بەل-پۇت سوغۇق تۇرۇشنى داۋالاشنىڭ قانداق چارىسى بار [سۇئال-جاۋابلار]


ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇسىز،ئالدى بىلەن تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
مىنىڭ داۋاملىق پۇت-قولۇم سوغۇقلا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ پۇتۇم ھەردائىم سوغۇق تۇرىدۇ، قىش كۈنلىرى خىلى قىلىن كيىنسەممۇ يەنىلا پۇتۇم ئىسسىمايدۇ،ھازىر ھاۋا خىلى ئىسسىغان بولسىمۇ پۇتۇم (ھوشۇققىچە)يەنىلا سوغۇق،كەچتە ئاياغنى سالسام ئاياغ ئىچى ھۆل بولۇپ كىتىدۇ،مەندىكى بۇخىل ئالامەت كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا شۇنداق ئىدى،مەندەباشقا كىسەللىك ئالامەتلىرى يوق،مىنىڭ پۇت-قولۇمنىڭ دائىم سوغۇق تۇرىشىغا ئۈنۈملۈك دورا بارمۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز،

جاۋاب:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بەدىنىڭىزدە كىچىكىڭىزدىن كالتىسىي دېگەندەك ئوزۇقلۇقلار تازا يېتەرسىز بولسا كېرەك.
پىژغىرىم ئىسسىقتا يالاڭ ئاياق قۇمغا دەسسەپ بىرىش، ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىپ بېرىش، بولسا قەلەمپۇر مېيى، تۇخۇم مېيى دېگەنلەر بىلەن بەل-پۇت، قول ، بىلەكلەرنى مايلاپ قاقلىنىپ بەرسىلە تېخى ياخشى.
( بولسا يېزىدا تۇققانلار بولسا بىرىپ ئورما ئىلىشىغا ھەم كۈزلۈك يېغىنغىچە ئېتىزدا ئىشلىشىپ بەرسىلىرى ساقىيىپ قالاتتىكەنلا ).
ئىچكى تەرەپتىن قۇۋۋەتلىك غىزالىنىپ بەرسىلە، پەي، نېرىپلارنى بوشاشتۇرغۇچى، قاننى سوۋۇتقۇچى سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن - لەڭپۇڭ، راڭپىزا، توڭلاتقۇنىڭ مۇزلۇقلىرى، قېتىق ۋەھاكازالاردىن ئىمكان بار ساقلانسىلا!
مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇپ بەرگەننىڭمۇ قان سوۋۇپ كېتىشكە مەنپەئىتى بار.
ئۇرۇقسىز قىزىل ئاپتابى ئۈزۈم، جېگدە چېچىگى ھەسىلى، ياڭاق مېغىزى، كەپتە شورپىسى دېگەندەك قۇۋۋەتلىك ، ئېسسىقلىقى يۇقۇرى يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسىلە!
ماددتىل ھايات ، ھەببى ئازاراقى دېگەن دورىلاردىن ئۈزۈلدۈرمەي 2 ئاي ئەتراپىدا ئىستىمال قىلىپ كۆرۈپ باقسىلا! ئۇلارنىڭ پەي مۇسكۇل، نېرىپلاردىكى سوغۇقنى ھەيدەش، قاننى قىززىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، كالتىسى تولۇقلاش خۇسۇسىيەتلىرى بار.
________________- مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىرزات ئەپەندىم!
ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئىشلىرىغا بەرىكەت، تەنلىرىگە سالامەتچىلىك تىلەيمەن.
36 ياشقا كىردىم (ئايال)، بىر يىلدىن ئاشتى، پۇت_قولۇم  بەك  مۇزلايدۇ، قىشمۇ_ ياز ئوخشاش.
يېقىننىڭ ياقى يۈز_ پۇت_قولۇم  ئششىيدىغان  بولىۋالدى، يۈرەك_ بۆرەكنى تەكشۇرتسەم
ساق دەيدۇ ( ھورمۇنلارمۇ نورمال ئىكەن).بۆرەكنىڭ ئەتراپى تېلىپ ئاغرىيدۇ ھەم  مۇزلايدۇ،
نىمە  دىسەم  بولار  زادى  ھەممە  ئىشلار قولايسىز.................................
ئاللاھ  ئەجىرلىرىنى  بەرسۇن ،ياخشى  پىكىر_ تەكلىپلەردىن بەرگەيلا...........

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بۆرەك-يۈرەك  تەكشۈرۈشتە باشقا مەسىلە چىقمىغان ئەھۋالدا يۈز ، پۇت قوللاردىكى ئىششىقنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى بۆرەك، بالياتقۇنى مەركەز قىلىپ ئومومىي بەدەن سوۋۇپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. ئاياللاردا  بۇ خىل ئەھۋالدا بەل-پۇت، قول ئاسان مۇزلاش، بەل تېلىپ ئاغرىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، جىنسىي ھەۋەس سۇسلاش، پۇت-قوللار ئېغىرلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
سىرتقى تەرەپتىن چارە كۆرۈش: ئىسسىقلىق دورا-دەرمەكلەر بىلەن يۇيۇنۇش، ھورداققا چۈشۈش، شور كاڭغا چۈشۈش، قۇمغا كۆمۈلۈش، تۇخۇم يېغى، زەيتۇن مېيى، قەلەمپۇر مېيى قاتارلىق پەي-نېرىپلارنى قۇۋۋەتلىگۈچى ئىسسىقلىق مايلار بىلەن مايلىنىپ ئاپتاپقا قاقلىنىش قاتارلىق چارىلەرنىڭ قايسى بىر ياكى بىر قانچىسىنى ئەمەلىي شەرت-شارائىتلىرىغا قاراپ ئىشلىتىپ بەرسىلە بولىدۇ.
ئىچكى جەھەتتىن:كۈن ئارىلاپ كەپتەر باچكا شورپىسى، پاقلان گۆشى شورپىسى دېگەندەك ئىسسىقلىق قۇۋۋەت غىزالار بىلەن ئوزۇقلىنىش، ئۇسسۇلۇققا دورىلىق قۇۋۋەت چايلىقى تەڭشەپ ئىچىپ بىرىش، جىگدە چېچىگى ھەسىلى، ياڭاق مېغىزى، قىزىل ئاپتاۋى ئۈزۈم قاتارلىقلارنى بىر مۇددەت ئىستىمال قىلىش ياكى ئوزۇقلىنىش ئادىتى قىلىش قاتارلىقلار.
دورىلاردىن : ئەھۋالنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ ماددىتىل ھايات ئەلا، جاۋارىش زەرئۇنىي، ھەببى ئازاراقى، مەجۈنى ئاياللار گۆھىرى قاتارلىقلاردىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. سىلىنىڭ ئەھۋاللىرىدا ماددىتىل ھايات بىلەن جاۋارىش زەرئۇنىي نى 2 ئاي ئەتراپىدا ئىستىمال قىلىپ بەرسىلە بولىدۇ.
پەرھىز تۇتىدىغان يېمەكلىكلەردىن : داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك <<قېتىق، سۈت، فىرىما، لەڭپۇڭ-راڭپىزا، كالا گۆشلۈك ئۈگرە، قوينىڭ ئۆپكىسى، ماروژنا، تولۇق پىشمىغان مېۋە-چېۋە ( غورا، توڭ سويما، تەرخەمەك) دېگەندەك قاننى سوۋۇتۇپ پەي-ئەسەبلەرنى ئاجىزلىتىدىغان، شەھۋەت قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، ھاۋا سوغۇق پەيتلەردە قىلىنراق كىيىنىش، سوغۇق سۇ بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىشلار ھەم نەم موھىتتا ئۇزۇن تۇرماسلىق دېگەندەك ئىشلارغا دېققەت قىلىش >> لازىم.
__________ بىرزات



[Birzat بۇنى 2010-06-12 05:13 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي، ھېسيات، سوغۇق، جېگدە ، ھەسەل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 16 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما开心果[2011-08-17 04:03 PM | del]
جەننەت  ئسىمدىكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرىدىغان ھەدە چچرىڭىزنى ماڭا دەپ بىرەلەرسىزمۇ ؟ سىز بىلەن بەكمۇ پاراڭلاشقۇم بار.
回复قايتۇرمالالە120[2011-07-13 12:58 AM | del]
مىنڭمۇ پۈتۈن بەدىنىم سوغوق تەرلەيدۇ ...مەن قانداق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسام مۇۋاپىق بۇلار .
回复قايتۇرماjannat[2011-06-15 02:32 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمەتۇللا !!!

ئەزىز قىرىنداشلىرىم ! مەن بۇ تور بەتني زىيارەت قىلپ، تۇرمۇشتا ھەر قايسي جەھەتتىن ئىھتىياجلىق بولغان مول بىلىملەردىن بەھىر ئىلىپ ناھايىتي خورسەن بولدۇم.جانابي ئاللا ئەجرىڭلارني ۋە ئىلمىڭلارني ھەسلىلەپ زىيادە قىلسۇن ...
مىنىڭمۇ بىر سوئالىم بار ئىدي.
مەن بىر ئائىلە ئايالي بۇ يىل 34 ياشقا كىردىم.3 پەرزەنتىم بار.  15  يىل بولدى سەئودي ئەربىستانداتۇرمەن. ماشا ئاللا يولدىشىم بىلەن ئائىلە ھاياتىمىزھەر جەھەتتىن ناھايىتي كوڭوللوك.ئەلھەمدولىللا ئەلف شوكۇر...
بىر يىلچە بولدي،ئىچىم ۋە قول- پۇتۇمنىڭ ئالقىني داۋاملىق قىززىيدۇ.
ئوي ئىچي سالقىن بولسىمۇيەنلا شۇنداق قىززىقلىق ھىس قىلپ جىنىم سىقىلدۇ.بولوپمۇ كىچىسي شۇنداق زىيادە قىززىيدۇ.بۇ بىر كىسەللىكتىن بىشارەت بىرەمدۇ؟؟؟

نەچچە رەت دۇختورغا كورەندىم.ۋىتامىن( د)كەمچىل دەپ دىئاگونۇز قويدي. شۇ ۋىتامىنني يەۋاتىمەن. پايدىسي بولغاندەك ئەمەس.ھەر ئايدىكي ئادەت ۋاختىم 7-8 كۇن ئەتراپدا. جىق كىلىدۇ.
ئاساسلىقي ئوزىمىزنىڭ مىللىچە تاماقلىري بىلەن غىزالىنىمەن.ئادەتىتە سەي-كوكتات،مىۋە-چىۋە،قىتىق ،لازا ئاچىچقسۇ دىگەندەك ئوزوقلۇقلار مىنىڭ كۇندولۇك ئاساسلىق يىمەكلىكىلىرىم.

سوئالىمني جاۋاپسىز قالدۇرمىغايسىلەر.ئاللا رەخمەت قىلسون ...




回复قايتۇرمارىۋايەت[2011-01-08 11:06 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەيكۇم! دوستۇم ئىككى تال قار لەيلىسى سوۋغا قىلغان قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىدىم،قارلەيلىسىنى ئىشلىتىشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار،رەھمەت!(سۇئاللىرىمىزنى ئىنكاس ئارقىلىقلا سورايمىزمۇ؟)kar lailisi
回复قايتۇرماnafisa27[2010-12-12 00:57 AM | del]
ياخشمۇسىز، مېنىڭ ئۇغلۇم 3 ئايلىق بولدى، تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئەتسىدىن باشلاپ مانا ھازىرىغىچە ئىككى كۆزدىن ساپسىرىق چاپاق قايناپلا تۇرۋاتىدۇ ، ھەم تۇختىماي ياش ئاقىدۇ،دۇختۇرغا  ئاپارساق قۇرساقىتدىن ئالغاندا كۆزىگە باش سۈيى كىرىپ مىكرۇبلانغان دەپ دۇرا بەرگەن ،يەنىلا ئۇخشاش . كۆز مۇھىم ئەزا بولغاچقا بەك ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن . ماڭا ياردەم قىلارسىزمۇ؟  جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. رەھمەت.
回复قايتۇرماabidam[2010-12-11 05:52 PM | del]
ياخشىمۇ سىز ؟ مەن بۇ يىل  32 ياشقا كىرىدىم . ئىككى بالام بار ، بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ ، مىنىڭ ئادىتىم قالايمقانلىشىپ ، نورمال كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى ، بەزى ۋاقىتتا 45 كۈندە كېلىدۇ ، بەزى ۋاقىتتا ئۇنڭىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرۈنسەم ئاياللار تەرەپتە ھىچقاندەق مەسىلە يوق ، مەندە قان قويۇق بولغاچقا ، شۇنىڭ تەسىرىدىن دەيدۇ ، شۇڭا ماڭا ياخشى بىر مەسلھەت بەرگەن بولساڭلار ؟
回复قايتۇرما阿地里江[2010-11-26 09:36 PM | del]
توي قىلمىغانلار قانداق قىلشى كىرەك
回复قايتۇرماdolanboy[2010-11-22 08:46 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ، مەن سوئال سوراش ئۈچۈن تىما يوللاي دىگەن ئىدىم ، بىراق تىما يوللاش دىگەن ئورۇننى تاپالمىدىم ، قانداق قلىسام تىما يوللىيالايمەن. ئېغىر كۆرمەي چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا .
回复قايتۇرماDiLDaR[2010-10-16 02:17 AM | del]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى،مەن تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كىرىپ سىزدىن بۇ جەھەتتە مەسلىھەت سۇراۋاتىمەن،قانداق دېيىشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم ، مەن توي قىلغان ،توي قىلغىلىمۇ بەك .ۇزۇن بولمىدى .ئەمما ھازىر مەندە ئۇ جەھەتتە پەقەت  ئىنتىلش يوق، بۇ نىمە سەۋەپتىن بۇلىدۇ ؟ بۇنى بىلىپ باققان بولسام . سزنى ئاۋارە قىلدىم .
回复قايتۇرمانۇرزىبائاي[2010-10-11 11:13 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سەفىيەدوختۇر!ئاللا ئەجرىڭىزگە مىڭ مەرتىۋە ساۋاپ بەرگەي،
ئۇلۇغ ئاللاھدىن بارلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
مەن36ياشقا كىردىم،2006-يىل ئىككىنچى بالامنى يەڭگىىدىم(مەن ئىككىلا پەرزەنتىمنى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوپراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىگەن)،شۇنىڭدىن بىرى ھەر ئايدىكى ھەيىز ۋاختى بۇرۇنقىدىن ئۇزىراپ كەتتى،بۇرۇن 5-7كۈن ئەتراپىدا ئىدى،ھازىر 12كۈندە ئاندىن پاكىزلىنىمەن،بىرنەچچە قېتىم ئاياللار بۆلۈمىگە تەكشۈرتتۈم،لىكىن شۇنداق نورمال كېسەللىك بايقالمىدى،ھەيىز كىلىش ۋاختىمۇ نورمال،28كۈن ئەتراپىدا.ھەر قېتىم كەلگەن ۋاقىتتا دەسلەپتە 3كۈن خېلى نورمال ئۇنىڭدىن كىيىن 2كۈن ئەتراپىدا يوق دىيەرلىك،6-كۈندىن باشلاپ ئازراقتىن رەڭگى قارامتۇل ھالەتتە 5-6كۈن كېلىدۇ.يەنە بىرسى بىر يىلدىن ئاشتى،ھەر قېتىم ئاغرىشتىن ھەپتە بۇرۇن ئىككى كۆكسۈم چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ،ئادەت كەلگەندىن كىيىن ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ،ئەمما 7-ئايداھەم مۇشۇ 10-ئايدا 2ھەپتە بۇرۇن كۆكسۈم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتتى،مەندىكى مۇشۇ ئەھۋاللارغا قارتا قانداق داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ؟مۇشۇنىڭغا بىر سەمىمى كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز،سىزگە كۆپ رەخمەت!(بۇ توغرۇلۇق تۈنۈگۈنمۇ سورىغان ئىدىم،ئەيىپكە بۇيرىماي بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز).
回复قايتۇرمانۇرزىبائاي[2010-10-10 05:31 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سەفىيەدوختۇر!
ئۇلۇغ ئاللاھدىن بارلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
مەن مۇشۇ بىلوگ ئېچىلغاندىن بېرى دائىم زىيارەت قىلىپ ھەرقايسى جەھەتلەردىن تۇرمۇشتا ئىھتىياجلىق بولغان نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىرىشتم،ھەم سىلەرنىڭ خالىس تۆھپەڭلاردىن تولىمۇ مەمنۇنمەن،ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن!
مەن (ئايال)36ياشقا كىردىم،2006-يىل ئىككىنچى بالامنى يەڭگىىدىم(مەن ئىككىلا پەرزەنتىمنى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوپراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىگەن)،شۇنىڭدىن بىرى ھەر ئايدىكى ھەيىز ۋاختى بۇرۇنقىدىن ئۇزىراپ كەتتى،بۇرۇن 5-7كۈن ئەتراپىدا ئىدى،ھازىر 12كۈندە ئاندىن پاكىزلىنىمەن،بىرنەچچە قېتىم ئاياللار بۆلۈمىگە تەكشۈرتتۈم،لىكىن شۇنداق نورمال كېسەللىك بايقالمىدى،ھەيىز كىلىش ۋاختىمۇ نورمال،28كۈن ئەتراپىدا.ھەر قېتىم كەلگەن ۋاقىتتا دەسلەپتە 3كۈن خېلى نورمال ئۇنىڭدىن كىيىن 2كۈن ئەتراپىدا يوق دىيەرلىك،6-كۈندىن باشلاپ ئازراقتىن رەڭگى قارامتۇل ھالەتتە 5-6كۈن كېلىدۇ،بۇ جەرياندا بەزىدە نامازغىمۇ قولايسىزلىقلار بوپ قالىدۇ،مەندە ھازىر تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكىمۇ يوق،2قېتىم سالدۇرغان لىكىن ياخى ئورۇنلاشمىغانلىقتىن ئېلىۋەتكەن.يەنە بىرسى بىر يىلدىن ئاشتى،ھەر قېتىم ئاغرىشتىن ھەپتە بۇرۇن ئىككى كۆكسۈم چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ،ئادەت كەلگەندىن كىيىن ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ،ئەمما 7-ئايداھەم مۇشۇ 10-ئايدا 2ھەپتە بۇرۇن كۆكسۈم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتتى،مەندىكى مۇشۇ ئەھۋاللارغا قارتا قانداق داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ؟مۇشۇنىڭغا بىر سەمىمى كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز،سىزگە كۆپ رەخمەت،ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!(بۇنى نەدىن يوللاشنى بىلمەي ،ئىنكاس شەكلىدە ئەۋەتتىم).
回复قايتۇرماakilsiz[2010-08-04 07:45 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يۇقۇردىكى سۇئال جاۋاپلارنى ئۇقۇدۇم كۇپ تىن كۇپ رەھمەت سىزگە بىرزات ئەپەندىم.
回复قايتۇرماyulgun[2010-07-09 09:27 PM | del]
ياخشىمۇ سىز بىرزات ئەپەندىم، ئاللا ئەجرىلىرىگە مىڭ مەرتىۋە ساۋاپ بەرگەي، مەن بۈگۈن كىچىك تەرەپ قىلغان ۋاقتىمدا تەرەت ئاخىرلاشقاندا قارىسام بىر خىل قويۇق ئاق رەڭىدە مەنئىيدەك بىر سۇيۇقلۇق ئېقىپتۇ، تولۇق چۇشۇپ بولالماپتىكەن، قەغەزدە ئېيتىۋەتتىم، مەن كۈندە ئەتىگىنى جىگدە ھەسىلى بىلەن غىزالىنىمەن، ئەتىگەندە ئىككى تال تۇخۇم بىر قوشۇق ھەسەل بىلەن ناندا چاي ئىچكەن، چۇشتە بەك ئىسسىپ كېتىپ دۇكاندىن تازا توڭلىغان جىيەنلىباۋ ئىچكەن ئىدىم، مەندە بۇرۇن بۇنداق ئەھۋاللار بولۇپ باقمىغان، بىر يېرىممۇ ئاغرىمايدۇ، توي قىلغان، بىر بالام بار ھازىر 33 ياش، مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى سورايمەن، مەندە كىچىك تەرەپ ئېچىشىپ كېلىدىغان، قېتىم سانى كۈپ ئەھۋاللارمۇ مەۋجۈت ئەمەس، بىر كۈندە ئۈچ كېتىم كىچىك تەرەتكە چىقىمەن، يەنە بىر گەپ راست جىيەنلىباۋ ئىچكەندىن كېيىن قورسۇقۇم ئاغرىپ ئىچىم سۈرۈپ كەتكەن ئىدى.
回复قايتۇرماaypari[2010-07-09 01:34 PM | del]
ياخشىمۇسىز؟ مېنىڭ سوئالىمغا تېخى جاۋاب بەرمەپسىز؟ ئالدىراشمۇ قانداق
回复قايتۇرماmardan8800[2010-07-08 07:35 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىرزات ئەپەندىم!   ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئىشلىرىغا بەرىكەت، تەنلىرىگە سالامەتچىلىك تىلەيمەن.
ئايالىم نىڭ جىنسى ھىسيا تى  فەقەتلا   يوق
قانداك قىلاشىمنى بىلمىدىم
回复قايتۇرماaypari[2010-07-08 07:32 PM | del]
ياخشىمسىز؟ مەن سىزدىن بىر سوئال سوراي دىگەن؟ مەن سزدىن سوراي مەزى كىشلەر قىز-يېگىتلەر بىرگە بولمىسىمۇ ياكى قىزلىكى چىكمىسىمۇ بويدا قالدۇ دەيدىكەن بۇ راسمۇ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.