جىنسىي ھېسيات مەسىلىسىدە كىلىشەلمەي قالغاندا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش


ئەر-خوتۇن جىنسىي ھېسيات مەسىلىسىدە كىلىشەلمەي قالغاندا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟
مەن توي قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، لېكىن يولدىشىم بىلەن ھىسيات جەھەتتە كىلىشەلمەي ئاجراشماقچى بۇلۇپ تۇرۋاتىمىز، مىنىڭچە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يولدىشىمدا دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مەسلىھەت سوراپ بۇ ئويۇمنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىلىپ باقاي دىگەن.
بىز توي قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىرگە بۇلۇش ۋاقتىمىز شۇنداق قىسقا ھەتتا ئىككى مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ، يەنە دائىم مەندە ھىسيات قوزغۇلۇپ بولغۇچە يولدىشىم ئىشنى باشلاپ مىنى بەك بىئارامسىزلاندۇرۇپ قۇيىدۇ. مەن توي قىلىپ ئەزەلدىن بۇ ئىشنى مەنىلىك ھىس قىلىپ باقمىدىم. ئەكسىچە باغانسىرى بۇ ئىشتىن سەسكىنىدىغان بوپ قالدىم، نۇرغۇن توي قىلغان ئۆزەم دىمەتلىك دوستىلىرىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىسام ئۇلار بىلەن ئۆزەمنى ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنىدىغاندەك ھىس قىلىمەن. بۇ زادى مەندىكى پىسخىك ئاجىزلىقمۇ ياكى يولدىشىمدىكى ئەرلىك ئاجىزلىقمۇ؟ بۇنى 80خالتا تور بېتىدىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۈرۈش ئارقىلىق بۇنى ئەرلەردىكى مەنىي بالدۇر كىتىش كىسىلىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئۇنۇڭغا بۇ ئەھۋالنى ئىيتتىم بۇ ئۇققاندىن كىيىن ئۇمۇ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە ئالتە ئاي ئەتراپىدا داۋالاندى، بۇ ئالتە ئاي جەريانىدا بىزمۇ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتتۇق. لېكىن مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش. داۋاملىق قىلىدىغاننى قىلىپ پۇشۇلداپ ئۇخلىغىنى ئۇخلىغان ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يۇقۇردا ئېيتىقىنىمدەك ئۇنىڭدىن بىزار بۇلۇپ بىللە يېتىشنى خالىمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. ھازىرغىچە ئەر-ئايال ئىككىمىز ئورۇن ئايرىپ يېتىۋاتقىلى 7-8ئاي بوپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇمۇ تەشەببۇسكار بولمىدى. ئاخىرى بېرىپ بىز ئاجىرىشىپ كىتىش باسقۇچىغا بېرىپ قالدۇق. لېكىن مەن بۇنداقلا بەل قۇيۋېتىشنى خالىماي ئۇنى يەنە داۋالىنىشىنى ئويلاپ قالدىم. مەسىلىھەت بەرسىڭىز :
يولدىشىمكى بۇ ئەھۋال كىسەللىككە كىرەمدۇ؟ ئەگەر كىسەللىك بولسا قانداق ئۇسۇلدا داۋالانسا ياخشى بولار؟ مەن قانداق ماسلىشىشىم كىرەك؟
سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يۇقۇردا ئوتتۇرغا قويغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا مەسىلىنىڭ ماھىيتى سىزدىكى پىسخىك ئاجىزلىق مەسىلىى بولماستىن بەلكىم يولدىشىڭىزدىكى مەسىلە بولغان بولىدۇ.
ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنىڭ مۇستەھكەم يېلتىز تارتىپ بىر ئۆمۈر بىرگە ياشاش شارائىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەر-خوتۇنلار جىسنىي تۇرمۇشتا ئورتاق ھېسيات ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىدىن قانائەتلىنىپ رازىمەنلىك، بەخىت تۇيغۇسىدا بولۇش ئىنتايىن موھىم بولغان بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر يولدىشىڭىزدا جىسمانىي جەھەتتىن كېسەللىك، ئاجىزلىق بولغىنىدا ئىدى 6 ئاي سىستېمىلىق داۋالىنىش جەريانىدا ئەسلىدىكى ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان بولاتتى. (ئەگەر دوختۇرنىڭ كېسەللىككە دىئاگنۇس قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسسۇلى توغرا بولغان بولسا) مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يولدىشىڭىزدا جىنسىيەتكە نىسبەتەن بەزى بىر پىسخىك توسالغۇلار ساقلانغان ۋە ياكى ئەر-خوتۇنچىلىق جىنسىيەت بىلىملىرى ھەققىدە ساۋادى كەمچىل، ئەزەلدىن سىزنى ھەم سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزنى چۈشۈنۈپ بېقىش ئىستىكىدە بولۇپ باقمىغان بولۇشىمۇ مومكىن. ئۇندىن باشقا دوستلىرىڭىزنىڭ ئائىلىۋى ئەر-خوتۇنچىلىق ھەققىدىكى پاراڭلىرى زىيادە مۇبالىغا قىلىنغان كۆپتۈرۈپ ئېيتىلغان سۆزلەر بولۇپ سىزگە نىسبەتەن پىسخىك بىسىملارنى ئىلىپ كەلگەن بولىشىمۇ مومكىن. نېمىلا بولمىسۇن بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلى بىلىش، ئەتراپلىق يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن يولدىشىڭىز بىلەن پاراڭلىشىشقا، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ. قايسى خىل ئۇسۇلدا داۋالانسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى شۇ چاغدا ئوبدان بىلگىلى بولىدۇ.
سىزنىڭ مۇشۇ ئۇچۇرنى يوللاپ بىزدىن مەسلەھەت ئالغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىدىنلا يولدىشىڭىزغا نىسبەتەن قوزغالغان بىزارلىقنىڭ تېخى ئاجرىشىش باسقۇچىغا يېتىپ بارمىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. لىكىن مەسىلە يەنىلا ھەل بولماي مۇشۇ ئىزىدا كېتىۋەرسە نىكاھىڭلارنىڭ ئاخىرلىشىپ قىلىشى مۇقەررەر.
سىزنىڭ يولدىشىڭىزغا ماسلىشىپ، قىلىپ بىرەلەيدىغان ئىشىڭىز - ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۆپرەك چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىش، يولدىشىڭىز ھەم ئۆزىڭىنى تەجىربىلىكرەك دوختۇر ياكى جىنسىيەت مەسىللىرىگە پىششىق كەسىپ ئەھلىلىرىگە كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ مەسلەھىتىنى ئىلىش ئارقىلىق جىنسىي تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا ماسلىشىشچانلىقنى قولغا كەلتۈرەلىشىڭلار مومكىن.

بۇ ھەقتە تور بېتىمىزدە ئىلان قىلىنغان <<ئەر-ئايال جىنسىي تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىشنىڭ ئۇسسۇللىرى>>دېگەن ماقالىنى ئەر-ئايال ھەر ئىككىڭلار تەپسىلىي كۆرۈپ ئۆزۈڭلاردا ساقلانغان مەسىللەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.

پىسخولوگىيە ھەم مۇرەككەپ تۇرمۇش مەسىللىرى ھەققىدە تەجىربە - بىلىشىمىزنىڭ كاملىقى سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە يەنە ئارتۇق بىر نەرسە ئېيتالمىغۇدەكمىز! جىسىيەت پىسخىكا بىلىملىرىگە پىششىق، تۇرمۇش تەجىربىسى مول بولغان، جاۋاب بىرىشىنى خالايدىغان تورداشلار بولسا تور بېتىمىزنىڭ <<پىسخكا ۋە ساغلاملىق>> سەھىپىسىگە يوللانغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. بۇ تېمىغا جاۋاب يېزىشنى خالىسىڭىز بۇ يەرگە ئىنكاس يېزىڭ!
________ بىرزات

قەشقەردىن سودىگەر تورداش يولۇچىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:

مىنىڭچە ئاراڭلاردىكى كىلىشەلمەسلىك يولدىشىڭىزنىڭ پەقەت ئۆزى بىلەنلا بولۇپ كىتىپ ،سىزنىڭ ھىسىياتىڭىزنى ئۆزىنىڭكىدەك مۇھىم ئورۇنغا قويمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن،يەنى جنسىيەت بىلىمىنىڭ كەمچىللىكىدىن كىلىپ چىققاندەك قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سز دوسلىرىڭىزنىڭ كۆپتۈرۈپ (چۈنكى ئاياللار يولدىشىنىڭ ئۈزىگە قىلىپ بەرگەن ھەرقانداق ئىشىنى باشقا دوسلىرىغا كۆپتۈرۇپ سۆزلەپ كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق)ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن يولدىشىڭىزغا ھەددىدىن ئارتۇق تەلەپ قويىۋاپسىز، بىرزات ئەپەندىم ئېيتقاندەك بىلىمىڭلارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ،ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرسەڭلار مەسىلە چوقۇم ھەل بوپ كىتىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن يولدىشىڭزدىن ئاجىرشىپ كىتىدىغان خىياللارنى ھەرگىز قىلماڭ ،يولدىشىڭىزنىڭمۇ غورورىنى ئويلىشىپ قويۇڭ ،ئاللاھ سەۋىرچان كىشلەرگە رەھمىتىنى ئايىمايدۇ،ئاللاھ ئەھۋالىڭلارنى بالدۇرراق ياخشى قىلىۋەتكەي!!!

تورداش قەھرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:
بالىڭىز بولمىسا ۋاختىدا ئاجىرىشىپ كىتىڭ. ئاللاھ ئىگەم بەندىلېرىگە ئاتا قىلغان ھەقلىق خۇشاللىقلاردىن بەھرىمان بولالماي قېرىپ كەتكەندىن ياخشاراق. ئەر كىشى بولغاندىكىن ئاجىزلىقىغا تەن بېرىپ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشنى قوبول قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە........

تورداش تېرىلدۈرۈش خانىمنىڭ ئىنكاسى:
ئامال بار يولدىشىڭىزغا ھەر تەرەپتىن كۆيۈنۈڭ!
قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى قىلىپ بىرىڭ. مەسلەن ؛ كەپتەر شورپىسى دىگەندەك.
مىللىي تىبابەتدىن بۆرەك قۇۋۋەتلەش دورىسى ئەكلىپ ئىچكۈزۈپ بىرىڭ. بىرزات ئەپەندىمنىڭ بىر قۇتىسى 100 سوملۇق بىر خىل دورىسى بار، 2ھەپتە ئىچىپ ئالاقە قىلسا بىر سائەتتىن ئۇشۇق ئالاقە قىلغىلى بۇلىدۇ.
ئامال بار شەھۋەت قوزغايدىغان كىنو-فىلىم كۆرمەڭ، ئۆيدە كومپىيوتىردا تورغا چىقدىغان ياش ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك سېرىق فىلىم كۆرۈپ شۇلاردەك ئالاقە قىلسامچۇ دەيدىغان ئاڭ بار. ھەممە ئادەمنىڭ تەن تۇزۇلىشى ئۇنداق كۈچلىك بولمايدۇ، چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇنداق كىنو ئىشلەيدىغانلىرى ئەپيۇن، كوكايىن،مورفىن ئىستىمال قىلۋېلىپ رول ئالدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالاقە ۋاقتى نورمال كىشلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن بۇلىدۇ.
ئېرىڭىزنىڭ مەنى بالدۇر كىتىشنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاڭ. ئىرىڭىزنىڭ زەكىرنى قايسى ئۇسۇل بولسۇن بوش غىدىقلاپ مەنى چىقىپ كىتىشتىن ئاۋۋال ھەركەتنى توختىتىڭ، بوشغاندا يەنە شۇنداق قىلىڭ. كۈندە 10 قېتىم مۇشۇنداق قىلىپ بەرسىڭىز يېرىم ئايغا قالماي مەنى بالدۇر كىتىش ئەھۋالى تۈگەيدۇ، ھەمدە ئالاقە ۋاقتىمۇ ئۇزىرايدۇ.

خوتەندىن تىجارەتچى تورداش ياسىننىڭ ئىنكاسى:
ئېرىڭىزنىڭ جىنسى تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسى ھەقىقەتەن كەمچىلكەن ،
بولسا ئاۋارىچىلىك كۆرمىسىڭىز ئېرىڭىزغا مۇشۇ ھەقتىكى بىلىملەرگە ئائىت كىتاپلارنى ئېلىپ بەرسىڭىز جەزمەن نەتىجىسى بولاتتى !
بولسا سىز ئېرىڭىزغا {نىكاھ ۋە جىنسى تۇرمۇش } ناملىق كىتاپنى ئېلىپ بېرىڭ شۇنى بىر قېتىم تەپسىلى ئوجۇپ چىقسا خېلى بىر نىمىلەرنى ئۆگۈنىۋالىدۇ ، سىزمۇ ئوقۇپ بېقىڭ !

بۇ ھەقتە تورداش نەشتەرى ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى:

ئادەتتىكى ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى بارلىق ھەركەتلەرنى ئاساسەن ئەرلەر تاماملىغاچقا،ئەرلەر بۇ جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماي،يەنە ئايالىنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق،ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا تەڭشەش(ئۆزگەرتىش)ئېلىپ بارىدۇ.ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيتى بىر قەدەر ئازراق بولۇپ،ئاياللار ئۆزىنىڭ پۈتكۈل خىيالىنى پەقەت پىسخىكا پائالىيتىگە ئاتاپ،جىنسىي ھۇزۇرلىنىشتىن بەھرىمان بولىدۇ ۋە جىنسىي ھۇزۇرلىنىشنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت دىگەن ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىسنىڭ ئىشى شۇنىڭ ئۇچۈن بىر تەرەپ مەسئۇلىيەتنى يەنە بىر تەرەپكە ئىتتىرىپ قويۇشقا ياكى قارشى تەرەپكە پىسخىكا جەھەتتە بىسىم پەيدا قىلىپ قويماسلىق كىرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال بولغۇچىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئەر تەرەپنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشىپ بىرىشى كىرەك.ئەرلەردىكى مەني بالدۇر كىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى پىسخىكا ئامىلىدىن بولىدۇ.بەلكىم سىز جىنسي مۇناسىۋەت جەريانىدا پەقەت ھۇزۇرلىنىشنىلا ئويلاپ ئىرىڭىز بىلەن ياخشى ماسلىشىپ بەرمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن.
تەكلىۋىم:1.سىلەر دائىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدىغان مۇھىتنى ئالماشتۇرۇپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.باشقا بىر مۇھىتنى تاللاپ شۇ مۇھىتتا ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى قويۇپ كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بىقىڭلار.چۈنكى جىنسىي تۇرمۇش دىگەن يىڭىلىققا مۇھتاج،ھەر قىتىم ئاشۇ ھۇجرىدا،شۇنداقلا ئاشۇ كارۋات ئۈسـتىدىكى ئاشۇ ئاق رەڭلىك كىرلىك ئۈستىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىۋىرىش ئادەمنى زىرىكتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
2.جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلۇڭلارنى(جىنسىي مۇناسىۋەت شەكلىنى)ئۆزگەرتىپ بىقىڭلار.يەنى ئىلگىرى سىز پەقەت ئوڭدا ياتىدىغان يولدىشىڭىز بولسا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىلىدىغان بىرلا خىل ئۇسۇلنى تاشلاپ،تىخىمۇ يىڭىچە بولغان ھەر ئىككىڭلار رازى بولغۇدەك ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ.بىر خىل يوسۇندىكى جىسىي ھەركەت ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.بۇنداق بىزار بولۇش ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپتە جىنسىي ئاجىزلىق شۇنداقلا جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئانچە قىززىقماسلىقتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.ئىرىڭىزگە كۆيۈش يىتەرلىك بولسۇن.چۈنكى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى بارلىق ھەركەتلەرنى ئاساسەن ئەرلەر تاماملىغاچقا،ئەرلەر بۇ جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدۇ.(چارچايدۇ).شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە يەنە بىر تەكلىۋىم:جىنسىي مۇناسىۋەتتىن 15مىنۇت بۇرۇن يىرىم چىنە ئىلىمان داغ چايغا ئىككى قوشۇق ھەسەل سىلىپ قوچۇپ يولدىشىڭىزغا ئىچكۈزۈڭ.
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تاماملانغاندىن كىيىنمۇ يەنە يىرىم چىنە ئىلىمان داغ چايغا ئىككى قوشۇق ھەسەل سىلىپ قوچۇپ يولدىشىڭىزغا ئىچكۈزۈڭ.بۇنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىماڭ!بۇنىڭ پايدىسى شۇكى يولدىشىڭىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئوڭايلا چارچاپ،ئاسانلا بەل قويۇۋەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.چۈنكى يولدىشىڭىز ئاسانلا چارچاپ قالسا پىسخىكسىدا جىنسى مۇناسىۋەتنى دەرھاللا توختاتماقچى بولىدۇ دە شۇنىڭ بىلەن پەقەت مەنىنى پۈركۈپ چىقىرۋىتىشنىلا ئويلايدۇ شۇنىڭ بىلەن مەنى بالدۇر كىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: تورداشلارنىڭ پىكىرى پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي قاراشلىرى بولۇپ تور بېتىمىز بىلەن مۇناىسىۋېتى يوق.




[Birzat بۇنى 2011-04-21 10:30 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 13 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما忍·[2012-06-16 02:11 PM | del]
مەن بۇ توردىكى  ماقالىلارنى كومەكچىتىم  قا يەدىن  تاپىمەن  .  يانا   سۇئالىم بار ئىدى چ چ تۇپى بولسا مىنىمۇ  قۇشۇپ  قويساڭلا. چ چ1943688848
回复قايتۇرماp55[2011-10-06 02:55 PM | del]
بىرزات ئەپەندىمنىڭ بىر قۇتىسى 100 سوملۇق بىر خىل دورىسى بار، 2ھەپتە ئىچىپ ئالاقە قىلسا بىر سائەتتىن ئۇشۇق ئالاقە قىلغىلى بۇلىدۇ.
  بۇ قايسى دورا؟
بىرزات ئەپەندىم جاۋاپ بەرسىڭىز
回复قايتۇرمارابىيەم[2011-08-08 07:46 PM | del]
يازغان ئىنكاسىمنىڭ جاۋابىنى پەقەتلا تاپالمەدىم. قانداق تاپىمىز
回复قايتۇرماkamil[2011-05-24 01:14 PM | del]
مەن توي قىلغىلى 10 يىل بولدى ،2 بالام بار.مىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ۋاقتىم يېىم سائەتتىن كۆپ، گاھىدا بىر سائەتكىمۇ بېرىپ قالىدۇ. مەندىكى قايناق ھىسيات،ۋاقىت ئۇزۇن  بۇلۇش،ئايالىمنى ھاردۇرۇپ ھالىنى قويمىدى.مەن كەم دىگندىمۇ .ئىككى كۈندە بىر قىتىم ئىلىپ بارىمەن.گاھىدا ئارقا -ئارقىدىن ئىككى قىتىم قىلىمەن. ئايالىم بەزىدە چاخچاق قىلىپ باشقا ئايال ئىلىپ بېرىپ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنىمۇ ئويلايدۇ.(مۇمكىن ئەمەس)
مەقسەت: ئەسلى ئەركىشى دىگەن يولۋاستەك بولىشى كېرەك.(4 خۇتۇن ئالسىمۇ تەڭ رازى قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ.)
مىنى بەك قۇۋەتلىك تاماق يەمدىكىن دەپ خىيال قىلماڭلار، بىر تەخسە لەغمەندىن كۆپ يىيەلمەيمەن. مەندىكى ئالاھىدىلىك شۇكى، مەن ئەزەلدىن تاماكا ،ھاراق ئىستىمال قىلىپ باقمىغان، قۇۋەت دارىلىرىنىمۇ يەپ باقمىغان.روھىم ساغلام.
回复قايتۇرماhamkn[2011-04-20 00:21 AM | del]
.< بىرزات ئەپەندىمنىڭ بىر قۇتىسى 100 سوملۇق بىر خىل دورىسى بار، 2ھەپتە ئىچىپ ئالاقە قىلسا بىر سائەتتىن ئۇشۇق ئالاقە قىلغىلى بۇلىدۇ.>تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز .قانداق دورا ؟قانداق سېتىۋالىمىز؟جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماyavuz110[2011-04-19 01:18 PM | del]
ئەسالامۇ-ئەلەيكۇم دوختۇر< بىرزات ئەپەندىمنىڭ بىر قۇتىسى 100 سوملۇق بىر خىل دورىسى بار، 2ھەپتە ئىچىپ ئالاقە قىلسا بىر سائەتتىن ئۇشۇق ئالاقە قىلغىلى بۇلىدۇ.>بۇ قانداق دورا تەپسىلى چۇشەندۇرگەن بولسىڭىز ،سىزدىن قانداق ئالىمەن .پوچتىدىن
回复قايتۇرماkra[2011-04-19 10:17 AM | del]
ئەسالامۇ-ئەلەيكۇم دوختۇر< بىرزات ئەپەندىمنىڭ بىر قۇتىسى 100 سوملۇق بىر خىل دورىسى بار، 2ھەپتە ئىچىپ ئالاقە قىلسا بىر سائەتتىن ئۇشۇق ئالاقە قىلغىلى بۇلىدۇ.>بۇ قانداق دورا تەپسىلى چۇشەندۇرگەن بولسىڭىز ،سىزدىن قانداق ئالىمەن .پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرەمسىز؟
回复قايتۇرماHanim[2011-04-18 08:35 PM | del]
تورداش تېرىلدۈرۈش خانىمنىڭ ئىنكاسى:
ئامال بار يولدىشىڭىزغا ھەر تەرەپتىن كۆيۈنۈڭ!
قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى قىلىپ بىرىڭ. مەسلەن ؛ كەپتەر شورپىسى دىگەندەك.
مىللىي تىبابەتدىن بۆرەك قۇۋۋەتلەش دورىسى ئەكلىپ ئىچكۈزۈپ بىرىڭ. بىرزات ئەپەندىمنىڭ بىر قۇتىسى 100 سوملۇق بىر خىل دورىسى بار، 2ھەپتە ئىچىپ ئالاقە قىلسا بىر سائەتتىن ئۇشۇق ئالاقە قىلغىلى بۇلىدۇ.
  بۇ قايسى دورا؟
بىرزات ئەپەندىم جاۋاپ بەرسىڭىز
回复قايتۇرماHanim[2011-04-18 08:32 PM | del]
ئەڭ ياخشىسى يولدىشىڭىزنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى تەڭشىشىگە ياردەم بىرىڭ .بۇتۇلۇمۇ مۇھىم .
回复قايتۇرما一朵花[2011-04-17 07:53 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەن ئېرىم بىلەن توي قىلغىلى بىر يىل بوپ ئاشتى ،ھازىر بىر قىزىمىز بار ،توي قىلغاندىن تارتىپ مۇشۇ كەمگىچە ھىسىيات جەھەتتە مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ،لىكىن ھەر قېتىم بىرگە بولغاندا مەندە پەقەت ھىسىيات يوقتەك ھېس قىلىمەن،ئتۇنجى قېتىم بىرگە بولغاندىمۇ شۇنداق ھېس قىلاتتىم ،يولدىشىم بۇرۇن بىر قېتىم توي قىلغان ،بىر بالىسىمۇ بار ،مىنىڭچە ئېرىم بۇ ئىشقا ئىنتايىن قىزىق ،لىكىن بىرگە بۇلۇش ۋاقتىمىز 2~5مىنۇتقىچە بولىدۇ ،مەن ئىرىمگە ماسلىشىپ بىرەلەيمەن ،ئىرىمنى خوش قىلىش ئۈچۈن يالغاندىن بولسىمۇ ماسلىشىپ كىتەلەيمەن ،لىكىن ئۈزۈم ھىسىيات جەھەتتە خوش بۇلۇپ باققان ۋاقتىم ئاز،بۇ مەندىكى مەسلىمۇ ياكى ؟مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز،يەنە مەن تۇققىلى 4ئاي بولدى ھازىر ئوقۇشتا ئوقۇۋاتىمەن ،تۇققاندىن كىين مەندىن ئاق خۇن كۆپ كىلىدىغان بوپ قالدى ،قانداق قىلسام بولار ؟
回复قايتۇرماintizar17[2011-04-16 12:36 AM | del]
ئەسسالام بىرزات ئەپەندىم .....ئۇلۇق ئاللاھ سىزگە ئۇزۇن ئۈمۈر،  ساغلاملىق ئاتا قىلغاي ..
مەن سىزدىن بىر مەسىلىنى سوراي دىگەن ئىدىم ،قارىسام خەت قالدۇرۇش دەپتىرى ۋاقتىنچە تاقىلىپ قاپتۇ ...شۇڭا مۇشۇ تېما ئاستىغا يازدىم ئېغىر كۆرمەي ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز ...
مەن ئۆي ئۇچاقلىق بولغىلى ھازىر 10 يىلدىن ئاشتى بالاممۇ بار، تۇرمۇشىمىز  خېلى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ .
بىراق يېرىم يىلدىن ئاشتى ، جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە  ئەتىسىدىن باشلاپ بىر قانچە كۈن بېلىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى ، پۇتۇممۇ تېلىپ ئاغرىيدۇ ،دۇختۇرخانىدا  ( س ت ) ئاپپاراتىدا بېلىمنى تەكشۈرۈتسەم نورمالكەن  دىدى ھەم بۆرەكنىمۇ رېنتىگگىن ئاپپاراتىدا تەكشۈرىتسەم نورمالكەن ..... بىراق ھەر قىتىم مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ، كىيىنكى كۈندىن باشلاپ بىلىم كېچىسى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى ،پۇتۇممۇ ئاغىيدۇ ، ئاسان چارچايدىغان  بولۇپ قالدىم .. ئۆزەممۇ ئۇ ئىشقا بەكلا  ئامراق ، ئايالىممۇ ناھايىتى قانائەت تاپىدۇ .....ھازىر ئەنچە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدىم  ،ئىككى ھەپتىدە بىرەر قىتىم بولىدىغان بوپ قالدى  ...  بىرىر كىسەللىككە  گىرىپتار بولغاندىمەممۇ  قانداق  .... ئېغىر كۆرمەي مېنىڭ بۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز  ..... ماڭا ياردەم قىلسىڭىز   ........ئايرىم خەت قالدۇرسىڭىزمۇ  بولىدۇ
(tirixqan@163.com )
  باشقا دوسلار ئىنكاس قايتۇرۇپ قۇيساڭلارمۇ بەك خوش بۇلاتتىم .
回复قايتۇرمايادىكار[2011-04-15 11:33 PM | del]
مىنىڭ تەجىربەمچە مەنمۇ بۇرۇن ئايالىم بىلەن بىرگە بولسام 2مىنۇتقا يەتمەيتى ئايالمدىن سورىسام قانائەت تاپمىغانلىقنى ئىيتتى شۇنىڭدىن كىيىن  بىز بىرگە بۇلۇشتىن ئىلگىرى 15مىنۇتتىن 20مىنۇتغىچە ئۆزئارا پاراڭلىشىپ ئۆزئارا ھىسيات قوزغاشقا تىرىشتۇق ،ھىسيات تولۇق قوزغالمىغۇچە ئىشنى باشلىماي ھىسيات يۇقۇرى پەللىگە يەتكەندە ئايالىمنىڭ پۈتۈن ھىسياتىنى قوزغىغاندىن كىيىن ئاندىن مۇناسىۋەتنى باشلىغاندىن كىيىن مۇناسىۋات ۋاقىتى 5مىنۇتتىن كام بولمىدى ھەمدى ئايالممىۇ تولۇق قانائەت ھاسىل قىلدى مەنمۇ شۇنداق .
يەنە دىققەت قىلدىغان تەرەپلەر ئەركىشى مىجەزى سوغۇقراق بولسا ئىمكان بار سوغۇق سۇ ،سوغۇق ئىچىملىكنى قەتئى ئىچمەسلىك ،ئايال كىشى ماسلاشماي ئەركىشىگىلا قاراپ تۇرسا يەنە مۇناسىۋت كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ،شۇڭا ئايالكىشىمۇ تەشەببۇسكار بولۇپ ئەركىشىنىڭ ھىسىياتىنى قوزغاشقا تىرشىشى كىرەك.
回复قايتۇرماkazak[2010-05-30 02:19 AM | del]
يۇقارقى ئىنكاسلارنى توغرا دەپ قارىمايمەن، چۇنكى مەنمۇ تۇرمۇش قۇرۇپ خۇددى سىلەردەك بولغان، ھەتتا مۇناسىۋىتىمز 1مىنۇتقۇمۇ يەتمەيتى، مەنمۇ ئۆزمدىن خىجىل بولاتتىم دائىم مىنىڭ جىنسىيتىم ئاجىز ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىپ، دوختۇرغا دەي دەيتىمۇ دېمەيتىم. بۇنىڭ چارىسىنى داۋالانماي، دورا يېمەي تاپتىم، ئەسلى مەندە كېسەل يوقكەن، ئايالىم بىلەن پىكىرلىشىشم تۆۋەنكەن، مەن سەۋىتتە ئورۇس تەربىيىسى كۆرگەن مۇسۇلمان قىزدىن 2-خوتۇنلۇققا ئالدىم. ئەمما دەھشەت، بۇرۇنقىدەك تەتۇر يېتىۋېلىش يوق، ھەتتا بىر كۈندە 6-7قېتىم بولسىمۇ چارچىمايمىز، ئۇ ئايال شۇنداق ئېدىكى مەن ئاستىدا ياتسام ھېسياتىمنى ئۆزى قوزغايتى، شۇنداق ياخشى بولدى، كىيىن 1-ئايالىمغا كەلدىم مۇناسىۋىتىمىز بۇرۇنقىدىن ياخشى بوپ كەتتى، ھازىرقى 1-ئايالىم مەندىن تولىمۇ رازى،
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.