قارا شىكەرنىڭ رولى


(80 خالتا تورىغا يوللانغان ئەسەر-تورداشلار يوللانمىسى)
قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلاش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، (قان كۆپەيتىش، بەدەنننى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بولغان ئىزخىردىن10گرام، بادرانجابۇيادىن 15گرام،ئوغىرى تىكەندىن 15گرامنى قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ .
قارا شېكەرنى ئارپا، بەدىيان بىلەن دەملەپ ملەپ ئىچىپ بەرسە، قاننى كۆپەيتىپ، بەدەننى سەمىرىتىپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. ئاياللارنىڭ سوغۇقى ئېشىپ، بەدەن ئاجىزلاشتىن كىلىپ چىققان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكىمۇ شىپا قىلىدۇ .
موۋاپىق مىقداردىكى قارا شېكەرنى بادرەنجىبۇيا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، 10گرام ئادراسمان يىلتىزى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلسا، بەلغەمدىن بولغان خۇن تەۋرەپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
30گرام ئەمەن يوپۇرمىقىنى بىر چىنە سۇدا قايناتقاندىن كېيىن قارا شېكەر سېلىپ بىر قىتىمدىلا ئىچىۋەتسە،ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەيز ئاغرىتىپ كىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
لېكىن قارا شېكەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك.بولمىسا ھەزىمنى ناچارلاشتۇرىۋىتىدۇ.
‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››ژۇرنىلىدىن ئىلىندى.
قارامايدىن نېفىت ئىشچىسى تورداش چۈمۈلە تەييارلاپ يوللىغان

قارا شېكەر ۋە ئۇنىڭ تېبابىتىمىزدە ئىشلىتىلىشى
تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : قان كۆپەيتىش ، ئۇزۇق بولۇش ، بەدەننى سەمرىتىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : قان ئازلىق ، تال ئاجىزلىقى ، ئۇرۇقلاش ، ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
1. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شىكەرنى ئارپابەدىيان بىلەن دەملەپ ئىچىپ بەرسە قان ككپەيتىپ ، بەدەننى سەمرىتىدۇ . توسالغۇلارنى ئاچىدۇ . ئاياللارنىڭ سوغۇقى ئېشىپ بەدىنى ئاجىزلاشتىن كىلىپ چىققان ھەيز ئاغرىتىپ كىلىشكە پايدا قىلىدۇ .
2. ئىزخىر 10 گرام ، ئەفسەنتىن 15گرام ، بادرەنجى بۇيا 15 گرام ، گاۋزىبان 10 گرام ، ئوغرىتىكەن 10 گرام ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شىكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ، قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ ، قان تۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكلىقىنى ياخشىلايدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 10- گرام .
كۆپ ئىستىمال قىلسا ھەزىمنى ناچارلاشتۇرىدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : پىننە .
ئۇرۇنباسارى : تاتلىق ئانار سۈيى .
پايدىلانغان مەنبە : ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمىي .
تەييارلىغۇچى : 80 خالتا دۇكان شاگىرتى كۆكيال.






يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.