پەرىشتە بىلەن ئالۋاستى (<<قاراشىپاخانا>>نىڭ ئچكى ئەھۋالى)



<<قاراشىپاخانا>>نىڭ ئچكى ئەھۋالى
بۇ قانداق ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمى؟
لاڭخۇ ئامبۇلاتوريىسىنىڭ جىگەر كېسىلى بۆلۈمىدە يەنە بىر تەييار تاپ ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بارلىققا كەلدى. كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئادەمگە ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرگۈچىنىڭ جىگەر كېسىلى، جىنسىي كېسەللىك، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كېسەل كۆرگەن<<ئۇستا دوختۇر>> ئىكەنلىكى؛ ئۇلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ساپ جۇڭگۇ تىبابىتى دورا كاپسۇلىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دانچىسىنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت غەرب تېبابىتى دورا كاپسۇلىنىڭ قېپى قاپلانغان ساختا دورا ئىكەنلىكى؛ قان تومۇرىغا سېلىندىغان ئاسما ئوكۇلنىڭ چەتئەللەردە قورا-تاراغ، ئوق-دورىدىنمۇ قاتتىق تىزگىنلىدىغان، ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئانتىبىئوتىك ئىكەنلىكى ئەلۋەتتە مەلۇم ئەمەس. خوجايىننىڭ ئامبۇلاتورىيىنى قانداق باشقۇردىغانلىقى ۋە تىزگىنلەيدىغانلىقى، دوختۇر،سېستىرالارنىڭ ئۇنىڭ دورىلىرىنى ساتقۇچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى بىمارلارغا
تېخىمۇ ئايان ئەمەس.
ۋاڭ خوجايىن كەلدى.
خې مودىر يۇقىرى پەن-تېخنىكا باغچا رايۇنىدىكى ھېلىقىITسەرخىلى بىلەن كۆپ قىتىم خالىدا تېپىشقانىدى، شۇڭا ۋاڭ خوجايىننى كۆرگەندىن كېيىن، خۇددى ۋاپاسىزلىقى قىلىپ قويغاندەك،ھەتتا كۈندۈزىمۇ جېنىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۇردى، ۋاڭ خوجايىننىڭ چۈشىنىپ بولمايدىغان تەقى-تۇرقى ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ پاراكەندە قىلىۋەتتى.
تاش چۈشۈش كېسىلى بۆلۈمىدىكى شەرقى شىماللىقى يۇرتدىشىم جاۋ يۇڭگېن ئاللىكىملەردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، خى مۇدىرنىڭ ۋاڭ خوجايىننىڭ<<18-ئاشنىسى>> ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ ئۇنىڭ گېپىچە،ۋاڭ خوجايىننىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا چوڭ _ كىچىك 20_30 ئامبۇلاتوريىسى،ھۆددىگە ئالغان بۆلۈم _ ئىشخانىسى ياكى مەخسۇس بۆلۈم مەركىزى بارئىكەن،ئۇ يۇرتىدىكى ئۇرۇق _ تۇققانلىرى ياكى ئاشكارە تەكلىپ قىلغان مەسئۇللارغا ئىشەنمەي،بۇ ئورۇنلانى باشقۇرۇشقا <<ئاشنا>>لىرىنى ئەۋەتىدىكەن،بۇنى ئىجادىيەت،كەشپىيات دېمەي بولمايىتتى.بۇ <<ئاشنا>>لار تەكلىپ قىلىنغان سىستىرالارياكى كېسەل كۆرسىتىشكە يىتەكچىلىك قىلغۇچى خانقىزلار ئىچىدىن تاللىۋىلىنىدىكەن،ئۇلار ھۆسىن _ جامال جەھەتتە باشقىلاردىن ئېشىپ چۇشىپلا قالماي ،چەكسىزساداقەتمەن بولۇشىمۇ كېرەك،ئۇ<<ئاشنا>>لىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ئامبۇلاتوريە ياكى بۆلۈم _ ئىشخانىلار تىجارەت سوممىسىنىڭ %10 نى بىرىدىكەن .
ۋاڭ خوجايىن يىل بويى ئۇيەر _ بۇيەرنى بىمالال ئايلىنىپ يۇرىدىكەن.كۆكپرەك پۇل تاپىدىغان ئامبۇلاتوريىلەردەتۇرىدىغان ۋاختى ئۇزاقراق بولىدىكەن،بىزنىڭكىگە ئوخشاش ھۆددىگە ئېلىنغان بۆلۈم _ ئېشخانىلار ئۇنىڭ ئۈچۈنئۇششاق سودا ھىساپلىنىدىكەن،شۇڭا ئۈچ _ تۆت ئايدا ئاران بىر قىتىم كلىپ،بىرەر ھەپتە ئەتراپىدا تۇرۇپلا ئالدىراپ _ تىنەپ كىتىدىكەن،
<<ئاشنا>>بولغان قىزلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن،بىراق پۇل دېگەن ھىچقانداق ئادەمگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇد-ە.
ۋاڭ خوجايىن<<ئاشنا>>لىرىغا توختامدا <<ب>>تەرەپ ( ئاشنىسى )نىڭ رەسمىلىشىشىنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ،<<ئا>> تەرەپ ( ۋاڭ خوجايىن ) ئۇنىڭدىن نارازى بولسا ،ئۆزئالدىغا خىزمەتتىن بوشىتىشقا ھوقوقلۇق ئېكەنلىكى ،<<ب>> تەرەپ خىزمەتتىن بوشىتىلغاندىن كىيىن تۇگىمگەن ئىشلار توغېرسىدا ھىچقانداق تەلەپ قويۇشقا ھوقوقلۇق ئەمەسلىكىنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويىدىكەن. بۇنىڭغا توختام مۆھلىتى توشماي تۇرۇپ <<ئاشنا>>لارنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن ئەر _ ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە چىتىلىپ قېلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقى شۇنداق بولۇپ قالسا <<ئاشنا>>نىڭ <<رەسۋاسى چىقىرىۋىتىلىدۇ>>غانلىقى توغۇرسىدىكى بېر ماددا ئاغزاكى قۇشۇمچە قىلىنىدىكەن .ئھتىمال خى مۇدىر <<رەسۋاسى چىقىرۋىتىلىش>>تىن قورۇققان بولسا كىرەك،ۋاڭ خوجايىن كېلىشىتىن بۇرۇن بىزدىن بۇ ئېشنى مەخپىي تۇتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى ،ئۇنداق قىلمىساق بىزنىڭمۇ <<رەسۋايىمىز چىقىرۋىتېلىدۇ>>غانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى . ئۇ ئۆزىمۇ ۋاڭ خوجايىننىڭ ئادىدا كىچە _ كۈندۇز ئۇنىڭغا تەقەززار بولغانقىياپەتكە كىرىپ ئاخېر ۋاڭ خوجايىننى ئالداپ كەتتى .
_ بۇچوكان بەكمۇ ئېچىرقاپ كىتىپتۇ ،دىدى ۋاڭ خوجايىن ماڭا پىچىرلاپ ،_ ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان بىلەن بەئەينى يولۋاسنىڭ ئۆزىدەك بولۇپ كىتىپتۇ. ليۇ دوختۇر ماڭا بۆرەكنى قۇۋەتلەيدىغان جۇڭگۇ تىبابىتى دورىلىرىدىن يىزىپ بىرىڭ!
ۋاڭ خوجايىن <<دىڭىز پورتى ئائىلىسى>>رىستۇرانىدا بۆلۈمدىكىلەرنى غىزا يىيىشكە تەكلىپ قىلدى. <<بۆلۈمىدىكىلەر>>دىيىلگىنى بىلەن ئەمەليەتتە خى مۇدىر،مەن،لىن فاڭ،خەن رۈيخۇڭ ۋە ئۈچ كۇندە بىر قىتىم كېلىدىغان لابىرانىت سۈن جىڭ جىڭلار بارئىدى.ۋاڭ خوجايىن بۈگۈن پۇلنى ئايىماي خەجلىدى ،قورۇمىلار ناھايىتى مول بولۇپ غىزا شىرەسىگە چوڭ راك،چوڭ چىپاربىلىق قاتارلىق ئون نەچچە تەخسە تائام چىقىرىلدى ،ھاراق _ شاراپنى خانقىزلار ئۆزلىرى تاللاپ بۇيرۇتتى . ۋاڭ خوجايىن خۇرۇم سومكىسىدىن بېر بوتۇلكا <<ماۋ تەي >> ھارىقىنى ئالدى.
لىيۇ دوختۇر سىز دېگەن كاتتا تۆھپىكار ، بۇ بىر نەچچە ئايدا كۆرسەتكۈچىدىن %20 تىن كۆپرەك ئاشۇرۋەتتڭىز ، بۈگۇن ئاخشام سىزگە بىر نەچچە قەدەھ  ھاراق تۇتىمەن، ئون يىل ساقلانغان <<ماۋ تەي>> ھارىقى، يۇقىرى باھادا سىتىۋىلىنغان ، سىلەر شەرقى شىماللىقلار ھاراق كۆتۈرەلەيسىلەر، بۈگۇن پۇخادىن چىققىچە ئىچەيلى.
<<ماۋ تەي>>ھارىقىدىن ئۈچ قەدەھ گالدىن ئۆتۈپ كەتتى.
-نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا،-دېدى ۋاڭ خوجايىن پەيتىنى تېپىپ،- ئامبۇلاتورىينىڭ خوجايىنى تۇڭ شۇبىن مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ھۆددىگە ئېلىش توختام مۆھلىتى توشقانلىقىنى دەپ،مەندىن بۇ بۆلۈمنى ھۆددىگە ئالغۇم بار -يوقلۇقىنى سورىدى.مېنىڭچە،سىز جىگەر كېسىلى بۆلۈمىدە يېرىم يىلدىن ئارتۇق ئىشلەپ،زور نەتىجە ياراتتىڭىز،مەن سىزدىن بەكمۇ رازى بولدۇم، مەن بۇ بۆلۈمنى ھۆددىگە ئېلىش قارارىغا كەلدىم.مەن باشقا دوختۇر تەكلىپ قىلمايمەن، بۆلۈمىڭلار قوشنا بولغاچقا، ىز بۇ بۆلۈمنىڭ دوختۇرلۇقىنى قوشۇمچە ئۆتەڭ، دورىلارنىمۇ بۇيرۇتۇپ قويدۇم، بۇ دورىلار ئەتە-ئۆگۈن كىلىپ بولىدۇ. سىزنىڭ ئېپىڭىز بار، نامىڭىزمۇ چىقتى؛ مەن يەنە ئىلان بېرىمەن، ئەلەتتە. مېنىڭچە، ئېيىغا40-50مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىڭىزدا چاتاق يوق. شىياۋلىن بىلەن شىياۋخەن سىزگە ماسلىشىدۇ. سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز ۋە تەجرىبىڭىزگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممەيلەننىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشغا تاينىپ، يەنە بىر بۆلۈم ئېچىپ، بىرلىكتە بېيىمايمىزمۇ!
خې مۇدىر بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى، ئۇ قىزىل ئۈزۈم ھارىقى قۇيۇلغان قەدەھنى قولىغا ئېلىپ، بىرىنچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى.
-ليۇ دوختۇر،-دېدى ئۇ،- بېيىشىمىز سىزگە باغلىق بولۇپ قالدى!
ئۈچ قىزمۇ كەينى-كەينىدىن ۋارقىراپ-جارقىراپ كەتتى:
-ۋاھ-ھا! بىز بېيىپ كېتىدىغان بولدۇق!
-يارايسىز،ليۇ دوختۇر!
ۋاڭ خوجايىن يەنە قولىغا قەدەھ ئېلىپ ماڭا ھاراق تۇتتى. چىراغ نۇرىدا ئۇنىڭ چىرايى كۆكىرىپ، كۆزى ئولتۇرشۇپ، كۆز قارچۇغى غۇۋالىشىپ، ئىككى قوۋۇزى ئورۇقلاپ كەتكەنلىكى كۆزۈمگە چېلىقتى. ئۇ ئۆزىدە كېسەل بارلىقىنى ئىتراپ قىلمىسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭدا يوشۇرۇن كېسەل بارلىقىنى كېسىپ ئېيتالايتىم. ئۇنىڭ سالامەتلىكى مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە شۇنچىۋالا كۆپ پۇل تېپىپ نىمە قىلىدىغانلىقى، شۇنچىۋالا كۆپ ئاشنا تۇتۇپ نىمە جاپا تارتىدىغانلىقىنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم.
-قېنى، ھەممەيلەن تەڭ قەدەھ كۆتۈرەيلى،-دېدى ۋاڭ خوجايىن قولىغا قەدەھ ئېلىپ،- يېڭى يىلدا زور تەرەققىياتقا ئېرىشەيلى، بىرلىكتە باي بولايلى!
ۋاڭ خوجايىن ئەتىسى ماڭدى. ئۇنىڭ جېجياڭ،سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىكى تىجارىتى<<چوڭ تىپلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، زامانىۋىلىشىش>> ئىزىغا چۈشكەنىدى.قارىغاندا، ئۇنىڭ بىز ئىشلەۋاتقان جىگەر كېسىلى بۆلۈمى ۋە يېڭىلا ھۆددىگە ئېلىنغان ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە تۈزۈكرەك مەبلەغ سالغۇسى يوقتەك قىلاتتى.
مىنىڭ Aشەھىرىگە كەلگەنلىكىمگە يېرىم يىل بولدى، مەن ھازىرغىچە لىن فاڭ ئىشلەيدىغان رەڭلىك ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق شەكىل چۈشۈرۈش ئاپپاراتى بۆلۈمىگە كىرىپ باقمىغان ئىدىم،مەن بۇ يەردىكى رەڭلىك ئۇلتىرا ئاراز دولقۇنلۇق شەكىل چۈشۈرۈش ئاپپاراتىنى ئەسلى ئورنۇمدىكى ئاپپارات بىلەن ئوخشاش دەپ قارايتتىم. ھازىر مەن ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشكە ماقۇل بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ رەڭلىكى ئۇلتىرە ئاۋاز  دولقۇنلۇق شەكىل چۈشۈرۈش ئاپپاراتىغا تاينىپ دىئاگىنۇز قويۇشقا توغرا كىلەتتى. شۇڭا بۇ بىردىنبىر ئۈسكۈنىنى چۈشىنىشىم كىرەك ئىدى. بىراق، بۈگۈن كىرىپ كۆرۈپ باقسام، ئۇ ئەسلىدە كۆرۈنۈشكلا تىزىپ قويۇلغان مال ئىكەن. بۇ شەكىل چۈشۈرۈش ئاپپاراتى ھەرىكەتلەندۈرۈلۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ قوراشتۇرۇلغانلىقى بىلىنىپ قالاتتى، ئەمما، تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى پەرقى ناھايىتى ئاز ئىدى، ئىكراندىنمۇ بەزى تەسۋىرلەرنى كۆرگىلى بولاتتى، ئەمما ئەمىليەتتە ھېچنىمىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايتى.

داۋامى بار............................

-سىز ئېنىق كۆرەلەمسىز؟-دەپ سورىدىم لىن فاڭدىن.
-ئۈچ ئۈلۈشنى كۆرەلەيمەن، يەتتە ئۈلۈشنى قىياس قىلىمەن!-دېدى لىن فاڭ بۇرنىنى پۈرۈشتۈرۈپ،-ئېنىق كۆرۈش-كۆرمەسلىكنىڭ ئانچە پەرقى يوق، بەرىبىر بۇنىڭدىن پايدىلىىدىغانلا گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىز بۇنىڭدىن ئاساسلىنىپ دورا يازمايسىز-دە
مەن خې مودىرنى چاقىردىم،خې مودىر رەھبەر بولغاچقا، خەۋپ-خەتەر ئالدىدا تەمتىرەپ كەتمىدى. ئۇ شەكىل چۈشۈرۈش ئاپپاراتىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىر نەچچە تۇراقلىق تەسۋىرنى چىقاردى، بۇلاردا ئاشقازان، ئۆت،بۆرەك، بوغماق ئۈچەيلەرنىڭ تەسۋىرى بار ئىدى.
-مۇشۇ بىر نەچچە تەسۋىرلا كۇپايە قىلىدۇ،-دېدى ئۇ ماڭا،- سىز لىن فاڭغا يۇقىرقى تەسۋىرلەر توغرىسىدا بىر نۇسخا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى دوكىلاتى يېزىپ بېرسىز. بۇ دوكلاتتا ئاشقازان ياللۇغى،تېيىز سىرتقى يۇز خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى، شەلۋەرەش خارەكتېرلىق ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى،12 بارما ئۈچەي شارچە يارىسى، ئۇلارنىڭ ئورنى،بەلگىسى، قويۇلغان دىئاگنۇز؛دەسلەپكى، ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىللەردىكى جىگەر قېتىش؛ ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆتكە چۈشكەن تاش، بۆرەككە چۈشكەن تاشنىڭ ئورنى، ھەجىمى، قويۇلغان دىئاگنۇز يېزىلىدۇ.
خې مودىرنىڭ مەقسىتى ماڭا ئايان ئىدى،ئەمما، مەن خې مۇدىرغا نەسىھەت قىلغىلى تۇردۇم:
-مېنىڭچە،ئۆتكە، بۆرەككە چۈشكەن تاش توغرىسىدىكى دوكلاتنى يازمىساق، بۇ بەك ئوبيېكتىپ ئەھۋال، كلىنىكىلىق تەجرىبىگە ئاساسلىنىپلا، بىمار بەدىنىدىكى چۈشكەن تاشنىڭ ئورنى، ھەجىمىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ بۆلۈمىمىز تاش چۈشۈش بۆلۈمى ئەمەس، بەلكى ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بىزدە چۈشكەن تاشنى داۋالايدىغان دورا يۇق.
خې مۇدىر ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇ چېنىپ قېلىشتىن قورقتى بولغاي، يېرىم ئىشەنگەن، يېرىم چۆچۈتكەن ئاھاڭدا:
-ئەمسە بۇ ئىش سىزگە باغلىق بولۇپ قالدى، بىرەر چاتاق چىقىپ قالسا، سىزنى خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىمەن!-دىدى.
ۋاڭ خوجايىن كىرگۈزگەن دورىلار كىلىپ بولدى، باھاسىمۇ بېكىتىلىپ بولدى.مەن ۋاڭ خوجايىننىڭ باھا تىزىملىكىگە قارىغىنىمدا دىلىم بىردىنلا يورۇپ كەتتى.ۋاڭ خوجايىننىڭ دورا بىرىكمىسىدە بىر داۋالاش كۇرسى دەل1500يۇەن ئىدى.بۇ،Aشەھىرىدىكى پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى باھاسىغا ئۇيغۇن كىلەتتى.بىمارلار كېسىلىنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن، ناۋادا بۇ بۆلۈمنىڭ دورا ھەققىنى قىممەت كۆرسە، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرگە ئىككىنجى كەلمەيتتى.شۇڭا ھەرخىل كېسەللەردىن ئېلىندىغان ھەق<<ئۆلچىمى>>گە ئاڭلىق ئەمەل قىلىشقا توغرا كىلەتتى. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، ئون نەچچە يىلدىن بىرى مۇنداق<<كەسىپ نىزامنامىسى>>خەلىق ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش ئىستېمال ساۋاتىنى يېتىلدۈرگەنىدى: زۇكامنى داۋالاشقا 100يۈەن ئەتراپىدا، ئاشقازان -ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا1500يۈەن، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا2000يۈەندىن ئارتۇق،جىنسىي كېسەلنى داۋالاشقا3000يۈەندىن ئارتۇق پۇل..... كېتىدۇ.
ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تىجارىتىنىڭ ئون نەچچە يىللىق كلىنىكا تەجرىبىسىگە ئىگە ماڭا باغلىق ئىكەنلىكى ۋاڭ خوجايىنغىمۇ باغلىق ئىدى، شۇڭا بېكىتىلگەن ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچ ھەقىقەتەن ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى.40مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە،50مىڭ يۈەن دەيلى، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى پەقەت 1600يۈەن بولاتتى، دىمەك، كۈنىگە بىر بىمار توزاققا چۈشسىلا كۇپايە قىلاتتى. ۋاڭ خوجايىن دورا بىرىكمىسىنىڭ باھاسىنى جەزمەن مۇشۇنداق بېكىتكەنىدى.
مېنىڭ ئاشقازان -ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئىشىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشىمدىكى سەۋەب دورا ھەققىدىن ئايرىپ بېرىلىدىغان پىرسەنىتكە كۆپرەك ئېرىشمەكچى بولغانلىقىمدىن سىرت، مېنىڭچە مۇنداقمۇ شەخسى مەنپەئەت بار ئىدى. ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ دائىرسى كەڭ بولغاچقا، مەن بىمارلارنى گۇڭ سەن،جاۋ يۇڭگېنلار بىلەن ئالماشتۇرالايتتىم.
ليۇ شيەنگاڭ، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى،جۇڭگو ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەنگىلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتتىكى پروفېسسورى. ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى ئۈستىدە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا20يىلدىن ئاشتى،<<ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلى>>،<<جۇڭگو تېبابىتىدە ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات>> قاتارلىق مەخسۇس ئەسەرلىرى بار، تەتقىقات نەتىجىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بويىچە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ ھەرخىل ئاستا خارەكتېرىلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئۆتكۈر ۋە ئاستا خارەكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى، قوبۇل قىلىش ۋە ھەزىم قىلىش ۋە ياخشى بولماسلىق ئۇنىۋېرسال كېسىلىنى داۋالاشقا ماھىر.
تېلېۋىزىيە ئېلانى بېرىلدى، گېزىتلەردىكى ئېلانلارمۇ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا بېسىلدى.ۋاڭ خوجايىن ھېلىقى كۈنى سۈرىتىمنى بېرىشىمنى تەلەپ قىلغىنىدا، بەرگىلى زادىلا ئۇنىماي تۇرىۋالدىم. ئوقۇتقۇچىلىرىم، ساۋاقداشلىرىم، دوسلىرىم بۇ لاپلىرىمنى ئاڭلىسا ۋە ئوقۇسا، كۈلىۋېرىپ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتمەمدۇ! ئىسىم-فامىلىسىلا بولۇپ، سۈرىتى بولمىسا، ئۇلار ئېھتىمال ئىسىم-فامىلىسى ئوخشايدىغان بولسا كىرەك، دەپ ئويلىشى مۇمكىن.
ئېلان بېرىلگەندىن كېيىن، بىمارلار كېلىشكە باشلىدى، ئەمدى مەن نەگە يوشۇرۇنالايتتىم؟ بۇ دېگەن خوجايىنلار ئۆزلىرى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان دوختۇرلارغا تاقابىل تۇرىدىغان جان ئالغۇچى زىخچە بولۇپ، مۇشۇنداق قىلماي ئىلاجىڭىز يوق ئىدى.
داۋامى بار............................
مەن قاراقچىلار كېمىسىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن كلىنېكا تەجرىبەمگە ئاساسەن، ھەرخىل ئاشقازان ياللۇغلىرى، يارىلىرى، ھەتتا ئېغىر ئۆسمىلەرگە دىئاگىنوز قويۇشقا باشلىدىم. مەن قىلىۋاتقان بۇ ئېشمدىن ئەنسىرمەي تۇرالمايىتتىم، ناۋادا بىمارنىڭ ئەھۋالى زادى قانداق ئىكەنلىكىگە تىشىدىن قاراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولسا، دوختۇرلار ئاشقازان ئەينىكى، ئۈچەي ئەينىكى، رىنتىگىن نۇرى بارى بوتقىسىنى ئىشلىتىپ نېمە ئېش قىلىدۇ ؟مېنىڭ ئامىتىم كىلىپ، كېسەل ئەھۋالىغا دىئاگىنوز قويالىغان تەقدىردىمۇ، دورا بىرىشتە قانداق قىلىمەن؟ ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئۆزىلا غەرىپ تىبابىتىدە ئون نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ، جۇڭگو تىبابىتىدە سوغۇق، ئىسسىق، مەۋھۇم، ئەينەن دېگەندەك نەچچە ئون خىلغا بۆلۈنىدۇ. خې مۇدىر ئەسلىدە مىنىڭ ئازراق جۇڭگو تىبابىتى دورىسى يىزىپ بىرىپ بىمارنى تۇتۇپ تۇرىشىمغا قوشۇلغان ئىدى، ئەمما نىمەسەۋەپتىندۇر ، ئۇ يەنە ماڭا بىر مەلۇماتنامە يەتكۇزدى. ۋاڭ خوجايىن مېنىڭ جوڭگو تېبابەت دورىسى يىزىشىمنى مەنئىي قىلىپ رەسمىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ: <<سىزنىڭ بىمارلارغا سىرىتتىن جوڭگۇ تېبابىتى دورىلرىنى ئالغۇزۇشتىكى مەخسىتىڭىز نېمە؟ ئۇلار بىزنىڭ دورىلىرىمىزنى كۆپرەك سىتىۋالسا، سىزگە ئايرىپ بىرىدىغان پىرسەنىت كۆپەيمەمدۇ؟>>
مەن خې مۇدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئاشقازان ياللۇغى، تېيىز سىرىتقى يۇز خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى، شەلۋەرەش خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، 12بارماق ئۈچەي شارچە يارىسىنىڭ ئورنى، بەلگىسى قويۇلغان دىئاگۇنۇز توغۇرسىدىكى <<رەڭلىك ئولتىر ئاۋاز دولقۇنلۇق شەكىل چۇشۇرۇش ئاپراتى دوكىلات قەغىزى>>نى يىزىپ چىقىپ ، لىن فاڭنىڭ يادىلىشىغا بەردىم.
ئاندىن كىيىن بىز خې مۇدىرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆزئارا ماسلىشىپ ئىشقا كىرىشتۇق. بىزنىڭ پۇل تېپىش تەرتىۋىمىز مۇنداق بەلگىلەنگەندى:
كېسەل كۆرسىتىش يىتەكچىسى خەن رۇيخۇڭ بىمارنى باشلاپ كىرىپ ، ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇر ئارقىلىق ماڭا ئىما _ ئىشارەت قىلىدۇ. مەن بىمارنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئاڭلاپ، سوراپ، تومورىنى تۇتۇپ، سىلاپ، ئۇۋۇلاپ كۆرىمەن. بىمارنىڭ بايانى ۋە ئاغرىغان ئورنى، ۋاختىغا، باشقا داۋالاش ئاپراتلىرىنىڭ قويغان دىئاگونىزىغا ئاساسەن، كۆڭلۈمدە ئاساسەن ئىدىتلىق سان پەيدا بولىدۇ _ دە، دىئاگۇنىز قويۇپ بولۇپ، لىن فاڭنى چاقىرىمەن. ناۋادا ئاستاخارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولسا مەن<<سەل تۇرۇپ يىغىن ئاچىمىز>>دەپ مەخپىي بەلگە بىرىمەن. ناۋادا ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەلۋەرەش خارەكتىردىكى ئاشقازان ياللۇغى بولسا<<چۇشتە تاماق ئالغاندا ئىككى قورۇما ئالىمەن >> دەيمەن.
ناۋادا ئاشقازان يارىسى بولسا ،<<ئەتە دەم ئالامدۇق ؟>>دەيمەن. ئۇنىڭ ھىلىقى شەكىل چۇشۇرۇش ئاپراتىدا جەمئىي سەككىز تەسۋىر بار، بۇ سەككىز ئېشارەت دىمەكتۇر.
داۋامى بار
لىن فاڭ بىمارنى شەكىل چۈشۈرۈش ئاپپاراتى بۆلۈمىگە باشلاپ كىرىپ، مۇغەمبەرلىك بىلەن بىمارنى كىسەل كۆرۈش كارۋىتىغا ياتقۇزىدۇ. بارىلىق مەشغۇلات مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردىكىگە ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ.20-30 مىنۇتلۇق مەشغۇلاتتىن كېيىن، لىن فاڭ بىمارلارغا مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ساقلاپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى  ئېيتىدۇ، ئاندىن كېيىن مەن يازغان<<تەكشۈرۈش دوكلاتى>>دىن تاللاپ، بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ ماڭا بېرىدۇ.
مەن لىن فاڭنىڭ ئاشقازان ئۈستىدىكى شەكىل چۈشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، بىمارغا جىددى تەرىزدە؛
-سىز داۋالىنىشقا بەك كېچىكىپ كەپسىز، ئاشقازىنىڭىز شەلۋەرەپ( ياكى يارا بولۇپ) كېتىپتۇ، يەنە كەينىگە سوزىسىڭىز تېشىلىپ( ياكى يامان تەرەپكە ئۆزگىرىپ ) كېتىدۇ،-دەيمەن. بىمار بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇشۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، قورقۇپ ھالى قالمايدۇ-دە، تىترەپ تۇرۇپ؛
-ليۇ پروفېسسور، سىزچە قانداق قىلساق بولار؟-دەپ سورايدۇ. بۇ چاغدا مەن بىرنىمىنى ئويلاۋاتقاندەك بولىمەن، ئەڭ ياخشىسى، بىر-ئىككى مىنۇت ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىشىم كېرەك، ئاندىن كيىن ئۇنىڭغا مىسىلداپ تۇرۇپ؛
-سىز تېزرەك ساقايماقچىمۇ ياكى ئاستاراق ساقايماقچىمۇ؟-دەيمەن.
-كېسەل دىگەننى ئاستا داۋالىسا بولامدۇ؟- بىمار خۇددى قاپقانغا چۈشپ قالغان چاشقاندەك بولوپ، چىرايى تامدەك تاتىرىپ، ئېڭىشكەن قىياپەتتە ماڭا(ليۇ دوكتۇرغا) خۇددى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزغۇچى بۇدساتۋاغا  قارىغاندەك قارايدۇ. بىمارنىڭ بىرچەتتە قاراپ تۇرىۋاتقان ئۇرۇق -تۇققانلىرىمۇ مېنى ئوبدان داۋالىماي قويارمىكىن،دەپ ئەندىشە قىلىپ، ئارىغا چۈشىدۇ. مەن شۇ چاغدا ئوچۇق-ئاشكارا قاراقچىلىق قىلىدىغان قاراقچى قىياپىتىگە كىرىمەن، ئەمما، ئۆزۈمنىڭ بېشىنىمۇ يۇرۇقلۇق چەمبىرى ئوراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھەمىشە ھېس قىلىپ تۇرىمەن!
داۋامى بار
قانداق دورا ئىشلىتىش داۋالاش لاھىيىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپلا قالماستىن، قانچىلىك پۇل شىلىۋېلىشتىكى يۇقىرى تېخنىكا بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. مەن بىمارنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالى توغرىسىدا سۇن ۋۇكۇڭنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزگە ئىگە بولغانىدىم، شۇڭا بىر قاراپلا قىلغان ھۆكۈمىم ئاساسەن توغرا چىقاتتى.A شەھىرىدىكى پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ئاساسەن، سىرتتىن كەلگەن بىر نەچچە مىلىيۇن ئىشلەمچىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى.گۈيجۇ،گۇاڭشى،جىياڭشى،خىنەن،ئەنخۇي،سىچۇان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بۇ يىزا پەرزەنىتلىرى،ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھۆكۈمەت پۇلىغا داۋالىنىشتىن بەھىرمەن بولالمايتتى،مۇكەممەل بولغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىدىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتى، شۇڭا ئۇلار بېشى ئاغرىپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالسىلا، دورا دۇكانلىرىغا بېرىپ زۇكام دورىلىرىنى سېتىۋالاتتى، ناۋادا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولۇپ قالسا، دوختۇرخانىغا بېرىشقا مەجبۇر بولاتتى. ئۇلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ نۆۋەت ساقلاشقا ۋاقتى يوق ئىدى، پۇقراۋى دوختۇرخانىلاردا بولسا، نومۇر ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئىشىكتىن كىرىپلا كېسىلىنى دەرھال كۆرسەتكىلى بولاتتى، بەزىدە تەكشۈرۈش، خىمىيىلىك تەكشۈرۈشكە ھەق ئېلىنمايتتى. دورا ھەققىنىڭ قىياسەن ئۆرىلىكى بىر-بىرىدىن ئانچە پەرقلنىپ كەتمەيتتى، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ دورا ھەققى پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنىڭكىدىن ھېچقانچە ئەرزان ئەمەس ئىدى. ۋاڭ خوجايىنغا ئوخشاش داۋالاشتىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىۋاتقان زېرەك ئادەملەر بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان ئىشلەمچىلەر بازارلىرىنى ئېچىشقا كىرىشتى. ئۇلار دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلار، ئامبۇلاتورىيىلەرگە بېرىپ، پۇل تاپقىلى بولىدىغان بۆلۈم-ئىشخانىلارنى ھۆددىگە ئالدى ھەمدە بۇلارنى ناھايىتى تەپسىلى بولغان مەخسۇس كېسەللەر بۆلۈملىرىگە ئايرىدى،تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق باشقۇرۇش تەس بولغان، پۇل تاپقىلى بولمايدىغان بۆلۈملەرنى بولسا، ھۆددىگە ئالمىدى.
ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىمىزنىڭ داۋالاش سۇبيېكتى ئىشلەمچىلەر بولغاچقا، باھايىمىز ئانچە ئۆرە ئەمەس ئىدى، بۇنىڭدا ئالدىراقسانلىق قىلغىلى بولمايتتى، بايلىق مەنبەسىنى ئاستا-ئاستا ئېچىشقا توغرا كىلەتتى، ئەمدى مېنىڭ ئۆتكۈر كۆزۈم تەرىپىدىن سېزىلىپ قالغان پۇلدارلار ياكى ئاق ياقىلىقلارغا كەلسەك، ئۇلار مېنىڭ داڭقىمنى ئاڭلاپ كېلىپ، ماڭا بىر مۇنچە خۇشامەت گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ، كۆڭلۈمنى ئېرىتەلمەيتتى، مەن ئۇلارغا باغرى تاشلىق قىلاتتىم.
مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر مەيلى ئىشلەمچىلەر بولسۇن ياكى پۇلدارلار بولسۇن، ئۇلارغا دورىلىرىمىزنى سەۋىرچانلىق بىلەن تونۇشتۇراتتىم، مەن بىمارلارنى يېقىن-يىراق،تۇققان-يات،مەرتىۋىلىك-مەرتىۋىسىز، باي-گاداي دەپ ئايرىماي، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، قۇرۇق قول قايتۇرمايتتىم، بۇ ئېتىمال مېنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتىم بولسا كېرەك،
ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مەنسۈپ بولغان كېسەللەرگە سېرفالوسپورا تىپىدىكى دورىلار ۋېنادىن ئون كۈن ماڭغۇزۇلاتتى. كۈنىگە بىر قىتىم سېلىنىدىغان مۇنداق ئوكۇلغا 136يۈەن ھەق ئېلىناتتى. مەن ئاندىن كېيىن بىمارغا بەدەن ساپاسىدىكى پەرىق چوڭ بولغاچقا، بېرىدىغان ئۈنۈمىمۇ، ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتاتتىم. مەن بىمارنىڭ تىلىفۇن نومۇرىنى ئېلىپ قالاتتىم ۋە تىلىفۇن نومۇرۇمنى ئۇلارغا دەپ بىرەتتىم-دە، ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق. بۇ، شەرقىي شىماللىق يۇرتداشلارنىڭ كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە بىر-بىرىمىزگە بىمار تونۇشتۇرشىمىزغا قولايلىق يارىتىپ بېرەتتى. بىمارلار مېبىڭ مۇشۇنداق قىزغىن مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى كۆرۈپ، << بىر ياخشى مۇتەخەسسكە يولۇقۇپ قاپتىمىز>> دەپ قالاتتى.
كېسەل داۋالىتىشقا ئازراق پۇل خەجلەش ھېچ گەپ ئەمەس، ئون كۈن سېلىنىدىغان ئوكۇلغا1360يۈەن خەجلەش سەل قىممەت ھېسابلىناتتى،خالاس؛ ئېغىر يېرى شۇكى، بىمار بۇنچىۋالا كۆپ ئانتىبىئوتىكنى ۋېنادىن ماڭغۇزۇشقا مۇتلەق مۇھتاج بولمىغان ئەھۋالدا دورىنى كۆپلەپ ئىشلەتسە، بۇ بىمارغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە، باكتېرىيىلەر توپىمۇ تاناسىپسىزلىنش، جىگەرنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىش، زىيادە سېزىم، زەھەرلىنىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنى بىلىش كىرەككى، ئانتىبىئوتىكلار زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قوشۇمچە رولى ناھايىتى زور بولىدۇ، ياۋرۇپا، ئامىرىكا ئەللىرىدە ئانتىبىئوتىكلارنى سېتىۋېلىشتا قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ھالبۇكى، بىز قىلچە چەكلىمىگە ئۇچرىماي، بولۇشىغا ئىشلىتىۋېرىمىز.
_ بىزنىڭ دورىلىرىمىز _ ئالاھىدە شىپابولىدىغان ھەرخىل جۇڭگو تىبابىتى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا چەككىلەش ئارقىلىق ئاقىلىق ياسالغان ساپ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئۇنىڭدا جۇڭگو تىبابىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي تىببىي ئىلمىي نەزەريىسى تەققىق قىلىنىپ كىسەللىك ئالامەتلىرى تولۇق كۆزىتىلىپ توغرا دىئاگىنوز قويۇلغاندىن كىيىن كېسەل داۋالىنىدۇ،كېسەل داۋالاشتا تەكتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ،
جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئاشقازان _ ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈنۈمى گەۋدىلەندۈرۇلىدۇ،   غەرىپ تېبابىتى دورىلىرىنىڭ داۋالاش كۇرىسى ئېچىپ كۆرۈپ بىقىڭ بەلكىم ياخشى بولۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن .
مەن بەزى ئاشقازان _ ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرىغا ئوخشاش قانداقتۇر <<ئاشقازان _ ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى تەكشۇرگەندە <پۈۋلەش >تىن ئېبارەت يۇقىرى ،يىڭى تېخنىكىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئېچكى ئەزالارغا نەيچە كىرگۇزمەي تۇرۇپلا كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ۋە ۋالىتىنى دەل تەكشۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ ،تەكشۇرۇش تىز ۋە ئومومىيۇزلىك بولىدۇ ،تەكشۇرۇش جەريانىدا بىمار نۇرغۇن چىدىغۇسىز ئازاپلاردىن خالى بولالايدۇ >> دىگەن گەپلەر ئارقىلىق خەقنى ئەخمەق قىلىش قا پىتى نال مايىتتىم ، نۇرغۇن بىمارلار مۇنداق ياىشى ئىشنىڭ بارئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيىتتى ،بۇنىڭ ئەكسىچە ،جۇڭگو تېبابىتى تەييار دورىلىرى توغۇرسىدىكى تونۇشتۇرۇشىمغا ئىشىنىپ ،بۇنىڭدا ھەقىقەتنى ئەمەليەتتىن ئىزاەش كىرەك ،دەپ قارايىتتى . مەنمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشقازان _ ئۈچەي كېسەللىكلىرى توغۇرسىدىكى باشقا خېلمۇ _ خېل ئىلانلارنى ۋە تۇرلۈك ۋەدىلەرنى قاتتىق سۆكەتتىم ، بىمارلارنى ۋىزداننى يوقاتقان ھىلىقى لاپ ئۇرغۇچىلارنىڭ ئازدۇرىشىغا ئىشەنمەسلىككە ياخشى كۆڭلۈم بىلەن دەۋەت قىلاتتىم ۋە ئۇلارغا ھازىر دۇنيا ئۇنداق ئالدىنقى قاتاردىكى تىخنىكا تىخى بارلىققا كەلمىگەنلىكىنى كەلگەن بولسا جۇڭگو ئاشقازان _ ئۇچەي كېسەللىكلىرى تەتقىقاد مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان مەن بۇنىڭدىن خەۋەردار بولمايقالمايدىغانلىقىمنى ئىيتاتتىم.

مۇنداق بىر خىل بىمارلار ھەممىدىن بەك زىيان تارتىدۇ، ئۇلار خىزمەت بېسىمى زور بولغانلىقى، غىزانى ھەددىدىن زىيادە ئالدىراپ يىگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن قورسىقىنى تۇتقان پىتى كۆرۈنگىلى كېلىدۇ. بۇ چاغدا بىر نەچچە خىل جۇڭگو تېبابىتى دورىسى ئارقىلىق كۈتۈلسىلا، چاتاق چىقمايدۇ، مەنمۇ ئىلگىرى ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلىپ، ئۇلار ئىچىۋاتقان سۇيۇق-سەلەڭ غىزالاردىن بىر نىمە سۈزۈۋېلىش ئويىدا بولۇشتىن يالتايغانىدىم، ئەمما،ئەمما ۋاڭ خوجايىن خى مۇدىرغا مەن يازغان ھەربىر رېستېپنى كۆزدىن كەچۈرگەندىلا ۋەزىپىنى ئادا قىلغان ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تاپىلىغان بولغاچقا، مەن ئىلاجىسىز قىلىپ، بىمارنىڭ يانچۇقىدا قالغان ئانچىكىم پۇلنىمۇ شىلىۋېلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ يامان ئادەم،بۇزۇق ئادەم، قەبىھ ئادەم ئىكەنلىكىمنى ئېتراپ قىلماسلىققا پىتىنالمايمەن، ئەمما، ئادەم تەبىئىتىدە ساپ ياخشىلىق بولمايدۇ، ساپ يامانلىقمۇ بولمايدۇ، يامان ئادەمدىمۇ ياخشى نىيەت بولىدۇ، بۇزۇق ئادەمدىمۇ خەيرىخاھلىق بولىدۇ، قەبىھ ئادەمدىمۇ بىر چاغلاردا ئالىيجاناپلاردىن بولۇش ئويى بولغان بولىدۇ. مەن بىر ئېغىز گىپى ئون گۆھەرگە تېتىيدىغان كاتتا ئەربابنىڭ داۋالاش ساھەسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە ئايلىنىش قائىدىسىنى، دوختۇرلارنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە تۈزۈلمىدىكى يېتىشسىزلىكلەرنى ئىگلىگىلى كېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى داۋالاشز ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەركىتىنى بىر مىزان ۋە قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن، ئەمما،بۇ ئارزۇدىنلا ئىبارەت.
مېنىڭ ياخشى كۆڭلۈم ۋە خەيرىخاھلىقىمنى تېز ئارىدىلا كەلكۈن بېسىپ كەتتى. خوتۇنۇم ئۆي سېتىۋالماقچى،ئوغلۇم ئاق سۆڭەكلەر مەكتىپىدە ئوقۇماقچى.
- سىلەرنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پېنسىيىگە چىقتى-دېدى خوتۇنۇم تىلفۇندا،- ئۇ بىر پۇقراۋى داۋالاش ئورنىدا تەكلىپ بويىچە ئىشلەۋاتىدۇ.ئېيىغا2000 يۇەن  مائاش ئالىدىكەن، ئايرىپ بېرىلىدىغان پىرسەنىت يوق ئىكەن. سىز ئىشلەۋاتقان خىزمەتتىن كىرىدىغان كىرىمنىڭ يۇقىرلىقى ئاز كۆرۈلىدۇ، شۇڭا قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن،رەھبەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىڭىز كېرەك، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ھەممىدىن مەھرۇم بولىسىز.
مەن بۇنى ئەلۋەتتە چۈشىنىمەن جېنىمدىن ئايرىلىپ قالسام بولىدۇكى،خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ، شۇڭا ھەممىدىن بۇرۇن رەھبەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى ياخشلىشىم كېرەك. شۇغىنىسى مېنىڭ ئىككى خوجايىنىم بار، ھەر ئىككلىسىنى رەنجىتمەسلىك تەسكە توختايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە
بارغانسىرى قېيىن بولىدۇ. مەن خۇددى نېپىز قاتقان مۇز ئۈستىدە كېتىۋاتقاندەك ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلدىم، ئەمما،نېمىدىن ئەنسىرسىڭىز شۇ ئىش يۈز بېرىدىكەن.
خې مۇدىرنىڭ ماڭا دېيىشىچە،لىن فاڭنىڭ يىگىتى پىكاپنى ھەيدەپ يۇرتىغا بارماقچى ئىكەن، ئۇ يېڭى تونۇشقان يىگىتى بىلەن بىللە پىكاپقا ئولتۇرۇپ بىر نەچچە كۈن ئايلىنىپ كەلمەكچى بوپتۇ. مەن ئاغزىمنىڭ ئۇچىغىلا كېلىپ قالغان<<ناۋادا>>دېگەن سۆزنى ئىچىمگە يۇتىۋەتتىم. ئۇ دېگەن رەھبەر تۇرسا مەن نىمىمۇ دېيەلەيتتىم؟
-ياخشى بولۇپتۇ،بېرىپ ئارام ئېلىپ كېلىڭلار،-دېدىم مەن نائىلاج،- ھەممەيلەن ئاغزىمىزغا چىڭ بولساق، سىلەر جىممدە كېتىپ كۆڭلۈڭلارنى بىر نەچچە كۈن خوش قىلىپ كەلسەڭلار ھېچنىمە بولماس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، لىن فاڭنىڭ<<شەكىل چۈشۈرۈش تېخنىكىسى>>نى خەن رۈيمۇ ئۈگىنىۋالدى، ئۇ لىن فاڭنىڭ ئورنىدا ئىشلەپ تۇرسا بولىدۇ.
رەھبەر بۇ گىپىمدىن بەكمۇ خۇش بولۇپ كەتتى-دە، ماڭا دەرھال يېقىنچىلىق قىلغىلى تۇردى.
-ليۇ دوختۇر،-دېدى ئۇ مۇرەمگە قېقىپ قويۇپ،- سىز بەك ياخشى ئادەم جۇمۇ،سىز 100ياش ئۆمۈر كۆرىسىز، ھەممە ئىش سىزگە قالدى.ناۋادا ۋاڭ خوجايىندىن تىلىفۇن كېلىپ قالسا،يېقىندىن بىرى مىجەزىم يوق بولۇپ قېلىپ، ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر كۈنلۈك ساياھەتكە  چىقىپ كەتكەنلىكىمنى دەپ قويارسىز.
خې مودىر كېتىپ تۆت كۈنگىچە قارىسى كۆرۈنمىدى.
ئۇ كېتىپ 2-كۈنى كەچتە ۋاڭ خوجايىندىن تىلىفۇن كەلدى:
-لىيۇ دوختۇر،خې دۇڭ قايتىپ كەلدىمۇ؟- دەپ سورىدى ئۇ توغرىدىن توغرا.
-ھە،تېخى كەلمىدى،- دېدىم مەن،- ۋاڭ خوجايىننىڭ قانداق تاپشۇرۇقى باركىن؟
-ئۇلار كەتسە دېدى ۋاڭ خوجايىن دەرغەزەپ بولۇپ كايىپ،- سىز نېمىشقا توسمىدىڭىز؟ سىز دېگەن نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟
ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى، ئەمما، ئەقلىمنى يوقىتىپ قويمىغان ئىدىم.
-ۋاڭ خوجايىن،- دېدىم مەن،- بۆلۈمىمىزنىڭ خىزمىتىگە ئىزچىل تۈردە خې مۇدىر مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتىدىغۇ، مەن دېگەن ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئادەم تۇرسام، ئۇنى توسىدىغان ھوقوقۇم يوقتە!
ۋاڭ خوجايىننىڭ ئاچچىقى بېسىلمىغانىدى.
-سىز نېمىشقا ماڭا دوكىلات قىلمىدىڭىز؟-دەپ سورىدى ئۇ يەنە.ۋاڭ خوجايىننىڭ ئاچچىقىنى مەندىن چىقىرىۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى.
-كەچۈرۈڭ،كەچۈرۈڭ،- دېدىم كەينى-كەينىدىن،- خې مۇدىر مىجەزىنىڭ يوقلۇقىنى، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ كەلمەكچى بولۇپ سىرىتقا چىقىپ كېلىدىغانلىقىنىلا دېدى، مەن بۇنى قائىدە-يوسۇنغا سىغىدىغان ئىش دەپ قاراپ ، باشقا گەپ قىلماپتىمەن.
ۋاڭ خوجايىن ئاخىرى ماڭا گۇناھ ئارتتى:
-لىيۇ دوختۇر، مەن سىزدىن بەكمۇ نارازى بولدۇم!
ئۈستىۋېشىمنى سوغۇق تەر بېسىپ كەتتى.كاللامغا<<ئەمدى ئىش ئورنۇمدىن قالدۇرۇلدىغان بولدۇم>> دېگەن خىيال كەلدى.<<بۇ ئىشنى ۋاڭ خوجايىنغا كىم مەلۇم قىلغاندۇ؟ بۇ، ئەلۋەتتە،خې مۇدىر ئەمەس،لىن فاڭ تېخىمۇ ئەمەس، خەن رۇيخۇڭمىدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇ ئەمەس، بۇ قىزچاق جېنىدىن تويغانمىدۇ؟ ئەمسە باشقا بۆلۈمدىكى مەلۇم بىر ئادەم ۋاڭ خوجايىننىڭ يوشۇرۇن كۆز قۇلىقىمىدۇ؟ بىزنىڭ ھەربىر ئىش- ھەرىكىتىمىز ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقانمىدۇ؟>> ئىچ-ئىچىمدىن ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئولاشتى.

    8.بىر جاننى خۇپىيانە قۇتقۇزۇپ قالدىم
لاڭخۇ ئامبۇلاتورىيىسىدە بىمارلار ئامىتىگە تايىنىدۇ، ئۇلار ياخشى دوختۇرغا يولۇقۇپ قالسا، بۇ دوختۇرنىڭ مېھر-شەپقەت قىلشقا پېتىنىشى ناتايىن، يامان دوختۇرغا يولۇقۇپ قالسا، ئېھتىمال، ئۇ مېھىر-شەپقەت قىلىشى مۇمكىن.بەزىدە بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قىلشتا خۇپىيانە ئىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئامبۇلاتورىيىنىڭ خوجايىنى ئالماشقاندىن كېيىن،جىگەر كېسىلى،ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى تۆت ئادەم ئىككى گورۇھقا  بۆلۈندۇق.بۇلاردىن سىرىت، يەنە جاسۇسمۇ بار ئىدى، بۇلار ھوقۇق ۋە پۇلنى كۆزلەپ ئىشلەيتتى لېكىن ئادەمنىڭ جېنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرۈپ باققان ئەمەس ئىدى.
خې مۇدىر بىلەن لىن فاڭ شادلىققا چۆمۈپ قايتىپ كەلدى، چوڭ بالا-قازانىڭ بېشىغا چۈشىدىغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى. خې مۇدىرنىڭ پەن-تېخنىكا باغچا رايۇنىدىكىITسەرخىلى زېڭ جيەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلدى.خې دۇڭ تەرىپىدىن<<بىليارت شاھى>>دەپ ئاتالغان بۇ زېڭ جيەن سالاپەتلىك ۋە سىپايە ئادەم بولۇپ،ساھىپجامال خې دۇڭغا بەكمۇ ماس كىلەتتى.خې دۇڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،زېڭ جيەن جىياڭشىلىق بولۇپ،ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغانىكەن،ئېيىغا 8000يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدىكەن، ئۆيى ۋە پىكاپى بر ئىكەن.
خې دۇڭنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى، ئۇ بىر تالاي ئۇششاق-تۈششەك ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرىنى ئالغاچ كەلگەنىدى، ئۇ قۇلۇلە قېپىدىن ئىشلەنگەن ئاچقۇچ ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان بىر ھالقىنى ماڭا تەقدىم قىلدى.
مەنبە: <<ئەدەبىي تەرجىمىلەر>> ژورنىلى
داۋامى بار




[Birzat بۇنى 2010-07-07 10:51 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاپتۇرى شى جى،ليۇ شيەنگاڭ غوجا ئەخمەت يۇنۇس تەرجىمىسى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماassadulla[2010-06-22 09:24 PM | del]
بەك ياخشى بوپتۇ. بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز كىسىلىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ياخشى داۋالىيالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان بوپتۇ.
回复قايتۇرمائويچان[2010-06-20 11:41 PM | del]
بىر ئوقۇشقا تىگىشلىك ئەدەبى خاتىرە بۇ ، مەن پەقەت مۇشۇ خاتىرە ئۈچۈنلا بىر يىل ئىز قوغلاپ بۇ ژورنالنى ئوقۇغان.
回复قايتۇرماxahzada[2010-06-17 02:10 PM | del]
ھەي  توۋا  ماۋۇنى كۇرۇڭ ئەمدى
回复قايتۇرماaltunistakan[2010-06-17 01:02 PM | del]
بەزى بىر دوختۇرلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئىچىپ تىتىۋەتكەن ئاجايىپ خاتىرە جۇما بۇ. داۋالاش ئىلانلىرى قۇمدەك بولاپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە داۋالانغۇچى بىمارلارنىڭ كۆزىنى ئىچىۋېتىدۇ. ھەممىنى تەپسىلىي ئوقۇپ بولالمىغان ئىدىم. 80خالتا بلوگىدا تولۇق ئىلان قىلىنسىكەن.
回复قايتۇرماqayan590[2010-06-17 12:17 AM | del]
داۋامى يەنە بارمۇ كۆرۈشكە ئىنتىزار بولىۋاتىمەن.
ئەمما قەلبىمدىكى پەرىشتىنىڭ ئوبرازى سۇسلىشىپ كىتىۋاتىدۇ.





Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-18 04:34 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
داۋامى خىلىغىچە تۈگۈمەيدۇ بۇ ئەسەرنىڭ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.