالىلەرنى كۆرگەندە رېتسىپ ۋە يېمەكلەرنىڭ بىزنىڭ بەدەن ھالىتىمىزگە، مىزاجىمىزغا ماس كىلىش-كەلمەسلىكىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەيسىز! تۆۋەندە مەزكۇر ماقالە دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:
____________________ بىرزات
ئائىلە دوختۇرى لىنىيىسى خەۋىرى:
(ئوكيان تورىدىكى نەپرەت تەرجىمە قىلىپ 80 خالتا تورىغا يوللىدى)
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: