ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺕ، ﺧﺎﻧﯘ-ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺳﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. <<چېكىملىك ئەپيۇننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان خەلق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەپيۇنگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان.لىن زېشۈي جۇڭگو تارىخىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەپيۇنغا قارشى تۇنجى جەڭ ئېلان قىلغان مىللىي قەھرىمان.ئۇ خەلقنىڭ كۈلپىتى،مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،خەلقنى يېتەكلەپ،ئەپيۇننى چەكلەش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىپ،خۇمېندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ شانلىق غەلىبىگە ئېرىشكەن.>>
ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﺎ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﻩﺭﺗﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
 

" /> ئەپيۇننىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى - 80 خالتا بلوگى

ئەپيۇننىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى


ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺕ، ﺧﺎﻧﯘ-ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺳﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. <<چېكىملىك ئەپيۇننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان خەلق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەپيۇنگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان.لىن زېشۈي جۇڭگو تارىخىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەپيۇنغا قارشى تۇنجى جەڭ ئېلان قىلغان مىللىي قەھرىمان.ئۇ خەلقنىڭ كۈلپىتى،مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،خەلقنى يېتەكلەپ،ئەپيۇننى چەكلەش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىپ،خۇمېندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ شانلىق غەلىبىگە ئېرىشكەن.>>



ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﺎ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﻩﺭﺗﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﺎﻣﻰ: ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ
ﯸﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﺎﻣﻰ: opium
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﺎﻣﻰ: ya pian 雅片
ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﻧﺎﻣﻰ: ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ
ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻧﺎﻣﻰ: ﻟﻪﺑﻪﻧﻰ ﺧﻪﺷﺨﺎﺵ

ﺑﯘ ﻛﯚﻛﻨﺎﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﯚﻛﻨﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻡ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻮﺯﯨﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺋﯧﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺧﻮﻣﺎ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﺳﯜﺗﻰ(ﻳﯩﻠﯩﻤﻰ) ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﻏﻮﺯﯨﺴﻰ <<ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺧﻪﺷﺨﺎﺵ>>، ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ <<ﺗﯘﺧﯘﻣﯩﺨﻪﺷﺨﺎﺵ>>، ﻳﯧﻠﯩﻤﻰ <<ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ>> ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: 4- ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ
ﺷﯩﭙﺎﺳﻰ: ﻧﯩﺮﯞﯨﻨﻰ ﺗﯩﻨﯩﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﯰﻳﻘﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻣﻪﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺋﯩﭻ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﺵ، ﺑﯘﺯﯗﻕ ﺧﯩﻠﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﯪﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺧﯩﻠﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭼﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ ...ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﺪﯗﺭ. ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ(ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ)، ﺳﻪﺭﺳﺎﻡ، ﻣﺎﻟﯘﺧﯘﻟﯩﻴﺎ، ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﻟﯩﻠﯩﻚ ﺯﯗﻛﺎﻡ، ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﺯﯨﻘﻘﻪ، ﺑﺎﺵ، ﻛﯚﺯ ﻗﯘﻻﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﻪ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﺎ، ﯞﻩ ﺩﻩﯞﺭﯨﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﺗﻤﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯬﭘﻴﯘﻥ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﯩﻴﻨﻰ ( ﺷﻪﻫﯟﻩﺗﻨﻰ ) ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ، ﻣﻪﻧﯩﻴﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺰ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﻰ ﺷﯩﭙﺎﺳﻰ ﺯﻭﺭ.
ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ <<ﻣﻪﺟﯜﻧﻰ ﺑﻪﺭﺷﯩﺸﺎ ﻛﻪﺑﯩﺮ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺮﯨﺪﯗﺭ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ: 0.125----0.250 ﮔﯩﺮﺍﻡ
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺴﻪ ﻫﯘﺷﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﯪﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﯩﯔ


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻤﻪ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ. ﺩﻭﺭﺍ ، ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﮬﻪﻛﯩﻢ، ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﻪﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﭼﯩﻘﺴﺎ بلوگىمىز ھېچقانداق مەسئىلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماarzu11[2010-10-01 02:48 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بىرزات ئەپەندى،  مەن 10كۈننىڭ ئالدىدا كۆكسىدىكى تالالىق ئۆسمىنى ئالدۇرۋىتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان ئىدىم، مەن 24ياش ، تېخى توي قىلمىغان،  ھەر ئىككى تەرەپكە ئۈسۈپ قاپتىكەن، 1.5سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئىكەنتۇق.  لىكىن دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە قايتا ئۆسۈش مۇمكىنچىلىكى باركەن، تەكشۈرگەن ۋاقىتتىمۇ ئوڭ تەرپىدە كىچىكلىرىدىنمۇ بىرقانچىىسى بارلىقى مەلۈم بولغان، دوختۇر پەقەت كۆزگە كۈرۈنگىنىنى ئالغىلى بۇلىدۇ، كىچكى چوڭايسا يەنە ئوپراتسيە قىلىشقا توغرا كىلدۇ دەيدۇ، سىزدىن سورايدىغىنىم مىللىي تىبابەتتە ئۆسمىنىڭ چوڭيىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان دورا بارمۇ؟ ئادەتتە يىمەك ئىچمەكتە نىمىلەردىن پەرھىز تۇتسام بۇلىدۇ؟ مەن تېخى كىچىك بولغاچقا بەكلا ئەنسىرەپ قالدىم، مەسلىھەت بەرسىڭىز
回复قايتۇرماAxk[2010-09-30 08:27 PM | del]
ئەسسالام بىرزات ئەپەندى مەن يولدۇشۇم بىلەن توي قىغىلى 2 يىل بولدى بىزنىڭ بالىمىز يوق تەكشۇرتسەك كىسەل يولدىشمدا چقتى ئۇرۇق سانى ئاز ھەم ھەركىتى ئاجىز دىگەن ئدى بىراق يىقندا يولدىشمنڭ بورەكتە تاش بار ئكەن دەپ داۋالانغان ئدى تاش چۇشۇپ كەتتى بزنىڭ باللق بولمغىنىمزغا بورەكتكى تاش سەۋەپلىكمۇ قانداق ئەمدى ئۇرۇقنىڭ ھەركىتىگە قارتا قانداق دورا قىلىمز بىزگە مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا،،،،،،
回复قايتۇرماBirzat[2010-09-30 06:40 PM | del]
مەنمۇ شۇنداقراق مەزمۇندىكى ماتىرياللارنى كۆرگەندەك ئېسىمدە. لىكىن ھەممىنى مۇتلەقلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. چۈشىدە كۆرگەن بەزى ئاغرىقلار بەلكىم پىسخىكىلىق مەسىلىلەر بولىشى مومكىن. بۇنىڭدا پەقەت چۈشىدە شۇ خىل ئاغرىق ھېس قىلىدۇ، لىكىن نۇرمال ئويغاق ھالەتتە ئاغرىق ۋە باشقا يېقىمسىزلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. بەزى دورا ئىلانلىرى، ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان دوختۇرخانا ئىلانلىرى دېگەندەكلەرنى كۆپ كۆرۈش تەسىرىدە ئۆزىدىمۇ شۇ خىل كېسەللىكنىڭ بولۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشى سەۋەبىدىنمۇ شۇ خىل چۈشلەرنى كۆپ كۆرىدىغان بولۇپ قالغان بولۇشلىرى مومكىن. ئەگەر سىلىدە راستىنلا ئۇرۇقدان ھەم مەزى بېزىگە ئالاقىدار بىرەر كېسەللىك بولسا ئويغاق ھالەتتە بۇنىڭ ئالامەتلىرىنى رۇشەن ھېس قىلالايلا. مەسىلەن: ئۇرۇقداننىڭ بىرسى ياكى ھەر ئىككىلىسى پىيادە كۆپرەك يول ماڭغاندا ئىشتانغا سۈركەلسىمۇ ئاغرىپ يېقىمسىز بولۇش، دوۋسۇن ۋە ئۇرۇقدان ئەتراپى سېسىق تەرلەپ قىلىش، ئۇرۇقدان ئىششىۋېلىش، ئەرلىك ئەزا ئاغرىش بولۇپمۇ كىچىك تەرەت قىلغاندا ھەم جىنسىي مۇناسىۋەتتە يېقىمسىز بولۇش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە چوقۇم ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش قىلىش كېرەك!
ئەگەر بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھېچقاندىقى كۆرۈلمىگەن پەقەت چۈشىدە شۇنداق ئاغرىپ چۈش كۆرسە ئارتۇق ئەندىشە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇ ئەھۋالغا قارىتا بلوگىمىزدا ئىلان قىلىنغان:
ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسراش چارىلىرى[url=http://./asp_268.html]
مەزى بېزىگە زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسراش چارىلىرى ./default.html#?id=72 دېگەن تېمىلارنى كۆرۈپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
回复قايتۇرماtaxakkur[2010-09-30 05:53 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۆتكەندە توردا ئادەم قايسى ئەزانى ئاغرىپ چۈشەپ قالسا ، شۇ ئەزا كىسەل بولۇپ چىقىدۇ دەپ ماتىريال كۆرگەنتىم ، بۇنىڭ تىبابەتتتە بىرەر ئاساسى بارمۇ ؟ مەن يىقىننىڭزى سول تاشىقامنى بىرسى مۇجۇپ ئاغرىتىپ چۈش كۆردىغان ،ئويغانغاندا بەك بىئاراملىق ھىس قىلدىغان بولۇپ قالدىم  ، بۇ قانداق ئەھۋالدۇ؟ ئىغىر كۆرمەي ياردەم قىلغان بولسىلىرى بولاپتىكەن.رەھمەت!!!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.