بۇ ئىنتايىن چوڭ ھەم كەڭ دائىرىلىك تېما بولۇپ بىرەر پارچە كىتاب ياكى تۇرمۇش مەسلەھەتچىسى دېگەندەك پارچە يازمىلار بىلەن ھەل بولۇپ كېتىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ بىلگەننى ئەلدىن ئايىماسلىق قارىشى بويىچە ئاز تولا پىكىر بايان قىلىپ باقماقچىمەن.

ئاياللارنىڭ ساغلام بولىشى ئومومىي مىللەتنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە روھىي كەيپىياتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان موھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسى سەل قاراشقا بولمايدىغان موھىم نۇقتا. كۈنىمىزدە ئاياللارنىڭ قاچانلا قارىسا ئاياللىق جىنسقا تەۋە <<ئۇششاق-چۈششەك كېسەل>>لەردىن خالىي بولالماي ۋايساپلا ئۆتۈشى ئومومىي يۈزلۈك مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ يەردە سۈت بېزى راكى، بالياتقۇ راكى دېگەندەك جانغا تاقىشىدىغان ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ گېپىنى قىلمىغان ھالەتتىمۇ ئادەتتىكىچە دەپ قارالغان كېسەللىكلەردىن خىلى ئۇزۇن داۋالىنىپمۇ ئۈزۈل-كېسىل ساقىيىپ بولالماسلىق، كېسەللىك ساقىيىپ بولغاندىن كىيىن يەنە قايتا قوزغۇلۇش، تەكرار داۋالىنىش دېگەندەكلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىگە، يولدىشىغا، بالىلىرىغا ئاجرىتىدىغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ۋاقتىنى، ئىقتىسادىنى توغرىسى ياشلىقىنى زايە قىلىۋەتتى. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئاياللار ئۈچۈن ياخشى داۋالىيالايدىغان دوختۇر ياكى داڭلىق دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىنمۇ بەكرەك ئۆزىنى ئاسىراش ھەققىدە توغرا جىنسىي تۇرمۇش قارىشى، مىزاجغا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتى، تازىلىق مەسىلىلىرى(بولۇپمۇ ھەيز قەغىزىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى) دېگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىلىم ۋە ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇش شۇ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ساغلاملىقىنى ئاسراشنىڭ تۇنجى قەدەمدىكى ئاقىلانە ئۇسۇلىدۇر.
تۆۋەندە ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى ھەققىدىكى مەزمۇن دىققىتىڭىزدە بولىدۇ. كەم قالغان جايلىرىغا نىسبەتەن تولۇقلىما ۋە تەكلىپ -پىكىر بىرىشىڭىزلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

" /> ئاياللار ساغلاملىقى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ - 80 خالتا بلوگى

ئاياللار ساغلاملىقى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟

ئاياللار جىنسىي يولىغا زىيانلىق ئامىللار

1.ئوزۇقلۇقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، ئاچچىق لازا، ئاچچىقسۇ، ياڭيۇغا ئوخشاش يەل پەيدا قىلغۇچى، غىدىقلىغۇچى، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا جىنسىي يول پۈۋەكچە مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاپ،يەرلىك ئورۇننىڭ ياللۇغلىنىشىنى، ئېچىشىپ قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 2. يەرلىك ئورۇن تازىلىقنىڭ پاكىز بولماسلىقى، ئىشلەتكەن تازىلىق قەغەزلىرىنىڭ يىرىك، پاسكىنا بولۇشى، ھەيز ۋە جنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىنكى تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىقلارمۇ جىنسىي يول شىللىق پەردىلىرىنى زەخمىلەندۇرۇپ، مىكرۇپلاندۇرۇپ، ھەرخىل جىنسىي يول كېسەللىكلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
 3.جىنسىي تۇرمۇشنىڭ لايىقىدا بولماسلىقى، قوپال جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىقلار جىنسىي يولنىڭ زەخمىلىنىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىق ئامىللار بولۇپ، بۇ ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ، ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشمۇ ئىنتايىن زىيانلىق.
4. ھاراق- تاماكىنى ئىستىمال قىلىشمۇ جىنسىي ئەزاغا زىيانلىق، ئەگەر ھەيز كىسىلىش مەزگىلىگە يەتمەي تۇرۇپ ھەيز توختاپ قىلىپ، جىنسىي يولدىن ھەيز كەلمىسە، بۇمۇ بىر زىيانلىق ئامىل بولۇپ، بۇنىڭدا جىنسىي يول يىگىلەش، سىلىق بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.
 5. يۇقۇملىنىش، يەنى جنسىي يولنىڭ ھەرخىل ياللۇغلىرى ۋە كېسەللكلىرى ئاساسەن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاممىۋى مۇنچىدا يۇيۇنۇش،ئىچ كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرماسلىق، يىڭى تازلىق قەغىزىنى ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن جىنسىي يول ياللۇغلىنىپ قىچىشىش، كۆيگەندەك سىزىم پەيدا بولۇش، شىللىق پەردىگە تەگكەندە ئاغرىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 6. ھەرخىل خىمىيىلىك تەركىبى يۇقىرى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش، يەنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن جىنسىي ئەزانى يۇيۇش سەۋەبىدىن يەرىك ئورۇن تېرسى ۋە شىللىق پەردىلەر غىدىقلىنىپ، شەلۋەرەش، ئېچىشىش كۆرۈلىدۇ. مەسلەن مارگانسوپنى كۆپ ئىشلەتكەندە جىنسىي ئەزا تېرىسىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. سۈنئى تالالىق تار كىيىم -كىچەكلەرنى كىيىش يەرلىك ئورۇن تېرىسىنى قىچىشتۇرۇپ، تاتىلاش سەۋەبىدىن ھەرخىل شەلۋەرەش، يارا پەيدا بولۇشنى شەكىللەندۇرىدۇ.

جىنسىي يولنى ئاسراش تەدبىرلىرى

1. ئالدى بىلەن كۆڭۈلنى ئازادە خۇشال-خۇرام تۇتۇش لازىم.
 2. پاختا رەختتىن تىكىلگەن ئىچ كىيىملەرنى كىيىش ، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىچ كىيىملەرنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇش لازىم.
 3.ھەيز ئارلىقىدا، ھەيزدىن كىيىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن يەرلىك ئورۇننى ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇش لازىم.
 4.ناچار تازىلىق قەغەزلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ھەمدە ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم
 5. جىنسىي تۇرمۇش نورمال قانۇنىيەتلىك بولۇشى لازىم، چۈنكى جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆپلۈكى، قوپال جىنسىي مۇناسىۋەت ئەزا ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىسىز .
 6.يېمەك-ئىچمەكتىن، سامساق، پىياز، كۈدە، پىننە، پىدىگەن، تۇرۇپ قاتارلىق كۆكتاتلارنى،خورما. ياڭاق، ئاچچىق ئۈرۈك مېغىزى، ئالما،، قىزىل ئۈزۈم، گىلاس، نارجىل، ئۈرۈك قاتارلىق مېۋە-چېۋىلەرنى ئۇندىن باشقا، كاۋاپ، باچكا گۆشىنى پات-پات ئىستېمال قىلىش پايدىلىق.
 7.مىزاجىنى تەڭشەش، جىنسىي يول ئەتراپىنى ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار زەيتۇن يېغى، زاراڭزا يېغى قاتارلىق ياغلار بىلەن ياغلاپ بىرىش. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش،(بابۇنە، ئىكىلمىلىك. كاۋاۋىچىن قاتارلىق دورىلارنى قاينىتىپ سۈيىدە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، يۇيۇش)، ياز پەسلىدە قۇمغا چۇشۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قۇللىنىش كىرەك. بۇنىڭدا يدرلىك ئورۇننى ئىسسىق ساقلىغىلى ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
 8. ھەيز كىسىلگەن ئاياللاردا جىنسىي يول قۇرغاقلىشىپ، بىئاراملىق كۆرۈلگەندە، يەرلىك ئورۇننى سىلقلاشتۇرغۇچى مەلھەملەرنى ئىشلىتىپ، جىنسىي يول قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
 9. ھاراق-تاماكىنى قەتئىي چەكلەش كىرەك.
 10. سامساق بىر باش، سۇ300 گرام، سامساقنى سۇدا قاينىتىپ، ئىككىگە بۆلۈپ ھەركۈنى ۋاننا قىلىنىدۇ، ئەگەر ياللۇغلىنىش ئىغىر كۆرۈلسە سۈيىنى ئىلمان قىلىپ، قۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەپ يەرىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
 11. بابۇنە، ئىكىلمىلىك، شوخلا، شاھتەرە قاتارلىقلارنى قاينىتىپ يۇيۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
 12. گۈل يېغىنى مۇۋاپىق مىقدارىدا ئىلىپ، يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ.
 13، ھەددىدىن زىيادە سوغۇقلۇقتىن جىنسىي يول مىزاجى بۇزۇلۇپ، سوغۇقتىن بوشاپ كەتكەن بولسا، كاۋاۋىچىن، موزا، جوز، بوزۇغا قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى سىرىتقى جىنسىي ئەزاغا سىپىپ بەرسەك پايدىلىق.
 14. شاپتۇل مېغىزى 10 گرام، گۈل يېغى مۇۋاپىق مىقدارىدا، شاپتۇل مىغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، گۈل يېغى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، مەلھەم تەييارلاپ، جىنسىي يولغا ھەمەل قىلىنىدۇ( سېلىنىدۇ).
 15.بەدەننى ئىسسىق ساقلاش ، سوغۇق سۇدا كۆپ يۇيۇنماسلىق، بولسا ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى قاينىتىپ تەييارلاپ، شۇنىڭدا يۇيۇنۇپ بىرىش كىرەك. يەرلىك ئورۇننى يۇيغاندا سۇنى ئۇرۇپ يۇماستىن، ئاستا ئاۋايلاپ سۇنى ئېقىتىپ يۇيۇش كىرەك، شۇنداق قىلغاندا جىنسىي يولنىڭ غىدىقلىنىپ، ياللۇغلىنىشى ۋە زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
 16. كىچىك گۈدەك قىزلارنىڭ جىنسىي يولنى ئاسراش ئۈچۈن ئامال بار ئۇلارغا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيگۈمەسلىك، توپا-چاڭلاردا، مەينەت پاسكىنا سۇلاردا ئولتۇرۇپ ئويناشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك. ئۇنڭدىن باشقا مەجۈنى چۆپچىن، ئىترىفىل چۆپچىن، مەجۈنى ئۆشبە قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسىمۇ ئۈنۈملۇك ئاسرىغىلى بولىدۇ.

پايدىلانغان ماتىريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش

[Birzat بۇنى 2010-10-16 11:45 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاياللار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماhiyalqi[2011-07-27 02:19 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلا مەن بەزى سۇئاللارنى سوراي دىسەم پىكىر دەپتىرى ۋاقتىنچە تاقالدى دەپ چقىۋالدى ماڭا ياردەم قىلساڭلا
回复قايتۇرماgulsiri[2011-04-17 11:49 PM | del]
ياخشىمۇ سىز~~مىنىڭ ئۆتكەندە سول تەرەپ تۇۋەن تەرىپىم ئاغرىپ دوختۇرغا كۆرۈنسەم ئاياللار قۇشۇمچە ئەزا ياللۇغى دىدى (附件炎) شۇنىڭ بىلەن 7 كۈن ئۇكۇل ئۇرغۇزدۇم ~~ھازىر يەنە بىردەم ئاغرىپ بىردەم توختاپ بەك روھىي بېسىم بولدى ~~بۇ كېسەلنى قانداق ئۇسۇلدا داۋالاتسا ياخشى؟ ئائىلىدە داۋالاش ئۇسۇلى بامۇ ؟ 2-سوئالىم ھەيز كەلگەندە دائىم ئالدىن 4-5كۈن قاتتىق ئاغرىيدۇ~3كۈنلا ھەيز كىلىدۇ بىر يېرىم ئايدا بىر قېتىم بۇ نۇرمالسىزلىقمۇ ؟ بۇنىمۇ ئائىلىدە داۋالىغىلى بۇلامدۇ ؟ ئەگەر دوختۇرخانىدا داۋالانسام قانداق داۋالاش قىلسام بولىدۇ؟ مەن تېخى توغمىدىم ~~كىيىن بالىلىق بۇلۇشقا تەسىر يەتمەيدىغان داۋالاش قايسى؟ مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرسىڭىز سىزدىن بەكمۇ مىننەتتار بولغان بۇلاتتىم~~رەھمەت~~
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.