


بىر ئانىنىڭ قىزىغا ئېيتقانلىرى [قىز-چوكانلار]
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-07-23

كەل ھەي سۈيۈملۈك قىزىم ،ساڭا بۇ نەسھەتلەرنى قىلاي، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلساڭ ،ئۆمۈر بۇيى راھەتتە ياشايسەن، ئۆمۈر يولدىشىڭ بىلەن ھېچ قاچان ئاراڭلار بۇزۇلمايدۇ. بۇ دۇنيادا بەخىتلىك ياشىغانغا ئوخشاش ئاخىرەتتىمۇ خوشال ياشايسەن، مەڭگۈ بەخت -سائادەتكە ئېرىشىسەن.
1.قانائەتلىك بول يەنى، ئۆمۈر يولدىشىڭ كەلتۈرگەن ئۇزۇق-تۈلۈك، كىيىم -كېچەكنىڭ ھەممىسىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلغىن. چۈنكى قانائەت قەلىبكە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
2.ئېيتىلىۋاتقان گەپلەرنى دائىم قۇلاق سېلىپ ئاڭلا ۋە ھەمىشە ئىتائەتمەن بول. ئۆمۈر يولدىشىڭغا ئىتىراز بىلدۈرمە. ئۇنىڭ بىلەن ھەم پىكىر ۋە بىر نىيەتتە بولۇشقا ھەركەت قىل. بۇنداق ھەركەتلەر بىلەن جانابى ئاللاھۇ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسەن.
3.يولدۇشىڭنىڭ كۆزى چۈشىشى مۇمكىن بولغان ھەممە جايغا ئىتىبار بەر، شۇنداق قىلغىنكى ، ئۇنىڭ كۆزى زىنھار قالايمىقان ھالەتلەرگە چۈشمىسۇن.
4.يامان ھىد چىقىش ئېھتىمالى بولغانلىكى نەرسە ۋە يەرلەرگە دىققەت قىل، ئۇلارنى تېپىپ تازلا. ئۆيىڭدىن دائىم خۇشپۇراقلار ئۈزۈلمىسۇن. چۈنكى پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.
5-شۇنى ياخشى بىل، تازلىق ۋە لاتاپەت سۇغا باغلىق، ھەرقانداق نەرسە سۇ بىلەن پاكىز بۇلىدۇ. ئۆيلەردە سۇنىڭ پاكىز بۇلۇشىغا دىققەت قىل.
6-يولدۇشىڭنىڭ تاماقلىنىش سائىتى ۋە ئۇيقۇ ۋاقتىغا دىققەت قىل، تاماقنى ھەمىشە ئۇنىڭ ئادىتى بۇيىچە تەييارلا.
ۋاقتىدا ئۇخلاش ئۈچۈن ئىشىڭنى ۋاقتىدا تۈگەت. چۈنكى، ئاچلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق خاپىلققا سەۋەپ بۇلىدۇ.
7-ئۆيۈڭدىكى مال -مۈلۈك ۋە جازىلارغا ئېھتىيات قىل، ئۇلارنى پاكىز تۇت. ئۆيۈڭدىن چاڭ -تۇزاڭ نىرى كەتسۇن.
8-يولدۇشىڭنىڭ يېقىنلىرىغا چىرايلىق مۇئامىلىدە بول، بۇ سىنىڭ ياخشىلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. بىراۋغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۇچۇق-يۇرۇق دوستانە بول.
9-.يولدۇشىڭنىڭ سىرلىرىنى زىنھار باشقىلارغا تىنما. ئەگەر سىرلىرىنى ئەتراپقا يايساڭ ، سەندىن رەنجىيدۇ. بىۋاپالىق يولىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.
10-.يولدۇشىڭنى ھۆرمەت قىل. بۇيرۇقلىرىنى بېجىر. گەپ قايتۇرۇپ جاۋاپلاشما. ئەگەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ جاۋاپلاشساڭ ، ئاچچىقى كىلىپ رەنجىشىگە ھەتتا دۈشمەن كەبى ھەركەت قىلىشىغا سەۋەپ بولىسەن..يولدۇشىڭنىڭ غەمكىن ۋەخاپا بولغاندا ئۆزۈڭنى خۇرسەن تۇتما. ئۇنىڭ غەم -ئەندىشىگە شىرىك بول ھەم سەن شۇنداق كەيىپىياتتا بول.
قىسقىسى ، ئەي سۈيۈملۈك قىزىم ، سەن يولدىشىڭىنى قانچىلىك ھۆرمەت قىلساڭ شۇنچىلىك ھۆرمەتكە ،مۇھەببەتكە ئېرىشىسەن .ھەمىشە ئەخلاقلىق ،ئىپپەتلىك بول.«ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورۇنغانلاردۇر»
پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز دېگەن كىتابتىن.
[Birzat بۇنى 2011-02-15 02:39 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئانا، قىز

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:





ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -



بەك ياخشې سۇز بوپتۇ
قىزلار چۇقۇم كۇرۇشكە تىگىشلىك تىما ئىكەن
ۋايتاڭ جۇما، ھازىرقى ئانىلار قىزلىرىنى ئەرلىرىنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتكەندە مۇشۇنداق ئېسىل ھېكمەتلەرنى دەپ ، جىكىلەپ يولغا سالىدىغانلىرى قانچىلىك قالدىكى!!! ئەر كىشى بولغان ئادەم بۇ گەپلەرنى دەپ يۈرسە تېخى بولمىسا. ئۆيگە تور ئەكىرگەنلەرنىڭ خوتۇنلىرى نىمانچە رايىش بولۇپ كەتتىكىن دېسەم ئەسلى مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلارنى ئوقۇيدىكەن دە!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن .
ھەممە قىز چوكانلار شۇنداق قىلالىغان بولسا ئۆيلىرىمىز بۇزۇلمىغان . ئۇماق بالىلىرمىز يىتىم بولمىغان بۇلاتتى .
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن .
ھەممە قىز چوكانلار شۇنداق قىلالىغان بولسا ئۆيلىرىمىز بۇزۇلمىغان . ئۇماق بالىلىرمىز يىتىم بولمىغان بۇلاتتى .
ئىنكاس يوللاش