مانگونىڭ ئوزۇقلۇق رولى ۋە شىپاسى [شىپالىق گىياھلار]




مانگو ئەسلىدە ئىسسىق بەلۋاغدىكى رايۇنلاردىن چىقىدىغان مېۋە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىمالدىكى رايۇنلارنىڭ بازارلىرىدىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى.
مانگونىڭ سىرتقى شەكلى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولىدۇ، بەزىلىرى توخۇ تۇخۇمى شەكلىدە،، بۆرەك شەكلىدە، يۈرەك شەكلىدە، يۇمىلاق شەكلىدە كېلىدىغانلىرىمۇ بار. شۆپۈكىنىڭ رەڭگىمۇ كۆپ خىل:سۇس يېشىل،سېرىق، قېنىق قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئېتىنىڭ رەڭگى سېرىق، تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى بار، تەمى بەزىلىرىنىڭ چۈچۈمەل، بەزىلىرىنىڭ تاتلىق بولۇپ، ئوخشاش بولمايدۇ، خۇش پۇراقلىق، شىرنىسى كۆپ ھەم ئۇرۇقچىسى چوڭ كىلىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
مانگو تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنC ھەمدە كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
مانگونىڭ ئاشقازانغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قەي قىلىشنى توختىتىش، باش قىيىشنى توختىتىش رولى بار بولۇپ، باش قىيىش كېسىلى، مېنىئېر يىغىندى ئالامىتى، يۇقىرى قان بىسىم تۈپەيلىدىن باش قىيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. قەدىمكى دەۋىرلەردە دېڭىز-ئوكيانلاردا سەپەر قىلغۇچىلار يېنىدا بىر قىسىم مانگونى بىللە ئېلىپ يۇرۇپ، كېمىدە باش قىيىشنى تۈگەتكەن.
مانگو خولېستېرول، ترىگلتسېرىدنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ، دائىم مانگو ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولىدۇ. مانگو يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئۈچۈن پايدىلىق ،تېرىنى سىلىق قىلىدۇ.
مانگونىڭ كېسەلنى يوقىتىپ، يۆتەلنى توختىتىش رولى بار بولۇپ، يۆتەل، بەلغەم كۆپ كىلىش، زىققە قاتارلىقلارغا نىسبەتەن قوشۇمچە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رولى بار.
مانگو راككا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.
مانگو ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كىچىكتۇرىدۇ، مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدىكى قان قىزىل ئاقسىلنى تۆۋەنلىتىدۇ.
مانگو ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ياكى مانگونى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرگەندە، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقتىكى قەي قىلىشىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ. مانگو شىرنىسى ئاشقازان ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرۇپ، گەندىنىڭ بوغماق ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ، شۇڭا ئۇ بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئۈچۈن ئنتايىن پايدىلىق.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
تويغىچە تاماق يېگەندىن كېيىن مانگو يېمەسلىك كېرەك. مانگو نى سامساق قاتارلىق ئاچچىق يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. بولمىسا سارغىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مانگو تەركىبىدە شېكەر مىقتدارى كۆپرەك بولغانلىقتىن، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار مانگو يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. جاھىل تەمرەتكە، تېرە كېسىلى بارلار ياكى ئۆسمە كېسىلى بارلار مانگو ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
مانگو تەركىبىدە مول ئاقسىل بار ئاز ساندىكى مېۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپرەك يېگەندە ئادەم ئاسانلا تويۇپ قالىدۇ.
بەدىنى زىيادە سېزىمچان كىشىلەر مانگو ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. مانگو يېگەن تەقدىردىمۇ، يەپ بولغاندىن كىيىن دەرھال ئېغىزى ئەتراپىدا قىپقالغان مانگو شىرنىسى، مانگو تىرىپى قاتارلىقلارنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش رىئاكسىيىسى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم.
مانگو يۇپۇرمىقى ۋە مانگو شىرنىسى بەدىنى زىيادە سېزىمچان كىشىلەردە تېرە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ مانگونى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، بولمىسا تېرىسى سارغىيىپ قالىدۇ، ئېغىر ب ولغاندا بۆرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئادەتتكى كىشىلەر بىر قىتىمدا بىر نەچچە تال مانگو يېسىمۇ ئۈنى پۈتۈپ قالىدۇ، ئەمما دەرھال تۇز سۈيىدە ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، بۇ ئەھۋال ئوڭشىلىدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال: ۋېتامىن ۋە مىنرال ماددىلار
كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا :80خالتا بلوگى ئۈچۈن بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم



[Birzat بۇنى 2010-07-24 01:41 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مانگو ماڭگو

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.