تەڭرىگە يېزىلغان خەت [ئەدەبىي تەرمىلەر]


جېك پوچتىخانىدا ئىشلەيتتى . ئۇ ئادرېسى خاتا يېزىلىپ قالغان خەت–چەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ئىدى . بىر كۈنى بىر پارچە خەت ئۇنىڭ ئۈستىلىگە قويۇلدى. بۇ بىر موماينىڭ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يازغان خېتىدەك قىلاتتى، كونۋېرت ئۈستىگە ‹‹تەڭرىگە تەگسۇن›› دەپ يېزىقلىق ئىدى. جېك خەتكە ئىنتايىن قىزىقتى ۋە ئېچىپ كۆرۈپ، نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كونۋېرتنى يىرتىپ، خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى:

‹‹قەدىرلىك تەڭرىم، مەن بۇ يىل 83 ياشقا كىردىم، ئىگە – چاقىسىز، باش – پاناھسىزمەن. ھەر ئايدا ئازغىنا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرىمەن. بىراق كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى، تېخى تۈنۈگۈنلا بىر ئۆلگۈر ئوغرى ھەميىنىمنى ئوغرىلاپ كەتتى، ھەمياندىكى 100 دوللار مېنىڭ بارلىق مال – دۇنيارىم ئىدى. ھازىر مەن بىر تىيىنىمۇ يوق گاداي بولۇپ قالدىم، ئەمدى كېلەر قېتىملىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تارقىتىلىشىنى ساقلىماقتىن باشقا چارەم قالمىدى.

بىراق كېلەر ھەپتىلا مىننەتدارلىق بايرىمى ، مەن تېخى ئىككى دوستۇمنى ئۆيۈمگە تاماققا تەكلىپ قىلىپ قويغان ئىدىم . ھازىر پۇلۇم يۈتۈپ كەتتى. نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىپ ئۇلارنى كۈتەلمەيدىغان بولدۇم. مېنىڭ بالا –چاقام يوق، بىرەر تۇغقىنىممۇ يوق، سىز مېنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىم، ماڭا ياردەم قىلىشىڭىزنى سورايمەن››.

جېك خەتتىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئۇنى باشقا خىزمەتداشلىرىغىمۇ كۆرسەتتى. كۆپچىلىك خەتنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا پورتماللىرىدىن ئازراقتىن پۇل چىقىرىشىپ جېكقا تۇتقۇزدى، جېك بىردەمدىلا 96 دوللار ئىئانە يىغىۋالدى. ئۇ پۇلنى كونۋېرتقا سېلىپ، ھېلىقى مومايغا ئەۋەتىپ بەردى. جېك ۋە خىزمەتداشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ساۋابلىق ئىش قىلغانلىقلىرىدىن كەيپى تولىمۇ خۇشۋاق ئىدى.

بايرام ئۆتۈپ كەتتى ، ھېلىقى موماي تەڭرىگە يەنە بىر پارچە خەت يازغان بولۇپ ، خىزمەتداشلار بىر يەرگە يىغىلىپ خەتتە نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇشتى . جېك خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى : ‹‹قەدىرلىك تەڭرىم ، سىزنىڭ مەن ئۈچۈن قىلىپ بەرگەنلىكىڭىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. چۈنكى سىزنىڭ ھىممىتىڭىزدە دوستلىرىمنى مەززىلىك تاماق بىلەن كۈتۈۋالدىم. ئۇ كۈنى بىز تولىمۇ خۇشال بولدۇق، دوستلىرىمغا بۇلارنىڭ سىزنىڭ ماڭا قىلغان سوۋغىڭىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردىم . بۇلارنى سۆزلەۋېتىپ سىزگە يەنە بىر ئىشنى ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ. كونۋېرتتا تۆت دوللار كەم تۇرىدۇ، مېنىڭچە بۇنى چوقۇم پوچتىخانىدىكى ئاشۇ بىر نېمىلەر ئوغرىلاپ كەتكەن گەپ››.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
مەنبە:مەرىپەت تورى



[Birzat بۇنى 2010-07-24 01:31 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تەڭرىگە يېزىلغان خەت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماuganguqi[2013-12-23 04:19 PM | del]
بۇ ئەسەر تولىمۇ مەنىلىك ھەم قىزقارلىق يىزىلىپتۇ.بۇموماينىڭ پەمىگە قايىل بولدۇم .بولسا تىببى بىلىملاردىن سىرت مۇشۇنداق قىزقارلىق ئەسەرلەر .ئەۋەتىلىپ تۇرسا كەيپىيات تىخىمۇ يۇكىرى كۈتۇرۇلىدۇ دەپ قارايمەن.
回复قايتۇرماsawir[2010-10-19 04:21 PM | del]
bu hikaya bulsimu balki itikat bilan yahxilk bak yarkin akis atkan harwakit yahxilk uqmaydihan nurdur
回复قايتۇرماerken89[2010-09-18 03:45 AM | del]
مەنىسى باركەن......  ەسلىدە االە بىزگە نىھمەتەرنى تۇرلۇك يولار بىلەن يەتكۇزدۇ. ەمما بۇنى ھىس كىلالايدىغىنمىزدىن كىلالمايدىغانلىرىمىز جىق ...... ھەر شەيىنى كۇزەتمەك ويلانماك لازىم .
回复قايتۇرماdilsiri[2010-07-24 01:47 PM | del]
ھقرمەتلىك بىر زات ئەپەندى    بۇ تىما  قىزقارلىق بوپتۇ     بۇ تىمىغا قېتىپ   مىڭ بىر كىچىنىمۇ  ئەۋەتكەن بولسىلا  بۇ  بىلوگدىن باشقىسىگە كىرگۇسى كەلمەيدىكەن  باكار بولغاندا  ئۇقۇپ  ئولتۇرامىز   رەخمەت
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-07-24 02:51 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
مېڭ بىر كېچىنى بولسىمۇ كىتابخانىدىن سىتىۋېلىپ ئوقۇڭلار، قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ بىر يۇمۇر يوللاپ قويغانغا زاڭلىق قىلغىلى تۇرلىمۇ دەيمە...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.