يولدىشىمدىكى بىنۇرمال جىنسىي پىسخىكا نېمە سەۋەبتىندۇ؟ [سۇئال-جاۋابلار]


سالام بىرزات ئەپەندى:
سىزنىڭ پايدىلىق يازمىلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشقىنىمغا 2 يىل بولاي دەپ قاپتۇ..بۇ تۇنجى يازمام ئارقىلىق ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۈنسىز تۆھپىلىرىڭىزگە تەشەككۇر بىلدۇرىمەن، ئاللاھ سىزنىڭ ئۈنسىز مىھنەتلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى بەرىكەتلىك قىلغاي!
مەقسەتكە كەلسەك،
ئائىلىمىزنىڭ باشقىلارغا ئېيتىلمىغان سىرىدىن سىزدىن خېجىللىق بىلەن شۇنى سوراپ باقماقچىمەن.
مەن توي قىلغىلى بەش يىل بولاي دىگەندە، مەن بۇرۇندىن چۈشىندىغان، ئىشىنىپ كەلگەن كەمسۆز ، ئېغىر-بىسىق ،ئەخلاقلىق دەپ قاراپ كەلگەن يولدىشىمنىڭ ھەركۈنى دىگۇدەك توردىن بولمىغۇر شەھۋانى نەرسىلەرنى، يەنى،ئەڭ ھەيران قالغىنىم ئوخشاش جىنىسلىق ئاياللارنىڭ شەھۋانى جىنسىيتىگە ئائىت نەرسىلەرنى كۆرىدىغنىنى 5-6 ئاي بۇرۇن بايقاپ قالدىم...
ئەلۋەتتە، كۆڭلۈم شۇنداق پاراكەندە بولغان بولسىمۇ ،بۇنى ئۇنىڭ يۈزىگە سىلىپ ئوتتۇرىمىزدىكى پەردىشەپنى بۇزۇشنى خالىمىدىم...
بىراق چۈشىنەلمىگەن يىرىم شۇكى:
ئۇ بۇنداق شەھۋانى نەرسىلەرنى ،بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئۇ كۆرۈنۇشلىرىدىن نىمىگە ئىرىشمەكچى؟
ئەر-ئايالمۇ ئەمەس، ئوخشاش ئاياللارنىڭ بەچچىۋازلىقى،ئۇخىلدىكى كۆڭلىنى ئىلشتۇردىغان كۆرۈنۇشلىرىگە مەپتۇن بولۇش بىنورماللىق ئەمەسمۇ؟شۇنچە ئەخلاقلىق،ئىمانلىق دەپ قاراپ كەلگەن ئېرىم بۇ مەينەت كۆرۈنۈشلەرگە قانداقسىگە يىرگەنمەستىن قاراپ ئولتۇرالىغاندۇ؟!!!
بىرزات ئەپەندى، سىزمۇ بىر ئەركىشى. سىز چوقۇم بۇ مەسىلىنى بىر ئەركەكنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ياخشى تەھلىل قىلالايسىز، ماڭا بۇ مەسلىنى ،ئېرىمنىڭ تا-ھازىرغىچە ماڭا نامەلۇم بولغان "ئەرلىك دۇنياسى" نى ماڭا ئىزاھلاپ بىرەلەيسىز دەپ قارايمەن.
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
تولىمۇ مۈشكۈل بىر سۇئالنى ئالدىمغا تاشلاپسىز!
ئوخشاش جىنىسلىق ئايال ئىشقىۋازلار ( lesbians ) روھىيتى ئېغىر دەرىجىدە كېسەللەنگەن،  ئاياللىق تەبئىتىنى يوقاتقان ئۆزىدىن ياتلاشقان <<ئەركەك-زەدەك>>لەردۇر. بۇلارنىڭ نۇرماللىقتىن غەيرىلىككە ئۆزگىرىش جەريانىدىكى پىسخىك ئۆزگىرىشى نۇرمال ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدۇ. بۇ يەردە  lesbians -لەسبىيان (ئوخشاش جىنسىلىق ئايال ئىشقىۋازلار) ھەققىدە ئارتۇق توختالماي. لىكىن بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ دېققىتىگە رەسۇللانىڭ << ئاياللار بىلەن ئاياللار، ئەرلەر بىلەن ئەرلەر بىر تۆشەك (ئورۇن، جاي، كارۋات) تە بىرگە ياتمىسۇن >> دېگەن ئاگاھلاندۇرىشىنى ئېيتىپ ئۆتۈشۈم ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك. مەيلى بەچچىۋاز ئەر(gay ) لەر بولسۇن، ياكى ئوخشاش جىنىسلىق ئايال ئىشقىۋاز( lesbians )لار بولسۇن بۇلارنىڭ شۇ خىل بىنۇرمال ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى ئەنە شۇ بىر-بىرىنىڭ بەدىنىنى تۇتۇش، ئۇياتلىق جايلىرىغا قاراش، سىلاش، بىر كارۋاتتا ياكى بىر يوتقاندا يېتىش دېگەندەك ئىنتايىن سەل قارىلىدىغان ئىشلاردىن باشلىنىدىكەن. بولۇپمۇ كۆپۈنچە ھاللاردا يېشى كېچىك، ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي ئىزىقتۇرۇش ياكى جىنسىي زوراۋانلىققا نىسبەتەن قوغدىنىش ئېڭى بولمىغان پەيتتە مۇشۇ خىل ئۆز جىنسىدىن ياتلىشىش مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارى يوسۇندا يۈز بىرىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار پەرزەنت تەربىيسىدە بۇ تۇقتىغىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىشى زۆرۈر.
ئەمدى سىز چۈشۈنەلمىگەن سىزنى ھەيرەتتە قالدۇرغان ئاساسلىق مەسىلىگە كەلسەك - سىزنىڭ سۇئالىڭىز:
ئۇ بۇنداق شەھۋانى نەرسىلەرنى ،بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئۇ كۆرۈنۇشلىرىدىن نىمىگە ئىرىشمەكچى؟
ئەر-ئايالمۇ ئەمەس، ئوخشاش ئاياللارنىڭ بەچچىۋازلىقى،ئۇخىلدىكى كۆڭلىنى ئىلشتۇردىغان كۆرۈنۇشلىرىگە مەپتۇن بولۇش بىنورماللىق ئەمەسمۇ؟شۇنچە ئەخلاقلىق،ئىمانلىق دەپ قاراپ كەلگەن ئېرىم بۇ مەينەت كۆرۈنۈشلەرگە قانداقسىگە يىرگەنمەستىن قاراپ ئولتۇرالىغاندۇ؟!!!

بۇ مەسىلىنى مەندىن <<بىر ئەركەكنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ >>  يولدىشىڭىزنىڭ سىزگە نامەلۇم بولغان "ئەرلىك دۇنياسى" ھەققىدە چۈشەنچە بىرىشىمنى تەلەپ قىپسىز. بۇ خىلدىكى كۆرۈنۈشلەر نۇرمال ئەركەك ئۈچۈن ئىنتايىن يىرگىنىچلىك بىر ئىش بولۇپ ئەشۇ كۆرۈنۈشلەردىن ھوزۇرلىنىشنى ئۆز ئەرلىك غورۇرىنى دەپسەندە قىلغان بىلەن باراۋەر دەپ قارايمەن. مېنىڭ قارىشىمچە يولدىشىڭىزنىڭ ئۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشىنىڭ مۇنداق بىر نەچچە خىل سەۋەبى بولىشى مومكىن:
1.شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈش جەريانىدا توساتتىن شۇ خىل ئوخشاش جىنسىلىقلارنىڭ قىلىقلىرى غەلىتە بىلىنىپ قىزىقسىنىپ كۆرۈپ قالغان بولىشى مومكىن.
2.يولدىشىڭىزدا بىنۇرمال جىنسىيەت پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالغان بولۇپ <<ئاينىپ كېتىش>> دەرىجىسىگە بىرىپ قالغان بولىشى مومكىن. (ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىشىگە نىسبەتەن)
3.سىزدە يولدىشىڭىزنىڭ جىنسىي ئىھتىياجىغا نىسبەتەن پاسسىپلىق شەكىللىنىپ قالغان بولىشى مومكىن. ( بۇ سەۋەب يولدىشىڭىزنىڭ سېرىق مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشىگە باھانە بولۇپ بىرىدۇ)
نىمىلا دېمەي بۇ ئىشلارنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ بىرەلىشىم ناتايىن. چۈنكى بۇ مىللىتىمىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن يېپىق بىر مەسىلە بولۇپ بۇنى تەتقىق قىلىشمۇ ئادەمنى يىرگەندۈرىدۇ.
يۇقۇردا ئېيتقانلىرىم سىز ئېيتقان مەسىلىگە نىسبەتەن شەخسىي كۆز قاراشلىرىم بولۇپ بىرەر رەسمىي تەتقىق قىلىنغان ئەمەستۇر. مېنىڭ قارىشىمچە يولدىشىڭىزدا ئېغىر دەرىجىدە روھىي چۈشكۈنلۈك بولسا كېرەك. سىز ئۇنىڭ ئۆزىنى تېپىۋېلىشىغا، ئەقىدە-ئىتقادىنى، روھىيتىنى ساپلاشتۇرشىغا، قىلمىشلىرىغا تەۋبە قىلىشىغا ياردەم قىلىڭ! چوقۇم پاراسەتلىك بولۇڭ. ئۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ يۈزىگە سالماڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز ھېچ بولمىغاندا ئاينىپ كېتىش ( تالاغا قاراپ قىلىش، بەچچىۋازلىق ) نىڭ ئالدىنى ئالالايسىز!
تامام



[Birzat بۇنى 2010-07-28 06:53 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بەچچىۋاز، ئوخشاش جىنىسلىق ئايال ئىشقىۋازلار ( lesbians )

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 27 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaltunistakan[2010-06-17 01:03 PM | del]
ئۇستام بۇ تېمىنى نېمىشقا بۇنداق يوشۇرۇپ قويغانلا؟ بولسا ھەمىمىز پايدىلىنىپ قالساق بولماسمىتى ،،،ھەي
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-17 08:20 PM | del]
ئەڭ موھىمى سەۋەبىنى ئۆزىڭىزدىن بەكرەك ئىزدەپ باقسىڭىز بولامدىكىن دەيمەن.
回复قايتۇرما动人[2010-06-18 00:43 AM | del]
咋回事
回复قايتۇرما动人[2010-06-18 00:51 AM | del]
مىنىڭچە  بۇ سەل نازۇك  تىما بولسا كىرەك
بوسا ھەممەيلەن پايدىلنايلى  بۇنىڭدىن
回复قايتۇرماchoghluq[2010-06-18 01:18 AM | del]
نەقىل مەنبەسى choghluq نەقىل مەنبەسى choghluq
كەچۈرۈڭ..ئۆزۈم تاپماق بولغان جاۋابنى سىزدىن تەلەپ قىلغىنىمغا...

پىكىرلىرىڭىزگە نىسبەتەن كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇغا قويسام؛
1. ناۋادا شەھۋانى نەرسىلەرنى كۆرىۋىتىپ ،تاسادىپى بايقاپ قىلىپ قىزىقىپ كۆرۈپ قالغان بولسا ،شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كۆرىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى، سىز ئېيتقاندەك،نورمال بىر ئەركەك ئۇنداق نەرسىلەرگە قاراشنى ئۆزىگە ھاقارەت دەپ بىلىدۇ، مەنچىمۇ شۇنداق!

2.ئېرىمدا مۇشۇنداق بىر ئايىنىش دەرىجىسىگە بىرىپ قالغانلىقىغا ھازىرچە ئىشىنەلمەيمەن، چۈنكى، ئۇ باشقا ۋاقىتلاردا ناھايتى نورمال ئەركەك ئىدى.

3.خىجىلمەن، بىراق، ئاخىرغىچە ئېيتىشقا مەجبۇرمەن.
مەن سەت ئەمەس، بەك ھىسياتسىز مۇردىلاردىنمۇ ئەمەس.
پاكلىقم ۋە گۈزەللىكىمنى بىر ئەرگە ،ئۆمۈرلۈك يولدىشىمغا بىغىشلىغان ياش ئانىمەن.،ناۋادا خاتالىق دىيىلسە، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسدىمۇ مەلۇم بىر پەردىشەپ بولىشى كىرەك، چۈنكى، جىنسىيەت ئاللاھنىڭ ھالال ئەر - خو تۇنلارغا ئاتا قىلغان مەرھىمىتى ،بۇنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش( چەكتىن ئاشقان ھەركەتلەر ۋە ئۇسۇل)ھايۋانىلىق دەپ قارىغانلىقىم بولسا كىرەك.ئەجىبا،بۇ خاتامۇ؟!

ئاخىرقى سۇئالىم، نورمال بىر ئەر، يەنى ، ئايالىدىن مەمنۇن نورمال پىسخىكىلىق بىر ئەر شەھۋانى نەرسىلەرنى كۆرمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟
يەنە تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز.
بۇ ئىش ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ ، يەنە سىز بىلەن پىكىرلىشىشنى خالايمەن.

بۇ ئىنكاسىمنى يوشۇرۇن ھالەتتە يوللاش مۇمكىن بولماي قالدى..خاپا بولماي يوشۇرۇن ھالەتتە قىلىپ قويغان بولسىڭىز،.ئەلۋەتتە، مۇمكىن بولسا.
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-18 12:26 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
مەن يولدىشىڭىزدىكى سېرىق كۆرۈنۈشلەر يەنە كىلىپ ھەمجىنىس ئايال ئىشقىۋازلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈشنىڭ سەۋەبىدە ئەنە شۇ ئوتتۇرغا قويغان 3 خىل ئىھتىماللىق بار دەپ قارىدىم. يولدىشىڭىزنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنى سىز مەندىن بەكرەك ياخشى چۈشىنىسىز. سىز بۇ سۇئالنى بىر ئەركىشىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز دېگەن ئىكەنسىز. بۇنىڭغا نىسبەتەن مەندە ئۇ خىل <<سەرگۈزەشتە>> بولمىغان بولغاچقا تولۇق قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلمەي قالدىم.
<<ئاخىرقى سۇئالىم، نورمال بىر ئەر، يەنى ، ئايالىدىن مەمنۇن نورمال پىسخىكىلىق بىر ئەر شەھۋانى نەرسىلەرنى كۆرمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟>>  مېنىڭچە شۇنداق بولىشى كېرەك. لىكىن ئەرلەرنىڭ تەبئىتىدە ئۆز ئايالىنى ياخشى كۆرسىمۇ ، ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولسىمۇ يەنە باشقا چىرايلىق ئاياللارغا قاراش، جىنسىيەت تەسۋىرلەنگەن كىتاب، كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈش ئىستىكى بولىدۇ. ھەتتا ئۇلاردىن نەپرەتلىنىپ ئولتۇرۇپ ھوزۇرلىنىپ كۆرىدۇ دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مومكىن. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىم ئەنە شۇ. ئەگەر كۆپچىلىك خالىسا بۇ تېمىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقسىمۇ بولىدۇ.
回复قايتۇرماsir[2010-06-18 04:44 AM | del]
بۇ تىمىنى ئاشكارلىساق قانداق .
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-18 12:31 AM | del]
تېمىنى يوشۇرغىلى بولغان بىلەن تېما ئاخىرىغا يوللانغان ئىنكاسنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەگەر پىكىر دەپتىرىگە يوللانغان بولسا تامامەن شۇنداق قىلغىلى بولاتتى. ئەگەر خالىسىڭىز تورداشلارنىڭ تەكلىۋى بويچە بۇ تېمىنى ئاشكارە قىلىۋەتسەك. بەلكىم تورداشلاردىن پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس ئىدى.
回复قايتۇرماchoghluq[2010-06-18 04:07 PM | del]
بىرزات ئەپەندى، ھىلىمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ تەھلىل قىلىشىپ بەردىڭىز، سىزدىن ھەقىقەتەن مىننەتدارمەن.

ناۋادا، سىز بۇ تىمىنى ئوچۇق قىلىۋىتىشنى توغرا تاپسىڭىز ،پىكرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن.
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-18 07:12 PM | del]
ئىسلام ئالىملىرى بۇ خىل قىلمىشقا تۆۋەندىكىدەك قاراشتا ئىكەن.

زىنادىن چوڭ ئىككى زىنا ۋە ئۇنىڭ جازاسى
مۇھەممەد يۈسۈپ

سوئال: زىنادىن چوڭ زىنا قايسى؟

  جاۋاب: مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدىغان، زىنادىنمۇ چوڭ ئىككى زىنا بولۇپ، بىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ئادىتى بولغان «ئەر بىلەن ئەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى»، يەنە بىرى، «ئايالنىڭ ئايال بىلەن جىنسىي لەززەت ئېلىشى»دۇر. ئالدىنقىسى «لەۋات ياكى بەچچىۋازلىق» دەپ ئاتىلىدۇ، كېيىنكىسى «سىھاق – Lesbianism» دەپ ئاتىلىدۇ.

لەۋاتنىڭ جازاسى
سوئال: لەۋاتنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: لەۋات ياكى بەچچىۋازلىق قىلىش ئىنسان تەبىئىتىنى يىرگەندۈرىدىغان، ئەڭ پاسكىنا، ئەڭ يامان قىلىق بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن ئېغىر جىنايەتتۇر. بۇ قىلىق ھەر قانداق بىر مىللەتنى، ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنى نابۇت قىلىپ يوق قىلىۋېتىشقا يېتەرلىكتۇر. ئۆز ۋاقتىدا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى مۇشۇ قىلىقنى قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى يەرنى ئۈستىگە دۈم كۆمتۈرۈش بىلەن جازالىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «لەۋات قىلغانلارنى تۇتۇۋالساڭلار، قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ھەر ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.([1])

     ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنى جازالىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتنىڭ روھىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىگە ئاساسەن، لەۋات قىلغان ئادەم ئىنسانلىقنى، جەمئىيەتنى كىرلەتكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشقان بولسىمۇ، ئۇنى تاش – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش ياكى ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈش ياكى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈش توغرۇلۇق ئىختىلاپلاشقان. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دوزاختۇر!

سىھاقنىڭ جازاسى
سوئال: سىھاقنىڭ جازاسى نېمە؟

     جاۋاب: سىھاق ياكى Lesbianism ئىنسانلىق شەنىگە ياراشمايدىغان، پاسكىنا قىلىقتۇر. ئۇ زىنانىڭ يەنە بىر تۈرى بولۇپ، گۇناھى زىنانىڭ گۇناھىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئايالنىڭ ئايالغا جىنسىي تەرەپتىن كېلىشى زىنادۇر»([2]) دېگەن.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قىلىقتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، ئايالمۇ ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، ئەر بىلەن ئەر، ئايال بىلەن ئايال بىر يوتقاندا ياتمىسۇن»([3]) دەپ كۆرسەتكەن.
     پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇ قىلىقنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ۋە زىنانىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان.
   سىھاقنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى زىنانىڭ جازاسىدىن ئېغىرراق بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئەمما ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى توغرۇلۇق قۇرئان كەرىم ياكى ھەدىستە بىر نەرسە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ شارائىتقا قاراپ قامچا ئۇرۇشقا ئوخشاش جازالارنى قوللىنىشى كېرەك، دەيدىغان كۆز قاراشلار بار.
回复قايتۇرماchoghluq[2010-06-18 10:22 PM | del]
مىنى نەچچە ئايلاردىن بىرى گاڭگىراشلىرىمغا  تۆۋەندىكى يەكۈنۈم بىلەن خاتىمە بەرمەكچىمەن.

بىرزات ئەپەندىنىڭ " لىكىن ئەرلەرنىڭ تەبئىتىدە ئۆز ئايالىنى ياخشى كۆرسىمۇ ، ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولسىمۇ يەنە باشقا چىرايلىق ئاياللارغا قاراش، جىنسىيەت تەسۋىرلەنگەن كىتاب، كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈش ئىستىكى بولىدۇ. ھەتتا ئۇلاردىن نەپرەتلىنىپ ئولتۇرۇپ ھوزۇرلىنىپ كۆرىدۇ دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مومكىن"
دىگەن جاۋابىلا ماڭا ئەڭ نوقتىلىق ھەقىقەتنى ئېچىپ بەردى.

مەن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق،بۇ تىمىنى كۆرگەن  مۇشۇنداق بىر مەسلىگە يولۇققان ئەر-خوتۇنلارنىڭمۇ ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنچنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشدىغانلىقىدەك ئىجابى تەرىپىدىن خۇرسەن بولماقتىمەن.
مەن بىر ئايال بولۇش سۈپتىم بىلەن شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى، ئېرىمغا كەم-كۈتىسز بىر پەرىشتىگە تەلەپ قويغاندەك، روھى جەھەتتىمۇ ھەر قانداق ئەرلەر قۇتۇلالىشى تەس بولغان ئىشلاردىن ساقىت ھالدا پاك بولۇش تەلىپىنى قويۇشۇمنىڭ ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئادىلسىزلىقىنى ھس قىلىپ يەتتىم.
خۇدا بۇيرىسا، ئېرىمدە بۇ كەمچىللىك ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس،بۇ " كىسەل"نىڭ دورىسى - ئۆز ئېرىمغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئاياللىق مۇھەببىتىمنى بىغىشلاش!
ئائىلىمىز بەخىتلىك ئىدى،خۇدا بۇيرىسا بۇندىن كىيىن تېخىمۇ بەخىتلىك بولىدۇ.( ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن!)
ماڭا تا-ھازىرغىچە قاراڭغۇ بولغان ھەقىقەتنى ئەرلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىشىپ بەرگەن بىرزات ئەپەندىنىڭ سەممىي نىيتىگە، ھالال ئەمگىكىگە يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىش بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
بىرزات ئەپەندى، مىللەتكە بولغان مىھنەتىسىز تۆھپىڭىز ئاز ئەمەس، سىز خەلقنىڭ دوستى،سىرداشچىسى،ئىشەنچىلىك مەسلىھەتچىسى بولۇپ كىلىۋاتىسىز.
ئاللاھ خالىسا ،بۇ خالس نىيتىڭىز سىزگە تېخىمۇ قۇۋۋەت ئاتا قىلىغۇسى.
تامام!

Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-18 10:48 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ياخشى ئايال دۇنيانىڭ زىننىتى. ئائىلىنىڭ بەختى.
بىر ئايال ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتىسى، ئائىلىنىڭ تۈۋرىكىنى ياخشى ئاسىراپ، ھەر خىل ئىزىقىشلاردىن قوغداپ مۇرات مەنزىلىگە سالامەت يېتىشتىن ئۆتە كاتتا خىزمەت ۋە شەرەپ يوقتۇر.
ماڭا شۇنچە يۈكسەل باھالارنىڭ بەرگىنىڭىزدىن ئۆزۈمنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمەتلىرىمدە تېخىمۇ ئەستايدىل بولۇشۇمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن. ئەمەلىيەتتە مەن تورداشلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئىلىشقا مۇناسىپ ئەمەلىي-پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىيەلمەيۋاتقانلىقىمدىن خىجالەتتەمەن. تورداشلارنىڭ مېنى سىردىشى، دوستى قاتارىدا سانىغانلىقى مەن ئۈچۈن كاتتا مۇكاپات ھەم ئىلھام بولۇپ قالغۇسى. رەھمەت
回复قايتۇرماتارىم[2010-06-19 01:52 AM | del]
بىرزات تورىنىڭ قۇرىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىلىم خەزىنىسىگە كاتتا بىر خەزىنە قىتىلدى دەپ قارايمەن،
بۇسورۇن تىخمۇ گۈللەپ ياشنىغۇسى!!!
回复قايتۇرماALIYA[2010-06-22 12:38 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
回复قايتۇرماALIYA[2010-06-22 12:43 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مەنمۇ ناھايتى چوڭ خۇشاللىق تاپتىم ،بۈگۈندىن باشلاپ يولدىشىمغا بولغان پوزىتسىيەمنى ئۆزگەرتىمەن.سىلەرگگ كۆپ رەخمەت تورداشلىرىم،يولدىشىمغا ھەقىقى مۇھاببەت نەزىرىم بىلەن قاراپ چىن قەلبىمدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن
回复قايتۇرماxahzada[2010-06-22 12:48 AM | del]
مەن  بىرزات  ئەپەندىمگە بەكلا  قايىل ھەر قايسى  جەھەتتىن -
回复قايتۇرماlayli0995[2010-07-16 08:12 PM | del]
ياخشىمۇ بىر زات ئەپەندى.بىر قانچە قىتىم ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئۇزىكى بىلەن بۇيۇمدا قالدى،بوغدۇرىۋىتەي دىسەم بولمايدۇ دايدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاندقاك ئامال بارلىقىنى خاپا بولماي ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز .
回复قايتۇرماsulgun[2010-07-20 02:33 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى :
                  مەن ئۇزۇن مەزگىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش نەتىجسىدە زەكىرىم بۇرۇنقدىن كىچكلەپ كەتتى، بۇنى چوڭايتقلى بۇرۇنقى ھالتىگە كەلتۈرگىلى بولارمۇ؟
回复قايتۇرماnabira[2010-07-28 06:12 PM | del]
مەن بۇيىل 29ياشقا كىردىم، 2-بالىنى تۇغاي دەپ ئۈزۈكنى ئالدۇرۇۋەتكەنتىم،ئۈزۈكنى ئالدۇرىدىغان چاغدا كىسەل بولسا داۋالىنىپ ئاندىن تۇغايمىكن دەپ ئويلىغان ،دوختۇر ماڭا باشقىچە كىسەل يوقلىقىنى ،داۋالىنىشنىڭ زۈرۈل ئەمەسلىكىنى دىگەن ،ئۆزۈمدىمۇ باشقىچە نورمالسىزلىق يوق، بىراق يىقىندىن بىرى ئاق خۇن كۆپىيىپ قالدى، باشقىچە كىسەل بولمىغاندىن، ئۆزۈم يەرلىك دورا سىلىپ، كۆرۈپ باقاي دىگەن ، بۇنداق ئەھۋالدا دورا سىلىپ تۇرۇپ، ھامىلدار بولۇپ قالسام ، ھامىلىگە زىيىنى بولامدۇ يوق ، قانداق دورا ئىشلەتسەم مۇۋاپىق بولار؟
回复قايتۇرماyaxnar[2010-07-30 03:04 AM | del]
بىرزات ئاكا! سالامەتچىلكمۇ؟ ئاللاھ ئەجىرىلىرنى زىيەدە كۆپ بەرسۇن......
  سىلىدىن خەلىقمىز كۆپ  مىننەتتار!
回复قايتۇرماyaxnar[2010-07-30 03:21 AM | del]
تەپسىلىرەك مەسلىھەت بەرگەيلا!ياردەم قلىپ  ، مەسلىھەت بەرگەيلا،        پۇتۇن بەدىنىم سوغوق تۇرىدۇ؟  .دائىم  دىگۇدەك سوغوق تەرلەيدۇ .كىچە كۇندۇز!      ئاساسلىقى خىزمەت ئھتياجدىن  ئولتۇرۇىمەن ....   قۇمغا كۆمۈلگەنىڭ پايدىسى بارمۇ؟  تۈگە مىي پايدىلىقمۇ؟ ئاساسلىق نىمىلەردىن پەرىز تۇتمەن؟  بەزىدە سىيگۇم كەلگىنى بىلەن بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئاندىن سىيەلەيمەن... بۇ نىمە ئەھۋال؟  ئەمما، مەزى بەز نۇرمال  دەيدۇ،           تىخچە داۋالانىپ باقمدىم ، دورا يەپمۇ  باقمىدىم...
    مەن  ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش نەتىجسىدە زەكىرىم بۇرۇنقدىن كىچكلەپ كەتتى، بۇنى چوڭايتقلى بۇرۇنقى ھالتىگە كەلتۈرگىلى بولارمۇ؟  20ياش، بەزىدە زەكىرىم چىڭ  قاتمايدۇ؟ دورىنى سىلدىن ئالاتتىم  ......     كوپرەك مەسلىھەت  بەرگەيلا!  رەھمەت!


回复قايتۇرماyasenjan[2010-07-30 04:22 AM | del]
مىنىڭ بىر تەرەپتىن قىينىلدىغان تەرىپىم بار مەن تىخى توي قىلمىغان بولساممۇ كۆپىنچى ۋاقىتلاردا مەنى كۆپ كىلىدىغان بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالدىم مەن زادى قانداق قىلسام بولىدۇ.جاۋاپ بەرگەن بولساڭلا
回复قايتۇرماyaxnar[2010-07-31 00:56 AM | del]
تەپسىلىرەك مەسلىھەت بەرگەيلا  غا  جاۋاپ يوققۇ؟؟ ئىنكاس يوق؟؟؟
回复قايتۇرماxahzada001[2010-09-03 02:49 AM | del]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم:بىرزات ئەپەندى مەن ئانالزىم بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 6 يىل بولدى خىلى ترشىپ باققان بولساممۇ زادىلا تاشلىيالمىدىم   مىنىڭ 2  .3 يىلدىن بىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىتىممۇ خىلى توۋەنلەپ كەتتى    بۇنىڭ زىينى قانچىلىك بولار  مەن بۇيىل 19غا كىردىم مىنىڭ گەپ-سۆزلىرممۇ جايىدا ئەمەس  بولۇپ قالدى   مەن بۇئشنى بۇرۇن 2 كۇندە بىر قىلمىسام چىدىيالماييتىم   3  .4 يىلدىن بۇيان  ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم قىلىمەن ھازرمۇ شۇنداق  . مەن چوڭ بوپ قالدىم منىڭ كىيىنلىكىم قانداق بولار  مەن ئۆزۈمدىن بەك ئەنسىرەپ كىتىۋاتىمەن .ماڭا مۇۋاپق مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.