داۋالاش قىيىن بولغان 10چوڭ كېسەللىك تىزىملىكى [تېبابەت بىلىملىرى]


داۋالاش قىيىن بولغان 10چوڭ كېسەللىك تىزىملىكى *

ئىنسانلار جەمئىيتى ۋە تېخنىكىلىق داۋالاش سەۋىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ، خولېرا ( ۋابا كېسىلى ) ، تۇبېركۇليوز (سىل كېسىلى ) غا ئوخشاش نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزەلمەيدىغان بولدى . بىراق يەنە بەزى كىسەللىكلەر بۈگۈنگىچە ئىنسانلار ئۈچۈن سىر بولۇپ كەلمەكتە . يېقىندا «ھاياتلىق ئىلمى » تور بېكىتىدە « ئىنسانلار بىلىدىغان 10 چوڭ كېسەللىك تىزىملىكى » ئېلان قىلىندى .
10. مۇجلۇس كېسەللىكى :
بۇ بىر خىل سىرلىق ھەم ۋەھىمىلىك كېسەللىك بولۇپ ، يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە بىر قېتىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى . بۇ خىل كېسەلگە گىراپتار بولغان بىمار تېرىسىنىڭ ئىچىدە خۇددى قۇرتتەك بىر نەرسە مېڭىۋاتقاندەك بىئارام بولىدۇ . تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى يارا ئېغىزىدىن تۈرلۈك رەڭدىكى تالالىق نەرسە ئۆسۈپ چىقىپ ، بەدەن چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىچىشىدۇ .
تىببىي ئىلىم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار « مۇجلۇس كېسىلى بىر خىل خاتا سېزىم ، رەڭلىك تالالىق نەرسىلەر يارا ئاغزىغا سىرتتىن چاپلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن » دەپ قارىسىمۇ ، بىراق بىر قىسىم كىشىلەر بۇ خىل كېسەللىك ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت دەپ قارىماقتا .
9. سوزۇلما ھېرىش يىغىندى كېسەللىكى :
بۇ نۆۋەتتە تىببىي ئىلىم ئېنىقلىما بېرىشكە ئامالسىز قالغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ ، نۆۋەتتە « باشقا خىل كېسەلگە گىراپتار بولغانلىق ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ » دېيىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلماقتا ، بۇ خىل كېسەلگە گىراپتار بولۇپ قالغانلاردا كۆرۈلدىغان چارچاش ئالامىتى يېنىك بولماستىن ، ئەكىسچە ئۇلار ھارغىنلىق سەۋەبىدىن نەچچە كۈنلەپ يېتىپ قالىدۇ ، ھەتتا بەدىنىنى مىدىرلىتىشقىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ .
8. كۇجا يىغىندى كېسەللىكى :
بۇ خىل كەم ئۇچرايدىغان ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى «كالىلاردىكى غالجىرلىق كېسىلى 疯牛病 - feng niú bìng ___ mad cow disease» بۇلۇپ ، بۇنداق ئاتاش بىزگە سەل تونۇشلۇق بىلىنىدۇ . كالىلاردىكى غالجىرلىق كېسىلى ئۆتكۈر تارقىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ ، ئادەم ئۇقۇشماستىن غالجىرلىق كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كالا گۆشىنى ئىستىمال قىلغاندا ، بۇ خىل كېسەل كالىدىن ئادەمگە يۇقىدۇ . بۇ جاننى ئالىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، بۇ كېسەلگە گىراپتار بولغانلاردا نېرۋا خاراكتېرلىك ھەركىتى بىنورماللىشىش ، ھاڭۋاقتىلىق ، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . نۆۋەتتىكى تىببىي ئىلىم ساھەسى بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تېپىشقا ئامالسىز .
7. ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى 精神分裂症 :
تىببىي مۇتەخەسىسلەر بۇ خىل كېسەللىكنى بارلىق نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ كېسەل دەپ قارايدۇ . بۇ خىل كېسەلگە گىراپتار بولۇپ قالغۇچىلار رېئاللىق بىلەن خىيالنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىدىكەن . بىمارلانىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ ، بەزىلىرىدە خاتا سېزىم ۋە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولسا ، بەزىلىرىدە گەپ - سۆزلىرى قالايمىقانلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن ، يەنە بەزىلەر ھاياتىي كۈچىنى ۋە نورمال ھىسياتىنى يوقىتىدىكەن . بىراق نۆۋەتتە بۇ خىل كېسەللگە نىسبەتەن ئېنىق بىر تىببىي ئېنىقلىما بېرىلگىنى يوق .
6. ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق قالايمىقانلىشىش كېسىلى 自身免疫性疾病 :
ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق قالايمىقانلىشىش كېسىلى ھەمدە بۆرە چاقىسى كېسىلى 系统性红斑狼疮 systemic lupus erythematosus) SLE) بىمارلارنىڭ نورمال ئەزالىرى ۋە ئىقتىدارى بەدەنگە زىيانلىق ئامىل سۈپىتىدە چەتكە قېقىلىدۇ . بۇ بىر خىل ئاستا پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، دوختۇرلار بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئازابىنى يېنىكلىتىشتىن باشقا تەدبىر قوللىنىشقا ئامالسىز قالماقتا .
5. غەيرىي نەرسىلەرنى يېشىش خۇمارى كېسەللىكى 异食癖 :
غەيرىي نەرسىلەرنى يېشىش خۇمارى بالىلاردا يېيىشكە بولمايدىغان نەرسىلەرگە ( مەسىلەن ، ئەخلەت ، قەغەز ، يىلىم ، سېغىز توپا قاتارلىق ) قارىتا ئۆزىنى كونترول قىلالمىغۇدەك ، ئاچكۆزلەرچە بىر خىل ھەۋەس بولىدۇ . گەرچە تىببىي ساھەدە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى ئادەم بەدىنىدە مەلۇم بىر خىل مېنرال ماددىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ، بىراق مۇتەخەسىسلەر بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبنى تېىخى ئېنىقلاپ چىقالمىدى ، شۇنداقلا بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالمىدى .
4. قۇش زۇكىمى 禽流感:
نۆۋەتتە ئىنسانلاردا قۇشلار ئېلىپ يۈرۈيدىغان بۇ خىل كۈچلۈك ۋىرۇسقا قارىشى ئىممۇنىتېت كۈچى يوق بولۇپ ، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىنچىلىكىنى ، يەنى بۇ خىل كېسەلنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇشقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېلان قىلىشتى ، بىراق ھازىرغىچە بايقالغان ئەھۋاللاردا ئىنسانلار بۇ كېسەلگە گىراپتار بولغان قۇشلار بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقانلىقتىن يۇقۇملىنىپ قالغان . قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تەخمىنەن %50 ئەتراپىدا بولۇپ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ كېسەللىكنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشى بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا كەڭ دائىردە تارقىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە .
3. زۇكام 流行性感冒:
زۇكام يۇقىرىقى نەپەس يولى يېپىشقاق پەردە ياللۇغلىنىشنى ئاساسلىق كېسەللىك ئىپادىسى قىلغان پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ، ھاۋانىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ۋە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشلارنىڭ ھەممىسى زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئامېرىكىدا گەرچە ھەر يىلى 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم زۇكام بولۇپ قالسىمۇ ، بىراق دوختۇرلارنىڭ بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ، يۆتىلىش ، مۇزلاش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ خىل كېسەللگە بولغان تونۇشى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس . زۇكام بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ۋاقىت ۋە توخۇ شورپىسى بىر قەدەر ئۈنۈملۈك دورا بولغاندىن باشقا ، زۇكامنى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتالايدىغان ھەقىقىي شىپالىق دورا تېخى تەتقىق قىلىنمىدى .
2. دېۋەڭلىك كېسىلى senile dementia___老年性痴呆:
دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ يەنە بىر نامى « ئالزھېيمېر كېسىلى » بولۇپ ، گەرچە ياشانغان مەزگىلىدە ئۇنتۇغاق بولۇپ قېلىش ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەممە ئادەمدە كۆرۈلسىمۇ ، بىراق دېۋەڭلىك كېسىلىنى بۇنىڭ بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ . دېۋەڭلىك كېسىلى ئىرسىيەت خاراكتېرلىك چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشى بولۇپ ، بۇ خىل كېسەلگە گىراپتار بولغان بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ناھايىتى پەرقلىق بولىدۇ . ئۇلار چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشى سەۋەبىدىن ئەتراپىدىكى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان ھەممە نەرسىنى تەدرىجىي ئۇنتۇپ كېتىدۇ ، بۇ خىل ئەھۋال ھەتتا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن ، نۆۋەتتە بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئۇنى داۋالاپ ساقايتىش تەتقىقاتى چەكلىك سەۋىيىدە تۇرماقتا .
1.ئەيدىز كېسىلى ( 爱滋病 ài zi bìng; AIDS ( the disease of aids:
ئەيدز كېسىلىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ئېرىشمە ئىممۇنىتېت تولۇقسىز يىغىندى كېسەللىك » بولۇپ ، نۆۋەتتە بۇ خىل كېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى تېخى تەتقىق قىلىنمىدى . ئەيدز كېسىلى دۇنيادىكى ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن قاتىل بولۇپ تۇرماقتا ، ئەڭ يېڭى پەن - تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى شىمپەنزە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن .
بىلىم-كۈچ ژورنىلىدىن ئېلىندى.
مەنبە: ئىنتىل
* ماۋزۇ ئۆزگەرتىلدى.
* مەنبەدە كېسەللىكنىڭ خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە يېزىلىشى ئەسكەرتىلمىگەن ئىكەن. بىلگىنىمىزچە قوشۇپ قويدۇق.





يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كېسەللىك، ئەيدىز، قۇش زۇكىمى، دېۋەڭلىك كېسىلى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماuyghurlar.blogbus[2010-06-22 10:01 AM | del]
قارىسام كۆپۇنچىسى يۇقۇملۇق ياكى 自身免疫性疾病 كېسەلكەن ، دىيابىت ،يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق 终身用药 كېسەللەرمۇ ئاز ئەمەس . 流行性感冒:نى ساقايتقىلى بۇلىدىغۇ  ھەر يىلى ئوخشىمىغان شەكىلگە كىرىپ يۇقۇشچانلىق ھاسىل قىلىدىغان يېرى بار شۇ ....
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.