ئاياللار نېمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالىدۇ؟ [ئەركەكلەر]


بۇرادەر ، ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە بۇزۇلىشى بىلەن باشلانغان ئائىلە پاجىئەلىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالدۇ؟ ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلشىدا ئەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ -يوق ؟
بىز بۇ ھەقتە  ئاز -تولا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى مەسئۈلىيەت دەپ بىلدۇق :
كونىلار ئايالدا نەپىس ئۈچ دەپ قارايدۇ : يېمەك -ئېچمەك، كىيىم -كېچەك، سۆيگۈ -مۇھەببەت. ئالدىنقى ئىككىسى ئىقتىساد ۋە ئاياللارنى ماددى جەھەتتىن  قانائەتلەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئۇنچىۋالا مۇھىم ئامىل بولماسلىقى  مۇمكىن. چۈنكى، بىر تەربىيىلىك ئايال ، پەزىلەتلىك خوتۇن ھەرگىزمۇ مال - مۈلۈك تۇپەيلى ئۆزى ئەقىدە قىلغان ئۆي ،مېھرىنى بەرگەن ئېرىدىن ۋاز كېچىپ يەنە بىر ئەردىن يەم - ئوزۇق تىلىمەيدۇ.
كىيىم- كىچەك ۋە يېمەك -ئېچمەك پاراغىتى تۇپەيلى غېنى -زەردارلارنىڭ كەينىدىن لالما كۈچۈكتەك نايناقلاپ، سوكۇلداش پەزىلەتسىز خوتۇنلارنىڭ ئىشى . شۈبھىسىزكى، مۇنداق خوتۇنلار ئاچكۆز ، تويماس نەپسى تۈپەيلى ئائىلىسىدىن ، ئېرىدىن  ئايرىلىپ قېلىش ۋە يات قوللارنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ -سىلاپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى بولۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ، مەن ساداقەتنى ئىقتىسادىي سەۋىيە بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويمايمەن . ساغلام ئەقىلگە ئىگە بىر ئايالمۇ ھەرگىز نامراتلىق تۈپەيلى ئېرىنى تاشلاپ كەتمەيدۇ . دېمەككى ، بىر ئايالنىڭ ئۆز ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ، مۇتلەق ئىتائەتكە كىرشىدە ئەڭ ھالقىلىق ئامىل دەل سۆيگۈ -مۇھەببەتتۇر. ئەگەر بىر ئايال ئۆز ئائىلىسى، ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا  ئېرىشەلمىسە ، ئۇ قەلبىدىكى ، روھىدىكى ، تېندىكى ئاچارچىلىقنى سىرىتتىن ئىزدىشى ياكى  ئېرىدىن يىراقلىشىشى مۇمكىن.
ئايالارنىڭ قانائەت تۇيغۇسى نۇرغۇن  ئامىللاردىن  تەركىپ تاپىدۇ، ئۇ ئەرنىڭ كۆيۈنۈشى ھالىغا يېتىشى ،سۆيگۈسى ساداقىتى ، ئائىلە ئۈچۈن چىقارغان كۈچى....قاتارلىقلاردىن كېلدىغان روھىي قانائەت ۋە ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشتىن كېلدىغان جىنسىي قانائەتتىن تەركىپ تاپىدۇ . ئايال روھىي قانائەت ئارقىلىق ئېرىنىڭ ساداقىتىنى ۋە مېھرىنى تۇلۇق  ھېس قىلالىسا ۋە جىنسىي قانائەت ئارقىلىق روھى قانائىتىنى يۈكسەلىككە كۆتۈرۈرەلىسە ، ئەرنىڭ ئالدىدا شەكسىز ئىتائەتتىكى مۇلايىم خوتۇن ، مېھرىبان ئانا، پەزىلەتلىك ئايالغا ئايلىندۇ .
ئەگەر سۆيگۈ مۇھەببەت ئېھتىياجى يېتەرلىك تويۇنۇش ۋە قانائەتكە ئېرىشەلمىسە ، ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايالمۇ مۇنداق ئەردىن ئۈمۈدسىزلىندۇ ، رايى قايتىدۇ ۋە بۇ ئائىلىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىشقا باشلايدۇ . ئۆز ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگەن ئايال ئېرىنى ئەتراپىدىكى ئۆزى ئۈچرىغان ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا چۈشىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا ئەگەردە يەنە بىر ئەر شۇ ئايالنىڭ ئېرىدىكى ئاجىزلىقلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك ساپا بىلەن ئايالنىڭ قەلىب دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپلا قالسا ئايال كېشى بۇزىلىدۇ ، ئېرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، نىجاتلىقىنى يات ئەرلەردىن ئىزدەشكە چۈشىدۇ .
بىز ئەخلاق ، قانۇن نۇقتىسىدىن ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن خوشلۇق ئىزدىشىنى چەكلەيمىز ، مۇنداق بولۇشنى خالىمايمىز. ئەمما زەردارنىڭ قوينىدىن چىقىپ ئوتۇنچىغا خۇشاللىق بىلەن خوتۇن بولدىغان ، باينىڭ قولدىن تاپالمىغان بەخت تۇيغۇسىنى تازنىڭ يېغىر گەدىنىدىن ھېس قىلدىغان ، شاھزادىدىن قېچىپ كەمبەغەلگە تېگىدىغان نازىنىنلارنىڭ ھېكايىسى بىزدە ئاز ئەمەس . دېمەككى ، ئايال كىشى بىر ئەردىن سۆيگۈ- مۇھەببەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا ئۇ ئەرنىڭ ئىتائىتىگە كىرمەيدۇ . ئەر كىشى ئايالنىڭ قورسىقىنى تويدۇرۇپ ، ئۈستىبېشىنى پاقىرتىپ ياسىيالمىسىمۇ، ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ، روھىنى شاد ، نەپسىنى توق قىلالمىسا خوتۇنىنى خوتۇن قىلىپ تۇتۇپ  تۇرالمايدۇ . ئايالىنىڭ كۆڭلى - خاھىشىنى تاشلىۋەتكەن ئەرلەر ئايالىنىڭ جىسمىغىلا، تېنىگىلا ئىگىدارچىلىق قىلدۇ ، ئەمما ئاياللىق قەلبىنىڭ شاھلىق  قەسىرىدىكى ئالتۇن كۇرسىغا ئولتۇرالمايدۇ . بۇ كۇرسقا يا باشقا بىر  ھارامتاماق ئولتۇردۇ ياكى بۇ ئورۇن بوش قالىدۇ . ئەمما لوگىكا جەھەتتىن قارىغاندا ، بۇ ئورۇننىڭ مەڭگۈ بوش تۇرۇۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس . ئاشۇ بوشلۇق ئاستىدا نىكاھ پاجىئەسىنىڭ ئالۋاستى كەمپىرى خورۇلداپ ئۇخلاپ ياتقان بولىدۇ .ئەرلەردىكى بوشلۇق ، سۇسلۇق ، پەرۋاسىزلىق نىكاھ جادۇگىرىنى ئويغۇتۇپ قوپۇردىغان خەتەرلىك خورەكتۇر .

ئەي ، خوتۇنىغا قانداق كۆيۈنۈش ۋە ئۇنىڭ مېھرىدىن قانداق بەھر ئېلىشنى بىلەلمىگەن ئەر . مەسىلنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان  ئاجىزلىقىڭدىن ئىزدە . ئەر ھەر تەرەپتن كۈچلۈك بولسا ، خوتۇن كىشى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئالدىدا خوشلۇق ئىتائىتىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرغۇچى مەلىكىگە ئايلىندۇ . ئەرنىڭ ئاجىزلىقى ئايالىنى ئىتائەتتىن چىقىرىپ ، ئېرىگە ھۆركىرەپ ئۆكتە قوپالايدىغان ، ئەرنى ،نىكاھنى، پەرزەنتىلەرنى كۆزگە  ئىلمايدىغان ، نۇمۇستىن قورقمايدىغان دەرجىدە ھازازۇلغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ . شۇڭا ئەرنىڭ ئايال ئالدىدىكى كۈچلۈك -ئاجىزلىقى بەكلا مۇھىمدۇر .
بۇ كۈچلۈك -ئاجىزلىق ئۇنىڭ نوقۇل تەن ، جىسىم جەھەتتىكى ھايۋانىي كۈچىگە ئەمەس ،خاراكتېر ، پوزىتسىيە ، مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىلمىي كامالەتىگە قارتىلغان .
ئەر خوتۇنۇمنى ئۆز ئىتائىتىمدە ساقلايمەن دەيدىكەنسەن ، خوتۇنىڭنى رازى قىل . ئىتىساد جەھەتتىنلا ئەمەس ، روھى جەھەتتىنمۇ رازى قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچە . ئۇ يات ئەرلەرنى ساڭا تەققاسلىماس بولسۇن ; ھەتتە يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قاراش ۋە نەزەر سېلىشتىنمۇ ئەيمىندىغان بولسۇن .خوتۇنۇڭ سېنىڭدىن يېتەرلىك بىخەتەرلىك، قانائەت تۇيغۇسىغا ئىرىشىپ تۇرسۇن . ئۆزۈڭنى تىڭلا ،خوتۇنۇڭنى رازى قىلالمىغان يەرلىرىڭىنى تۇلۇقلاپ تۇر .ئەگەر ئايال پەزىلەتلىك بولدىكەن ، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركەت -قارشىدىن ئۆزۇڭنىڭ كامالەت يولۇڭنى ۋە ئۇنىڭ قەيىرىڭدىن رازى ، قەيىرىڭدىن نارازىلىقىنى بىلىپ -ھېس قىلىپ تۇرالايسەن .
ئەر ، ئۆزۈڭنى كامىللاشتۇر -دە ئايالىڭنىڭ قەلب سۇلتانلىقىنىڭ يەككە -يىگانە شاھىنشاھلىقىنى ئىگىلە .خوتۇنۇڭغا ياتلارنىڭ پاسكىنا قولى-نەزىرى يەتمىسۇن دېسەڭ، ئۇنى تىرشىپ ئۆز ھىمايەڭگە ئالمىقىڭ لازىمدۇر.

مەنبە: كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر




[Birzat بۇنى 2010-07-23 10:45 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاياللار نېمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالىدۇ؟

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 8 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماqohluk[2011-07-26 06:08 PM | del]
نەقىل مەنبەسى qohluk نەقىل مەنبەسى qohluk
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم،مەن 31ياشقا كىردىم،ئىككى بالام بار،ھازىرغىچە بالا ئالغۇزۇپ باقمىغان،ئەمما مەن ئۇزۇن يىل بولدى تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىپ باقمىدىم،ھەم خالىماس بولدۇم،مەندە سوغوق ئېشىپ كىتىش بار،ئاياللىق ھورمۇن تەكشۈرۈتسەم ،سەل تۇۋەن چىقتى،پۇرچاق سۇتىنى ئارلاپ ئىچىۋاتىمەن،دورا ئارقىلىق تۇلۇقلاي دىسەم ،كۆكسۇمدە  ئۈسۈكچە بار،بولمايدىكەن.بەدەننىڭ ھارارىتىنى ئاشۇردىغان،بالىياتقۇنى ئللىتىدىغان دورىلار ماس كەلسە ئا لاي دىگەن،مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا،
回复قايتۇرماqohluk[2011-07-25 07:19 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم،مەن 31ياشقا كىردىم،ئىككى بالام بار،ھازىرغىچە بالا ئالغۇزۇپ باقمىغان،ئەمما مەن ئۇزۇن يىل بولدى تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىپ باقمىدىم،ھەم خالىماس بولدۇم،مەندە سوغوق ئېشىپ كىتىش بار،ئاياللىق ھورمۇن تەكشۈرۈتسەم ،سەل تۇۋەن چىقتى،پۇرچاق سۇتىنى ئارلاپ ئىچىۋاتىمەن،دورا ئارقىلىق تۇلۇقلاي دىسەم ،كۆكسۇمدە  ئۈسۈكچە بار،بولمايدىكەن.بەدەننىڭ ھارارىتىنى ئاشۇردىغان،بالىياتقۇنى ئللىتىدىغان دورىلار ماس كەلسە ئا لاي دىگەن،مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا،
回复قايتۇرماXIRIP[2011-05-19 10:49 PM | del]
مەنچە بولوسىمۇ تۇرمۇشتا مۇشۇ مەزمۇ نلار كەم بولسا بولمايدۇ ،بىز ئەرلەر قانداق ئاياللار شۇنداق
回复قايتۇرماyvsuf[2011-02-05 10:52 PM | del]
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم.                                                                                                                                            مەنى بالدۇر كېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى شىپاسىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار....رەھمەت....
回复قايتۇرماyvsuf[2011-02-05 10:43 PM | del]
رەھمەت بەك ياخشى پايدىلاندىم......
回复قايتۇرماlutfiye[2010-10-15 06:05 PM | del]
مىنىڭ ئاڭلىشىمچە ئاياللارنىڭ ھىسياتى ئەرلەرنىڭكىدىن 5مىنۇت كىيىن قوزغىلدىكەن بەزى ئەرلەر ئوزىنىلا ئويلايدۇ.شۇڭا...........
回复قايتۇرماMiradil0998[2010-09-26 05:16 PM | del]
ئۇنداقتا ئەر ئايالىغا كۆيۈمچان، سادىق بولۇپ لېكىن جىنسىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن ئايالىنى قاندۇرالمىسا ئايالىنى يەنىلا تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟
回复قايتۇرماabliz0303[2010-08-03 02:48 AM | del]
مةنچة بولغاندا هةممة سةؤةب ظةرلةردة بذلذشئ مذمكئن ،چذنكئ  ظاياللار ظاسانلئقچة تالاغا قارئمايدذ . بارلئق ظئشلارغا ظةرلةر جاؤابكار .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.