جان ئوت، جان ئەر...
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-10-27
ئائىلىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئانچە-مۇنچە كىلىشەلمەيدىغان تەرەپلىرى بولۇپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادا مۇكەممەل ئەر ياكى ئايال بولمايدۇ. ئىنسان بولغان ئىكەنمىز ئانچە-مۇنچە ئەيىپ نۇقسانلىرىمىز بولىدۇ. قىز بالا ئېرىدىن قېيداپ ئۆيگە يامانلاپ كەلسە كۈئوغۇلنىڭ تەڭ تىللىشىپ بەرمەي چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغۇلۇق ئىكەن. كۈيئوغۇلنىڭ ئانچىكى نۇقسانلىرىنى دەپ قىز بالىغا گەپ ئۈگۈتۈپ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالساق ياكى ئولتۇرغۇزىۋالساق بىر بولسا قىز بالا ئاتا-ئانىسىنى خىجىل قىلدۇرۇپ ئېرىنىڭكىگە قېچىپ بىرىۋالىدۇ، بىر بولسا قىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ.
مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن.
ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئاكا-سېڭىل تۇرمۇشلىرىنى جاپادا قامداپ ھەر ھالدا سالامەت چوڭ بوپتۇ. بۇلار بىر-بىرىگە كۆيۈملۈك ئامراق قىرىنداشلاردىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىڭلىسى بويىغا يېتىپ قوشنا يېزىغا ياتلىق بولۇپ كېتىپتۇ. قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئاكىسى ئامراق سىڭلىسىنى يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن بارسا ئەر-خوتۇن ئىككىسى سوقۇشىۋاتقان، ئەر ھەدەپ سىڭلىسىنى ئۇرۇۋاتقاننىڭ نەق ئۈستىگە كىلىپ قىلىپ ئاچچىقىغا پايلىماي سىڭلىسىنى ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ياندۇرۇپ ئىلىپ كەپتۇ. بۇلار يولدا كەلگۈچە بەك توڭۇپ كەتكەن بولغاچقا ئوتۇن يېغىپ سىڭلىسىغا ئوت قالاپ بىرىپ يەنە ئوتۇن تەرگىلى كىتىپتۇ. بىر چاغدا قارىسا سىڭلىسى ئوتقا قاقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىتىپ ، بىلەك-پاچاقلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ - ۋايييي ئە، ئوتتەك ئە، جان ئوت، جان ئە داۋاتقانمىش...شۇنىڭ بىلەن ئاكىسى نۇمۇس قىلىپ كېتىپ سىېڭلىسىنى يەنە ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ئاپىرىپ قويغان ئىكەن.
شۇڭا <<ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم ياخشى ئىكەن>>، << خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە>> يەنى قوپالراق ئېيتقاندا خوتۇن كىشى ئەرسىز بولغىنىدىن گۆرگە كىرىۋالغىنى ياخشى دېگەندەك گەپلەر بىكارغا چىقمىغان چېغى.
ئايال كىشى پاراسەتلىك بولسا ئەرنىڭ ناچىرى يوقمىكى دەيمەن. ئۆزى خالاپ تەككەن ئەرنىڭ يامان گېپىنى ئاتا-ئانىسىغا، ئاداشلىرىغا توشۇپ يۈرۈيدىغان چوكانلار ھۇشيار بولمىسا تۇرمۇشىنى ھاڭغا ئىتتىرىپ قويىدۇ. باشقىلارمۇ ئكز تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قالايمىقان ئارىلاشمىغىنى تۈزۈك ئىكەن. بولمىسا ئا يېتىمدەك ئۆزى ئوسال بولۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. جان ئوت، جان ئەر دېگەن ھېكايىنى بايان قىلىپ بىرىمەن دەپ ئەتتىگەندە تاققا-تۇققا سۆزلەپ قويدۇم.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەر ئايال تۇرمۇش
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يەنە بىر گەپ ، بىرزات ھەكىمنىڭ ھىچكىم بىلمەيدىغان ھەم ئاڭلاپ باقمىغان يەنە قانداق يۇمۇرلۇق ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك قوش بىسلىق << ھىكايە >> لىرى باردۇ ؟
ئامبولاتورىيەمنىڭ يېنىدا ئۈزىنىڭ ھويلىسىنى مىھمانخانا قىلىپ ئاچقان كىچىك بىر مىھمانخانا بار ئىدى . ياتىقى پاكىز ھەم ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈن يېزدىن كەلگەنلەر مۇشۇ ياتاققا چۈشەتتى سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى .
بىر كۈنى ئەتىگەندە كەلسەم مىھمانخانىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇنلىغان كىشلەر ھەم ساقچىلار توپلىشىپ كىتىپتۇ مەنمۇ قىزىقىپ نىمە بولغاندۇ دەپ بارسام تەخمىنەن 23-25 ياشلاردا بار بىر ئايال ئۈزىنى ۋە بالىسىنى زەھەرلەپ ئۈلىۋاپتۇ بىچارە نارسىدە 1 ياشقا ئاران توشقان ئوغۇل بالا ئىكەن . بۇنى ئاڭلاپ ئىچىم شۇنداق سىرىلىپ كەتتى بىچارە ئۈزى ئۈلىۋالغاننى ئاز دەپ نىمە دەپ بالىسىنىمۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ دەپ كەچكىچە ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ ئىدىيەمدىن ئۆتمەي گاراڭ بۇلۇپ يۈردۈم .
كىيىن ئاڭلىسام ئۇ ئايال ئىرى بىلەن شۇنداق ئىناق ئۈتىدىكەن . لىكىن ئۇ ئايالنىڭ ئانىسى كىچكىنە ئىشلارغا قىزىنى ياندۇرۇپ ئەكىلىۋېلىپ ئىرىنىڭ ئۈيىگە بارغىلى قويماپتۇ . بىچارە ئانىسىغا شۇنچە يالۋۇرسىمۇ ئۇنماپتۇ ئىرىنىڭ ئۈيىگە بېرىۋالسا ئۇرۇپ ياندۇرۇپ ئەكىلىپ ئۇ ئۆيگە بارساڭ ئۈلىۋالىمەن دەپ قىزغا بېسىم ئىشلەتكەن ئىكەن كىيىن ئەر بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ سوغوقچىلىق چۈشكەن چېغى شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئاخىرى چىدىماي ئۈيىدىن چىقىپ كىتىپ ھېلىقى مىھمانخانىغا چۈشۈپتۇ ۋە ئۇدۇلدىكى ئاشخانىدىن تاماق يەپ چايغا چاشقان دۇرىسى سېلىپ ئىچكەننى ئاز دەپ بالىنىڭ سوسكىسىغا چاي قۇيۇپ ئۇنىڭغىمۇ چاشقان دارىسى سېلىپ بالىغا ئىچكۈزۈپتۇ ۋە ياتاققا كىلىپ كېچىچە جان بىرىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھېلىقى ئانىغا ئاۋۇ يارىماس ئەرگە ۋە ئاشۇ بىچارە نارسىدىنى بولسىمۇ يۇرۇق دۇنيادا ياشىغىلى قويماي ئۈزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتكەن ئەقىلسىز ئايالغا ئاچچىقىم كىلىپ نەچچە كۈنگىچە گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەي ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .