ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(2) [ئەدەبىي تەرمىلەر]


قانداق قىلىش كېرەك(2)
داۋۇت ئوبۇلقاسىم

ئىنسان جاھاننىڭ قازانلىرىدا قايناپ ھەققە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭغا يەنە كىشلىك كەچۈرمىش ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن پەلسەپە قوشۇلىدۇ. ئەمما، بۇ يەككە ئادەم ئۇچۈن شۇنداق. رېئاللىقتا ئادەم ھەرگىز يەككە ئەمەس، بەلكى ھېچ بولمىغاندا ئىلگىرىكىلەر تۇغما مۇسۇلمانلىق بىلەن جاھاننىڭ قازانلىرىدا قايناپ ھەققە كەلگەندە ئېرىشكەن پەلسەپىنى بولسىمۇ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇپ كەتكەن. ئادەم تۈرلۈك قازانلاردا قايناپ تاپمىسا تاپالمايدىغان پەلسەپە بالىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن ھامان ئالدىدا تەييار تۇرىدىغان بولغان. مۇشۇنداق تۇرسا، كەلگۈسىدە يازغۇچى بولۇش ئارزۇسى بار ئۇ مەخلۇققا ئەجەبا ئاشۇ نەرسە ئۇچرىماپتىمۇ؟! شۇ چاغدا تېنىمنى جېبراننىڭ « ياش ۋە كۈلكە» سى يۈرۈكىمنى يەنە بىر قېتىم جىغىلدىتىپ ئۆتۈپ كەتتى.بۇنىڭدىكى سەۋەنلىك نەدە؟ يا ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئاشۇنداق ئۇچرىمايدىغان يەردە قالغانمىدۇ؟ مەن ۋۇجۇدۇمدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە تىرىشىپ، ئەتراپىمغا يېنىك نەزەر سېلىشقا باشلىدىم.
ئاپام ئادەتتە بەك ئەتىگەن تۇرىدۇ. ھويلا-ئاراملارنى تازىلاپ سۇ چاچىدۇ. ئەمما، سىڭىللىرىم ئۇنداق ئەمەس.  ئۇلار ئوغۇللار بىلەن تەڭ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۇلاردىن كېيىن قالىدىغان يەرلىرىمۇ بار. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەھەللىدە ھەممە ئۆيلەردىكى ھەدىلەر ئەتىگەندە ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈپ سۇ چاچاتتى. بىز مەكتەپكە ماڭغاندا ھەممە ھويلىلارنىڭ ئالدى پاكىزە سۈپۈرۈلۈپ، سۇ چېچىلىپ بولغان بولاتتى. ئويلىسام بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئادەت شالاڭلىشىپ ياكى ۋاخچىلىشىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا كاللامغا ئاجايىپ غەيرىي بىر تېزما زاھىر بولدى. مومام ئەتىگەندە ناماز ئۆتەيتتى، ھويلا ئارامنى سۈپۈرەتتى. ئاپام ھويلا-ئارامنى سۈپۈرىدۇ، ناماز ئۆتىمەيدۇ. سىڭىللىرىم ھويلا -ئاراملارنىمۇ سۈپۈرمەيدۇ، نامازمۇ ئۆتىمەيدۇ. ئۈرۈمچىدە ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىدۇ. توۋا، بۇ قانداق گەپ؟
بىر قېتىم ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا كېتىۋاتقان پويىزدا تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ، مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئۇزۇن بولغاچقا، بىز تېپىشىپلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.بىردەم ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن،گەپ تەبىئىيكى ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمىزغا كەلدى. تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇنىڭغا بىر قىز شەيدا ئىدى. بىز بۇ ھەقتىكى قىزقارلىق ئىشلارنى بىرەر قۇر ئەسلەپ ئۆتتۇق. ئۇ :
-ھەي، شۇ چاغلاردا بىز بەك ئەخمەقكەنمىز. ئارقىمىزغا كىرىۋالغان قىزلارنى ئويناپ، ئەخمەق قىلىپ يۈرمەي قېچىپ يۈرگىنىمىزنى قارسىنا-دەپ گېپىنى خۇلاسىلىدى. ئۇنىڭ ئىچ -ئىچىدىن بالقىپ چىقىۋاتقان بۇ گېپى مېنى قاتتىق ئەجەپلەندۈردى. چۈنكى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر پەزىلەتلىك ئىنسان ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ، ئۈچ   تۆت يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاشۇ پەزىلەتلىرىدىن گۇمانلانغان ئىدى. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن گۇمانسىراپ قالدىم.كاللامغا تۈرلۈك-تۈرلۈك خىياللار  كەلدى.كېيىن ئۈرۈمچىدە 60 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايال بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ئەسلىدە تىببى ئىنىستىتوتنىڭ پروفىسسورى بولۇپ گەپلىرى ناھايىتى تاتلىق، قائىدىلىك ئىدى. ئۇنىڭ گېپىدىن ئېرىگە جىق تەۋىسىيە قىلىپ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلغان ئايال بولۇپ، چىرايىدىن ياش ۋاقتىدا تولىمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ھاجىم ئېرىنى ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن گەپ باشلاپ، ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا تولىمۇ چىرايلىقلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى، تانسىغا بەك ئۇستا ئىكەنلىكىنى ئۈرۈمچىدىكى تۈرلۈك ئولتۇرۇشلارغا قالدۇرۇلماي چاقىرىلدىغانلىقىنى، قەدەمدە بىر ئىملىقلار بىلەن پۈركەپ، دەپ بەردى. مەن ئۆز قەلبى بىلەن ئەمەس بەلكى چىراي بىلەن بىر مەزگىل چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەڭگۈشتەرىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئايالنىڭ قەلبىدىكى تېگى يوق ئازاپنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇ: ياش ۋاقتىڭلاردا ئويناڭلار،  دەپ كېلىپ، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا 80- يىللىرى سوۋېتكە بارغىنىدا موسكۋادا كۆرگەن  ئويۇنلارنىڭ ھازىر شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى ئەۋزەيلەپ ئەسكەرتتى. مەن بۇ قېرىنىڭ سەل ھەييارلىق قىلساملا ياكى سەل تەڭتۈش بولغان بولسام پويىزدىكى ھېلىقى سۆھبەتنىڭ ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزدۈم. ئۇ، ئاياللار قېرىيدىكەن.ئەرلەر يەنە ئويۇن بىلەن بولۇۋېرىدىكەن، بىزنىڭ ھاجىم دوسلىرى بىلەن ھېلىمۇ تاماشا قىلىپ يۈرۈيدۇ ئەمەسما؟ دەپ گېپىنى تۈگەتتى. ئۇنىڭ ئۇيۇن ۋە تاماشا سورۇنلىرىنى سۈرەتلىگەندىكى چاقناپ كەتكەن كۆزلىرى ئاخىرقى جۈملە ئېغىزىدىن چىقىۋاتقىنىدا خۇنۈكلۈك ئىچىگە پاتتى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېرىنى ھەرەمگە ئاپىرىشقا شۇنچە زورۇققىنىنى ۋە يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە بارغۇسى بارلىقىنى تېگىدىن چۈشىنىپ قالغاندەك بولدۇم. يۈرىكىم بۇ بىچارىنىڭ ھالىغا ئىچ ئاغىرتىپ تولغۇنۇپ كەتتى. دەرۋەقە، ھەزرىتى شاھ مەرداننىڭ ئانىسى شاھ مەردانغا قوساق كوتۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بازار ئايلانغۇسى كېلىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ، بازاردا شۇنداق كېتىپ بېرىپ بىر باققالنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە كۆزىگە ئۈزۈم چىرايلىق كۆرۈنۈپ باھانى سورىغاچ ئۈزۈمدىن بىر تالنى ئۈچۈپ ئاغزىغا ساپتۇ، ئانا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە قورسىقى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىپتۇ ۋە قورساقتىكى بالا زۇۋانغا  كېلىپ ئانىغا كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ، ئانا دەرھال ئارقىغا قايتىپ باققالدىن رازىلىق سوراپ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇپتۇ. بىز كىچىك چاغلاردا چوڭلار ھېكايىنى مۇشۇنداق ئېيتاتتى. ئەمما 20-30 يىل، 50-60 يىل ياشاپ بېقىپ قاراپ باقساق مۇشۇنداق ئەزۋەيلەشلەر بىزنىڭ ئۇنىڭ بۇنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىپ قالغاندىمۇ ياكى بۇ ھاياتنىڭ مىزانىمۇ؟ مەنىۋى جەھەتتە يىلىكى توشمىغانلارنىڭ پاجىئەسىمۇ ياكى زامانىۋىي كىنولار تەۋسىيە قىلىۋاتقان يېڭى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىمۇ؟! ئالىي مەكتەپتىكى مەزگىللىرىم يادىمغا كەلدى. ئۇ چاغدا يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىدىم. خىزمەتكە چىقىپلا بىر ئاشىق-مەشۇقلار سۆھبەتتە بولۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ خۇتۇنى ۋە بىر بالىسى بار ئىدى. مەن ئۇلارنى ئۈزۈمچە توغرا چۈشەندىم، ئەيىپلىمىدىم. ئايال تەرەپ دائىم ماڭا ئەرنى خۇتۇنىنى قۇيۇۋېتىدۇ، بىز توي قىلىمىز، دەپ بېرەتتى. كېيىن ئەر يۆتكىلىپ كەتتى. ئىككىسنىڭ ئارىسى بۇزۇلدى. كېيىن ئۇقتۇمكى، ئەر ئەسلىدە خۇتۇنىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، ئەمما ئۇ ئايالىدىن گۇمانلىنىپ قاپتۇ، ئونىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇددەت بالىلىق بۇلالماسلىق ئۇنى جىنىسى گۇمانغا ئېلىپ بېرىپتۇ. شونىڭ بىلەن ئۇ بۇ قىزغا يالغان ئېيتىپ، ئەمىنلىك تاپقان ئىكەن. كېيىنچە مەن ئۇ قىزغا«ياۋروپاچە ياشاڭ » دېگىنىم  يادىمدا. لېكىن، مانا بۈگۈن ئالدىمدىكى ماۋۇ ياۋروپاچە خېنىم مېنى ئازاپلاپ تۇرۇپتۇ.ناۋادا ھەممىسى مېنىڭ ئاشۇ گېپىم بويىچە ياۋروپاچە ياشىغان بولسا، مەن نىمە بولۇپ كېتەر ئىدىم -ھە! يۈزلىرىم نۇمۇستىن قىزىرىپ كەتتى. يۈرىكىمنىڭ قانداقتۇر بىر يېرى ئېقىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى. كاللامدىن تېخىمۇ دەھشەت بىر ئەسلىمە ئوخچۇپ چىقتى.
چىڭخاڭداۋدا چوڭ ياشلىق بىر ئادەم تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى. بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپلا ئۇنىڭ كەيپىياتى كەلگەن كۈنلىرىگە ئوخشىماي قالدى. ئاندا- ساندا تالاغا چىققىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ ئەتىدىن كەچكىچە ياتاقتا ئولتۇراتتى. ئونىڭ بىكار يۈرۈپ كەتكىنىگە ئىچى پۇشقانلار ئۇنى بىرەر ئىش قىلىشقا ئۈندەپ قۇياتتى. بىراق، ئۇ ھېچ ئىش قىلماي يۈرۈۋەردى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى بۇ كىشى كېسەل تارتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىز ئۇنىڭ شىنجاڭغا چىقىپ كېتىش ئۇيى بار- يوقلۇقىنى بىلەلمەي يۈرۈۋەردۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ كىشىنىڭ كېچىسى بەك ھەسرەتلىك يىغلاپ كېتىدىغىنى سېزىلدى ۋە ئاخىرى بۇ ياتاقتىكى بىرەيلەن بۇ كىشىنىڭ كۈڭۈل تارىنى چېكىپ، ئونىڭغا راست گېپىنى دېگۈزدى. ئەسلىدە ئۇ كىشىنىڭ خەنزۇچىدە ئۇقۇغان بىر قىزى بولۇپ، يوقاپ كەتكىلى بىر يىل بولغان ئىكەن. يۇرتلۇقلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ، قىزىنىڭ چىڭخاڭداۋدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەم  قىزىنى ئالغىلى بۇ يەرگە كەپتۇ. قىزى ھەقىقەتەن چىڭخاڭداۋدا بىر ساتىراشخانىدا ئىكەن. ئاتىسى كېلىپ قىزىنىڭ پاھىشىلىك قىلىدىغىنى ئۇقۇپتۇ. لېكىن، بۇ ئىشنى ئونىڭ يۈزىگە سالماي« كېتىلى قىزىم »دەپتۇ. قىز بىر كۈنى ئونىڭغا ناھايىتى ئۇچۇق قىلىپ:
    -ئاتا شىنجاڭغا بارساڭمۇ يەر تېرىيسەن، ئونىڭدىن كۆرە ئانام بىلەن ئىككىڭلار مۇشۇ يەرگىلا كەلسەڭلار، مەن تىجارەت قىلىدىغان ئۆينى ئۈچ ۋاقلىق تازىلاپ بەرسەڭلار،مەن سىلەرگەئايدا 1000 يۈەن ئايلىق بەرسەم، دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن ئۇ قىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. مەندە  ئۇ قىزنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئارزۇسى پەيدا بولدى. ئۇ قىزنىمۇ كۆردۈم. ئۇمۇ چىرايىدىن ئۆلچەملىك ئويغۇر قىزى ئىكەن، ئۇ ماڭا ناھايىتى تەبىئىلىك بىلەن سىز بەك مۇتئەسسىپكەنسىز، سىتۇدېنت ئەمەسكەنسىز، دېدى. مەن ئىشەندىمكى، ئۇ ئۇنداق تۇرغىنى بىلەن بىرسىنى ياخشى كۆرەلەيتتى، ئونىڭغا ئۆزىنى بېغىشلىيالايتتى. بۇ يېرى يا پايدىسى يوق، يا زىيىنى يوق ئادەمدىن ياخشىراق ئەلۋەتتە.  ياكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا چۈشىنىش كېرەكمۇ ياكى مەن سەۋىيىسىزلىك قىلىۋاتقان دىمەنمۇ؟ مەيلى قانداق بولسۇن، كاللامدا ئەنە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى. يۈرىكىمنى تۇتۇپ باقتىم، ئاخىر كۆتۈر قاسقىنىڭنى، مۇشۇنداق ئىشلارنىمۇ توغرا چۈشىنىدىغان ئۇنداق سەۋىيىنىڭ ماڭا كېرىكى يوق!  دەپ كەسكىن ئېيتتىم. راست، ئاتۇمنى ياسىغان ئاشۇ ئالىملارنىڭ ئالىملىقىغا ۋاي. بىئولوگىيىلىك قوراللارنى ياسىغان ئاشۇ ئالىملارنىڭ ئالىملىقىغا ۋاي. پەقەت ئىمتىھان، دېپلوم، مۇكاپات بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلاشنىڭلا كويىدا يۈرۈيدىغان ئۇنداق دوكتۇر، ئۇنداق ئالىم بولغىچە تەرەتخانا تازىلىغان ياخشى. جاھان ئاڭلاپ قويسۇنكى، ئادەمىيلىكنى ھېچنەرسىگە تېگىشكىلى بولمايدۇ.  بىلىم يۈدۈۋالغان ئېشەك ھامىنى ئادەمنىڭ قاتارىدا تۇرالمايدۇ. مۇشۇنداق نىدا كاللامدا جاراڭلاۋاتقىنىدا، ئالدىمدا ئولتۇرغان قىز ھەرقايسى قاتلامدىكى ئىنسانلارغا ئوخشاشقا باشلىدى. پويىز ئۇچقاندەك ماڭماقتا ئىدى.ئومۇمەن، خىزمەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئادەمنى ئۆزگەرتىش نىشانى قىلغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بويتاقلىقنى كۆزگە سىغدۇرۇپ يارىتىۋاتقان تۇرمۇش تەپەككۇرلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان كىنولار پەقەت  خوشاللىق. ئويۇن-تاماشانىلا مەقسەت قىلغان قەھۋەخانا بەزمىخانا كۆرۈنۈشلىرى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈتتى، ئۇ زادى نېمە؟پرىنسىپسىز ھايات بەلكىم نەزىرىيە جەھەتتىن پرىنسىپسىز ھايات، مەن ھېچنىمىنى ئالدىنئالا توغرا يا خاتا دەپ ئايرىۋالالمايمەن، دەپ مېنىمۇ قىزىقتۇرغان، يىپ يىنىك قىلىپ قويغان بولسا كېرەك. ئەمما مەن پەقەت خوش بولساملا بولدى، دەپ ئاشۇنداق ياشاپ باققان، لېكىن بۇ مېنىڭ ئازاپلىرىم، باشقىلاردىن ئۈمىدسىزلىنىشلىرىم بىلەن دەرەخنىڭ يىلتىزى، غولى ۋە يۇپۇرماقلىرىنى كۆمۈۋېتىپ، مىۋىگىلا قول ئۇزىتىۋاتقان، بىر كۈن ياكى بىر نەچچە سائەت خۇشاللىناي، دەپ ئىرادە تىكلەپ چىڭىغا چىقىرىپ ئوينىيالىغان بىلەن نەچچە كۈن ۋە نەچچە ئاي نېمىلەرگىدۇر ئۇھ تارتىپ يۈرۈۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئەجىبا ئامېرىكىلىقلار ماڭا ئوخشىمايدىغان كىشىلەرمىدۇ؟! ياكى بەلكىم سىستېمىلىق زور ئەقلى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئەقىلگە زور ئىشەنچ ئېلىپ كەلدى بولغاي، شونىڭ بىلەن ھەممىگە ئەقىل بىلەن يۈزلىنەلەيمەن، دەپ مەيدىگە مۇشتلاپ ئالىي مەكتەپتىكى مەن پەيدا بولدۇم. كۆيۈنۈش، مېھىر - مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت، غورۇر، ۋىجدان قەلىبتە يوق، ئەمماشۇنى باردەك كۆرسىتىدىغان مەنىتىقىلىق توقۇلمىلارنى جىق ئۇچراتتىم، ھەقىقەتەنمۇ خۇددى ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك ئىنسان تېنىدىكى بىر پارچە گۆش(يۈرەك) بۇزۇلسا ھەممە ئىشنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ مەڭگۈ ھالدا ئەقىلىنى ئەمەس، قەلىبىنى يادرو قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم. چوڭقۇر بىر تىنىپ، ھەي كىچىكلىك! دېدىم. پىرىنسىپ دېگەننىڭ «ھەق»دېگەننىڭ ھەممە نېمىنىڭ تۇلۇق ئېتراپ قىلىنىشى ھەر ئىشنىڭ كامالىتى ئىكەنلىكىنى، شونىڭغا پرىنسىپسىز ئۆتسىمۇ ئۈتىدىغاندەك بىلىنىدىغان ھاياتنىڭ پىرىنسىپلىق ھايات بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ كامالەتكە رىشتى بار ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى بىر قۇتۇبىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى قەستەن پرىنسىپسىز ھايات كەچۈرۈشنىڭ گۇمراھلىق بولىدىغانلىقى، خۇددى يۇقۇرىدىكى قىزلارنىڭ ھاياتىدەك نەپرەتلىك ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەلۋەتتە ئالاقىلىشىش ۋە قاتناش تورلىرىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتى يەر شارىنى كىچىكلا بىر كەنتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.ئادەملەر تېلېفون تۇرۇپكىسنى قولىغا ئېلىپ خۇددى يېنىدىكى ئادەم بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندەك يەر شارىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى بىرسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. بۇنداق غايەت زور دەرىجىدىكى كىچىكلەش ئەقىل- پاراسەت، ماھارەت جەھەتتىلا ئەمەس، ئۆرۈپ -ئادەت، مەدەنىيەت مىجەز -خۇلۇق جەھەتتىكى ئەڭ مىسلىسىز كۆلەملىك رىقابەتنى پەيدا قىلدى. كۇچاغا نىسبەتەن ئۇستا ھېسابلىنىدىغان تىككۈچىلەرنى ھازىر كۇچالىقلارنىڭ كىيىم تىكتۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۇلىنى تېپىش سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ دەپ ئېيتالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. پالانى يەردە ئۈزۈم تۇرپاندىن بىر يۈەن قىممەتكەن دەپ بولغىچە بازار دەرھال ئۈزۈم بىلەن تۇلۇپ كېتىدىغان بولۇپ  كەتتى. ئىنسانلار ئەزەلدىن ئۇچراپ  باقمىغان ئىقتىدارلىقلار بەيگىسىگە چۈشتى. ھەرقانداق بىر قابىللىق ئۆز رىقابەتچىسىگە يۇلۇقىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق ئەمەلىيەت  تىرىكچىلىكنىڭ ئېقىنىغا ئۈزىنى تاشلاپ، ئونىڭ ئېقىشى نەگە باشلىسا، شۇ يەرگە ماڭىدىغان ئادەملەرنى تېخىمۇ بەك كۆپەيتىۋەتتى. مەلۇم بىر ماددىي مەنپەئەت، كەسپىي نەتىجە ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ۋاسىتىغا ئايلاندۇرۇش ئانچىكىم بىر ئىش بولۇپ قالغان يەردە مەدەنىيەت قۈۋىيىتىنىڭ ئەتىۋاسى ئاللىقاچانلا كۆزگە چېلىقماس بولۇپ كەتتى. تەبىئىكى، بۇ پرىنسىپسىز ھاياتنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئۇلغايتتى. ئونىڭ ئۈستىگە بۇ ئەقلىلىق ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن تۇتۇشۇپ ئۈزىچە پەلسەپىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاندەك تۈس ئالدى. كۆز ئالدىمدىن  نۇزۇگۇم، مومام، ئاپام، سىڭلىم، سىتۇدېنت قىزلار، ئېرىگە پايپىقىنى يۇدۇرىدىغان، ئىچىملىكتىمۇ ئەرلەر بىلەن باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئۈرۈمچىلىكلەر، چىڭخاڭداۋدىكى قىز كىنودەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. 1945-يىلى ياپۇنىيىنىڭ خروسما، ناگاساكى ئارىلىغا چۈشكەن ئاتۈم بومبىسىنىڭ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشى غۇۋا ئەكس ئەتتى. چىڭخاڭداۋدىكى قىز ئاتۇم چۈشكەن ئارال ئەمەسمۇ؟ غەيرىي ئىقتىدارلىق بولۇپ ياشاش پەزىلەتلىك ياشاشتىن شۇنداق ئۈستۈنمىدۇ؟! بۇ ئاتۇمنى زادى كىملەر تاشلىدى؟ مەن ياۋروپاچە ياشاڭ دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئاتۇم تاشلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولمىدىممۇ؟ خۇددى ياپۇنىيىنىڭ خروسما، ناگاساكى ئارىلىغا ئاتۇم تاشلاپ قۇيۇپ، ئۆمۈر بۆيى ئازاپلانغان ئامېرىكا  زۇڭتۇڭدەك ئاز - تولا ئېچىنىش ئىچىدە بولۇپ باقتىممۇ؟ مەندە كېسەلگە داۋا بېرىپ دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى ئويلىشىپ قويىدىغان دوختۇردەك مەسئۇلىيەت بولدىمۇ؟ باشقىلاردا  بولدىمۇ؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز، ئەدەبىياتىمىز بولارنى ئويلاشتىمۇ؟ مەن ئۇنى كىچىكىدىنلا بىلەتتىم. كىتاپخانا، كۇتۇپخانا دېگەنلەردە بىز خەق ئانچە بولۇپ كەتمەيدىغان 80-  يىللاردا ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن بۇ ئىنىمنىڭ ئاشۇ يەرلەردە نېمىلەرنىدۇر كۆرۈپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىمدىن سۈيۈنۈپ كېتەتتىم. مەن ئالىي مەكتەپكە چىققىچە ئۇ ئاشۇنداق قەدىمى قىزغىنلىق ۋە غايە بىلەن بەكمۇ ئەتراپلىق ۋە كەڭ - كۇشادە بىلىم ئالدى. مەن دائىم ئونىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرگۈدەك يۈزىدە،نۇرلۇق يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىدە ئاجايىپ ئۇلۇغۋار بىر روھنىڭ بالقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتىم. بولۇپمۇ ئونىڭ پەزىلىتىدىكى بوۋاقتەك ساپ ۋە تەبىئىي خىسلەتلەر، ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەك يۇمران ۋە يىراق -يىراقلاردىن كۆڭۈلگە ئۇرۇلۇپ تۇرغان تاتلىقلىق، يېقىنلىق تۇيغۇسى ماڭا ئۆزگىچە تەسىر قىلىپ تۇراتتى. بىراق، ئۇ چوڭ بولغانسېرى، بولۇپمۇ ،ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ، يۇقىرى يىللىققا قاراپ ماڭغانسېرى ئۇنىڭ يۈزىگە بىرخىل مۇجمەل ئۆكۈنۈش كەيپىياتى تېپىپ چىقىۋاتاتتى. مەن ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ كەلگەن يىلى بۇ خىل ئەھۋال خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالغاندەك ئىدى. مىڭ ئەپسۇس، شۇ چاغدا ئونىڭ بىلەن ئازادە پىكىرلىشىش نېسىپ بولمىدى. بونىڭغا ئاپامنىڭ قىرىق يىللىق خىزمەتچىلىك ھاياتىدا تاۋلاپ چىققان بالدۇرراق خىزمەتكە چىقىشى كېرەك، كېيىن نېمە بولۇپ كېتىدۇ، دەيدىغان پۇرسەتپەرەس، ئاسان يەپ، ئاسان تىرىلىشنى ئويلايدىغان زەئىپ دۇنيا قارىشى، يەنىلا خىزمەتچى قىلىشتەك ئۇلۇغۋار تەدبىرىنىڭ بېسىمى قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇ مەجبۇرىي ھالدا تېخنىكۇملارغا ئىمتىھان بەردى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى. ھازىر كاللامدا ئونىڭ مەنىسىز مەكتەپ ھاياتى، ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلىرى، غايىسىز، ئىنسانى سەزگۈسى مەجرۇھ ساۋاقداشلىرى توغرىسىدىكى گەپلىرى، ھەتتا تاماق يېگۈسىمۇ يوق بولۇپ كەتكەنلىكى،ئۈچىنچى يىلى ئۇنداق مەكتەپتە ئۇقۇمايمەن، ئالىي مەكتەپكە قايتا ئىمتىھان بېرىمەن، چەت ئەللەردە ئوقۇيمەن دەپ تەتىل توشسىمۇ چىقماي تۇرۇۋالغانلىقى، مېنىڭ ھەزىلەكلەرچە ئونىڭغا سالا قىلغانلىقىم تۇرۇپتۇ . پاك قەلىب ۋە ساغلام ئىنسانى سەزگۈلەر ئارىسىدا چىقىرىلغان يەكۈنلەر بىلەن رېئاللىق توقۇنۇشقان چاغدا ئۆزۈمنىڭ ھەقنىڭ ئۈستىدە تۇرالمىغانلىقىم ئۇنىڭغا كامالەتنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە چۈشەندۈرمىگەنلىكىم تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ قانچىلىك ئازابلانغان بولغىيتتى؟ ھەسسىنە! نېمىشقا ئۇمۇ ئۆزىدىكى ئازابنى ئەركەكتەك ئاشكارىلىمىغان بولغىيتتى؟!مۇشۇنداق چاغلاردا قايسىدۇر بىر ۋاقىتتا مال ئالغىلى چىقىۋېتىپ ئۈرۈمچىلىك بىر شوپۇردىن ئاڭلىغان بىر ۋەقەلىك يادىمغا كېلىپ قالدى. ئونىڭ ناھايىتىمۇ ئىخلاسمەن بىر تۇققىنى بولۇپ، ئۇ ئوغلىنى پۈتۈن قارى قىلىش ئۈچۈن بەك كۈچىگەنىكەن. بالا قۇرئاننى يادلاپ 7 -8 پارىنى تۈگەتكىنىدە 17-18 ياشلارغا كىرىپ قالغاچقا ، ئاتىسىغا بىرتەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقوش تەلىۋىنى قۇيۇپتۇ. بىراق، ئاتىسى ئونىڭ ئۆيدىن چىقماي قىرائەت ئۆگىنىشىدە چىڭ تۇرۇپتۇ ۋە بۇ زىدىيەت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم چەككە يەتكەندىن كېيىن، ئاتا بولغۇچى ئۆيىنىڭ تۆرگە يوغان تۈمۈر قۇزۇقتىن بىرنى قېقىپ، ئونىڭ يېنىغا نەچچە قات كۆرپە سېلىپ، بالىسىنىڭ پۇتىنى قۇزۇققا زەنجىر بىلەن چېتىپتۇ ۋە پەقەت تەرەتكە چىقىدىغان چاغدىلا بالىنىڭ پۇتىنى بوشتىدىغان، بولمىسا ئۈچ ۋاقلىق تامىقىنى شۇ جايدا يەپ قالغان ۋاقىتتا قارىلىقىنى ئۆگىنىدىغان قىلىپ قۇيۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ بالا ئاشۇ ھالەتتە بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇرسەت تېپىپ ئىچكىرسىگە قېچىپ كېتىپتۇ. گۇاڭجۇدا ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان ئىشلار بولىدىغان بىر بىنا بولىدىغان، ئۇ شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ نارسىدە بىر بالىنىڭ نۇمۇسىغا تېگىۋاتقان بىر قېرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قاپتۇ. يىگىتلىك غۇرۇرىغا ئىگە ئۇ بالا شۇ مەيداندىلا ئۇ قېرىغا پىچاق سېلىپ، گۇاڭجۇدىن قېچىپ كېتىپتۇ. شوپۇر ماڭا ھېلىقى بالىنىڭ ئاجايىپ پاكىزە، قائىدىلىك، كېلىشكەن، قىرائىتىنىڭ ئاجايىپ مۇڭى بارلىقىنى بىردەم ماختاپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇنى ئاكىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاقسۇغا ئاپىرىپ قويغانلىقىنى دەپ جىمىپ كەتتى. بىر ھازادىن كېيىن شوپۇر گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلدى: يەنە بىر يېرىم يىلدىن كېيىن مەن ئونى ئۈرۈمچىگە ئالغاچ چىقتىم، بۇ قېتىم ئۇ ئەمەسلا ئادەم بولۇپ قاپتۇ، چىرايىدا قان دىدارى يوق. ئىشقىلىپ بۇرۇنقى ھالىتىدىن  ئازراقمۇ قالماپتۇ. ئۈرۈمچىگە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىنمۇ، يېرىم يىلدىن كېيىنمۇ ئاق چېكىپ ئۆلۈپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم، ئۆلگىچىلىك ئۇ: مېنى دادام مۇشۇنداق قىلىپ قويدى، دەپ يۈرگەنمىش. شوپۇر كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ بېرىپ گېپىنى مۇشۇنداق خۇلاسىلىدى.  
ئەدەبىي تەپسىلاتلار قۇشۇلمىغان رېئال بۇ ۋەقەلىكتىكى يۈكسەك مەنا ئىزدەۋاتقان، بىكارچىلىق ۋە پۇچەكلىكتىن يۇلقۇنۇۋاتقان بۇ ۋۇجۇد تەبىئىلا يۈرىكىمنىڭ  قېتىدا ئۇنتۇلماس داغ بۇلۇپ قالغان ئىنىمنى ئەسلەتتى. ناۋادا ئىنىم ئۆزىدىكى ئازاپنى ئەركەكتەك ئىپادىلگەن بولسا، ئۇمۇ مۇشۇنداق بولار بولغىيتتىمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇ چاغدا ئولۇغۋار غايە بىلەن ئالىي مەكتەپلەرگە چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى سۇلغۇن چىرايى،مەدەنىيەتلىك ئۈرۈمچىلكلەرنىڭ ئىچ پۇشۇشۇقىنى چىقىرىپ، قىزغىنراق ياشاش ئۈچۈن، قاتار چاي، ئاياللار ئولتۇرۇشى،رېستۇران ساراڭلىقى دېگەندەك تۈرلۈك-تۈرلۈك ساپاسىز قىلىقلارنى تېپىپ تۇرۇۋاتقىنى، ھەتتا بىرقىسىم شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ يۇندىغا چۈشۈپ كەتكەن روھى پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. بىزدە زادى قانچىلىك ئادەم ئۈزىنى ئەركەكتەك ئاشكارىلاپ ساغلام تۇرۇۋاتىدۇ؟! بۇنىڭدىكى سەۋەپ زادى نەدە؟!
1997-يىلى چاقىلىقنىڭ ۋاششەدىكى قالاقلىق،نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆرۈنۈشلىرىدىن ئانچە-مۇنچە ئەركەكلىكنى بولسىمۇ ئۇچرىتالماي، كۆڭلۈم ھېرىپ، چەرچەندىكى بىر مېھمانخانىدا ياتسام، ئۈستىگە رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن جۇڭسەنپۇ، بېشىغا خوتەن تۇمۇقى، پۇتىغا ماكچىيىپ ھالى قالمىغان ئۆتۈك كىيىپ، سۈپەتسىز ماللىقى كۆرۈنۈپلا تۇرغان بىر سومكىنى قولتىقىغا قىستۇرۇۋالغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىرئادەم ياتاققا كىرىپ كەلدى. ئونىڭ بىچارە، نىمجانلىقىغا قاراپ كېلىڭمۇ  دىيەلمىدىم . نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ يەنىلا بىرئاق كۈڭۈل دېھقان ئىدى. ياتار چاغدا ئاغزىم قىچىشىپ بۇ نىمجان ئاكىمىزنى پاراڭغا سالدىم، بۇ كىشى نىيىدىن ئىكەن. ئونىڭ 14 ياشلىق بىر قىزى بولۇپ، ئۇ قېچىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنى ئىزدەپ چىقىپتىمىش. قىزىنى نىيىدىكى بىر تاكسى شوپۇرى چەرچەندىكى بىر خوجايىنغا ئەكىلىپ بەرگەنمىش. ئۇ شوپۇر نىيىدە ھازىر بار ئىمىش. ئونىڭغا خوجايىننىڭ ئورنىنى دەپ بەرمىگەنمىش. بۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتكەچكىمىكىن، ئۇ كۈنى ئۈجۇر-بۇجۇرىنى سورىمايلا ھە - ھە دەپلا ئۇخلاپ قالدىم. ئەتىسى بۇ بىچارە چەرچەن بازىرىدا تولا ئۇچراشتى. ئۇ بازاردا ئۇيەر -بۇيەرگە قاراپ يۈرەتتى . ھەر قېتىم ئۇ ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمسىز ۋە نىمجان ئىشلىرىغا كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدىن غەزەپ قاينايتتى. ئاخشىمى ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇئاچچىقىمنى بېسىپ بۇلالماي،ئۇنىڭدىن: ئاكا سىلىمۇ بىر ئەر بولغاندىن كېيىن ئاشۇ شوپۇرنىڭ گېلىدىن سىقىپ، ماڭا ھەزىلەك! قىزىمنى نەگە ئاپىرىپ بەرگەن بولساڭ مېنى شۇ يەرگە ئاپار دەپ ئاشۇ شوپۇرنى مەشەگە ئەكەلسىلە بولمامدۇ؟ دېدىم. ئونىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى،«پەقەت ئۇنۇمايدىكەن ئەينا»دەپلا گەپنى تۈگەتتى. ئونىڭدىكى بىچارىلىك تېخىمۇ يوغىناپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. چىڭخاڭداۋدىكى ھېلىقى ئاتىنى، ئۆز غايىسى ئۈچۈن ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن باتۇرخانغا، بۇرنىنى، قۇلىقىنى كېسىپ تاجاۋۇزچىلار ئالدىغا بارغان شىراققا سېلىشتۇرۇپ پەيدا بولغان نومۇس تۇيغۇسى قايتا باش كۆتۈردى. نېمىشقىكىن كۆز ئالدىمدىكى ماۋۇ ئادەم مۇنداق قىزنى قىزىم بار دېگەندىن، ئاشۇنداق قىزى بار دېگەن ئاتاققا قالغۇچە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەي، بۇنداق جاننىڭ نېمە كېرىكى؟! دەپ بولسىمۇ قويمايدىغاندۇر؟ دېگەن سوئال قايتىدىن يۈرىكىمنى قىسىشقا باشلىدى. توۋا دەيمەن، بىزدىكى كۈچ نەگە كەتتى! كاللامدا بىر نىدا ياڭرىماقتا ئىدى. بىر كۈنى سىتۇدېنت بىر قىز مۇنداق بىر ۋەقەنى ھەيرانلىق ئىچىدە دەپ بەردى. ئۇلارنىڭ مەكتىۋىدە بىرمۇنچە ياپونىيىلىكلەر بىلىم ئاشۇرىدىكەن. ئۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بىلەن ئالاھىدە يېقىن ئۆتۈشىدىكەن. بىر كۈنى ئىككى دوست سودىلىق قىلماقچى بولۇپ،بازارغا چىقىپ كوچا ئاپتۇبۇسىغا چۈشۈپتۇ. ياپونىيىلىك ئىشىك تۈۋىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپتۇ. ھېلىقى قىز ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپتۇ. بىر بېكەتكە كەلگەندە ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئايال ئاپتۇۋۇزغا چىقىپ تۇرۇشىغىلا ئاپتۇۋۇزنىڭ قوزغىلىشىدىن سەنتۈرۈلۈپ، يەرگە يىقىلىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى ياپونىيىلىك ناھايىتى چاققانلىق بىلەن يىقىلغۇچى ئايالنى دەرھال تۇتۇۋالماقچى بولغان بولسىمۇ ئۈلگۈرەلمەپتۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەر ھېلىقى قىزىمىزغا بەك قىزىقارلىق تۇيۇلغاچقا كۈلۈپ، ئۆزىنى باسالماي قاپتۇ. قىزنىڭ دېيىشىچە ،ياپونىيىلىك ئەكسىچە تاتىرىپ ناھايىتى جىمىپ كەتكەن ئىمىش ۋە ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەندىن كېيىن قىزدىن: سەن نېمىشقا كۈلىسەن؟ مەن تۇتۇۋالغان بولسام ئۇ يىقىلمايتتى، سەن باشقىلار ئازابلانسا،كۈلۈشكە قانداق پېتىندىڭ دەپ بىر كۈن گەپ قىلماپتۇ. بۇ ھېكايە مېنى بىر قىسمىلا قىلىپ قويدى.ئۆز -ئۈزۈمگە خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن مىڭ يىل پەرۋىش قىلىنغان ئىنسانى سېزىملەرگە جىن تەگدىمۇ نېمە؟ نىجاسەت يوسۇن -قائىدە، ئىدىيىلەردىن ئۆتۈپ خاھىشلارغا كەتتىمۇ نېمە؟ دەپ سوئال قويدۇم. بۇ تەبىئىي ھالدىلا ئالىي مەكتەپتە بولغان مۇنداق ۋەقەلىكنى ئەسلەتتى.
ئالىي مەكتەپنىڭ2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان پەزىلەتلىك بىر يىگىت ساۋاقداشلىرىدىن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە مۇۋاپىق پۈرسەتتە بۇ قىزغا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپتۇ.لېكىن قىز ئۇنى قۇبۇل قىلماپتۇ. بونىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمىگەن يىگىت قىزچاق مېنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى تۇلۇق ھېس قىلمىدى، ئونىڭغا قەلبىمنى تۇلۇق ئىزھار قىلاي دېگەن خىيال بىلەن يېرىم يىلدەك كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، ئۇنى بۇ قىزغا بېرىپتۇ. بىراق، بۇ قىز يىگىتنىڭ خىيالىدەك بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى، ياتاقتا كۈندىلىك خاتىرە ئېكۇسكۇرسىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ.  توۋا دەيمەن ،بەلكىم ئۇنى خالىيراق جايغا ئېلىپ چىقىپ گۈلدۈر - قاراسلا بېسىپ، ئۇ يەر-بۇيىرىنى غىدىقلاپ قويغان بولسا، بۇ خاتىرە يازغاندىن تەسىرلىكرەك بۇلار بولغىيتتى. ئالدىمىزنى ئويلىساق قىيا بېقىشتىلا ئاياللىق گۈزەللىكى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىزلىرىمىز قوللىرىنى تۇتساقمۇ، بىريەرلىرىنى ھەرقانچە ئېچۋالسىمۇ بەدەننى«چوغ» قىلالمايدىغان بولۇپ كەتتى. بىز زادى نەگە قاراپ ماڭدۇق؟ ئادەم ھايۋانلىق ۋە پەرىشتىلىك سۈپەتكە ئىگە، ئۇ ھايۋانلىققا ماڭغانسېرى دوزاققا يېقىنلىشىدۇ. پەرشتىلىك سۈپەتتە بولغانسېرى جەننەتكە كىرىدۇ دەپ تەربىيىلەنگەن مىڭ يىللىق تەربىيىنىڭ گۈلىستانىغا قانداق قىلىپ ئۈشۈك تەگدى؟ شەرىئەت بويىچە ئىش قىلىش دېگەن نامدا قانۇن ئېڭىنى ھەربىر تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغىچە سىڭدۈرگەن مىللەت،ھەقىقىي مەنىدىكى قانۇن ئېڭىدىكى جەمئىيەت نېمىشقا ھۆسنىنى يوقاتتى؟ بار نەرسىنى يوقىتىپ قۇيۇپ، دۆلەتنى قانۇن-تۈزۈم بىلەن ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت تۈپكى سىياسەت، ئەزەلدىن ھەقىقىي مەنىدىكى قانۇن- تۈزۈم ھاياتىنى كۆرۈپ باقمىغان بىر مىللەتنىڭ مىللى ئېڭىغا ئايلانغاندا، ئاندىن توۋا، بىزدە بۇرۇندىنلا مۇشۇنداق مەدەنىيەت بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ دەپ ئۆزىمىزنى ماختاشقا بىر نېمە تاپىمىزمۇ؟! بۇ توغرا مەنتىقىمۇ؟ يەنە ئويلىغاندا،بىزنىڭ ھازىرغىچە تەرەققىياتىمىز مۇشۇ مەنتىقىدىن باشقىچە بولدىمۇ؟ ئوبدان قاراپ باقايلى، ھېچقانچە ئەنئەنىسى بولمىغان ئۈرۈمچىنىڭ يا ئەرگە، يا ئايالغا ئوخشىمايدىغان قىزلىرىدىن شىرىننىڭ پەرھاتنى سۆيدۈرگەن جىلۋىسىنى كۆرەلدۇقمۇ؟ ئاتالمىش مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆسكەن، يۈزگە ئاپتاپ چۈشمەيدىغان  ئۈرۈمچىلىك يىگىتلەردىن سادىر پالۋاننىڭ جاسارىتىنى تاپالىدۇقمۇ؟ بۇ يېڭى ماكاننىڭ مەھسۇللىرى بىزگە پەقەت شەخسىيەتچىلىكنىڭ تار قەپىزىگە سولانغان شوخلۇق ۋە دام-دامچى نوچىلىقتىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئەكىلىپ بەرمىدىغۇ؟
1998-يىلى لەنجۇدا بىر قارى بىلەن بىر ياتاقتا ياتتىم. مەن ھەركۈنى رادىئونى ئېچىپ خەۋەر ئاڭلايتتىم ياكى ماتېرىيال كۆرەتتىم. ئۇ بولسا، قۇرئاننى ئاۋازىنىڭ  بارىچە ئوقۇيتتى. بىر كۈنى بولماي:
-قارىم، ھەرقانچە بولسىمۇ ئىچىڭلاردا ئوقۇڭلار، دېدىم. ئۇ قوپۇپ ئىنساننىڭ سۆزىنى ئاڭلايمىزمۇ؟ ئاللانىڭ گېپىنى ئاڭلايمىزمۇ؟ دەپ سوراپ قالدى. ئېنىقكى، بۇ بىر گەپتانلىق ئىدى. مەن ناھايىتى كەسكىن قىلىپ خەۋەر ئاڭلايمىز، ئۇنداق مەزمۇنى يەتمىگەن، مەنپەئەتسىز ئوقۇشۇڭلارنىڭ پوققا پايدىسى يوق، دېدىم. ئۇ ھۈپپىدە قىزىرىپ بىرنېمە دېگۈسى باردەك قىلىپ توختاپ قالدى. دېمىسىمۇ بىزنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. ئۆزىنىڭ پاك روھىنى يوقىتىپ، شەكىلنى تۇتۇپ قالغان، ئۆزى ھەممىنى بىلىپ ئۆزى سۇغا سىيىدىغان موللىلار خەلقىمىزنى ئۇزۇن مەزگىل زۇلمەتتە قويدى. شەكلىي بىلىمنىلا بىلىم ھېسابلاپ يۈرگەن خەلقمۇ ئاشۇنداق ئادەملەرنى ئۆلىما چاغلىۋېلىپ ئۆزىگە-ئۆزى قىلدى. مۇشۇنداق بىر سۈپەتسىز يەردىن چىققان كىشىلەر  ئۆزىنىڭ يېنىكلىكى ۋە يېنىكلىك بىلەن ئىلغار بولۇپ قالغانلىقى بىلەن زاماننىڭ تۆرىگە چىقىپ، زېمىنگە سۇ ئېلىپ كېلىمەن دەپ تاشقىن ئېلىپ كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ تاشقىن نۇرغۇن ئېچىرقاپ كەتكەن يەرلەرنى سۇغاردى. نۇرغۇن چىرايلىق ئۆيلەرنى ئۆرىدى. ئۇنىڭ ئېچىرقىغان يەرلەرگە بارغىنى ياخشىلىق، چىرايلىق ئۆيلەرنى ئۆرىگىنى يامانلىق بولدى. مانا مۇشۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى زىددىييەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تېپىشىشى جەمىئىيىتىمىزدە روھنىڭ ئاپەتگاھى بولۇپ كەلدى. تۈرلۈك -تۈرلۈك كەسىپلەردىن دوكتۇرلار، دوكتۇر ئاشتىلار چىقتى. ئەمما بىزدە ناھايىتى قەدىمدىلا شەرھى، ھەدىس، كالامىيەت، شەرىئەتتىن ئىبارەت تۆت ئىلىمدە توشۇپ، زاھىرى ۋە باتىنى بىلىملەرنى ئىگىلىگەن، شەيخۇل ئىسلام، قازى كالان، ئەلەم، داموللا دېگەندەك ئۇنۋانلار بار ئىدى. ھازىرغىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئېنگلىز تىلى دۇنيا تىلى بولۇپ قالغاندىن كېيىن مۇشۇ تىلدا ئاتالغان ئۇنۋانلار سەۋىيىلىكمۇ ياكى بۇرۇنقى ئۇنۋانلار سەۋىيىلىكمۇ، بۇنىڭغا  ئۆزىمىز بىرنەرسە دەپ باقمىدۇق.پەقەت خەقلەر نېمىنى تالاشسا بىزمۇ شۇنى تالىشىپ كېتىپ بارىمىز. نەچچە يۈز خىل گېزىت- ژۇرناللىرىمىز بۇلۇڭ - پۇشقاقلارغىچە باردى. بىراق، تۇرمۇشىمىزدا زور تەسىرگە ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا پىتنە- پاسات بىلەن توشىدىغان بولۇپ كەتكەن ساپاسىز  مەسچىتلىرىمىزنىڭ  پىتنە - پاساتلىرى دەۋرنىڭ جاراڭلىق گەپلىرىگە ئالماشمايلا خۇددى سوغۇقتا ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىشلەمچىلەردەك جىقراق ئادەم كىرسە بىردەم جانلىنىپ كېتىپ بولمىسا، شۈمشىيىپ بۇلۇڭلاردا قالدى. ئېگىز - ئېگىز بىنالار ھەممە يەردە قەد كۆتۈردى. كەڭ - كەڭ ئاسفالىت يوللار ياسالدى. يوللاردا ماشىنىلار  مۇكىدەك پەيدا بولدى، تېلۋىزور ھەممە ئائىلىگە ئۇمۇملاشتى. لېكىن خەلق يىراق تۇققانلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ ھەيران قالغىنىدا، تېلېۋىزور تىزگىنىكىنىڭ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرەلەيدىغانلىغىنى چۈشەنمىگىنىدە،« مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ياسىغاندىكىن ھۇكۇمەت قالتىسكەن جۇمۇ »دەپ بىلىم خۇلاسىلەيدىغان سەۋىيىدە تۇرىۋەردى. بىز مانا مۇشۇنداق زېمىندە تۇغۇلدۇق ۋە ئۆسۈۋاتىمىز. ئەمدى قانداق قىلىش مەسىلىسى ھەربىر شەخسنىڭ ئالدىدىكى مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى ئەلۋەتتە.

ئالەم كېرەكمۇ، ئادەم كېرەكمۇ؟

ئىچكىرىدە ماڭا ناھايىتى سالاپەتلىك بىر باي يولۇقتى. ئۇ ئادەتتە ئىشتىنىڭ قىرىنى بۇزماي پاكىزە كىيىنىپ يۈرەتتى. گەپ - سۆزلىرى ئوڭ، يۈرۈش - تۇرۇشى جايىدا ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئونىڭ مۇنداق بىر ھېكايىسىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئەسلىدە بۇ كىشى 80- يىللاردا ئىچكىرىگە ھالى ئىنتايىن بەتتەر چۈشكەن ئىكەن. چۈشكەن كۈنىدە قورساققا يېگۈدەك بىر نەرسىگە پۇلى يوق ئۇيان چۆگلەپ، بۇيان چۆگىلەپ ، ئاخىرى شۇ شەھەردە ئاشخانا ئاچقان بىر ئويغۇر ئايالنىڭ ئاشخانىسىنى تېپىپتۇ. بۇ ئايال ئۇنى بىر نەچچە كۈن بېقىپ، ئاشخانىسىدا ئىشلىتىپ قاپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار چىقىشىپ توي قىلىپتۇ. بىرنەچچە يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۇلار تۇققان يوقلاش باھانىسى بىلەن شىنجاڭغا مېڭىپ، تۇرپانغا كەلگەندە، ئەر بولغۇچى ھاجەتخانىغا بېرىپ كېلەي دېگەن باھانە بىلەن بۇ ئايالنىڭ 150 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. ئايال بولغۇچى شۇ ۋاقىتتا 70كە يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، 4-5 يىلدىن كېيىن ئۆلۈپتۇ. ئايال ئۆلگەندىن كېيىن بۇ مۆھتىرەم باي بۇ شەھەرگە قايتا دەسسەپتۇ. بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا جىق دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئونىڭ ھېچ كىشىنى كۆزگە ئىلماي مەغرۇر يۈرۈشلىرى، ئادەم جىق يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ مەرتلىك قىلىشلىرى، كۆپچىلىك ئادەملەرنىڭ ئەكسىچە مەندە ئۇنىڭغا بىرخىل ئىچ ئاغىرىتىش تۇيغۇسىنى قوزغىدى. قەلبىمنىڭ چۈڭقۇر يەرلىرىدىن قۇرئان كەرىمدىكى ھەممە ئادەم مۇسۇلمان توغۇلىدۇ، دېگەن ئايەتكە قاتتىق قايىل بولدۇم. گويا دەل مۇشۇ ماھىيەت ئۇنى بىئارام قىلىپ مۇشۇنداق قىلدۇرۇۋاتقاندەك بىلىندى، شۇڭلاشقا ھېچقاچان ۋە ھەرقانداق يەردە ئۇنى كۈندە ئۈچ - تۆت قېتىم ياتاقنى يوقلاپ بولىدىغان ئاق شاپاقلىق دىۋانىلەردىن ئارتۇقراق كۆرۈشكە بىر يەرلىرىم يول قويمايدىغان، ھەتتا ناگان-ناگاندا سودا ئىشلىرى بىلەن ئونىڭغا ئاز -تولا خوشامەت كۈلكىسىنى بېرىپ قويغان يېقىن بۇرادەرلىرىممۇ كۆزۈمگە ئەمەس كۆرۈنۈپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. پات- پاتلا ئۆزۈمگە:  ياق، بۇ باينىڭمۇ بېشىغا كەلگەنلىرى باردۇر، ھېسياتقا بېرىلىپ كەتمەي دەپ تەسەللى بېرىپ تۇردۇم. بۇ كىسپۇرۇشنى ھەر كۆرگىنىمدە بىر ئىنسانغا كامالى باھا بېرىشنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئۆزۈمگە جىكىلەپ، مۇئامىلىلەردە سۈننەتنى زورۇقۇپ تۇتۇپ كەلدىم. كېيىن يەكەندە يۈرگەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا سىرتتىن ئانچە-مۇنچە تۇنۇشىدىغان يۇرتداش بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. دەسلەپتە ئۇچرىشىپ ئۇلار بىرئىشقا كەلگەن دەپلا يۈردى. كېيىن گەپتىن - گەپ چىقپ ئۆزلىرىنىڭ كېلىش سەۋەبىنى سۆزلەپ بەردى. پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدا بىزدىن 3 - 4 ياش كىچىك بىر قىز بولىدىغان. ئەينى مەزگىلدە مۇساپىرلىق سەۋەبىدىنمۇ ۋە ياكى ئۈرۈمچىدە تۇققانلىرى بولۇش چوڭ ئىش سانىلامدۇ بىلمىدىم، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى نەگە باردىڭ؟ دېسە، ئۆيگە بېرىپ كەلدىم، دەپ ئېيتىش ئوقۇغۇچىلارغا، بولۇپمۇ قىزلارغا ئابروي سانىلاتتى. باي ئائىلىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن بۇ قىزمۇ ئاشۇنداق قىزلاردىن ئىدى. كۆنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قىز ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بىر سودىگەر بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدىغانغا پۈتۈشۈپتۇ. قىز مەكتىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئوغۇل قىز تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ توينى توختىتىپ قومۇل بىلەن ئۈرۈمچىدە خېلى ئۇبدانلا ھەشەمەت بىلەن توي قىلىپتۇ. توي تۈگىگەندىن كېيىن يىگىت بىلەن قىز يىگىت سالىمىغا قۇمۇلغا بېرىپتۇ. قۇمۇلدا ئۇ ئۆي، بۇ ئۆيلەردە بىر ئايدەك مېھمان بولۇپتۇ. شۇ چاغدا كۈيئوغۇل قېيىنئاتىنىڭ قۇرۇق ئۈزۈمىنى كۆرۈپ نېمىشقا ساتمايمىز، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقىپ پۇل قىلىپ ئەكىلىلى دېگەندەك گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قېيىن ئاتا قول تېلېفون كۆتۈرىۋالغان بۇ ئوغۇلغا يەتتە توننا قۇرۇق ئۈزۈمنى بېرىپتۇ. ماڭار كۈنى ھېلىقى يىگىت ئايالىغا سىز پويىز بىلەن مېڭىڭ مەن مالنى ئېلىپ ماشىنا بىلەن چىقاي، دەپ قاپتۇ ۋە شۇ كۈنىلا ماشىنا تېپىپ قۇمۇلدىن يولغا چىقىپتۇ. قىز ئۈرۈمچىدە ھەپتە ساقلاپتۇ يوق، بىر ئاي ساقلاپتۇ يوق. شۇ يوقالغىنىچە ئالتە ئاي ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كېتىپتۇ. كېيىن ئۆيدەقالدۇرۇپ قويغان نەرسىلىرىدىن ئونىڭ بۇۇنلا تەييارلىق قىلغانلىقى بىلىنىپتۇ. شونىڭ بىلەن بىردىن - بىر يىپ ئۇچى بولغان كىملىك بويىچە تۇققانلار ئۇنى يەكەنگە ئىزدەپ كەپتۇ. كېلىپ كۆرۈپتۇكى، كىملىك گۇۋاھنامىسدىكى ئادەمنىڭ ئۆلگىنىگە تۆت يىل بولغان ئىكەن. بەلكىم ئالدىنقى ھېكايىدىكى قېرى ئايال ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكىرىگە ئېقىپ كىرگەن نېمىكەن، پالانى -پۇستان دەپ بىرتالاي ئاقلايدىغان نەزەرىيىنى بازارغا سېلىشىمىز مۇمكىن. بوپتۇ بونىڭغا مەيلى دەيلى. لېكىن ماۋۇنۇڭغا نېمە دەيمىز؟! بەلكىم بۇ يىگىت قايسىدۇر بىر يەردە 70 مىڭ يۈەننىڭ ئىگىسى بولۇپ ئىشتىنىنىڭ قىرىنى بۇزماي، ئاياغلىرىنى ئادەمنىڭ سۆرىتى كۆرۈنگىدەك مايلاپ، سۈپەتسىز ئادەملەرنىڭ خوشامەتلىرى ئىچىدە يۈرۈيدىغاندۇر. قولىدا دەسمايىنىڭ تايىنى يوق، دوقمۇش دوقمۇشتا قوغلىنىپ، ئاران گېلىغىلا ئىشلەۋاتقان ئاقكۈڭۈل گادايلارغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندۇر ھەر قېتىم كولبىدا ئادەم يېتىشتۈرگەن ئالىملارنىڭ رەسىمىنى ئۇچراتقىنىمدا، ئاتۇم بومبىسى، خىمىيىلىك قوراللارنى ياسماقچى بولغان ھەربىي سانائەت مۇتەخخەسسىسلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، تەنلىرىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇلار گويا بىر ئالۋاستىدەك ئەركىن سۇقۇۋاتقان يۈرىكىمنى نىجىس قوللىرى بىلەن تۇتماقچى بولغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. چۈنكى، شۇ ھامانلا كاللامدا ئۇلار شۇنچىۋالا جاپا تارتىپ ئىگىلىگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىپ نېمە قىلماقچى؟ دېگەن سوئال پەيدا بولىدۇ. شۇبھىسىزكى، ئۇلار بەخىت ۋە گۈزەللىك ئىزدىمەكچى ئەمەس. بەلكى ئاشۇ بىلىملەرنى ۋاسىتە قىلىپ، ئابروي تاپماقچى، ئۈزىنى كۆز - كۆز قىلماقچى، تەستىقلاتماقچى، قايسىدۇر بىر سەھنىلەرگە چىقماقچى. ئۇلارنىڭ ھېلىقى150 مىڭ يۈەننى ئېلىپ قاچقان باي بىلەن نېمە پەرقى، توينى ۋاسىتە قىلغان ھېلىقى يىگىتتىن نېمە پەرقى؟ ئىنسان بىلىپ بىلمەي نەرسىنى ھەقىقەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇۋالغان ئەقىلگە مۇۋاپىق شەرھى ۋە مەنتىقىنىڭ ئاخىرى چىقماس كوچىسىغا كىرىۋالغان چاغدا مۇناپىقلىق ئەۋج ئالىدۇ. ئۆز ئەتراپىدىلا چۆگىلەپ تۇرغان پاسكىنىچىلىقتىن خالىيراق تۇرۇش ئۈچۈن ئەقىدىگە شۇنچە مۇھتاج بولىدۇ. بۇنداق مۇھتاجلىق ئۇنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشتىمۇ ياكى ھەممىدىن ۋاز كېچىشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. يەنە تېخى تارىخنىڭ كىشىلىك ھۇقۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىشى تەنتەكلەر ۋە ساقسىزلارنىڭ دۇنياسىدا تەبىئىكى، قەلەندەرگە ئات مىنگۈزسەڭ چىقمىغان دۆڭى كىرمىگە ئۆيى قالماسلىقنى ئەۋىج ئالدۇرىدۇ. بۇ بىز ياشاۋاتقانبۇ دەۋرنىڭ ئازابىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى. مەجازى ئېيتقاندا جىنىسنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان شەھەرلىك بۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر. راست «جالالىدىن رۇمى » ناملىق روماننى ئۇقۇغانلارغا مەلۇمكى، مەيلى قانداقلا بولسۇن ھەممىدىن  ھالال كەسىپ جاڭگالدىن ئۇتۇن ئەكىلىپ سېتىش، دېگەن ھۈكۈمنى چىقارغان ئادەم قانداق ئادەم، كۈندە بىكارچىلىقتىن گېزىت كۆرىدىغان، مەيلى قىلىدىغان ئىشى ئۆز قىممەت قاراشلىرىغا، كۆڭلىگە ياقسۇن، ياقمىسۇن تەمىناتى ياخشى ئىدارىنى ئارمان قىلىپ تىپپىرلايدىغانلار قانداق ئادەم؟! ھېچنېمىگە قارىماي ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىگە ئىلىنىشنى غايە قىلغان ئادەم قانداق ئادەم؟! ھەق ئىشقىدا ئالەمچە دىشۋارچىلىق تارتىۋاتقانلار قانداق ئادەم ئوقۇغۇچىلارغا بىر نېمىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس مەزمۇنىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇئاش ۋە ئۇنۋان ئېلىشقا، لاياقەتلىك دەرس سائىتىنى توشقۇزۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىدىغانلار قانداق ئادەم. موشۇنىڭدىن ئويلىغاندا 150 مىڭ يۈەننى ئۆزىنىڭ قىلۋالغان باي، قىزنى ئالدىغان يىگىت 15 يىل ئوقۇپ خىزمەتكە ئېرىشكەندەك ئىش قىلدىمۇ قانداق؟ ئالدىدىكىلەر ئاڭلىق ھالدا ئالدامچىلىقنى ۋاسىتە قىلدى. كېيىنكىلەر خىزمەتچى دېگەن نامدا ھەر ئايدا ئالىدىغان نەچچە يۈزمىڭ پۇل ئۈچۈن ئوقۇشنى ۋاسىتە قىلدى. ئالدىدىكىلەر ئالدانغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتى. كېيىنكىلەر ئۈزىنى بىر مەزگىل ئاۋارە قىلدى دېيىشكە بولامدۇ نېمە؟
داۋامى بار
مەنبە:قۇمۇل ئەدەبىياتى ژورنىلى 2003-يىل، 6-سان؛ 2004-يىل 1- سانلىرىدا ئىلان قىلىنغان.



[Birzat بۇنى 2010-06-22 00:13 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: داۋۇت ئوبۇلقاسىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsirlar[2010-06-21 10:27 PM | del]
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم  بىرزات ئەپەندى مەن  قايسى كۇنى ئۆزلىردىن مەسلھەت سوراپ بۇ ئۇچۇرنى يازغان  بۈگۈن قارىسام  سۇئالىم جاۋاپسىز قاپتۇ  شۇڭا  بۇ يەرگە قايتىلاپ ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپ قويدۇم  
كەچۇرگەيلا  
مەن دادام توغىرسىدا سىزدىن مەسلىھەت سورىماىچى ئىدىم
دادام بۇيىل 72 ياش   1 ئاينىڭ ئالدىدا بەل ئاغىرىپ  دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشىۈرتسەك  ئىككى بۆرەكتە  سۇلۇق ئىشىق <双肾囊肿 > بار دەپ دىئاگىنۇز قويدى  دىئاگىنۇز قويغان دوختۇر  بۇ كېسەل ساقايمايدۇ دەپتۇ  چۇنكى ئوپراتسيە قىلايلى دىسە  ياش چوڭمىش  دورا بىلەن داۋالىسا دورا كار قىلماسمش   بۇ گەپنى ئاڭلاپ دادامنىڭ رويى بەك چۇشتى ئۇرۇمچىگە ئاپارساق  بۆرەكتىكى سۇنى تارتىمىز دەپتۇ  بۇنداق قىلغاندا ھەر يىلى بىر قېتىم سۇنى تارتقۇزمىسا بولمايدىكەن    
شۇڭا سىزدىن سورايدىغىنىم  بۇ كېسەل ساقىيامدۇ  
قانداق دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ    ئەگەر ئۆزلىردە بۇكېسەلگە شىپا دورا بولسا  دورىلىرنى بىر ئېلىپ ئىچىپ باقساق دەيمەن
   رەخمەت
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-21 10:49 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ياشمۇ دېگەندەك چوڭ ئىكەن. لىكىن داۋالاش شارائىتى تولۇقراق بولغان بىرەر ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىغا كۆرسىتىپ بېقىڭلار. بىمارنى كۆزىتىپ تۇرۇپ ھەر خىل قايناتما دورىلارنى ئىشلىتىشى مومكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا پالانى دورىنى يېسۇن دەپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا بىزنىڭ شارائىتىمىز يار بەرمەيدۇ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.