بالىياتقۇغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-04
بالىياتقۇغا زىيانلىق ئامىللار
1. ھەددىدىن زىيادە سوغۇق مۇھىت ۋە سوغۇق يېمەك -ئىچمەكلەر، لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى قاتارلىقلار زىيانلىق. بەل ۋە تۆۋەنكى مۈچە، ئەۋرەت قىسىملىرىنى ئىسسىق ساقلىماسلىق، ئۇزۇن مۇددەت سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قىلىش، يالاڭ كىيىنىش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش قاتارلىقلار بالىياتقۇ ھۆللۈكىنى ئارتتۇرۇۋېتىپ، ئاق خۇن كۆپىيىپ، ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
2. يەرلىك ئورۇن تازلىقىنى ياخشى ئىشلىمەسلىك، بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ تۇرماسلىق، سۈپىتى ناچار تازلىق قەغەزلىرىنى ئىشلىتىش، قەغەزنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرماسلىق، ئىچ كىيىملەرنى ۋاقتىدا يۇيۇپ پاكىز كىيمەسلىك قاتارلىق مىكرو جاراسىملارنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسانلا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
3. قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، كۆپ تۇغۇش، كۆپ قىردۇرۇش، بالدۇر توي قىلىش، تۇغۇت مەزگىلىدە تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى، مىكروبلىبىش قاتارلىق ئامىللارمۇ بالياتقۇغا زىيانلىق ئامىللار بولۇپ، بالياتقۇنىڭ زەخمىلىنىشى، ياللۇغى ئېغىر بولغانلىرىدا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ قىردۇرۇش سەۋەبىدىن بالياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ئەسلىگە كەلمەي خۇن توختىماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.
4. ھەيز مەزگىلىدە روھى ئازاب، ئاچچىقلىنىش، ئىچى تىتىلداش،ئىغىر جىسمانى ئەمگەك ۋە ھەرىكەت قىلىش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، ئاچچىق نەرسىلەرنى يېيىش، ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىقلار بالىياتقۇغا زىيانلىق بولۇپ، بۇلار بالىياتقۇنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىش، بالىياتقۇ چىقىۋېلىش، خۇن توختىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. مۇۋاپىق ئارام ئالماسلىق. يەنى ھەيز كۆرگەن مەزگىلدە ئېغىر ئەمگەك قىلىش، ھەددىدىن زىيادە چارچاش، توختىماي يول مېڭىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى دەم ئىلىش يولۇق بولماسلىق ، بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش يەنى تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش قاتارلىقلار. زوڭزىيىپ ئولتۇرۋېلىشمۇ زىيانلىق بولۇپ، بالىياتقۇ چىقىۋېلىش، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. بەزى خىمىيىۋى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش، يەنى جىنسىي يولنى يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى كسلاتا ۋە ئىشقارلىق سۈيۈقلۇقلار بىلەن يۇيۇش ياكى چىرىتكۈچى دورا تابلېتكىسى ياكى شامچىسى سېلىش قاتارلىق ئادەتلەر بالىياتقۇ بوينىنى غىدىقلاپ، ياللۇغ پەيدا قىلىپ ئاق خۇننى كۆپەيتىدۇ.
7. نامۇۋاپىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە سايمانلىرىنى ئىشلىتىش يەنى بالياتقۇنى كۆپ قېتىم قىردۇرۇش، داغلاش، بالياتقۇ بوينىنى كېڭەيىتكۈچ ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سېلىش قاتارلىقلار بالياتقۇغا زىيانلىق بولۇپ، بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى زەخمىلەندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.
8. سۈنئىي تالالىق تار كىيىم-كېچەكلەرنى، يەنى ئىچ كىيىمگە سۈنئىي تالالىق تار كىيىملەرنى مەسىلەن: سۈنئىي تالالىق شىم كىيگەندە تەركىبىدىكى سۈنئىي تالالار تەسىرىدىن سۈيدۈك قىستاش، تۇلا سىيىش، سىيگەندە ئاغرىش، ئېچىشىش قاتارلىق سۈيدۈك يولى تەسىر قوزغىغۇچى كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.
9.تاماكىنى كۆپ چېكىش ئاياللارغا زىيانلىق بولۇپ، تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار بالىياتقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەت كەلمەسلىك، تۇغماس بولۇپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
بالياتقۇنى ئاسراش تەدبىرلىرى
بالياتقۇنى ئاسراشتا يۇقىرقى زىيانلىق ئامىللاردىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش لازىم:
1؛ ئوزۇقلۇقىغا ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن قوي ، باچكا گۆشلىرى ھەم كاۋاپلىرى، چىلان ئەنجۇر، تۇخۇم(سېرىقى ياخشى)، ئانار، پىدىگەن، نۇقۇت، شورپا(قۇچقاچ، كەپتەر، قوي گۆشى شورپىسى)، ياڭاق مېغىزى، بادام مېغىزى، ئالما ،پىننە، بۆلجۇرگەن، پۇرچاق قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.
2. كىيىم -كېچەك ۋە شەخسىي تازىلىقىنى ئالاھىدە ياخشىلاش، ھەيز ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئىلمان سۇدا يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بېرىش، ھەيز مەزگىلىدە يەرلىك ئورۇننى پاكىز تۇتۇش بىلەن بىرگە يۇمشاق، ياخشى تازلىق قەغەزلىرىنى ئىشلىتىش، ۋاقتى- ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش،ئىچ كىيىملەرنى پاكىز تۇتۇش، پات-پات يۇيۇپ كۈن نۇرىدا قۇرۇتۇش، ۋاقتىدا يۇيۇنۇش لازىم. ھەيز مەزگىلىدە قايناق سۇنى سوۋۇتۇپ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە جىنسىي ئەزانى كۈندە دىگۈدەك يۇيۇپ تۇرسا ناھايىتى ياخشى. چۇنكى يۇمىغاندا ھەيز قېتىۋېلىپ چاپلىشىپ بىئارام قىلىدۇ ھەم يۇقۇملنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق قوپال جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، ناپاك جىنسىي قىلمىشتىن ساقلىنىش لازىم. نورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى -ۋاقتىدا بولۇشى، بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
4. روھى كەيپىياتنى نورمال ساقلاش بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە ئازابلانماسلىق، چۈشكۈنلەشمەسلىك، ئاچچىقلانماسلىق، مىجەزىنى بىر خىل تۇتۇشقا، كۆڭلىنى خاتىرجەم تۇتۇشقا تىرىشىش كېرەك. ئۇيقۇنى ياخشىلاش، بەل، دوۋسۇن قىسىمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ يەڭگىل ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.
5. ھەيز مەزگىلدە ھەم تۇغۇتتىن كېيىن نورمال ئارام ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەيز مەزگىلىدە8~7 كۈن ئەتراپىدا تۇغۇتتىن كېيىن 100 كۈن ئەتراپىدا ئۆزىنى ياخشى كۈتۈش، بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇۋالماسلىق، ئېغىر ھەرىكەت ۋە جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانماسلىق، ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرۇۋالماسلىق ۋە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋالماسلىق كېرەك. لېكىن يەڭگىل ھەرىكەت قىلىپ، ئاز مېڭىپ بەرگەننىڭمۇ تۇغۇتتىن كېيىنكى تېز ئەسلىگە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىمۇ بار.
6. ئاياللار بۆلىمىدە قەرەللىك تەكشۈرتپ تۇرۇش، بالياتقۇ بوينىنىڭ يىرتىلىپ زەخمىلىنىشىنىڭ ۋە راكقا ئايلنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.
7. تاماكىنى قەتئىي تاشلاش كېرەك. تاماكا تەركىبىدە نىكوتىنغا ئوخشاش زەھەرلىك ماددىلار بولغانلىقتىن ئۇنىڭ بالياتقۇنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئادەت توختاپ قىلىش، تۇغماس بولۇپ قىلىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
8. سۈنئىي تالالىق كىيىملەرنى كىيمەسلىك، پاختا رەختلەردىن تىكىلگەن يۇمشاق ئىچ كىيىملەرنى كىيىش ، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كىيىملەرنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
9. بىنەپشە، بابۇنە، ئىكلىمىلىك، سېرقچىچەك قاتارلىقلارنى قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇن ھوردىتىلدۇ ياكى سۈيىدە يۇيۇپ بېرىلىدۇ.
10. ئەنجۇر، شۇمشا، زاراڭزا مېغىزى ياكى گۈلى15 گرامدىن، زىغىر 3گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا، بۇلارنى قاينىتىپ ھورىدا ھوردىتىلىدۇ.
11. تۇخۇم سېرىقى، موزا، ئانار گۈلى ياكى قىزىلگۈلنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ، سوقۇپ، تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، داكىغا مىلەپ، جىنسىي يولغا سېلىنىدۇ. بۇ بالىياتقۇ چۇقۇقنى داۋالايدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ.
12. چىلان، گاۋزىبان، بىنەپشە، قىزىلگۈل11 گرمدىن، ئۈزۈم 15 گرام، قارا شىكەر 30 گرام، گۈل يېغى 15 مىللىلىتىر، سۇ مۇۋاپىق مىقدردا، گۈل يېغى بىلەن قارا شېكەردىن باشقىلىرىنى سۇس ئوتتا15 مىنۇت قاينىتىپ تېرپلىرىنى سۈزۈۋىتىپ، ئاندىن قارا شېكەر بىلەن گۈل يېغنى ئارلاشتۇرۇپ ۋاننا قىلىنىدۇ يەنە ھوردىتىلىدۇ. بۇ بالىياتقۇنى تازلاپ مىزاجنى تەڭشەپ، تارامۇشلارنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇردۇ.
13. تۇز، كەپتەر گۆشى، نۇقۇت، سۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ شورپا تەييارلاپ بەرسەك بالىياتقۇنى ياخشىلايدۇ، قۇۋۋەت بولىدۇ.
14. بەديان، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى ھەر بىرى 20 گرامدىن. بۇلارنى قايناق سۇدا دەملەپ، ئوتتا بىر ئۆرلىتىپلا ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
15. زىرە 5گرام، قارىمۇچ 8گرام، زەنجىۋىل، دارچىن 12گرامدىن، ئاق توغرىغۇ2گرام، ھەسەل100گرام، دورىلارنى سوقۇپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ يېيىشكە بېرلىدۇ.
ئۇندىن باشقا دورىلاردىن ئەرقى چۆپچىن، مەجۇنى ئۆشبە، زەبجىۋىل مۇرابباسى قاتارلىقلارنى يېيىشكە بېرلىدۇ. جىگدە گۈلى گۈلقەنتى بەرسىمۇ بولىدۇ.
تەييارلىغۇچى:
80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت بلوگ ياردەمچىسى : بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بالىياتقۇ، ئاياللار
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بولامدۇ ؟ئاندىن سىزنىڭ قەشقەردىكى تەپسىلى ئادرىسىڭىز نى سورايمەن .
ئوپراتسىيە قىلساق بولمايدۇ دەپ دورا ئارقىلىقلا چۇشۇرگەن .تۇنجى قىتىم بالا چۇشۇرۇپ باققاچقىمۇ كۇتۇنۇشكە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەپتىمەن 7-13 كۇنى چۇشۇرگەن ھازىر بىر ئاي بولدى كىسەل بولدىغان ۋاقتىم كەلدى لىكىن كەلمەيۋاتىدۇ.2 كۇن بولدى بىلىم تىلىپ ئاغىرىۋاتىدۇ،كەلگەن خۇننىڭ رەڭگىمۇ قىزرىش ئاق ئەمەس،ماغدۇرسىزلىنىپ سوغۇق تەلەيدىغان بىشىم قايدىغان ئەۋاللار با سىلىدىن سوراپ باقسام شۇ سەۋەپلىك تۇغماس بوپ قىلىش ئىھتىماللىقى قانچىلىك ،مەن ئەمدى20ياشقا كىردىم يىشىم كىچىك بولغاندىكىن ئەسلىمگە كىلەلەمەنمۇ ،،،،مۇشۇتوغۇرلۇق ماڭا بىر مەسلىھەت بىرىشلىرنى سورايمەن،،