مۇشۇ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە دورا دۇكانلىرىدا زۇكام ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا ئېلانلىرىنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى قىش پەسلى يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ بىر ئېنىق ئىپادىسى بولسا كىرەك.مۇبادا سىز قىش پەسلىدىكى تۈرلۈك كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولالمىغان بولسىڭىز،سىز چۇقۇم يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ بۇنى كۈندىلىك پائالىيەت تەرتىپىگە كىرگۈزۋېلىڭ. نىيوروك شەھرى ۋېلككورنىل تىببى ئىنىستۇتى(Weill Cornell Medical College) نىڭ پىروفىسورى، ئىممۇنىت ۋە مىكرو بىئولاگىيە كەسپىنىڭ تىببى پەنلەر دوكتۇرى ئاننا موسكونا(Ane Moscona) مۇنداق دەيدۇ::

" /> ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك - 80 خالتا بلوگى

ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك


 

 بىرزات ئىلاۋىسى:ئوخشاش بولمىغان يۇرتلارنىڭ پەرقلىق كىلىمات ئالاھىدىلىكى بويچە شۇ يۇرت خەلقلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىدە نۇرغۇنلىغان ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت بولىدۇ. خەلقىمىزدە ساغلاملىقنى ئاسراپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مىزاج ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئوزۇقلىنىش ھەمدە پەسىللەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆز مىزاجىغا ماس كىلدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش ئادىتى شەكىللەنگەن. بەزى يېمەكلىكلەر ئىسسىق مىزاج ئادەملەرگە مەنپەئەت قىلغان بىلەن سوغۇق مىزاجلىقلارغا زەرەر قىلىشى مومكىن، مەسىلەن: قېتىق، يۇمغاقسۈت، قارا ئۈرۈك...دېگەندەك. بۇ خىل ئەھۋالغا-شۇ ۋاقىتتىكى مىزاج ئۆزگىرىش ئالامەتلىرىگە قاراپ ئوزۇقلۇقلارنى تاللاپ ئىستىمال قىلىشتا يالغۇز تېۋىپ-ھۆكۈمالار بىلىپلا قالماستىن كەڭ خەلققە ئوموملاشقان بىر ئېسىل ئەنئەنىدۇر. بۇ ھەقتە ئىلگىرى بلوگىمىزدا ئانچە-مۇنچە يازمىلار يېزىلغان، قىزىققۇچىلار ئىزدەپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. بۇ گەپلەرنى دېيىشىمىزدىن مەقسەت تۆۋەندە سىز ئوقىماقچى بولغان ماقالىدىكى كۆپۈنچە يېمەكلىكنى سىز يەپ باقمىغان بەلكى كۆرۈپ، ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولىشىڭىز مومكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۆزىمىزنىڭ خاس ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىمىز ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى. نىيوروك شەھرى ۋېلككورنىل تىببى ئىنىستۇتى(Weill Cornell Medical College) نىڭ پىروفىسورى، ئىممۇنىت ۋە مىكرو بىئولاگىيە كەسپىنىڭ تىببى پەنلەر دوكتۇرى ئاننا موسكونا(Ane Moscona) نىڭ ئېيتقان قىش كىلىشتىن بۇرۇن ساغلاملىق ئۈچۈن پىلان تۈزەش ھەمدە سوغۇق كۈنلەردە ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك ھەققىدىكى بايانلىرى دىققىتىڭىزدە بولىدۇ، كۆرۈپ پايدىلانغايسىلەر.

ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تىلمىش

مۇشۇ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە دورا دۇكانلىرىدا زۇكام ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا ئېلانلىرىنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى قىش پەسلى يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ بىر ئېنىق ئىپادىسى بولسا كىرەك.مۇبادا سىز قىش پەسلىدىكى تۈرلۈك كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولالمىغان بولسىڭىز،سىز چۇقۇم يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ بۇنى كۈندىلىك پائالىيەت تەرتىپىگە كىرگۈزۋېلىڭ. نىيوروك شەھرى ۋېلككورنىل تىببى ئىنىستۇتى(Weill Cornell Medical College) نىڭ پىروفىسورى، ئىممۇنىت ۋە مىكرو بىئولاگىيە كەسپىنىڭ تىببى پەنلەر دوكتۇرى ئاننا موسكونا(Ane Moscona) مۇنداق دەيدۇ: ‹قىش كىلىشتىن بۇرۇنقى بۇ خىل كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلان كۈن تەرتىپى سىزنىڭ كىسەل بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىڭىزنى 90 پىرسەنىت ئازايتىدۇ.سىز كۈندۈلۈك تامىقىڭىزغا بەزى مىزىلىك، ئىممۇنىت كۈچىنىڭىزنى ئاشۇرىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق قىش پەسلىدىكى قەھرىتان سوغوققا تەبىي ھالدا تاقابىل تۇرالايسىز. سوغۇق ۋە يۇقۇملۇق زۇكام سىزدىن نېرى تۇرىدىغان بولىدۇ›.

 1. قاتلىق كاپۇستا  (球芽甘) (كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . غولى توم ۋە يوغان بولۇپ ، شارغا سەل ئوخشايدۇ ، رەڭگى ئاقۇچ يېشىل ياكى سۆسۈن كېلىدۇ ؛ غولى كۆكتات قىلىنىدۇ) بۇ كۈز ۋە قىش پەسىللىك كۆكتات بولۇپ، تەركىبىدە ئىممۇنىت سېستىمىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋىتامىن A بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملارنىڭ دىيىشىچە بۇ خىل كۆكتاتلار راك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش رولىنى ئوينايدىغان پايتونۇچىرىت( بىر خىل ئۆسۈملۈك ئۇزۇقلۇق ماددىسى Phytonutrient) بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

 

 

 

 2.  موگو(蘑菇)

ئاق رەڭلىك مۇگو بەدىنىڭىزنى كۈچلەندۈرۈپ زۇكامنىڭ، ھەتتا راكنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ.«ئۇزۇقلۇقشۇناسلىق›ژۇرنىلىنىڭ كۆرسىتىشىسە موگو ئىممۇنىت سېستىمىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ پائىلىيەتچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. شۇڭلاشقا كۈندىلىك تامىقىڭىزدا موگونى يىنىك قورۇپ يەپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ.
 
 3.  ئۆچكە ئىرىمچىكى(山羊奶酪)
   پىچىنە پرەنىككە قارىغاندا ئۆچكە ئىرىمچىكى ئىممۇنىت سېستىمىڭىزغا پايدىلىق بولغان مىس ئېلىمىنتىنڭ مۇھىم كىلىش مەنبەسى. شۇ ۋەجىدىن ئۆچكە ئىرىمچىكىنى بولكىغا تۇخۇم سېرىقى قىيامى بىلەن سۈرتۈپ ياكى قاتتىق پوستىلىق مىۋە ۋە قۇرۇق مىۋىلەر بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
 
 
4.  چېچەك سەي (كاپوستا 花椰菜)
 
 كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى بۇ خىل بىرىكمە كۆكتات سىزنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىڭىزنى كۈچەيتىشكە پايدىسى بار.‹بىئو-خېمىيە ئۇزۇقشۇناسلىق› ژۇرنىلىدا كۆرستىشىچە، بۇ خىل كۆكتاتنى چايناپ بەرگەندە بىر خىل خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەدىنىمىزدىكى يۇقۇملۇققا قارشى ئاق قان ھۈجەيرىسىنى تەڭشەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.بۇ خىل كۆكتاتنى پىشۇرۇرپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەنگە قۇبۇل قىلىنش مىقدارى ئازىيىپ كىتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى خام ئىستىمال قىلىش كىرەك.
 
5.  گىلاس(樱桃)
     چوڭلىقى ئېغىزغا بىر سالسىلا تۈگەيدىغان بۇ مىۋىنىڭ تەركىبىدە سىزنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىڭىزنى ھەركەتلەندۈرىدىغان ۋە ئەركىن ماددىلارنى تازلاپ چىقىرىدىغان كۆپ مىقداردىكى ئانتۇسىئانىدىن(anthocyanins) بار.گەرچە قىش پەسلىنىڭ كىلىشىگە ئەگىشىپ بۇ مىۋىلەر ئاياغلىشىدىغان بولسىمۇ، لېكىن سىز يەنىلا قۇرۇتۇلغان ياكى توڭلۇتۇپ ساقلانغان گىلاس كونسىرۋالىرىنى ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.
 
6. قېتىق(酸奶)
     ‹مۇھىت ساغلاملىق› ژۇرنىلىدىكى بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا قېتىق ئىچىشنى 12 ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرغان كىشىلەرنىڭ نەپەس يول ۋە ئاشقازان كىسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش نىسپىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا 60% تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ ئاساسلىقى قېتىق تەركىنىدىكى سۈت كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدىن بولىدىكەن. شۇڭلاشقا كۈندە ساپ قېتىقنى ياكى قېتىق بىلەن مىۋە ئۇيۇتمىسى، بانان يالپاقچىسى، خاسىڭ مەلھىمى، سۇيۇق ھەسەل، تاتلىق مىۋە شەربىتى قاتارلىقلار بىلەن بىر نەچچە قۇشۇقتىن ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى.
 
7.   پەمىدۇر (蕃茄
 پەمىدۇرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ۋىتامىن C نى تۇللۇقلايدۇ، بەدىنىڭىزدىكى ئەركىن ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ئىممۇنىت سېستىمىڭىزنى كۈچەيتىپ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەيدۇ.رۇتگىرس ئۇنۋىرسىتىتى(Rutgers University) نىڭ ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ۋە يىمەكلىك ئىلمى پىروفىسورى پاۋۇل لاچىنىس (Paul Lachance) نىڭ دىيىشىچە پەمىدۇر بەدىنىمىزدىكى زۇكام ۋە ماغدۇرسىزلىنىشقا قارشى ‹ئالدىنقى سەپ›تىكى قوغدىغۇچى ئىكەن.
 مەنبە:

 

 

 

 

 

 




[Birzat بۇنى 2011-10-28 06:01 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئىممۇنېت يېمەكلىك

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماintil0997[2013-12-28 11:13 PM | del]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم          ماڭا بىر مەسلىھەت  بەرگەن بولسىلا.   مىنىڭ دائىم ئېغىزىم قۇرۇپ  كالپۇكۇم ئېچىشقاندەك بۇلۇپ قالدى.  بۇنىڭ قانداق كېسەللىك ئىكەنلىكىگە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا . خەتەرلىكمىدۇ؟         رەخمەت.
回复قايتۇرماbirgul[2011-10-28 09:05 PM | del]
پەسىل ئالمىىشىدىغان ۋاقىتتا كىشى تولىمۇ تىزلا كىسەل بوپ قالىدىكەن . يىمەكلىككە دىقەت قىلىپ ئۆزىمىزنى ئاسراشنى بىلىۋالايلى . سالامەتلىك ھەممىدىن ئەۋزەل !
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.