ئەرلەر مۇنداق ئاياللارنى بىر ئۈمۈر ئەتىۋارلايدۇ[قىز-چوكانلار]


1.مەڭگۈ مۇلايىم بۇلۇش.
ھەرقانداق ئەر ئاياللارنىڭ مۇلايىم قەلبىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ.لىكىن مۇلايىملىققىلا ئىسىلىۋالماڭ. ئېرىڭىزنىڭ كەيپىياتى ياخشى چاغدا، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭ ياكى سىز نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا دەڭ. بۇنداق چاغدا ھەرقانداق ئەر كىشى سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى رەت قىلالمايدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇ ئۆيدە ئىشلىگەن چاغلاردا ئۇنىڭغا بىر پىيالە چاي ئەكىرىپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز، ئائىلە ئىشلىرىنى ياخشى قىلغاندىنمۇ بەكرەك ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.
2.ئېرى ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى ئىتىش.
بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى مىزلىك تائاملار ئەمەس .بەلكى ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تائاملاردۇر. شۇڭا ئاجايىپ نازۇ-نىمەتلەرنى ئىتىۋىتىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. پەقەت ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىتىشنى ئۈگۈنىۋالسىڭىز، ئۇ يىنىڭىزدىن كەتمەيدۇ شۇنداقلا تائام تىزىملىكىگە قاراپ ئۈگۈنىۋاتقان ئاشۇ گۈزەل قىياپىتىڭىزنىمۇ مەڭگۈ ئىسىدە ساقلايدۇ.
3.مەڭگۈ گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قەلب بۇلۇش.
بۇ، چىراينىڭ سەت ياكى چىرايلىق بۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ھەرقانداق ئايال ئېرىنىڭ يىنىدا چۇقۇم ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنى ساقلىشى كېرەك. يەنى، قېرىپ كەتسىمۇ چۇقۇم ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇشى، كىيىمنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشى ھەم ئېرىنىڭ كىيىم كىيىشى ئادىتىنى ئىنىق بىلىۋىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئۇخلاش كىيىمى ھەم ئىچ كىيىملىرىگىمۇ ئېتىبار بېرىشى كېرەك. چۈنكى تاش كىيىمنى باشقىلار كۆرىدۇ، ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئىچ كىيىمنى ئېرىلا كۆرىدۇ.
4.ئېرىگە ياخشى ياردەمچى بۇلۇش.
ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسىنى يالغۇز ئۆزىڭىزلا ئۈستىڭىزگە ئىلىۋالماڭ. ئېرىڭىزگە ئىچ كىيىم بىلەن پايپىقىنى يۇيۇشنى ئۈگۈتۈپ قۇيۇڭ. لىكىن پۈتۈنلەي ئۆزىگىلا قالدۇرماڭ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى پاكىز پايپاق كىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ، ھەرگىزمۇ يىرتىق مەينەت پايپاق كىيدۈرمەڭ ھەمدە ئايىغىنى پاكىز سۈرتۈپ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ. ئۇنىڭ ئىچ كىيىملىرىدىمۇ ئەتىر پۇرىقى كەتمىسۇن.
5.ئېرىگە بوي سۇنغاندەك تۇيغۇ بېرىش.
ئېرىڭىز سىزنى بىر ئۈمۈر تەتقىق قىلسۇن. ئۇنىڭغا بوي سۇنغاندەك تۇيغۇ بېرىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ جەلىپكار ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلىدۇ، بۇنداق ئەر ھەقىقى ئەر ھىساپلىنىدۇ.
6.ئېرىگە ئۆزىنى سۆيىدىغان سەۋەپ كۆرسۈتۈپ بېرىش.
ھەرقانداق ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىنى بىر ئۈمۈر سۈيۈشنى ۋە بەختلىك ئائىلىسىنى بولۇشنى تۇلۇمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. لىكىن ياشلىق باھار تۇلۇمۇ قىسقا بولىدۇ. يىتىلگەن، سالاپەتلىك، پۇلدار، مۇلايىم ئەرلەرگە ئاياللار قىزىقىدۇ. شۇڭا ئېرىڭىزنىڭ سىزنى بىر ئۈمۈر سۈيۈشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سىزنى سۈيىدىغان سەۋەپ تىپىپ بېرىشىڭىز لازىم. چىرايلىق ياكى سەت بۇلۇڭ سىزدە چۇقۇم ئىسىل مىجەز ياكى تالانت ۋەياكى ئۆزىڭىزگە خاس خاراكتىر...بۇلۇشى كېرەك. قىسقىسى سىزدە چۇقۇم بىر ئالاھىدىلىك بۇلۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئېرىڭىز سىزدىن مىھرىنى مەڭگۈ ئۈزەلمەيدۇ.
مەنبە :شىنجاڭ رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى



[Birzat بۇنى 2010-07-26 07:30 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەرلەر مۇنداق ئاياللارنى بىر ئۈمۈر ئەتىۋارلايدۇ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.