ئۇيغۇر تېبابىتىدە تۇخۇمداننى ئاسراش تەدبىرلىرى


ئۇيغۇر تېبابىتىدە تۇخۇمداننى ئاسراش تەدبىرلىرى

بلوگ ئىزاھاتى:
تۇخۇمدان : ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
ئى [پ]
① <بىئول> ئاياللارنىڭ ۋە چىشى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش بېزى . ئادەملەرنىڭ تۇخۇمدېنى قورساق بوشلۇقىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى داس سۆڭىكىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە جايلاشقان بولىدۇ .
②دېھ> مۇخلار ، پاپورتنىكلار ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئەزاسى . كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ ، شەكلى بوتۇلكىغا ئوخشايدۇ ، قورساق قىسمى ۋە بويۇن قىسمى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ . قورساق قىسمىدا بىر دانە تۇخۇم ھۈجەيرىسى بولىدۇ .

1. ئوزۇقلۇقنى تەرتىپكە سېلىش، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى مەسلەن: باچكاگۆشى، توخو گۆشى، قوي گۆشى شورپىسى، بېلىق، تۇخۇم، سۈت، پىدىگەن، قىزىل ئۈزۈم، ياڭاق مېغىزى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش كىرەك.

2. جىنسىي تۇرمۇشنى تەرتپكە سېلش ، قوپال جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش كىرەك.

3. پىلانلىق تۇغۇت بىلىملىرىنى بىلىش يەنى بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى ئاسرىغان ئاساستا ئۇنىڭ كېسەللىنشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، قالايمىقان بالا چۈشۈرمەسلىك، كۆپ قىردۇرماسلىق كىرەك.

4. كەيپىياتنى نورماللاشتۇرۇش بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدانغا بىسىم كەلتۈرمەسلىك كىرەك. خۇشال-خۇرام يۇرۇش ئېغىر ئىش-ھەركەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك

5. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ياخشى كۈتۈنۈش، ئورنىدىن بالدۇر تۇرىۋىلىپ، ئائىلە ئىشلىرىنى ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق قۇۋۋەتلىك ھەم لەتىف غىزالار بىلەن غىزالىنىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە ئارام ئېلىش، يەنى كاللا-پاچاق شورپىسىنى قاينىتىپ، يۈزىنى ھوردىتىپ بېرىش ۋە ئىستېمال قىلىپ بېرىش كىرەك.

6.تاماكا-ھاراقنى قەتئىي چەكلەش كىرەك . چۈنكى تاماكا- ھاراق تەركىبىدىكى زىيانلىق تەركىبلەر تۇخۇمدان خىزمىتىنى چەكلەپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىلىرى چە جىنسىي ئەزا يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى دوختۇرنىڭ كۆتسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كىرەك.

8.جىنسىي ئەزانى يۇيۇش ئۈچۈن مامىرانچىنى، ئاق لەيلى،، بابۇنە، ئىكىلىملىك قاتارلىق دورىلارنى قاينىتىپ، ئىلمان ھالەتتە يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ.

9. ھەيز، ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يەرلىك ئورۇننى ئىلمان سۇدا پات-پات يۇيۇپ بىرش ، ئىچ كىيملەرنى پاكىز تۇتۇش ۋە ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، سۈپىتى ياخشى تازىلىق قەغەزلىرىنى ئىشلىتىش. ۋە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كىرەك.

10. تۇخۇمداننىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ تۇرۇش ئۆزىنىڭ ۋە تۇخۇمداننىڭ مىزاجىغا ماس كىلدىغان يېمەكلكلەر ۋە دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بىرش.

11. پات-پات بەل ۋە دوۋساق ساھەسىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىرش كىرەك.

12. ئىللىتىلغان تۇخۇمدىن بىر دانە ئىلىپ،1گرام مورمەككنى تالقانلاپ، ئارلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە، تۇخۇمدان خىزمىتىنى تەڭشەپ، خۇن تەۋرەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

13. قۇشقاچ تۇخۇمى بىلەن سۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ، پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇ خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھامىلدار بولۇشقا ياردەم بىرىدۇ .

14. قوي گۆشىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ كاۋاپ ياكى شورپا تەييارلاپ، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

15. چىلان 200 گرام، پولات تاۋلىغان سۇ، قانتىپەر مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە قان ئازلىققا پايدا قىلىدۇ.

16. پىدىگەن قوي جىگىرى، ماي، تۇزلارنى ئېلىپ، قائىدە بويىچە قورۇپ يەپ بەرسە بولىدۇ.

17. ئاش تۇزى 300 گرام، سوڭپىياز بىشى 250 گرام، زەنجىۋىل 60 گرام، بۇلارنى ئوتتا قىزدۇرۇپ، خالتىغا سېلىپ ئاستى قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پىششىق دورىلاردىن داۋائى تەرەنجىبىن، مەجۈنى سۆئلەپ، ھالۋائى بىيزە، مەجۈنى ئۆشبە قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى: بىرزات بىلوگىدىن بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم

پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش
 
 

 
 
 




[Birzat بۇنى 2010-10-10 07:18 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تۇخۇمدان، ئاياللار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماgulan[2011-09-04 11:33 AM | del]
نەقىل مەنبەسى gulan نەقىل مەنبەسى gulan
بىرزات ئەپەندىم  ياخشىمۇ سىز ؟سىزدىن سورايدىغاب سۇئالىم بارئىدى لىكىن پەقەت ئىنكاا ئارقىلىقلا يوللىيالىدم ،
قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىشىڭىزغا تەشنامەن.
ئاياللاردىكى ئاتىلىق ھورمون دىگەن نىمە  ئەگەر ئاياللاردا ئاتىلىق ھورمۇن ئىشىپ كەتسە  قانداق قىلىش كېرەك  
回复قايتۇرما胡杨人家[2011-09-02 12:46 AM | del]
بىرزات ئەپەندىم ياحشىمۇسىز؟ مەن بۇيىل 38ياشقا كىردىم، يقىنقى 2-3يىل مابەينىىگە مەيلى قىش، مەيلى ياز بولسۇن ئۉزەمنىڭ بەك كۉپ تەرلەيدىعان بولۇپ قالدىم، كۉپ ئۇسسايمەن، ئادەتتە ئۇسسۇزلۇققا مۇزلىتىلعان قايناقسۇ ئىچىمەن. بەدىنىمدە گوش مەڭ پەيدا بولۇپ،كۉپىيىۋاتىدۇ.مەن بۇنىڭعا نۇرعان سەۋەپلەرنى قىلىپ باققان بولساممۇ ھىچ ئۅنۅمىنى كۉرەلمىدىم، ياكى مەن سەل سمىزرەك(بەدەن ئعىرلىقىم 94كىلوگىرام) بولعاچقا شۇنداق بولامدىعاندۇ؟دەپمۇ ئويلىدۇم،بۇنىڭعا مۇۋاپىق تەبىر ۋە داۋالىنىش ئۇسۇللىرىنى ئيتىپ بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت!
回复قايتۇرماgulan[2011-08-29 11:21 PM | del]
بىرزات ئەپەندىم  ياخشىمۇ سىز ؟سىزدىن سورايدىغاب سۇئالىم بارئىدى لىكىن پەقەت ئىنكاا ئارقىلىقلا يوللىيالىدم ،
قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىشىڭىزغا تەشنامەن.
ئاياللاردىكى ئاتىلىق ھورمون دىگەن نىمە  ئەگەر ئاياللاردا ئاتىلىق ھورمۇن ئىشىپ كەتسە  قانداق قىلىش كېرەك  
回复قايتۇرماrina[2011-05-17 05:59 PM | del]
tughuttin kiyinki jinsi yol kengrip kitixke dawa barmidu?
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.