سەئۇدىيدىكى ئايال جىن چاپلىشىۋالغان يېگىت [ ئاجايىباتلار دۇنياسى]
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-07-23
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 23-ئىيۇل خەۋرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېرىم ھوشسىز ھالەتتە ياتقان 29 ياشلىق سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يىگىت يەر ئاستى ئۆيىدە 6 يىل سولاقلىق تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر ئايال جىن تەرىپىدىن كونتىرول قىلىۋىلىنغان ئىكەن. (ئايال جىن چاپلىشىۋالغان ئىكەن)
بۇ يىگىتنىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يىگىتنىڭ كېسىلى قوزغالغاندا، ئۇنىڭ بەدىنى كىرىشىپ، ئېگىلىدىكەن ھەم كۆزى يۇقىرىغا تارتىپ كۆزىنىڭ ئېقى كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. كەينىدىنلا ئوغلىنىڭ ئېغىزىدىن بىر ئايال كىشىنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىدىكەن. دەسلەپتە يىگىتتە بىنورماللىق كۆرۈلگەندە ئۇنىڭ دادىسى «قۇرئان كەرىم» ئوقۇيدىغان كىشىلەرنى باشلاپ كىلىپ قۇرغان ئوقۇتقان. بۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئوغلى سەل تىنىچلىنىپ قالغاندەك بولغان. بىراق ئۇ ئايال ئوغلىنىڭ ئېغىزىدا ئايالچە سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئۇلۇغ بىر روھ ئىكەنلىكىنى، يىگىتنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ ئۇنى يىگىتنىڭ ئىچىدىن چىقىرۋىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.
يىگىتنىڭ دادىسى ئۆزىنىڭمۇ 9 ياش ۋاقتىدا بىر ئايال جىن تەرىپىدىن «ئىشغال» قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، 40 يىلدىن كېيىن ئاندىن كەسپى جىن قوغلايدىغان كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ساقايغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇرۇن بىر ئايالنى كۆرگەن بولۇپ، بۇ ئايال بەزىدە شۇنداق چىرايلىق، بەزىدە بەك سەت ۋە بەزىدە ئوت ئىچىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن ئىكەن.
نۆۋەتتە «جىن تەگكەن» بۇ ياش يىگىت يەر ئاستى ئۆيىدە تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە بولغانلىقىنى قەتئىي بىلمەيدىكەن. تاماق ۋە ھاجەتكە بېرىشنىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە قىلىدىكەن.
مەنبە: http://news.uqur.cn
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئايال جىن
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئايال جىن
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 10 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
قايتۇرماھەزىرتىئۈمەر[2013-03-27 04:19 PM | ]
بەزىدە ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ ئەمما ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ھەممە ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بۇلۇدۇ .
كۆپ سۇئال سوراشنىڭ ھاجىتى يوق بۇرادەرلەر .پەقەت قۇرئان كەرىمنڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمسنى ئوقۇپ چىقساقلا ھەممنى چۈشۈنىمىز.
جىننىڭ بارلىقى، چىن ھەقىقەت . ئىشىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ،قالايمىقان سۆزلەش كۇفرىغا باشلايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىم !!! ئاللا قۇرئان كەرىمدە :( ئىنسان ۋە جىننى ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۇچۇن ياراتتىم :) دىگەن. خۇددى ئىنسانلار بىر_بىرىگە يامانلىق ۋە دۈشمەنلىك قىلغىنىدەك،جىنلارمۇ بونىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.جىنلار ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتى بىلەن بىزگە ئۇچرىمايدۇ.جىنلارنىڭ ياخشى ۋە يامىنى بولىدۇ،ياخشى جىنلار ئىنسانلارغا چىقالمايدۇ.لىكىن يامان جىنلار بولسا ئىنسانلارنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرىيدۇ، ياكى ئۇلارنى ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشمىز ئۇچۇن،ئىسلام دىنى بىلەن ئۇزىمىزنى كۈچلەندۇرىشىمىز كىرەك.يامان ئىشلاردىن،ۋە گۇناھ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ ئاللاھقا كوپ ھەمدۇ سانا ئىيتىشىمىز ،شۇنداقلا مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزگە كۆپلەپ دۇرۇد ئوقىشىمىز كىرەك.شۇندىلا ئاللاھ بىزنى دۇنيادىكى بارلىق يامان ئىشلاردىن ساقلايدۇ.((ئاللاھ ھەممىمىزنى دۇغرا يولغا باشلىسۇن ئامىن!!!)).
تۇۋادېمېسە بېكا
توۋا دەڭلار،
مۇشۇ جىن -شەيتان دىگەن ئۇقۇم بەكلا بېشىمنى قاتۇرۇۋاتىدۇ .بارمىكى دىسە يوق ، يوقمىكى دىسە ئاجايىپ -غارايىپلارنى ئاڭلاۋاتىمىز. يېقىندىن بۇيان مۇشۇ (جىن ) دىگەن نەرسە سەۋەبىدىن خىلمۇ -خىل ئازاپلارغا دۇچار بۇلىۋاتقانلار كۇپۇيۇپ قالغاندەك قىلىدۇ . ئۇلار ئىنسانلاتغا ھۇجۇم قىلىۋاتامدۇ ياكى بۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ مەسئۇلىمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
جىن تۇغرىسىدا بىرنەرسە بىلىدىغانلارنىڭ كۆپرەك سۆز قالدۇرىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن. ئازاپلىنىۋاتقانلار پايدىلانسا ئەجەپ ئەمەس . ئاللا ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرسۇن .
جىن تۇغرىسىدا بىرنەرسە بىلىدىغانلارنىڭ كۆپرەك سۆز قالدۇرىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن. ئازاپلىنىۋاتقانلار پايدىلانسا ئەجەپ ئەمەس . ئاللا ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرسۇن .
قارئغاندا سئزگة چاپلاشقنئ 520جئن ظوخشئمامدذ
مەندمۇ جىن بار چقرايدغانلار بارمۇ 0991 دا 13999252344
مۇشۇمۇ بىر چاتاق مەسىلە ئىكەن. دوختۇرغا ئاپارسا كېسەللىك تاپالمىغان. تېخى بەزى مۇشۇنداق بىمارلار دوختۇرغا ئاپارسا بەك ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئىش بار ئىكەن. جىن دېگەنمۇ تازا بىر چاپلاشقاق نېمە ئوخشايدۇ
ئىنكاس يوللاش