ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسراش چارىلىرى[ساغلاملىق ئۈگۈتلى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-07-23
ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار
1.سىرتتىن كەلگەن تاياق زەربىلىرى، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشلار ئېغىر بولغاندا ئۇرۇقداننى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى ئېزىپ قويۇپ، ئۇرۇقداننىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېنىكرەك بولغاندا ئۇرۇق بېزى ۋە نەيچىسىنى بېسىپ توسۇپ قويۇپ، ئۇرۇقداننىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە توشۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، مەنىي تەركىبىدىكى ئۇرۇقنى كىمەيتېۋىتىدۇ.
2. ۋېلسپىت مىنىش، ئات مىنىش، موتسىكىلىت مىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇرۇق بېزىنى بېسىپ قويۇپ، ئۇرۇق بېزىنىڭ نورمال ھەرىكەتلىنىشىگە ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇشۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، مەنىي كەملىك، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇرۇق بېزىغا سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ئۇرۇقداننىڭ ئىسسىق مىزاجىنى بۇزۇپ، ئۇرۇق ئىشلەش پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
4. دائىم غەزەپلىنىش، روھىي چۇشكۈنلۈك، قالايمىقان بولمىغۇر خىياللارنى قىلىش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار ئۇرۇقداننىڭ تەبىئىي قۇۋۋەتلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بۇزۇپ قويىدۇ.
5. شەھۋانىي فىلىمللەرنى كۆررۈش،جەلەق ( ئانانىزىم) ، جىمانىڭ كۆپ بولۇشى كۆپ ئىھتىلام بولۇش قاتارلىق ناچار جىنسىي قىلمىشلار ئۇرۇقداننىڭ كۈچەپ ئىشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ، ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
6. سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يېتىشمەي مەنىي كەملىك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ھەۋەسنى كۈچەيتكۈچى ۋە باھنى قۇۋەتلىگۈچى ھەرخىل خىمىيىلىك ۋە ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا ۋاقىتلىق ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇرۇقداننىڭ تەبىئىي ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئۇرۇقداننى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
8. نەشە، ئەپيۇن، تاماكا قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى كۆپ چەككەندە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ناركوز قىلغۇچى تەركىبلەر ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بۇزۇپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. كۆپلەپ ھاراق ئىچكەندە ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرىت ئۇرۇقلارنى ئۆلتۈرۈپ، مەنىي كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناچار جىنسىي قىلمىشلاردىن تارقىلىدىغانئەيدىز، سۆزنەك، سىفلىس قاتارلىق يۇكۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا بۇ كېسەللىكلەرنىڭ جاراسىمى ئاسانلا سۈيدۈك يولى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ئارقىلىق ئۇرۇقدانغا يېتىپ كىلىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇقۇملاندۇرۇپ، ئۇرۇقداننىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
ئۇرۇقداننى ئاسراش تەدبىرلىرى
1. ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇرۇقداننى زەيتۇن يېغى، قوينىڭ كونا دۈمبە يېغى قاتارلىق ياغلار بىلەن ياغلاش كېرەك.
2. ئارىلاپ-ئارىلاپ قوينىڭ ياكى كالىنىڭ ئۇرۇق بېزىنى كاۋاپ قىلىپ ئېستىمال قىلىپ بىرىش.
3. باچكا، كەكلىك، ئۇلار، بۆدۈنە، پاقلان گۆشلىرىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال بېرىش
4. بانان، ئەنجۈر، خورما، ئۈزۈم، ياڭاق، بادام قاتارلىقلار مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
5. پولو، مانتا قاتارلىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش.
6. چامغۇر، سەۋزە كۆپرەك سېلىنغان شورپىلارنى ئىچىپ بېرش
7. ئامال بولسا ئەنجۈر مۇرابباسى، سەۋزە مۇرابباسى، زەنجىۋىل مۇرابباسى، ئالما مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى قاتارلىقلارنى كۈندە بىر قىتىمدىن ئىستېمال قىلىش.
8. ئەتىگەندە تۇخۇم سېرىقىدا سۈت چاي قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش پايدىلىق.
9. زىيادە سوغۇق ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەردىن قېتىق، بېلىق، تاۋۇز، قارا ئۈرۈك، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق.
10. ھەركۈنى مۇۋاپىق بەدەن چڭنقتۇرۇپ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ بەرگەندە ھەر قايسى ئەزالارنىڭ تولۇق ئوزۇقلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
11. پۇتنى تولا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇرۇقداننى قىستىۋالماسلىق.
12. بادام مېغىزى پىندۇق مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلاردا سوقماق قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
13. كۈندە ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاقنى سوقۇپ بىر پىيالە سۈتكە ئارلاشتۇرۇپ ئىچىپ بېرش. 14. ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقداردىكى تەرەنجىبىن(يانتاق شېكىرى)نى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
15. بادام مېغىزى25 گرام. ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، پىندۇق مېغىزى ھەر بىرى20 گرامدىن، نوقۇت30 گرام قاتارلىقلارنى سوقۇپ، 300گرام ھەسەلنى قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ، دورىلارنى قوشۇپ، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىش. پىششىق دورىلاردىن لوبوبى كەبىر، ھالۋائى بىيزە قاتارلىق دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش
[Birzat بۇنى 2010-07-23 05:34 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۇرۇقدان، مەنىي
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:

ئىنكاس: 11 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات) ئەپەندى ،مەن سىلەرنىڭ 80خالتا تىبابەت تورىڭلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدۇم ، ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرگەي، مەن ئۆزەم توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىماقچى ،مەن بۇ يىل 23ياشتا، جىنسىي مۇناسىۋەتتېن كىيىن ئۇرۇقدان بېسلپ چېڭ قېلپ ئاغرىيدۇ ، ئۇرۇقدان سوغۇق تەرلەيدۇ ، 1-2سائەت ئولتۇرۇپ ئارام ئالمىغۇچە بىئارام بولىمەن .دوختۇرغا بىرىشتن خجىل بوپ قالدېم، قايسى دورىنى ئستىمال قېلىشىم كېرەكلىكېنى دورا ئسمى بىلەن قوشۇپ تەپسىلى تەلىم بەرگەن بولسىللېرى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم؟؟؟؟؟
ئاللا تىنىڭزنى سالامەت، ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم' ئۇرۇقداننىڭ ۋىنا تۇمۇرى ئەگرى بۇگرى كېڭىيىپ كىتىپتۇ قەۋزىيەتنىڭ ئىشىمىكىن چوڭ تەرەتتىن كىيىن قارسام يۇقاپ كىتىدۇ 2سائەتتىن كىيىن قارىسىام يانا پەيدا بوپ قالىدۇ تىخى توي قىلمىغان كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۈلۈم ئاشكارە دىگەن گەپ بار بۇرۇن ئانالىزىم بىلەن شۇغۇنلىنىپ قاپتىمەن 1يىلدىن ئاشتى قول ئۇزگىلى ئۇرۇقدان نىپىز بوپ قالدى قارسىلا تۇمۇرنىڭ ھەممىنى كۆرگىلى بۇلدىغان بوپ قالدى جىنسى ئىقتىدارىم تۈۋەنلەپ كىتىپ باردۇ ھەم بۇرۇنقىدىن ياداپ كەتتىم كىسەل چاپلاشسا شۇنداق بۇلامدۇ يا ھەم ئېغىر ئىشلانى قىپ قالدىممىكىن شىپالىق رىتسىپلىرىڭىز بولسا ئايمىغايسىز ئاللاگە ئامانەت بىر زات ئەپەندىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ تېمىدا ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلار بار ئىكەن ، ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى ، مەن بۇ خەتنى سىزگە فىرانسىيەدىن يېزىۋاتىمەن، مېنىڭ ئۇرۇقدېنىمنىڭ بىرسى توققۇز ئون ئايدىن بېرى سول تەرەپتىكىسى
يوغان بولۇپ قالدى ۋە ئوڭدىكىسىگە قارىغاندا پەسكە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، پات پات يىڭنە سانجىغاندەك بولۇپ
تۇرىدۇ ، بۇ قانداق كىسەل؟ بۇ يەرنىڭ دوختۇرلىرى ھەممە ئىش سېستىما بويىچە ماڭغانلىقى ئۈچۈن ، بىز كېسەل داۋالاتساق مۇرەككەپ بىر جەيران رەسمىيەت ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، دۆلىتىڭگە قايتقاندىن كىيىن داۋالاتقىن، بۇ كىسەل ئۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئەمەسلا دەپ قويدى، بىراق بۇ مۇساپىرچىلىقتا مەن بۇ ئوقۇشنى تۈگىتىپ قايتقۇچە يەنە ئىككى يېرىم يىل بار ،دىمەك بۇ كىسەلنى داۋالاتماي ئىككى يېرىم يىل بۇ يەردە بولىمەن، قايسى ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ ھەل قىلسام بولار؟ بىر دوستۇم زەنجىۋىلنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ سۈرۈپ بەرسەڭ ساقىيىپ كېتىدۇ دەيدۇ ، ئۇنىڭ راست ئۈنىمى بارمىدۇ؟ رەخمەت

سالام بىر زات ئەپەندى، سىزگە شىۋىتسىيەدىن خەت يېزىۋاتىمەن. تېلېفۇن قىلىپ ئۇلىيالمىدىم.
مەن بۇ يىل 23ياشتا، يۇقىردا تورداشلار دەپ ئۆتكەن ئەھۋال مەندىمۇ بار ئىكەن، ئۇرۇقداننىڭ بىرسى چوڭ بىرسى كېچىك، ھەم ئۇڭ تەرەپتىكى ئۇرۇقداننىڭ ئاتراپىدىكى تومۇرلار كەڭرى قالايمىقان تۇيۇلىدۇ. ئانالىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپ قالىمەن بەزىدە. يېقىندىن بۇيان مەنى نىڭ ناھايتىمۇ بىسىمسىز ھەم ئاز چىقىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . بەزىدە مەنى چىقىۋاتقانداك ئامما ھېچ نىمە يوق ... بەلكىم مانى ئىچىگە مېڭىش شۇدۇ دەپ ئويلىدىم، ئۇرۇقداننىڭ ئەتراپى تەرلىگەندەك ھىس قىلىمەن....
ھەم ئۆزۈمنىڭ جىنسى ھەۋىسى بەكلا سۇسلاپ كەتكەندەك ھىس قىلىۋاتىمەن ...
مەن بۇ يەردىن سىز دېگەن دورىلارنى تاپالمايدىكەنمەن ... قاندا قىلسام بولا ...
سىزگە رەھمەت .

ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى مەن بىر قېرىندىشىمگە ۋاكالەتەن ئىنكاس كاي تۇرۋاتقان خاپا بول مىغايلا راس دىگەندەك 3تاللا تۇمۇرى ئىششىپ قاپتۇ مارالبىشىدىكى ناھىيلىك دوختۇرخانىگە كىرسە ئوپراتسىيەنىڭ گىپىنى دەپتىكەن توي قىلمىغان دوختۇرلامۇ ئوپراتسىيە قىلسا پارزەنىت كۆرشىگە بىرنىمە دىيەلمەيمڭز دەپتۇ. قانداق قىلسا بۇلىدۇ ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ دۇرىسىدىن دەپبەرسىڭز نەچچە باسقۇچ داۋالىنىدۇ ئاللا ھەممىزگە رەھمەت ئاتا قىلسۇن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق باركەن مەن ئەپ بىرەي دىگەن
ھەراس بۇ ئىنكاس قاننىڭ بۇزۇلىشىمۇ ياكى ئۇرۇقداندىكى ياللۇغلىنىش مۇ تاپسىلىرەك يىزىپ بەرگەن بولسىلا رەخمەت
سۇئال:
ئۇرۇقدان ۋىنا قان-تۇمۇرلىرىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كىڭىيىشى ساقىيامدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇھەممەتتۇرسۇن ئەپەندىم: سىزدىن سورماقچى بولغان سۇئالىم،ئۆتكەندە بۇغدا دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتسەم مەندە ئۇرۇقدان ۋىنا قان-تۇمۇرلىرىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كىڭىيىشى باركەن.ئۇرۇق سۈپىتىمنى تەكشۈرسەم 37% چىقتى. نورمال ئەرلەرنىڭ 50% دىن يۇقىرى چىقىدىكەن.دوختۇر ماڭا كىچىك ئوپىراتسىيە قىلىمىز ئاندىن ئۇرۇق سۈپىتى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ دەيدۇ.ئەجىبا ئوپىراتسىيە قىلماي دورا بىلەن داۋالايدىغان ئۇسۇل بارمىدۇ؟(دوختۇر 3.دەرىجىكەن دورا ئار قىلىق ساقايتقىلى بولمايدۇ دەيدۇ) ئەگەر ئوپىراتسىيە قىلسام جىنسى ئېختىدارىمغا تەسىرى بۇلامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مېنىڭ قارىشىمدا ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى 70% دىن يۇقۇرى بولغاندا ئاندىن تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. ئۇرۇقدان ۋىنا قان-تۇمۇرلىرىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كىڭىيىشىنى ئوپراتسىيە قىلمايمۇ ئۇيغۇر تېبابەت رېتسىپلىرى ئارقىلىق داۋالىغىلى، ئۇرۇق سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئوپراتسىيە قىلىنسا جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىرى بولامدۇ -يوق ئۇنىڭغا مەن بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. داۋالاش ئۇسسۇلى ھەققىدە سۆز ئىچىشتىن ئاۋۋال سىزدىن بىر سۇئال سوراي دەيمەن. ئۇرۇقدان خالتىسى (تاشاق) نىڭ ئوڭ ياكى سول تەرەپتىن بىرسى ساڭگىلىۋالغان يەنى بىرسى ئاستىدا يەنە بىرسى ئۈستىدىرەك بولۇپ قالغان ئەھۋال بارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇھەممەتتۇرسۇن ئەپەندىم: شۇنداق مىنىڭ ئۇرۇقدان خالتامنىڭ سول تەرىپى پەسكە ساڭگىلىۋالغان.كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.مىللى تىبابەت دورىسى بۇيىچە داۋالانسام،تەلتۆكۈس ياخشى بولۇپ كىتەمدۇ؟ قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام : شۇنداق، ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەجىربىلىك تېۋىپ بولىشى كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ ئەتراپلىق داۋالاش ئىلىپ بارسا ئىھتىمال 2-3 ئاي ۋاقىت ئەتراپىدا سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئۇرۇقدان ساڭگىلاپ تەرلەش، شەھۋەت سۇسلۇق ھەققىدە مەسلەھەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى .مەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى تولىم سۆيۈنۈپ ئوقۇيمەن .مەنمۇ بۇرۇن ئانالىزىم بىلەن شۇغۇللانغان .بۇيىل 29ياشقا كىردىم .بىراق تىخى توي قىلمىدىم .ئانالىزىمنى تاشلىغىنىمغىمۇ نەچچە يىل بولدى .ھازىر قەتئى ئۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانمايمەن .بىرا ق بۇرۇن شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغاچ سەۋەبىدىنمۇ مەندە مۇنداق ئەھۋاللاربار .
ئۇرۇقدان ئەتراپى دائىم تەرلەپ تۇرىدۇ .سۇيدۇك چالا قالغاندە ك سىزىم بار .بىراق ئاغرىش يوق .ئۇرۇقدا ن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ .زەكەر يىگىلەش ئەھۋالى بار .جىنسى ھەۋەس سۇسلاپ كەتتى .ئەگەر بىرەر نەرسىنى خىيال قىلىپ قالساملا بىر خىل شىلىمشىق نەرسە چىقىپ كىتىدۇ .دوختۇر مەزى بىزى ياللۇغى دەپ دىئاگنۇز قويدى .ھەم بۇ جەھەتتە داۋالاندىم .بىراق تەسرى دىگەندەك ياخشى ئەمەس.يىمەك -ئىچمەكتە ھاراق -تاماكا دىگەنگە ئەزەلدىن يىقىن يوللىمايمەن . ئادەتتە تامىقىم شۇنداق ياخشى .بەدىنىممۇ سىمىز .قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتىمۇ بولۇپ باقمىغان .ئۇيلاپ باقسام نەچچە ئاي بولدى ئىھتىلام بولمىغىلى .مۇشۇ ئەھۋاللارغا قارىتا ياخشىراق بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز .قانداق دورىلارنى يىسىەم ،قانداق ئىشلاردىن پەرىز تۇتسام بولىدۇ .
سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن .
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
1.كۈندە ئەتگىنى جىگدە چېچىگى ھەسىلىدىن 2-3 قوشۇقنى بىر پىيالە ئىلىمان قايناقسۇدا ئىرىتىپ ئىچىپ بىرىڭ! كۈندۈزلىرى باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئىلىمان قايناقسۇغا سۇسراق تەڭشەپ ئۇسسلۇققا ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بىر كىلو ھەسەلنى 6-7 كۈندە ئىچىپ 3 كىلو ھەسەلنى مۇشۇ ئۇسسۇل بويچە داۋاملاشتۇرۇڭ! شەرت شۇكى سىز ئىچكەن ھەسەل چوقۇم ساپ جىگدە چېچىگى ھەسىلى بولىشى كېرەك!
2.ئەتتىگەن - كەچتە مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ كۈندە بىر سائەت ئەتراپىدا بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىڭ!
3. سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، ئىستىنجا قىلىش، سوغۇق ئىچىملىك، تاماكا، سوغۇق، ئاچچىق يېمەكلىكلەر ، كالا گۆشى دېگەندەك يەللىك غىزالاردىن پەرھىز تۇتۇپ بىرىڭ!
4. سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەردىن، قىزلار بىلەن ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا شىرىن پاراڭلار بىلەن تېلفۇنلىشىشتىن، ياكى بىرگە يۈرۈشتىن ساقلىنىش زۆرۈر.
5.ياللۇغ قايتۇرۇپ، يەرلىك ئەزالار خىزمىتىنى تەرتىپكە سالغۇچى دورىلاردىن:
قۇرسى كاكنەچ، ئەرقى كاكنەچ، ئەرقى بەدىيان، مەجۈنى چۆپىجىن ، جاۋارىش زەرئۇنى دېگەن دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ 15-20 كۈنگىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
6. سۈيدۈك راۋانلاشقاندىن كىيىن قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ:
ھەببى ئازاراقى
ماجۈنى كۇندۇر
مەجۈنى سۆئىلەپ
لۇبۇبى كەبىر
لۇبۇبى سەغىر
داۋائىل مىشكى
دېگەندەك دورىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.
تەجىربىلىكراق تېۋىپقا كۆرۈنۈپ ئومۇمىي بەدەن مىزاجىغا ماس كىلىدىغان دورىلار ئارقىلىق جانلىق داۋالىنىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر.
ئاللاھ ئىگەم شىپالىق بەرگەي!

نەقىل مەنبەسى dilsiri
ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى ئورۇقداننىڭ ۋىنا تۇمۇرى ئېششىپ قېلىش نىمە ئۈچۇن بىر سى ساڭگىلىۋالىدۇ نىمە ئۈچۈن ھۆل ھەم سوغۇق تۇردۇ ھەم ساڭگىلاپ ئىچىدە ھىچ نىمە يوقتەكلا تۇردۇ مۇشۇ تىمىدا يوللاپ بەرگەن بول سىلا بۇ بىلوگ دا مۇشۇ توغرىلۇق گەپنى ئىزدەپ تاپالمىدىم ئاللا ئۆمرىڭزنى ئۇزۇن قىلسۇن رەخمەت
ھازىر ئالدىراش بولغاچقا ئىلگىرى بۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا بىرىلگەن جاۋابلار بىلەن قوشۇلۇپ يوللاندى، پايدىلانغايسىز!
ئۇرۇقدان ساڭگىلىۋېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
سۇئال: ياخشىمۇسىز بىر زات ئەپەندى
ئۇرۇقدان ساڭگىلاش قانداق كىسەللىك،مىنىڭ ئۇرۇقدىنىم سەل ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، بۇ زىيانلىقمۇ
جاۋاب:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ ئۇرۇقدانغا زىيادە سوغۇق ئۆتۈش، ياكى سوغۇق يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، جىنسىي ھەۋەسكە كۆپ بىرىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئاجىزلاپ ساڭگىلىۋاكغان بولىشى مومكىن. بۇنىڭغا قارىتا زەيتۇن مېيى، قەلەمپۇر مېيى، ياكى تۇخۇم مېيى دېگەندەك ياغلاردا مايلاپ ئاپتاپقا ياكى باشقا ئىسسىقلىققا قاقلاپ بەرسە ، يېمەك-ئىچمەكتە قۇۇۋۋەتلىك غىزالىنىپ، ئەر-ئاياللىق جىنسي تۇرمۇشتىن مۇۋاپىق پەرھىز تۇتۇپ بەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتقا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز << جىنسىيەت ۋە ساغلاملىق >> سەھىپىسىدىكى << ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى >> دېگەن تېمىنى كۆرگەيسىز!
راس مۇشۇ تىمىدا گەپ يوخكەن
ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى ئورۇقداننىڭ ۋىنا تۇمۇرى ئېششىپ قېلىش نىمە ئۈچۇن بىر سى ساڭگىلىۋالىدۇ نىمە ئۈچۈن ھۆل ھەم سوغۇق تۇردۇ ھەم ساڭگىلاپ ئىچىدە ھىچ نىمە يوقتەكلا تۇردۇ مۇشۇ تىمىدا يوللاپ بەرگەن بول سىلا بۇ بىلوگ دا مۇشۇ توغرىلۇق گەپنى ئىزدەپ تاپالمىدىم ئاللا ئۆمرىڭزنى ئۇزۇن قىلسۇن رەخمەت
ئىنكاس يوللاش