" /> ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ، ﺧﯩﺮﻭﻳﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭ - 80 خالتا بلوگى

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ، ﺧﯩﺮﻭﻳﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭ




1.ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯜﭺ ﺑﯘﺭﺟﻪﻙ

شەرقىي جەنۇبىي ئاسيادىكى " ئالتۇن ئۈچبۇرجەك " تايلاند ، بېرما ۋە لائوستىن ئىبارەت ئۈچ| دۆلەت تۇتىشىدىغان چېگرا رايونى ، ئۇ بېرمىنىڭ شەنباڭ دېگەن جاينىڭ شەرقىي قىسمى ، تايلاندنىڭ چىڭلەي ۋىلايىتى ، چىڭمەي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ، لائوسنىڭ لاڭنەننا ئۆلكىسى ، فېڭشالى ئۆلكىسى ، ۋۇدۇمۇسەي ئۆلكىسى ۋە لاڭپروباڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئومۇمىي يەر مەيدانى تەخمىنەن 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . ئاھالىسى بىر مىليون . بۇ رايون دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەپيۇن ، خېروئىن ئىشلەپچىقىرىدىغان جاي بولۇپ ، ئەپيۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى 700 توننىدىن ئۆرلەپ ، ھازىر 2000 توننىغا يەتكەن . ئۇ يەرنىڭ خەرىتىدىكى شەكلى تۈز بولمىغان ئۈچ بۇرجەككە ئوخشايدۇ . كۆپ يىللاردىن بىرى بۇ يەر ئەپيۇننى تېرىش ، ياساش ، سېتىش بىلەن دۇنياغا داڭ چىقىرىپ كەلمەكتە . ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇيۇق ئورمانلىق بولۇپ ، مۇنبەت تۇپرىقى ئەپيۇن تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ . 19-ئەسىردىكى ئەنگلىيىلكلەر ئەپيۇن ئۇرۇقىنى ئالدى بىلەن " ئالتۇن ئۈچبۇرجەك " كە ئەكىرگەن ، شۇنىڭدىن كېيىن ئەپيۇنگۈلى بۇ يەردە كەڭ كۆلەمدە ئىچىلىشىقا باشلىدى . 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىچىنى ئۇرۇشى پارتلاپ ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن يەرلىك تاغلىق پارتىزانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشىدا ھەممىسى ئەپيۇندىن پايدىلىنىپ زور مىقداردىكى ھەربىي چىقىمنى تولۇقلىغان . نامراتلىقنىڭ ئازابىنى بولۇشىچە تارتقان تاغلىق رايون دېھقانلىرى ، مەجبۇرلاش ۋە مۇكاپاتلاشنىڭ تۈرتكىسىدە يەرلەرنى ئېچىپ ئەپيۇن تېرىدى ، ئەپيۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈردى .

بولۇپمۇ 60-يىللاردا ئەپيۇندىن خېروئىننى پىشىقلاپ ئىشلەپ چىققاندىن كېيىن ، بۇ يەردىكى خېروئىننىڭ سودىسى بارغانسېرى جانلىنىپ كەتتى . ھەر يىلى زەھەرلىك بۇيۇملار پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئاققىلى تۇردى . بۇ كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندەك دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى .

ئالتۇن ئۈچبۇرجەكتە ئەپيۇننىڭ باھاسى تۆۋەن ، ساپلىقى يۇقىرى بولغاچقا ، خەلقئارالىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئالتۇن كانىغا ئايلىنىپ . ئۇ يەرنىڭ ھەر يىلى سىرتقا چىقارغان زەھەرلىك چېكىملىكى دۇنيا زەھەرلىك چىكىملىكىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدۇ .

ئۇ يەردىكى زەھەر ( زەھەرلىك چېكىملىك ) ئۈچ تەرەپكە توشۇلىدۇ . بىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرى ؛ يەنە بىرى ، ئالتۇن ئۈچبۇرجەكنىڭ ئەتراپىدىكى بازار ؛ ئۈچىنچىسى ، باشقا جايدىكى بازارلار .

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، " ئالتۇن ئۈچبۇرجەك " رايونىنى ئارامگاھ قىلىۋالغان زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى گۇرۇھىنىڭ خورىكى ئىنتايىن ئۆسۈپ كەتتى . ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى زەھەرلىك چېكىملىك سودا يولى جەنۇب ، غەربكە سوزۇلغان بولۇپ ، زەھەرلىك چېكىملىك تايلاند ، ھىندىستان ، بىنگالدىن ئەتكەس قىلىش ئارقىلىق ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىگە يۆتكىلىدۇ . يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، " ئالتۇن ئۈچبۇرجەك " زەھەرلىك چېكىملىك مەنبەيى شىمالغا يۆتكەلدى ، ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى گۇرۇھى قىسمەن زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى شەرققە يۆتكەپ ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى دەستەك قىلىپ يۈننەن ، گۇاڭشى ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش يولى قىلىۋالدى ، بۇنىڭ بىلەن مەملىكىتىمىز زەھەرلىك چېكىملىك چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى ، مەملىكىتىمىزگە يېڭى زەھەرلىك چېكىملىكلەر مەسىلىسىنى ئېلىپ كەلدى .

ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلغان تۇراقسىز سىياسىي ۋەزىيەت ۋە قوراللىق قالايمىقانچىلىقلار زەھەر ئىشلەپچىقىرشقا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى . ئالتۇن ئۈچبۇرجەكنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى غەرب مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل تۇراقسىز بولۇپ كەلدى . بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، كەڭ ئالتۇن ئۈچبۇرجەك رايونى ھۆكۈمەتسىزلىك ھالەتتە بولۇپ كەلدى ، شۇڭا ئۇ يەر ھەر خىل قوراللىق كۈچلەرنىڭ بازىسى بولۇپ قالدى . تاغلىق رايوندىكى خەلقلەردە قىلچە قانۇن ئېڭى يوق ، ئۇلار قانۇننى بىلمەيدۇ ، نېمىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ . بۇلار ئۇلارنىڭ زەھەرنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئوبدان شارائىت بولغان . ئۇ يەردە ھەر خىل قوراللىق كۈچلەر بار . 50- يىللاردىن 90- يىللارغىچە بېرما ، تايلاند ، لائۇس ئۈچ دۆلەت ئارمىيىسى نۇرغۇن قېتىم بۇ رايونغا نىسبەتەن قورشاپ يوقىتىشنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، ئۈنۈمى دېگەندەك بولماي كەلدى .



2. ئالتۇن ھىلالئاي

" ئالتۇن ھىلالئاي " رايونى " ئالتۇن يېرىم ئاي قولتۇقى " دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ رايون تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن تارتىپ ، ئىران ، ئاففانىستاندىن ، پاكىستانغىچە بولغان بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ رايوننىڭ يەر مەيدانى 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن كۆپ بولۇپ ، بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر كۆپ ساندىكىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ . بۇ يەردە ئەپيۇنگۈل ۋە كەندىر كۆپلەپ تېرىلغاچقا ، ئەپيۇن ۋە خېروئىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ . ئەپيۇننىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 800-700 توننا ، خېروئىننىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 توننىغا يېتىدۇ .

خەلقئارالىق زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكىگە ئەگىشىپ ، دۇنيادىكى ئارقىدا قالغان ۋە قالايمىقان ئۇرۇش بولۇپلا تۇرىدىغان بۇ رايون ، ئىنتايىن تېز ھالدا يەر شارىدىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تېرىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ، بازىسىغا ئايلىنىپ ، ئاففانىستاندىن ، پاكىستاندىن چىققان زەھەرلىك بۇيۇم ، غەرب تەرەپتىكى ئىران ، تۈركىيە ئارقىلىق دۇنياغا تارقىلىدىغان بىر خەلقئارالىق ئەتكەسچىلىك يولى شەكىللەندۈرگەن . يەنە " بالقان يولى " ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىدۇ . جەنۇبتىن بولسا ئەرەب دېڭىزى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ .

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ ئىسلامئاباتتىن 1993-يىلى قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا ، 1992-يىلى ياۋروپادا قولغا چۈشۈرگەن خېروئىننىڭ %80-%70 نى " ئالتۇن ھىلالئاي " دىن بالقان يولى ئارقىلىق ئەتكەس قىلىپ يۆتكىگەنىكەن .

" ئالتۇن ھىلالئاي " رايونىدىكى ئاففانىستان ، پاكىستان ، ئىران خەلقئارالىق زەھەرلىك بۇيۇم بازارلىرىدىكى نەشە ، خېروئىن ، مورفىن ئەپيۇننىڭ مۇھىم بازىسى ھېسابلىنىدۇ . دوكلاتقا قارىغاندا ، ھازىر ئاففانىستان دۇنيادا ئەپيۇن ۋە ئەپيۇن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىيدىغان ۋە ئەتكەسچىلىك قىلىدىغان ئەڭ چوڭ رايون ئىكەن ، ئۇ ھەر يىلى ئاز دېگەندە 30 مىڭ گېكتار يەرگە ئەپيۈنگۈل تېرىيدىكەن .

بۇ يەردە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان ئەپيۇن زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىرى ئارقىلىق پاكىستان ۋە ئىران ئارقىلىق چەت دۆلەتلەرگە ئەتكەس قىلىنىدۇ . ئاففانىستان دۆلەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەرلىك بۇيۇم تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ بۇ رايوندىكى خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئەمەس . بىراق شۇ يېرى ئېنىقكى ، ئاففانىستاندىكى ئەپيۇن تېرىيدىغان يەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ دەرىجىدە ئاشقان . پاكىستانمۇ جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەنە بىر ئاساسلىق زەھەرلىك بۇيۇم تېرىيدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان يەر . 1993-يىلى مەخسۇس ئەپيۇن تېرىيدىغان يەر 18300 گېكتاردىن كۆپ بولغان . بۇنىڭ ئىچىدە %40 دىن كۆپرەك يەر پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى ئاففانىستاننىڭ دىئال قىبلە رايونىغا تۇتىشىدۇ . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى ۋە ئاففانىستاننىڭ ئالتۇن ھىلالئاي رايونىدىكى جايلار زەھەرلىك بۇيۇمنى ئاساسلىق ئىشلاپچىقىرىدىغان رايون ، بۇ رايوندا تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق خېروئىن پىششىقلاپ ئىشلەش يەر ئاستى زاۋۇتى بار ئىكەن . بۇنىڭ تەسىرى بىلەن " ئالتۇن ھىلالئاي " غا قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجانلارنىڭ چەت رايونلىرىدا ئەپيۇنگۈلنى تېرىش يېقىنىقى يىللاردىن بېرى تېز ئۆرلىمەكتە . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا قارىغاندا ، ئالتۇن ھىلالئاي رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېرىش ، ئىشلەپچىقىرىش ، ئەتكەس قىلىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەن . بۇنىڭ سەۋەبى ، خەلقئارالىق زەھەرلىك بۇيۇم بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئاشقاندىن باشقا ، مۇھىمى بۇ رايوندىكى زەھەرلىك بۇيۇم تېرىش رايونى ۋە يەر ئاستى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ چەت تاغلىق رايونلارغا جايلاشقانلىقىدا . بۇ ھال خەلقئارالىق زەھەرلىك بۇيۇملارغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ئوڭۇشىسزلىق ۋە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى .

شۇنىڭ بىلەن بىرگە " ئالتۇن ھىلالئاي " رايونىدىكى تېرىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئەتكەس قىلىشنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ، شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھۋالى ئېران ، ئاففانىستان ، پاكىستان ئۈچ دۆلەتتە ئېغىر جەمئىيەت مەسىلىسى بولۇپ قالغان . ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا ، ئاففانىستان دۆلەت ئىچىدىكى ئىچكى ئۇرۇش تىنچىغىنى يوق . ھازىرغىچە غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا " ئالتۇن ھىلالئاي " رايونىدىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچلىكى ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرماقتا ، زەھەرلىك بۇيۇمغا قارشى تۇرۇش يەنىلا كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا .



3. كۈمۈش ئۈچبۇرجەك



جەنۇمىي ئامىرىكا قىتئەسىدىكى كولۇمبىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ، پېرۇنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە بولىۋىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى ئاندىس تېغى ۋە ئامازۇن رايونى كوكائىن ۋە نەشە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاي بولۇپ ، ئىشلەپچىقىرىلغان نەشە مىقدارى دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نەشە ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشى مىقدارىنىڭ 80 پرسەنتىنى ئىگىللەيدۇ . كوكائىن پۈتۈنلەي مۇشۇ جايدىن چىقىدۇ .

جەنۇبىي ئامېرىكىدا كوكائىن تېرىشنىڭ تارىخى ئۇزۇن . يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كوكائىننى بايقىشىغا 5000 يىلدىن ئارتۇق بولدى . بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كوكائىن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مەلۇم رايونلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېرىيدىغان زىرائىتى بولۇپ قالغان . ھىندىئانلار ئۇنى " ئاجايىپ ئوت " دېيىشىدۇ . دەسلەپتە كىشلەر ئۇنى دىنىي پائالىيەتلەردە ئىستېمال قىلاتتى . كېيىنچە بولسا ئادەتتىكى ئادەملەر روھلاندۇرۇش ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش ۋە ئاچلىقتىن ، ئاغرىقتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان بولدى . ھىندىئانلار بولسا كوكائىن يوپۇرمىقىنى چاي دەملەپ ئىچىدۇ .

19- ئەسىردە كىشىلەر كوكائىن يوپۇرمىقىدىن كوكائىننىڭ ئىشقارىنى ئايرىپ مەست قىلىشقا ئىشلەتتى ، 20 - ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا كوكائىننىڭ ئەپيۇندىن كۈچلۈك مەست قىلىش رولى بارلىقىنى بايقىدى .

ئامېرىكىلىق ، ياۋروپالىق ياشلار ئۇنى چېكىپ كوكائىننىڭ مەست قىلىش رولىدىن پايدىلاندى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ باھاسى تېز ئۆرلەپ ، كەڭ كۆلەمدە كوكائىن ئەتكەسچىلىرى پەيدا بولدى . بولۋىيىدە بىر كىلوگرام كوكائىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 3000 ئامېرىكا دوللىرى ئىشلىتىلىدۇ . ئامېرىكىغا يۆتكەپ ئەكەلسە 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلىدۇ . ياۋروپاغا ئاپارسا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقىلى بولىدۇ . بۇ ئىش كوكائىن تېرىش ۋە كوكائىننى پىششىقلاپ ئىشلەشنى زور كۆلەمدە تېزلەتتى . ھازىر لاتىن ئامېرىكىسىدا ئون نەچچە دۆلەت كوكائىن ، نەشە ۋە ئەپيۇن تېرىيدۇ .

بۇ يەردە پېرۇ ، بولىۋىيە ، كۇلۇمبىيە كوكائىننىڭ مۇھىم بازىرى . مۇشۇ ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا بۇ رايوندىكى كوكائىن ئىشلەپچىقىرىش ئىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان . " كۈمۈش ئۈچبۇرجەك " رايونىنىڭ كىلىماتى ئىسسىق ، قويۇق ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان .

كوكائىن پېرونىڭ ئەڭ مۇھىم ئېكسپورت مەھسۇلاتى . يىللىق پايدىسى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى . پېرۇ ھۆكۈمىتى 1978-قانۇن چىقىرىپ كوكائىننى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر تېرىشقا ھوقۇقلۇق دېگەن بولسىمۇ ، بىراق قانۇنسىز كوكائىن تېرىيدىغان 200 مىڭ مۇدىن ئارتۇق يەر بار . ئۇلار ئايرودروم ۋە ئۈسكۈنىسى ئىلغار بولغان كوكائىن پىششىقلاپ ئىشلەش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ چىققان . يىللىق كوكائىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 800 توننىدىن ئارتۇق .

بولىۋىيىدە بولسا ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 2/5 قىسىم يېرىگە كوكائىن تېرىيدۇ . 1986-يىلى بولىۋىينىڭ كوكائىن مەھسۇلاتى 500 توننا ئىدى . ھۆكۈمەت كوكائىن يوپۇرمىقىنى سىرتقا ئېكىسپورت قىلىپ يىلىغا 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالسا ، ئەكسىچە زەھەرلىك بۇيۇم گۇرۇھلىرىنىڭ قانۇنسىز سودا قىلغان كىرىمى يىلىغا 50-40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ .




[Birzat بۇنى 2010-09-30 03:11 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.