ئۆت ياللۇقى ئۈچۈن ئاددىي رېتسىپلار ۋە پەرھىزلەر [شىپالىق رېتسىپلار]



ئەسسالام بىر زات ئەپەندىم ، ئاللا ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى سالامەت قىلسۇن،،ئۆت ياللۇغىنى تۈپتىن ساقايتقىلى بولامدۇ؟مەندە ئۆت ياللىغى بولغاچقا تۇرمۇشۇمغا بەك كۆپ قولايسىزلارنى كەلتۇرۋاتىدۇ،مايلىقراق قۇۋۋەتلىك نەرسىلەرنى يىسەملا دۈمبەم بىلەن قوشۇلۇپ تەڭ ئاغرىيدۇ ،بۇ ئۇزاق داۋاملىشىپ كەتتىمىكىن ئاشقازىنىمدىمۇ يالۇغ بار ،ئاشقازان سوغۇق قۇرساق ئىسسىق بولۇۋېلىپ بەك كۆپ يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن ،بىراق قان ئازلىق كېلىپ چىقىدىكەن ،بۇنىڭغا غەرىپچە داۋا قىلغۇم يوق بەرىبىر پايدىسىمۇ يوق ،بولسا يەرلىك ئۇسولدا داۋالىنىپ باقاي دىگەن بۇنىڭغا بىر مەسلەھەت بەرسىڭىز ،،رەخمەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىلىگىمۇ ياخشى تىلەكلەر بولسۇن!
گېپىمىزگە كەلسەك ، ياخشى پۇشۇرۇلغان پىننە گۈلقەنتى ياكى يالپۇز گۈلقەنتىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىشنىڭ ئاشقازان ، ئۆت ، قان ئازلىق كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولغۇچىلارغا بولغان پايدىسى زور. ئۆت ياللۇقىغا قارىتا يەرلىك ئۇسسۇلدا يۇقۇردىكىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى چايلىقنى داۋاملىق ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن ئىچىپ بەرسە ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئىچىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. بۇ ھەر قانداق مىجەزدىكى ئۆت خالتا ياللۇقى بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ. :
كاسىنە يېلتىزى، ئارپا بەدىيان، چىڭسەي يېلتىزى، گاۋزىبان، ئەنگۈر شىپا، كاكىنەچ، يالپۇز، پىننە، لاچىندانە، ئوغرىتېكەن، چىڭسەي ئۇرۇقى 10 گىرامدىن؛ سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئاق ئەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىل گۈل، زېرىق قاتارلىقلاردىن 5 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىلىدۇ.
يەنە ئائىلىدە تەييار قىلغىلى بولىدىغان شەربەتلىك بىر رېتسىپ بار:
زېرىق 100 گىرام
بېھى سۈيىدىن 200 مىللىلىتېر؛
ئاچچىق ئانار سۈيى، ئالما سۈيى 50 مىللىلىتېردىن؛
شىكەر 100 گىرام.
تەييارلاش ئۇسسۇلى: زېرىقنى مېۋە سۇلىرىغا 24 سائەت چىلاپ ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ سۈزۈپ شىكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىستىمال مىقدارى: كۈۈندە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتېردىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
ھەسەلدىن چىلان ياكى زاراڭزا چېچىگى ھەسىلى ئىستىمال قىلىپ بىرىش مۇۋاپىق.
يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە: ھايۋانات مايلىرى، تۇخۇم سېرىقى، زىيادە ئىسسىقلىق چاي دورىلىرى، غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر ، قورساقنى ئېسىدىغان، قەۋزىيەت پەيدا قىلىدىغان ، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەك، غىزالاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
سۇيۇق-سەلەڭ، سېڭىشلىق ، تۇزسىزراق تاماقلار ئىستىمال قىلىنىدۇ. ھەر قېتىملىق غىزادىن كىيىن يىنىك ھەركەت قىلىپ بىرىش كېرەك.
_______________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۆت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماbilik8[2011-04-06 12:17 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
ھامىلدار ئاياللار قانداق يىمەكلىك ۋە ئۇزۇقلۇقلار بىلەن ئۆت ئاغىرىشنىڭ (ئۆت ياللۇغۇنىڭ)ئالدىنى ئالالايدۇ ؟
مۇشۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بارمۇ ؟ مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلار ، رەخمەت !
回复قايتۇرماyadikar917[2011-03-11 06:21 PM | del]
ئۆتتە  تاش بولسا ئامال بارمدۇ؟ ياردەم قېلساڭلار!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.