ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار [تۇرمۇش]
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-06-12
1. ئەرلەر ئاياللارنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ؛
2. ئەقىللىق ئەرلەر چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئايال بىلەن قائىدە سۆزلەپ، تاكاللىشىپ ئولتۇرمايدۇ، چۈنكى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن ئايالنىڭ سۆزى دەل قائىدىنىڭ ئۆزىدۇر؛
3. قىزلارنىڭ ياشلىق باھارى قىممەتتىن دېرەك بېرىدۇ، ئوغۇللارنىڭ ياشلىق باھارى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ؛
4. ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىنىڭ كۆپىيىشى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىنمۇ تېز بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ھېسسىياتى پاي چېكى بارىرىدىنمۇ ئۆزگۈرۈشچان بولىدۇ؛
5. ئاياللارنىڭ ئەڭ قاقشايدىغىنى ئەرلەرنىڭ ئۆيىگە قايتماي سىرتلاردا يۈرۈشىدۇر. بۇنىڭدىنمۇ يامىنى ئەرلەرنىڭ ئۆيىدە بولسىمۇ كۆڭلىنىڭ سىرتتا بولىشىدۇر؛
6. ھەرگىز بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىشنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالماڭ، چۈنكى توي قىلغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە ئاران بىر قېتىملا قارىمايسىزدە؛
7. ئاياللار ئەرلەرگە دەردىنى تۆكۈپ بېرىشكە ئامراق. ئەرلەر ئاياللارغا نەتىجە، مال- دۇنياسىنى كۆز- كۆز قىلىشقا ئامراق؛
8. ئەرلەر ئاياللارنىڭ سەرگۈزەشتىسىنىڭ ئاز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىسىنىڭ كۆپ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؛
9. ئەرلەر قانداق جان بېقىش ھەققدە توختىماي باش قاتۇرىدۇ. ئاياللار قانداق قىلىپ چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن توختىماي گىرىم قىلىدۇ؛
10. ئەرلەر ئاياللارغا كۆزى ئارقىلىق نەزەر سېلىشقا ئامراق بولغاچقا، ئوڭايلا گۈزەللىكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە كۆڭلى ئارقىلىق قاراشقا ئامراق بولغاچقا، ئوڭايلا كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىدۇ .
مەنبە:كەڭ ساي تورى
[Birzat بۇنى 2011-04-22 03:46 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ئېھتىياجى مال باھاسىدنمۇ بەك ئۆرلەپ كىتىۋھتقانلىقىنى ھىس قىلمىدىڭلارمۇ ھەم ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلەش قابىلىيىتى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ
ئىنكاس يوللاش
كۆپ ئىش كۆرگەنلەر ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلىشى مۆمكىن،لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇن،ئۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ سىزنىڭكىدەكلا ئاسان ئالالايدۇ.....