قانداق قىلىش كېرەك؟ (4) [ئەدەبىي تەرمىلەر]


قانداق قىلىش كېرەك؟ (4)


داۋۇت ئوبۇلقاسىم


قايسىدۇر بىر تارىخىي ماتېرىيالدىن قەشقەرلىك بىر ئايالنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ يازغان ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇ ئۆز مەھەللىسىدىكى كىمدۇر بىرسىنىڭ پاكىستان، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلغاندا40 نەچچە خۇتۇن ئالغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى نارازلىق بىلەن يازغانلىقى يادىمدا تۇرۇپتۇ. دۇرست، ئۇ كىشىغۇ 40 خۇتۇننى «مانا مەن ئىگە» دەپ تۇرۇپ ئاپتۇ ۋە« ئىگە ئەمەس »دەپ تۇرۇپ سۆزىنى بېرىپتۇ. لېكىن بۇ ئايالنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلاتلىرى، رېستۇران ۋە دوقمۇش - دوقمۇشتىكى مېھمان- سارايلاردا قانچە خۇتۇن ئېلىپ كەتكەندۇ؟ ھېلىقى ئادەم رەسمىي سورۇنلاردا 40خۇتۇن ئالغانلىقىنى جاكا قىلالىغان بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇنداق گەپنىڭ بىر يەردە چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاق -جالاق يۈرمىگەنمىدۇ؟ دۇرست. ئىنسانلارنىڭ ئىشى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. سەن مەلۇم شەكىلنى خالىمىساڭ، ئۇ يەنە بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋېرىدۇ. ئىجتىمائىي جەمئىيەت تارىخلار مابەينىدە روياپقا چىقارغان روھىيەت ۋە تۇرمۇش مۈكەممەللىكىنى تەرك ئەتسەڭ، ئەجدادلار تېتىغان ئاچچىق  ساۋاقنى ئەۋلادلارنىڭ پىشانىسىگە يازىسەن. تاش ئېتىۋارسىز ھالدا بىر بۇلۇڭدا جىمجىت تۇرغان بىلەن ئۇنىڭدا فىزىكىنىڭ بارلىق قانۇنىيەتلىرى ئىجرالىنىۋاتقان بولىدۇ. سارتىر ئادەمنى سەھنە سۆزىنى يادلىمايلا سەھنىگە چىقىپ قالغان ئەرتىسكە ھەرقانچە ئوخشاتقىنى بىلەن ئۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتمىسا بولمايدۇ، جەمئىيەتنىڭ بىتىملىك ئەزاسى بولمىسا بولمايدۇ، ئائىلە ۋە ئۈسۈۋاتقان روھلار ئالدىدا بەلگىلىك مۇقامدا بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. ۋۇجۇت ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە ئۆز ئىشىدا بولىۋېرىدۇ. ۋەھاكازا. ئۆمرىنىڭ تولىسىنى كافىيخانىدا ئۆتكۈزگەن سىموئۇن بالىۋېر «ئىككىنچى جىنس»ناملىق كىتابىدا:
«مەدەنىيىتىمىزدە ئاياللار ئىككىنچى جىنس ھېساپلىنىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنى ئۆزىگە پۇقرادەك، ئۆزلىرىنىڭ مۈلىكىدەك كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز ھاياتىغا بولغان ھوقوقىنى تارتىۋالىدۇ، لېكىن، بىز خالىساقلا ئەركىن ۋە مۇستەقىل بولالايمىز. » دەپ ئەركەك زەدەكلىككە دەستەك تۇرغۇزغان بولسىمۇ، لېكىن، كافىيخانا مۇزىكىلىرى ۋە ئىس -تۈتەكلىرىنى تۇرمۇشنىڭ تەڭپۇڭلۇق تاپقان ماكانى دەپ بىلەلمىگەن ئادەملەر يەنىلا ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئايلىنىشىنى باراۋەرلىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلمىدى، بەلكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇقلۇق دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاجايىپ سىرلىق بىر ماھىيەتكە تېخىمۇ بەكرەك سېغىندى. ئادەملەرنىڭ ئىش قولاشتۇرۇشى ئۈچۈن تاۋلاۋاتقان تەپەككۈرنىڭ ئىنسان ھەققىدىكى تەپەككۈرغىمۇ ئارىلىشىپ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىۋاتقىنىنى سەل-پەل ھېس قىلىپ قالدى. ئىنسان بىلەن ئالەمنى روبرو ئولتۇرغۇزۇپ بۇلۇۋاتقان ئويلار سەل ھوشىنى تاپتى. تاگۇرنىڭ: ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ھېس قىلىش، ئۆز ئېڭىنى كېڭەيتىش، ئەتراپتىكى شەيئىلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇش. ئۇلار ھەقىقەت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ... ئۇلاردا مۇتلەق ئايرىم بىرەر نەرسە يوق، شۇنداقلا ھېس قىلىش ھەقىقەتنىڭ بىردىن-بىر يولى، ئۇ ھاياتىمىزنى بارلىق شەيئىلەرگە يۇغۇرۇۋېتىدۇ، دەيدۇ... ئەمما غەربلىكلەر تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشنى گويا بىر ئابروي ھېساپلايدۇ، خۇددى دۈشمەنلىك قاپلىغان دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك. بىز ئېھتىياجلىق ھەرقانداق نەرسە خالىمىغان يات نەرسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن تارتىپ ئېلىنىدىغاندەك تەسىرات بېرىدۇ. ھاياتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن ئېلىندى. (تاگور، سودا نەشرىياتى نەشرى) دېگەن گەپلىرى دۇنياغا قېنى قىزىغان تەپەككۈردىكى نازۇك پەسكەشلىكنى كۆرسىتىپ بەردى. «ئالەم كېرەك» دېگەن تۈپكى ماھىيەتتىن چىقىۋاتقان خۇپىيانە پەسكەشلىكنىڭ ئاخىرى ھوشىنى تاپىدىغىنىدىن بېشارەت بولدى. لېكىن، بۇ بېشارەت مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا ئەمەلىيلىشىپ بىزگە كەلگۈچە قانچە ۋاقىت كېتەر؟ ئادەم بولۇش بىلەن ئىلىم-پەن ئۆگىنىش قاچانغىچە ھازىرقىدەك بىر نەرسە دەپ قارىلىپ تۇرىۋېرىدۇ؟ ئىش قولاشتۇرۇش ئۈچۈن تاۋلاۋاتقان تەپەككۈرنى ئادەم بولۇش ھەققىدىكى تەپەككۈردىن پەرقلەندۈرۈۋاتقان ئىكەنمىز ،ئۇنداقتا بۇ ئىككى مائارىپ يولىدىن دېرەك بەرمەي قاچانغىچە تۇرىدۇ. بىزنىڭ بالىلىرىمىز قاچانغىچە بىلىمنى ئالدى بىلەن خىزمە تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ؟ مائارىپىمىز قاچانغىچە بۇ جەھەتتە سالاھىيىتىنى تاپمايدۇ؟ بەس، قىزىپ كەتمەيلى. بىر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئۆگىنىش شارائىتى ناھايىتى ياخشى بىر يېرىدە 800 - 900يۈەن مائاش بىلەن خىزمەتكە چۈشكەن بىر ئۈمىدلىك ياش بىلەن سۆھبەتلىشىۋېتىپ، ئۇنىڭ مېنىڭ پەرەز قىلغىنىمنىڭ ئەكسىچە پۇل تېپىش ئۈچۈن باشقا ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگەنلىكىنى سەزدىم. قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئاچچىق كىنايە ئۆرلەپ كەتتى. يۈزىگىلا سىلىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمىغۇدەك، دېدىم. چۈنكى، ھازىرقى شەرائىتتا 800-  900 كوي خېلى پۇل بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايدا قورساقنى توقلاپ، خەجلەپ، ئازراق ئېشىنغىلى بولاتتى. شۇنىسى ماڭا روشەنكى، ئۇنىڭ باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالغۇسى، كەمسىنگۈسى كەلمىدى. لېكىن، بىر پۈتۈن مىللەت يېتىم - يېسىرنىڭ ئورنىدا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئويغۇرنىڭ زىيالىسى قانچىلىك ئىززەتكە ئېرىشەلەيتتى؟ قانچىلىك خورلۇق تارتمايتتى؟ ئاشۇنچىلىك بويۇن قىسىشقا چىداشقا بېلىنى باغلىيالمىغان ئادەمدىن ئالەمچە خورلۇقلارغا چىداپ ئىش قىلالايدۇ دەپ ئۈمىد كۈتكىلى بولاتتىمۇ؟ مانا بۇ بىزدىكى بىر قەدەر ئالىي ئادەم بولۇش تەپەككۈرى. دالى كارنىگنىڭ جاھاندارچىلىق سەنئەتلىرىنى تۈركۈم - تۈركۈم ئىزدەتكۈزگەن ئادەم بولۇش تەپەككۈرى. بۇنى قەلەندەرچىلىك روزىغارىدىمۇ باھادىرلىق بىلەن ياشىغان مەشىرەپ ۋە كىيىم پۈتۈنلۈكىنى توققۇزى تەللىكنى تاشلاپ قومۇشلۇقتا يۈرگەن نۇزۇگۇم، ئەڭ ئاخىرقى ئازابنى تارتماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئەنگلىيە پۇقراسى بولۇشنى تىلنىڭ ئۇچىدىمۇ دېمەي ھۆرلۈك دەپ ۋارقىراپ ئۆلگەن ۋىليام ۋاللاتسى بىلەن قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ؟ دۇرست، گەپنى يىغىپ كەلسەك ھەممىسى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى چىقىش قىلمىغان پەلىسەپىنىڭ بولماسلىقىدىن، ئاشۇ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق دېگەن نام بىلەن ئىپادىلىنىۋاتقان بۈيۈكلۈكنى ھېس قىلالمايۋاتقانلىقىدىن، ئۇنىڭغا بولغان ئەركەكتەك ئېتىقاد ۋە ئەقىدىلەرنى تاپالمايۋاتقانلىقىدىن، بولمىسا ئاتا - ئانىلار، بالىلار ئۆگەنگەنلىرىگە خىزمەت بولمايۋاتقانلىقىدىن شۇنچە ئۆكۈنۈپ كېتەتتىمۇ؟ ئاقمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ نەرسىلەرنى قايتا - قايتىلاپ يادلاپ يۈرەتتىمۇ؟ كىچىك ۋاقلىرىمدا كاللامغا نېمە كەلسە، ھېسىياتىم قانداق بولسا شۇنى قىلاتتىم. بىرەر ئىش ئارزۇيۇمغا توغرا كەلمىسە، يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتەتتىم. كېيىنچە ئۆزۈمگە مەنپەئەتلىك خاھىشنىڭ بۇرنۇمدىن يېتىلىشىدىن بارا-بارا يادا مەنىۋىيەتنىڭ مەيدانىدا ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىشنى ئۆگەندىم، لېكىن مۇشۇ پەزىلدىن كېيىنكى بىر مەزگىللەردە، مۇشۇ تەرەققىيات جەريانىنىڭ ھەر قايسى مۇساپىلىرىدە تۇرغان بالىلار، سۈرەت مەيدانىدا تۇرۇپ ھەممىنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇۋاتقان ھازىرلىقىم تۈپەيلى ئۆزلۈكسىز تۈردە تەپەككۇرلىرىمغا سوئال بولۇپ كېلىۋەردى. ئىنشائاللاھ، بوۋامنىڭ تاتلىق ھېكايىلىرى، ئانامنىڭ تۈگىمەس مېھرىبانلىقى قەلبىمدە ئەقىدىگە ئوخشاپ كەتكەن بىر خىل روھى قۇۋۋەت پەيدا قىلغانىدى. شۇنىڭ كۈچى بىلەن ئېجتىھاتلىرىم يولسىزلىققا تەسلىم بولماي ئاخىر روھىيەت، مەنىۋىيەت دەيدىغان نەرسىنى كۆز ئالدىمدا غۇۋا نامايەن قىلدى. ئوغۇرلۇق ئىزتىراپىدىكى توپلار بىلەن قانچە - قانچە قېتىملاپ دۇكانلارنى، بازارلارنى ئايلانغان بولساممۇ، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋېلىشقا يۈرىكىم پەقەتلا توم بولمىدى. پىقىراپ-پىقىراپ كىتابخانىلاردىن بىرى بولالمىدىم. ھەزرىتى ئەلى شاھى مەردان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، توختى چامباش، قىزىقارلىق تەبىئەت ھادىسلىرى، تەجرىبىلەر، بىلىملەر روھىمنىڭ شۇ چاغدىكى سىماسى ئىدى. شۇڭا ۋۇجۇدۇم شۇ چاغلاردىن باشلاپ ئۆز تىرىكلىكىدە گەپ قىلىپ كەلدى. ئەمما نېمىلا دېگەن بىلەن ئەينى چاغدا ئاشۇ بىر تالاي نەرسىلەرنىڭ مىجەزى روھ ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىم. روھ دەپ شۇنداق بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ بىلمەيتتىم. كېيىن ھەتتا كىچىكلىكىمدىكى مەنمۇ، قاچانمۇ رادىيۇلارنى ياسىيالايدىغان بولارمەن دەيدىغان ئارزۇلىرىممۇ ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالدى. رادىيۇنى ئەمەس تېلېۋىزورلارنى ياساۋېتىپمۇ زىرىكىشلىكنى نېرى قىلالمىدىم. تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ چوڭقۇر نەزەرىيىلىرىنى ئىگىللىۋېتىپ ئادەملەر تارتىشىش كۈچى قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ يۇپىتىرنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى، قاچاندا، نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېساپلاپ چىقارمىسا نېمە بوپتۇ؟ دەيدىغان سوئاللار پەيدا بولۇپ قالدىغان بولۇپ قالدى. ھاياجان بىلەن سوئال تەڭ پەيدا بولۇپ، سەپراس ھالدا شۇ سوئالغا جاۋاپ تېپىش ناھايىتى زور خوشاللىق پەيدا قىلىدىغان بۇرۇنقى بىر مەزگىللەرنىڭ گۇماندا قېلىشى ئۆگىنىش، تۇرمۇشۇمنى بىر تالاي يۇمۇرىستىك، ساراڭلارچە كەيىپكە تەققەزا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن بىز بىلەن بەش يىل ئوقۇغان ئوقۇغۇچى كۆپىنچە كىيىملەرنى رەتلىك كىيىپ، ئاياغلىرىنى مايلاپ يۈرىيدىغان بولمىدى. يۈزلىرىدىن نۇر، ئۇچىسىدىن مەرىپەت تۆكۈلمىدى. ھەتتا ۋەدە ۋە دوستلۇقلىرىدىنمۇ ساراڭلىقنى ئاجرىتالمىدى، لېكىن، مەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن يۇمۇر ۋە ساراڭلىقمۇ يوق بولۇپ كەتسە قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. بارا - بارا ئۆگۈنۈشنىڭ ئىككى خىل يولىنى كۆردۈم. بىرى، كاللىنى توختىتىپ يادلاش، ئەپلەپ -سەپلەپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش؛ يەنە بىرى، يۈرەكنىڭ سۇئاللىرىغا زەڭ سېلىپ، ئۇنىڭ بىلىملەرنى رەت-رېتى بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇپ، قەلبىدە ئىلمى سەپ تۈزۈشىگە كۈچەش. مەن نېمىلا دېگەن بىلەن كېيىنكى يولنى تۇتۇپ ماڭدىم. شۇڭا ئېرىنسىت كاسسىرئېرنىڭ تۆۋەندىكى گېپىنى گويا ئۆزۈم خۇلاسىلەپ چىققاندەك ھېس قىلدىم. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تۈرلۈك ئوخشىمىغان پائالىيەتلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرلۈكچە يۆنىلىشلەردە تەرەققىي قىلىدۇ. ئوخشىمىغان مەقسەتلەرگە يەتمەكچى بولىدۇ. ناۋادا بىز ئۆزىمىزنى مۇشۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەتىجىسىگە زەڭ سېلىش بىلەنلا قانائەتلىنىدىغان قىلىپ قويساق، ئۇنداقتا ئۇلارنى ئورتاق بىر تەسىرگە چىگىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەردە بىزنىڭ ئىزدەۋاتقىنىمىز نەتىجىدىكى بىردەكلىك ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار پائالىيىتىدىكى بىردەكلىك. ناۋادا ئادەمىيلىك دەيدىغان بۇ ئاتالغۇ قانداقتۇر بىر نېمىنى كۆرسىتىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، گەرچە ئادەمىيلىكنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىدە بارلىق پەرقلەر ۋە قارمۇ -قارشىلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەكىللەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن تىرىشىدۇ. يىراقنى كۆزدە تۇتقان نۇقتىنەزەردىن قارىغاندا چوقۇمكى، چېلىقىشلىق بىر ئالاھىدىلىك، ئاممىباب بىر خۇسۇسىيەت بايقىلىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەتتىكى بارلىق شەكىللەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئارا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ناۋادا بىز بۇ خۇسۇسىيەتكە تەبىر بېرەلەيدىغان بولساق، كۆزلىرىمىز ئالا - بۇلىماچ بولۇپ، تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن نەزەرلىرىمىز بىر ئىدىيە تۈگىنىگە مەركەزلىشەتتى. خۇددى كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئىنسانىيەت مەدەنيەت ئەمەلىيەتلىرىدىكى بۇ خىل سەرەمجانلاشتۇرۇش ئىشى تىلشۇناسلىق تارىخىي، سەنئەت تارىخىي دېگەندەك تۈرلۈك ئالاھىدە پەنلەردە ئاللىقاچان باشلىنىپ بولدى. بۇ پەنلەرنىڭ ھەممىسى بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ قانداقتۇر بىر مىزاننى ئىزدەپ، شۇنىڭ بىلەن بۇمىزاننىڭ ياردىمىدە دىن ھادىسىلىرى، سەنئەت ھادىسىلىرى، تىل ھادىسىلىرىنى بىر سىستېما ئىچىگە سەرەمجانلاشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. ناۋادا پەننىڭ ئۆزى ئاللىقاچان مەشغۇل بولۇۋاتقان مۇشۇنداق خۇلاسىلەش خىزمىتى بولمىسا، پەلسەپىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولمايدۇ. )ئىنسان توغرىسىدا90- بەت.)پەلسەپە، روھ دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ماڭا مۇشۇنداق رېئاللىقتىن تېخىمۇ بىر يۈكسەك پەللىدە ئەقلىي مەلۇم بولدى. «فىزىكا تارىخى» مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرسىم بولدى. بارلىق نەرسىلەرنى بىر روھ نوقتىسىدا تۇرۇپ ئۆگىنىدىغان بولدۇم. مەردۇ - مەردانە ياشىمىسام نېمە بوپتۇ؟ قورقۇش، خوشامەت، ساختىلىق جاھاندارچىلىقتا بولىدىغان ئىشلار. غۇرۇر بىلەن قورساق تويامدۇ؟ دەپ ھەممە گال ۋە نەپىس ئۈچۈن دەيدىغانلارنىڭ ھاياتىنى ھايۋانى ھاياتقا ئوخشىتىۋاتقانسېرى ئىنسانى روھنىڭ نوپۇزى قەلبىمگە سالماق ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. خۇددى كاسسىرئېر ئېيتقاندەك چۆچەك، دىن، سەنئەت، پەن ئەمدى ئوخشاش بىر ئاساسىي مىلودىيىنىڭ بىر مۇنچە ئاكورىتلىرىدەك بىلىندى. ئاشۇ ئاساسىي مىلودىيىنى ئاڭلىغىلى ۋە چۈشەنگىلى بولغۇدەك قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان پەلسەپە ھاياتىمدىكى مۇھىم بىر نەرسىگە ئايلاندى. ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى تەۋپىق، سارتىر، روسسېل، فىروئىد، ئادلېر، يۇڭ، پىئاگىتلار بىلەن يەنە بىر سەلىقىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدىم. ئادەملەرنى باراۋەر كۆرىدىغان ئەقىدەمگە مۇناسىپ رېئاللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنىڭ ماھىيەتلىكلىكى جۇلالانغانسېرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.>قابۇسنامە<نى ئالاھەزەل9- يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئوقۇغانىدىم. ئۇ پەقەت كەسپىي قابىلىيەت ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش نوقتىدسىدىنلا يېزىلغان دەرسلىكلەرنىڭ مەۋقەسىدىن ئۆزگىچە بولسىمۇ نېمە ئۈچۈنكىن ئۇنىڭدا مەدھىلىنىدىغان كىشىلەر ماڭىمۇ يېقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدا ياقتۇرۇلمىغان كىشىلەر ماڭىمۇ ياقمىغانىدى. كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانسېرى بۇ تەسىرات پىنھان بولغىلى تۇردى، لېكىن ھەر ھالدا روشەن كىشلىك ھايات پەلىسەپىسىگە تېخى ئىگە بولمىغاچقا، يەنىلا ئاشۇ پىنھانلىقنىڭ شەپىسىز رەۋىشتىكى ئىلكىدە ياشىدۇق. كېيىن تەپسىلىي ئويلاپ، روھ نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەقىقەتنىڭ بارلىق مەۋجۇتلۇقنى ئېتىراپ قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. كىچىكىمدە ئەسكى بالا دەيدىغان بالىلارنىڭ ماھىيەتتە باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قۇيۇپ ئويلىمايدىغان، كېيىنچىرەك يادا مەنىۋىيەتلەرنى، ئورتاق ھېس ۋە ئۇقۇملارنى ھېس قىلمايدىغان ئۆزىگە مەنپەئەتلىك خاھىش بويىچىلا ئىش قىلىدىغان بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم، لېكىن بۇ كەمتۈكلۈكنىڭ بارلىق مەۋجۇتلۇقنى قانچىلىك دەرىجىدە ھېس قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنۇڭلىق بىلەن ئۇنى  قانچىلىك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ئالدىمدا يوغان بىر سوئال بولۇپ قالدى. كېيىن  80يىللاردىكى ياشلار قاتارىدا دالى كارنىگنىڭ كىتابىدىن خەقنىڭ كۆزىنى چاقنىتىش، ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش، جىقراق كىرىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئادىمىيلىك تونىنى قانداق قاملاشتۇرۇپ كىيىش كېرەكلىكى ۋە بۇنىڭ پايدىسى توغرىسىدىكى بايانلارنى ئوقۇدۇم. قابۇسنامە قاتارىدىكى ئەنئەنىۋى دىداكتىك ئەسەرلىرىمىزنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىتابىدا ئادىمىيلىك گويا ۋاسىتە ئورنىدا بايان قىلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، ئوقۇغانسېرى غەربلىكلەرنىڭ ھەتتا بىرەر كۈلكىسىنىڭ تېگىدىمۇ بىر مەنئەپەت غەرىزى باردەك تۇيۇلدى. خەلقئارا مۇھىتنىڭ كۆزۈمگە بۇرچىدىن چىقىپ كەتكەن ئەرۋاھلارنىڭ سىياسەت بىلەن بەتلىنىپ ئۆز ئارا سۈركىلىشلىرى ۋە ئۆز تەبىئىتىدىن يۇلقۇنالمىغان ھالدا ئاخىر بېرىپ ئادىمىيلىك ئوقۇرلىرىغا بېشىنى سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىگە كۆزۈم يەتتى. ئاتالمىش« مەدەنىيەتلىك» كىشىلەرگە ئادىمىيلىك زادى بار نەرسىمۇ ياكى يوق نەرسىمۇ؟ دەيدىغان گۇماننى ئاتا قىلىۋاتقان تۈپكى مەنبەنى سەل-پەل ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم. لېكىن مەيلى قانداقلا بولسۇن دالى كارنىگنڭ ئىلھامبەخش كۈچىگە كۆز يۇمغىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۇنى ئۆزۈمچە رەببانى دېگۈم كەلدى. ئەمما مۇشۇنداقراق پەسكويغا چۈشكەن چېغىمدا كىشىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان جىق زورۇقۇشلار بىلەن رەببانىلار سىلسىلىسىگە تىزغىلى بولىدىغان كىشىلەردىكى پاسكىنىچىلىق يۈرۈكىمنى ئىزچىل تۈردە ئازاپلاپ كەلدى. شوپنخاۋرنىڭ «بىلىم ئازابنىڭ مەنبەسى» دېگەن گېپىنىڭ ۋەزنىنى تازا دەڭسىدىم. دائىم ئۆزۈمگە نېمە ئامال؟ ئات تېپىلمىسا ئېشەكمۇ، ئات ئەمەسمۇ، دەپ تۇردۇم. دالى كارنىگنىڭ كىتابىنى نۇرغۇن كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلدىم. لېكىن ئادىمىيلىككە بولغان تۇيغۇ بولسىمۇ بىلىنىپ تۇرسا بولاتتى.بارلىق مەنىۋى ۋە مادىي مەۋجۇتلۇقنى ھېس قىلىش ئەلۋەتتە سەزگۈرلۈككە باقىدۇ. سەزگۈرلۈك ساغلاملىققا بولۇپمۇ مەنىۋى ساغلاملىققا باقىدۇ. بىر كۈنى مەخسۇس ئولتۇرۇپ كىچىك  بالىلارنىڭ ئۇيۇنىنى كۈزىتىپ باقتىم. ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئۇيۇننىڭ ئورتاق رىئايە قىلىدىغان قائىدىسى بولىدۇ. شۇنىسى روشەنكى، ئۇيۇندا ئاشۇ قائىدىنى ئەڭ بەك ھېس قىلغانلىرى مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇيدۇ. لېكىن جاھاننىڭ  مۇرەككەپلىكى تۈپەيلى مۇشۇنداق قابىلىيەتنىڭ تېگى بولغان ساغلاملىق ئىزچىل بولالمايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا بىزدىن بىر نەچچە يىللىق يۇقىرى ئوقۇغان كېلىشكەن بىر توپچى بالىنى تۇنۇيتتۇم. بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئەزىمەت خېلى پۇلدار سىياقتا ئۈرۈمچىدە پەيدا بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن خېلى پۇل تاپقانىدى. بىر مەزگىللەرگىچە ئۇنىڭ ياپونىيىگە چىقىپ جىق پۇل تاپقانلىقى سورۇنلاردا كۆپرەك دېيىلىدىغان، ھەۋەس قىلىنىدىغان گەپ بولۇپ تۇردى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بۇرادەر بىلەن قانداقتۇر سەۋەب بىلەن بىر سورۇندا بولۇپ قالدىم. سورۇن قىزىپ تازا ئەۋجىگە چىققاندا ئۇنىڭ ياپونىيىدە بىر بۆرىكىنى سېتىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ گەپ قۇلىقىمغا قانداق كىرىۋاتىدىكىن ئاڭقىرالماي قالدىم. كۆزۈم ئۇنىڭ ھاراقتىن قىزىشقان يۈزىدە توختاپ قالدى. «بۆرەك ئىككى بولغاندىن كېيىن...،-مېنىڭ ئانامنىڭمۇ بىر بۆرىكىنى ئېلىۋەتكەن...، كۈنۈڭ ياخشى بولسىلا بولدى...» دېمىسەممۇ بۇنىڭغىمۇ بىر شەرھى چىقتى. كاللامدا يەنە نە ئىككىدۇ؟ دەيدىغان سوئال غۇۋا ئەكس ئېتىۋاتقاندەك ئىدى. لېكىن مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مۇشۇ سورۇندا مۇشۇنداق ئەقىلگە مۇۋاپىق شەرھىنى ياساپ چىققان سورۇن ئەھلىنىڭ ھەممىسىدە-بۆرەك سېتىشقا يۈرىكىدە قۇرقۇنۇش، ھۇدۇقۇش بارلىقىنى تۇيۇپ تۇراتتىم. بولدى بۇ گەپنى قىلىشمايلى. ئاشۇ بۆرىكىڭ ئۈچۈن خوشە. ئالىمكا چالە سازىڭنى سازنىڭ پەيزىنى سۈرەيلى بۇ ئىشمۇ باشقا بارلىق ئىشلارغا ئوخشاش مانا مۇشۇنداقلا ھازىرقى خاتىرجەملىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانغىلى قوپتى. سورۇن ئۆز پېتىچە داۋاملاشماقتا ئىدى. بۆرەكنىڭ پۇلىغا نازۇ - نېمەتلەر، ھاراق - شاراپلار  بۇرۇنقىدەكلا كېلىۋەردى. پەقەت چاقچاقلاردا سېتىلغان بۆرەكنىڭ ياپونىيىدىكى باتۇرلۇقى ئاندا - ساندا تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن، مەن غەزىپىمنى باسالمىدىم. كاللامغا داليەندىكى مۇنداق بىر زىددىيەت كەلدى. بىر يىلى داليەنگە بېرىپ داليەن پورتىنىڭ مەلۇم بىر بىناسىدا ياپونىيە، كۇرىيىلەردىن كېلىدىغان كونا ئېلېكتر سايمانلىرى بازىرىغا كىرىپ قالدىم. بۇ بازاردا بىر نەچچە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى مۇشۇ يەردىن بۇ ماللارنىڭ يېڭى قاپلىرىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقى، كونا ماللارنىڭ دۆۋىسنىلا ئېلىۋېلىپ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرنى رېمۇنت قىلىش بىلەن يېڭىدىن كىيىم كىيگۈزۈپ ناھايىتى ئوبدان باھادا ساتقىلى بولىدىغانلىقىنى پەملىدىم. دېمىسىمۇ مەملىكەتتىكى بىر مۇنچە كارخانىلار ئەينى چاغدا مۇشۇنداق تىجارەت قىلاتتى. لېكىن نېمىشقىكىن بۇ ئىشقا كۆڭلۈم تارتمىدى. ئۇزاق داۋالغۇپ ئاخىرى باشنى سىلكىپلا بۇ يەردىن كەتتىم. ئەمما ھەر قېتىم كومپيۇتېر بازىرىغا كىرىپ قانۇنسىز نەشر قىلىنغان يۇمشاق دېتاللارنى كۆرسەم بۇ ئىشنىڭ جۇڭگودا كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئىشىمنى بولۇمسىزلىققا مىسال قىلىپ يادىمغا ئالغۇم كېلەتتى. مانا بۈگۈن ئۈرۈمچىنىڭ سوغاق بۇ كېچىسى ئۆزۈمنىڭ بۇ بۇلۇمسىزلىقىمنى نېمىشقىكىن بۆرەك ساتقۇچىنىڭ كەسكىنلىكىگە سېلىشتۇرغۇم كېلىپ قالدى. راست، مەن ئۇنىڭدەك پۇل تاپالمىدىم ھەم تاپالمايمەن. مەن پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئاشۇ مەسىلىنى ئويلاشقان چېغىمدا ئۆزۈمنىڭ قىممەت قاراشلىرى، ئىستەكلىرىم قىسقىسى، قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئۇلارغا بولغان تەھلىكىسنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. دۇرۇست، ئەلۋەتتە بۇ ئادەتتە كۆڭۈل تارتماي تۇرىدۇ، دەپ ئىپادىلىنىدىغان ئىستىخىيىسىز ھالدىكى ئۆزلۈكنى ھىمايە قىلىش پائالىيىتىدىن ھالقىغانىدى. توغرا گەرچە مەن بۆرىكىنى ساتقان دەۋردىشىمدەك كەسكىنلىك بىلەن پۇل تاپالمىغان بولساممۇ، ئەمما مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇمىغانىدىم. مۇشۇنىڭ ئۆزى پۇل تاپقاندىن قەدىرلىك ئەمەسمۇ؟! كۆڭلۈم ۋىللىدە يورۇغاندەك بولدى. ئىچ - ئىچىمدىن سالماق بىر سوئال ئۇرغىماقتا ئىدى. ئۇنداقتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى توغرا چۈشىنىش، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇش  رەسمى تەلەپە بولۇپ، ئىنساننىڭ ئالدىغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس چاما ئۆزنىڭ تېرىتورىيىسى زادى نەدىن نەگىچىلىك؟! ئۇنىڭغا خورلۇق، دەپسەندىلىك، تاجاۋۇزچىلىق يەتكىنىنى نېمە خەۋەر قىلىدۇ؟ قىسقىسى؛ ئادەمى ئادەمنىڭ ئادەم ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان تارازا زادى بارمۇ - يوق؟ مېنىڭچە يۇقىرىقى  بايانلىرىمنى تەپسىلىي ئوقۇغان ئادەم مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە يۈرىكىنى تۇتۇپ باقسا ئۇنىڭغا جاۋاب بىلىنىدۇ. شۇنىڭغا مەن كۆپ ھاللاردا خەلقىمنىڭ مىللىتىڭ نېمە دېسە، ئىبراھىم خەلىلىللا دېيىشىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئەمەسمۇ؟! دەپ ئاچچىقلىمايلا خۇرسەن بولۇپ كېتىمەن. چۈنكى، بۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىدنى سالغان بۇ پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئالدىغا قەلبنى ساپ ۋە پاك قىلىپ كەلگەن دېگەن مەلۇمات مۇناسىۋىتى بىلەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئادەمىيلىك مەزمۇنىنىڭ تەۋەلىكىگە قارىتىلغانىدى. يەنە كېلىپ بىز شۇنچە ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بۇنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنىدۇق. شۇنداق، بىرسىڭ مەردۇ - مەردانىلىقىڭنى ساتساڭ، يەنە بىرسىڭ ئىپپەت نومۇس، بۆرەك - پۆرىكىڭنى ساتساڭ بولىۋېرىدىغان ئىش يوق. سەن ئېشەك سۈرىتىدە بولمىغاچقىلا ئادەم بولۇپ قالمايسەن، بەلكى ئادەمىيلىك مەزمۇنى بىلەن ئادەم بولىسەن. ئادەمنى ئادەم قىلىدىغان مەزمۇن سەن نېمە دەپ چۈشەندۈرۈپ كېتەلىسەڭ شۇنداق بولىدىغان ئۇستىخانسىز مەسلەك ئەمەس، بەلكى، ساغلام ۋە تۇيغۇن روھ چوقۇم ھېس قىلىدىغان يەنە كېلىپ ساپ ۋە پاك قەلىبتىن ئۇرغىغان جاسارەت بىلەن ئېنىق تەستىقلىنىدىغان رەسمىي بىر مەۋجۇتلۇق. ئۇ خۇددى تاغ، تاش، سۇ، دەريا، ئۆستەڭلەردەك مۇشۇ زېمىندا بار. ئۇنى كۆرۈش بالاغىتىگە يەتمىگەن ئادەم مەلئۇندۇر. چۈنكى ئەرىشتىكى ئەڭ چوڭ بىلىمدار شەيتاننىڭ مەلئۇن بولغىنىدەك، مۇنداق ئىنسانلاردىكى ھەرقانداق بىلىم، ھۈنەر، ھوقۇق ئۆزى ئاغرىتىپ قويغان ئىشەكنى ئادەم قىلالمايدۇ. جاھان ئۆز خىسلىتى بىلەن كاجنى بازاردا  ئوڭشاپ ساغلام، تۇيغۇنلىكى  ئادەمنى بۇرنىغا يېگۈزۈپ ئىلگىرى باستۇرۇپ، كۈلپەت تارتقۇزۇپ بۇ بالاغەتكە دەۋەت قىلىدۇ. ئادەمنىڭ مەلۇم پەيتتىكى ئەھۋالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن، ھامىنى بالاغەتنى تونىتىدۇ. ئەمما ئادەمنىڭ مۇشۇ جەرياندا ساقسىز ياكى مەجرۇھ بولۇپ قېلىشى، بۇلغانغان قەلىبنىڭ جۇشى يوقاپ ھېچنېمىنى يورۇتالماسلىقى ھەممىدىن خەتەرلىك بولىدۇ. لېكىن مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ ئازمۇ؟ مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان.  ئوتتۇرا  مەكتەپتە ئۇ ئالدىمدىكى ئۇرۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ شۇنداق ئادەتلەنگەن ئىدىكى، دەرس ۋاقىتلىرىدىلا ئەمەس ھەتتا مۇئەللىم يوق تەكرار ۋاقىتلىرىدىمۇ تىككىدە ئولتۇراتتى. مەن ھەيرانلىقىمدىن ئونىڭ بوينىدىكى سېرىق تۈكلىرىنى تارتىپ قېرىشىپ قۇياتتىم. لېكىن ئۇ شۇنداقتىمۇ بوينىنى سىلاپ قويۇپ پېتنى بۇزماي ئولتۇرۇۋېرەتتى. تۇلۇقسىزنى پۇتتۈرىدىغانغا يېقىن ئۇ ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلەپ، سىنىپتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى. كېيىن شۇ ئىلگىرىلىگىنىچە ئىلگىرىلەپ ئالىي مەكتەپتىمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇدى. ئۇ شۇ چاغلاردىمۇ بەك ئىنتىزامچان ئىدى. ئۆلچەملىك كىيىنىپ، ئۆلچەملىك يۈرەتتى. كېيىن ئۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ياخشى بىر خىزمەتكە بۈلۈندى. مەن ئونىڭ نەچچە يىللىق روھى ھالىتىگە، تۇرمۇشىغا قاراپ، دائىم ئۇ قانداق ئادەمدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ئۇنىڭ ھېچنېمىگە ئاچچىقى كەلمەيتتى ۋە ھېچنېمىگە ئۆزىنى ئۇرۇپمۇ كەتمەيتتى. ئەلۋەتتە ئۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ياخشى ئادەملەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالاتتى. ئونىڭ ئۈستىگە بۇنداقلار بەك جىق ئۇچۇرىدى. ئويلۇرۇممۇ كۆزىتىشلىرىمدا ئاۋۇدى. توغرا ئۇلار ئاشۇنداقلاردىن ئىدى. شۇ چاغدا غۇچچىدە ئاچچىقىم كەلدى. مەن بىر دېھقان بالىسنى تۇنۇيتتۇم. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە نوپۇس كۆپ بولۇپ، ئاتا ئائىلىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنى ئاران-ئاران قامداپ كېتەلەيدىغان ئادەم ئىدى. بالىلارنىڭ چوڭى ھۆكۈمەت خىراجەت چىقىرىدىغان چاغلاردا ئوقۇپ خىزمەتكە چىقىۋالغانىدى.ئائىلە تۈزۈمىنىڭ نامۇۋاپىقلىقى تۈپەيلى ئىچكىرگە قېچىپ كەتكەنلەر بىرىدىن باشقىلىرى ئىزچىل ئوقۇشتا ئىدى. ئەمما ئۇلاردىن بىرەرسىنى ئوقۇشقا ماڭدۇرۇپ قالسا بۇ ئائىلە بالىنىڭ خىراجىتىگە چىقىش قىلىپ بالىنى ئوقۇتالمايتتى. شۇنداق كۈنلەردە بالىنىڭ ئۈچىنچىسگە ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى. ئەخلاقلىق ئاكىسى بارى يوق ئارانلا 15 يۈەن پۇل بېرىپ ئارانلا كەلدىڭمۇ، كەتتىڭمۇ دەپ بولدى قىلغىنى بىلەن ئىچكىردىكى ھېلىقى ئوغرى، يانچۇقچى ئاكىسى ئۇنى ئوقۇتتى. قالغانلىرىمۇ مۇشۇ ئەنئەنە بىلەن ئوقۇشنى تاماملىدى. ئاخىرى نېمە بولدى؟! ئاكا بولغۇچى ئىنىلىرى ئۈچۈن 15 كويلا بېرەلىگىنى بىلەن ئۆز رەسمىيىتى بويىچە تويىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزەلىدى. ئەل نەرقى يۈرۈپ، ئەل نەرقى ئۆتۈپ ئەمەلى ئۆسۈشكە باشلىدى. ئىچكىردىكى تېخىمۇ يوغىناپ ئاق چېكىشكە ئۆگەندى. ئۇكىسى ئاددى ساددا، لېكىن چىن مەنىدە تويىنى قىلدى. بىر كۈنى ئۇلارنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ ئىنتىزامچان ئاكا بىلەن ئۇكىنى ئوقۇتىدىغان ئوغرىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ بىردىن گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان، بىرىدىن نىمجان ئىڭراۋاتقان يۈرەكنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. نەزىرىم يەنە بېرىپ ھېلىقى ساۋاقدىشىمغا چۈشتى، مۇشتۇملۇرۇم ئىختىيارسىز ھالدا تۈگۈلۈپ كەتتى. ئەمما، دېمىسىمۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىرەر يۈزگە يېقىن ساۋاقداشلىرىمنى، تونۇشلىرىمنى بىرمۇ بىر كۆز ئالدىمغا ئەكەلسەم، ساپلا رېجىمغا يىپتەك ئىلىشىپ كېتەلەيدىغان مۇشۇنداق ئۇستىخىنى يوق بالىلار يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ، سەل -پەل جىگىرى ۋە نوچىلىقى بار بالىلار نەلەردىدۇ شاللىنىپ قالغاندەك بىلىندى. بەس، ئاچچىققىمدا ۋارقىراپ تاشلىدىم. ئۇنداق ياخشى ئادەملەرنىڭ بېشىغا مىڭ. بىزگە ھەقىقىي ئىنسانلار كېرەك. گۈلنى كۆرگەندە سۆيىنىدىغان، نىجىسنى كۆرگەندە يىرگىنىدىغان، توغرىنى كۆرگەندە توغرا، خاتانى كۆرگەندە خاتا دېيەلەيدىغان ھەم شۇنداق قىلالايدىغان، مەجبۇرىيەتنى زۈرۈرىيىتى تېپىلغاندا ئۆتەيدىغان ئادەملەر كېرەك. ئنسانى خىسلەتلىرى، ئىنسانى ھېسسىياتلىرى، ئىنسانى قۇۋۋەتلىرى بولغانلارنىڭ بىرسىنى غۇرۇرلۇق يەنە بىرسىنى ھېسياتلىق دەپ قۇيۇپ يۈرۈيدىغانلار ئەمەس، بەلكى ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز جىسمىدە تۇلۇق، گال، ئۇرۇن، مەنپەئەت دېگەندەك نەرسىلەر ئۈچۈن ئۇ يەر بۇ يېرىنى كېسىپ، بۇغۇپ ئاختا قىلىۋالمىغان ئادەملەر كېرەك. ئەنە شۇلار ساغلام، بېجرىم ئادەملەردۇر. دۇنيا مەيلى قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ساغلام، بېجىرىم ئادەم بولۇش مۇقەددەستۇر. ئۇنداقتا بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپ بۇلۇشىغا قانداق ماھىيەت كېرەك؟ مەرھۇم تېبابەت ئالىمى ئابلىمىت يۈسۈف ھاجىمنىڭ مۇنداق بىر گېپىنى ئاڭلىغانىدىم: -  ياش ۋاقتىمدا يۇرتنىڭ بەرگەن ئاش -تۇزىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ، ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن كېرىيىنىڭ يېزىلىرىدا ئۆيلىرىگەئۆزۈم بېرىپ نۇرغۇن نامراتلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىدىم. خالىس قىلىپ كەتكەن ئىشلىرىم نۇرغۇن. بىر تىيىن پۇلى يوق سەكراتتىكى كېسەللەرنى ھەقسى داۋالاپ ساقايتتىم. كېيىن ۋەزىيەت يامانلاشتى. بىزلەرگە قالپاق كىيگۈزۈپ كۈرەش قىلغىلى تۇردى. كۈرەش قىلغانسېرى تىللايدىغان ئادەم جىقلاپ كەتتى. ھەممىدىن ئېغىر كەلگىنى دەل مەن داۋالاپ ئۆلۈمدىن بېرى قىلغان نامراتلار بىر سېۋەتكە تېرەك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئۆرۈك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئالما غازىڭى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئۇنسۇر ئەمگەكچى خەلقنى ئات- ئولاغ ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يېيىشكە قىستىغان، دەپ شۇئار توۋلاپ، ئۇرۇپ ھالىمنى قويمىدى. شۇ جىنايەت بىلەنمۇ تۈرمىدە ئۇزاق يېتىپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلىقنىمۇ بىلگۈدەك ئادەمگە قىلىش كېرەككەن دەپ قالدىم. شۇڭا قارا قورساق، كاللىسىدا ھېچنەرسە يوق ئادەمنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن.
بۇ ھېكايە يادنلەر كۆپ. بونىڭ ئۈستىگە مەيلى ئۇ قانداق يولغا ماڭسۇن ئاخىرى پۇشايمان يەپ ئوبدان ئادەم بولىدىغانلىقى ئېنىق. دۇنيادا ھەقىقى ئوبدان ئادەملەردىن باشقا قابىلىيەتسىزلىكىدىن ئوبدان ئادەم بولۇپ قالغانلار، جىننىڭ قەستى شاپتۇلىدا دېگەندەك، ئوبدان ئادەم بولۇشنى ۋاسىتە قىلغانلار خېلى بار.  بۇ ئاڭلىق يۇسۇندا بولۇشىمۇ ياكى ئاڭسىز يۇسۇندا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەلۋەتتە49 -يىلىدىن بۇرۇن ئىدىيە، تۇرمۇش ئۇدۇمى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر تارازىغا سېلىنىپ كامالەت جەمئىيىتىنىڭ مۇقەددەس قۇتۇبى سانالغاچقا، ماھىيەتتە ياخشى ئادەم سىياقىدىكىلەر ۋە ئوبدان ئادەم بولۇشنى ۋاسىتە قىلىۋالغانلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداقلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغانلار كۆپ ئىدى. ئۆزلۈك يوق بۇنداق دەۋرنى پۇچەكلىك قاپلىغان دەۋر دېسەك بولۇشى مۇمكىن، بىراق، بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئون يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ ئىگىسىز قېلىشى بىلەن ئادەملەر پەقەت ئوننەچچە يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىسى خۇلاسلىغان قىممەت قاراشلىرى بىلەنلا ياشايدىغان بولۇپ كەتتى. تۇرمۇشتىكى ئامالسىزلىقتىن ياخشى ئادەم بولىدىغان، ياخشى ئادەم بولۇشنى  ۋاسىتە قىلغان ساقسىزلار بۇرۇنقىدەك قورۇنۇپ ئولتۇرمايلا سەھنىگە چىقىدىغان، ئۆز يۇرتلىرىدا بالا -چاقىلىرى، ئۇرۇق -تۇققانلىرى ئارىسىدا توختۇم يۈرگىنى بىلەن  باشقا يۇرتقا بېرىپلا كوچىلاردا نېمىلەرنىدۇر ئىزدەپ تىمسىقلاپ يۈرۈيدىغانلار، ئۆز ئىشلىرىنى قىلىۋېرىدىغان بولدى. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە قۇۋۋەتلىنىدىغان ئەقىل بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىپ ياكى توغرا چۈشەنمەكچى بولۇپ ئۇلارغا زېمىن بەردى. مىڭ يىللىق ئۆلچەملەرنىڭ ئورنىغا ئون نەچچە يىللىق خۇلاسىلەر كېلىپ دەسسىدى. ھېچقانداق ئېتىقاد قىلىپ باقمىغان يەنى ھېچقاچان مۇكەممەل مەنىۋى ئۆلچەملەر بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئويلىمايدىغان بىر خەقلەر بىلەن بىللە ياشاشقا باشلىدۇق. بۇرۇن جۈپتىنىڭ يۈزىگە قاراشقا پېتىنالمايدىغان قىزلىرىمىز ئىككى ئادەمنىڭ ئالدىدا نىكاھ ئۇقۇتۇشقا خىجىل بولسىمۇ، ئۆزلىرىنى ھامىنى توي قىلىمەنغۇ دەپ بەزلەپ بىرەر يىلچە ئوغۇل دوستى بىلەن ئەر-خۇتۇندەك ئۈتۈشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان بولدى. زىل ئىككى جىنس مۇناسىۋىتى ئەندىزىلىرى، ئائىلە تۈزۈلمىسى ئورنىغا ئەقىل دەسسەپ، ئەرلەر- ئاياللىرى يېتىشەلمىگەندە تاماق ئېتىشىپ، ئاياللىرىنى ئولتۇرۇشقا ئۇزىتىپ قۇيۇپ ئۆزى بالا بېقىپ دېگەندەك زامانىۋى مۇناسىۋەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغاندەك، ئىككىلا تەرەپ يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېسلار پەيدا بولغان بولسىمۇ، بونىڭ نەتىجىسىدە ناجىنس  مەخلۇقلار كۆپىيىپ كەتتى. يۈرۈش -تۇرۇش، چوڭ -كىچىكلەر مۇناسىۋىتى، ئولتۇرۇش -قوپۇش، يىيىش- ئىچىش ئەندىزىلىرىنى يوقىتىپ بالىلىرىمىزغا تۆت گۈزەل، بەش بولۇشنى ئۆگىتەلمەي يۈرۈيمىز. ئېلىم -بېرىم، سودا - سېتىق قائىدىللىرىمىز، روھى ھالەتلىرىمىز ئېغىر خىرىسقا ئۇچراپ، ئىشەنچ، كۆيۈنۈش، ئىنساپ كېمىيىپ كەتتى. يامان بولىدۇ، ئىسراپچىلىق قىلمايلى دەپ جېنى تىترەپ تورىدىغان خەلق ئۈستەللەرنى يېسە قورساقتا تۇرمايدىغان قورۇمىلار بىلەن توشقۇزۇپ ئۆز سۆلىتىنى ئىپادىلەيدىغان بولدى. بۇ تەرەققىياتمۇ؟ تېخىمۇ ياخشى ئادەم بولۇپ كەتكىنىمىزمۇ؟ ناۋادا باشقىلار ئىلىمدە بىزدىن ئۈستۈن، ھۆكۈمدە بىزدىن مۇكەممەل بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى بىزگە نېمە كۆرۈنەر بولغىيتتى؟ بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە سۇ قۇيۇپ بېرەلەيتتىمۇ؟

ئۆيى يوقنىڭ ئويى يوق

راست بىزگە قەدىمكى ھەرەمخانىلاردىكى جوڭگۇنىڭ خان سارىيىدىكى ئاختا ئاقسالارغا ئوخشاش قايسىدۇر مەنپەئەت ۋە گال ئۈچۈن ئۇيەر بۇ يېرىنى كېسىپ بوغۇپ ئۆزىنى خىزمەتكە لايىقلاشتۇرغان ئاختا مەجروھلار ئەمەس بەلكى ئىنسانى خىسلەت ئىنسانى ھېسىيات ئىنسانى قۇۋۋەتلىرى كەم-كۇتىسىز ھەقىقىي ئادەملەر كېرەك. لېكىن گەپنى مۇشۇنداق دەپ قويۇپلا مال چىقسا ئالىدىغان مال چىقمىسا كېتىدىغان تورى كەڭ سودىگەردەك يۈرسەك بولمايدۇ. ئەكسىچە چوقۇم كېسەلگە شىپالىق بېرىدىغان دورا ئىزدىگەندەك پوزىتسىيە بىلەن مۇشۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ كويىدا بولۇشىمىز لازىم. بۇرۇن جەنۇبنىڭ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان قايناق بازارلىرىدا كېتىۋېتىپ ئالدىدا تۆت تال تۇخۇم ياكى بىر نەچچە جىڭ مىغىز ۋەياكى بىر سىۋەت ئانار دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ ئولتۇرغان مەسۇم بالىلارنى كۆرگۈنۈمدە ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلاردىن: سىلەر ئوقۇمامسىلەر؟ دەپ سوراپ بولسىمۇ قوياتتىم. قەشقەرنىڭ كاسىپخانىلىرىدا شوخلۇقلىرىنى يوقاتقان ھالدا تۇرغان بالىلارغا ئاپتۇۋۇزلارغا چاي ئالامسىز نان ئالامسىز؟ دەپ تىنىمسىز چىقىپ تۇرغان قارا كۆزلەرگە قانچە قېتىملاپ ئۆكىنىش ئىچىدە نەزەر سالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئوقۇغۇچىلىرىمغا باشقىلاردەك ياخشى ئوقۇمىساڭ مۇشۇ سەھرادىن بىر چامداممۇ چامدىيالماي توپىغا مىلىنىپ ھاشارغا ئىشلەيمەن قىغ توشۇيمەن پادا باقىمەن دەپ يۈرۈيسەن دېگەندەك ساپاسىز گەپلەردە تەربىيە بەرمىگەن بىلەن ھەر ھالدا ھەقىقىي بىلىم ئېلىشنىڭ مەنىۋى سۈپەت ھايات دەرىجىللىرى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەلگەنلىكىم ھېلىمۇ يادىمدا. بىراق كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن كاللامدا تۇخۇم سېتىۋاتقان مەسۇمغا قايناق بازار نېمىشقا مەكتەپ ئەمەس؟ ئۇ تۇخۇم سېتىشنى مەكتەپكە دەرسكە كىرگەندەك ھېس قىلىپ ئۆگەنسە جانغا ئەسقاتقىدەك بىلىم چىقمايمۇ قالارمۇ؟ بۇ بىلىم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قۇلىدا دائىم چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاشۇ توم -توم، راست بىزگە قەدىمكى ھەرەمخانىلاردىكى جوڭگۇنىڭ خان سارىيىدىكى ئاختا ئاقسالارغا ئوخشاش قايسىدۇر مەنپەئەت ۋە گال ئۈچۈن ئۇيەر بۇ يېرىنى كېسىپ  بوغۇپ ئۆزىنى خىزمەتكە لايىقلاشتۇرغان ئاختا مەجروھلار ئەمەس بەلكى ئىنسانى  خىسلەت ئىنسانى ھېسىيات ئىنسانى قۇۋۋەتلىرى كەم-كۇتىسىز ھەقىقىي ئادەملەر  كېرەك. لېكىن گەپنى مۇشۇنداق دەپ قويۇپلا مال چىقسا ئالىدىغان مال چىقمىسا  كېتىدىغان تورى كەڭ سودىگەردەك يۈرسەك بولمايدۇ. ئەكسىچە چوقۇم كېسەلگە  شىپالىق بېرىدىغان دورا ئىزدىگەندەك پوزىتسىيە بىلەن مۇشۇ مەقسەتكە  يېتىشنىڭ كويىدا بولۇشىمىز لازىم. بۇرۇن جەنۇبنىڭ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان  قايناق بازارلىرىدا كېتىۋېتىپ ئالدىدا تۆت تال تۇخۇم ياكى بىر نەچچە جىڭ  مىغىز ۋەياكى بىر سىۋەت ئانار دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ ئولتۇرغان مەسۇم  بالىلارنى كۆرگۈنۈمدە ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلاردىن: سىلەر ئوقۇمامسىلەر؟ دەپ  سوراپ بولسىمۇ قوياتتىم. قەشقەرنىڭ كاسىپخانىلىرىدا شوخلۇقلىرىنى يوقاتقان  ھالدا تۇرغان بالىلارغا ئاپتۇۋۇزلارغا چاي ئالامسىز نان ئالامسىز؟ دەپ  تىنىمسىز چىقىپ تۇرغان قارا كۆزلەرگە قانچە قېتىملاپ ئۆكىنىش ئىچىدە نەزەر  سالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئوقۇغۇچىلىرىمغا باشقىلاردەك ياخشى ئوقۇمىساڭ مۇشۇ سەھرادىن بىر چامداممۇ چامدىيالماي توپىغا مىلىنىپ ھاشارغا  ئىشلەيمەن قىغ توشۇيمەن پادا باقىمەن دەپ يۈرۈيسەن دېگەندەك ساپاسىز  گەپلەردە تەربىيە بەرمىگەن بىلەن ھەر ھالدا ھەقىقىي بىلىم ئېلىشنىڭ مەنىۋى  سۈپەت ھايات دەرىجىللىرى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەلگەنلىكىم ھېلىمۇ  يادىمدا. بىراق كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن كاللامدا تۇخۇم سېتىۋاتقان مەسۇمغا  قايناق بازار نېمىشقا مەكتەپ ئەمەس؟ ئۇ تۇخۇم سېتىشنى مەكتەپكە دەرسكە  كىرگەندەك ھېس قىلىپ ئۆگەنسە جانغا ئەسقاتقىدەك بىلىم چىقمايمۇ قالارمۇ؟ بۇ  بىلىم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قۇلىدا دائىم چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاشۇ توم  -توم،سېتۋاتقاندىمۇ  مەكتەپكە  كىرگەندەك  ھېس  قىلدۇرىدىغان  ئىجتىمائىي  مۇھىت  بىزدە  بارمۇ؟!  كاسىپخانلاردىكى  شاگىرتلارغا  مەن  كۆرگەن  ئاشۇ  پەيت  نېمىشقا  دەرسخانا  ئەمەس؟  مەن  كۆزدە  تۇتۇۋاتقان  مەكتەپلەردىكى  ئاشۇ  دەرسخانىلار  بىزگە  قانچىلىك  بىر  نېمە  ئېلىپ  كەلدى؟  ئاشۇ  دەرسخانىلار  بىلەن  بىزدىكى  مەزلۇملۇق  ،نامراتلىق  ،مەنىسىزلىك  ھەقىقەتەن  يوقۇلارمۇ؟  كادىر  ئەمەسلەرنىڭ  ئاشۇ  بالا  تەربىيىلەش  يوللىرىدا  زادى  ھەقىقەت  يوقمۇ؟  تېگى  -  تېگىدىن  شەھەرنىڭ  ،ئاۋات  يۇرتنىڭ،تۈگمىنىدە  تارتىلىپ  كەلگەن  ئاشۇ  ئاتا-،ئانىلار  ئۇلار  بۇرنىنىڭ  ئۇچۇنىلا  ئويلاپ  ،بالىلىرىغا  شۇنچىۋالا  كۆيۈنمەسمۇ؟  لېكىن  ھەرقانداق  بىر  يۇرتنىڭ  تۈرلۈك  تىجارەتلىرىنى  چۆگىلىتىۋاتقانلار  ئىچىدە،ئۇقۇغانلاردىن  قانچىلىكى  بار؟  خىزمەتكە  بۆلمەيدىكەن  ،ئىشتىن  قىسقارتىدىكەن  ،دىگەن  گەپلەردىن  ئاخىرقى  زامان  بولغاندەك  ئۈركۈيدىغان  سىتودىنتلار  ئىچىدە  ھېچكىم  خىزمەتكە  ئۇرۇنلاشتۇرمىسىمۇ  ئۆزلىرى،خىزمەت  تېپىپ  تۇرمۇش  يۇلى  ئاچقان  ّْساۋاتسىزْْلاردەك  ئادەمدىن  قانچىلىكى  بار؟!  ئەنە،دالا  تۈرۈكلىرى  بولغان  قىرغىز  ،قازاق  قېرىنداشلىرىمىز  بالىلىرىنى  ئۇقۇتۇشتىن  باشقا  تەربىيىلەش  ئۇسۇلىنى  بىلمەيدۇ.  ئۇلارنىڭ  قانداق  بۇلۇپ  كېتىۋاتقىنى  تەكشۈرۈپ  باقتۇقمۇ؟  دەيدىغان  سوئاللار  پەيدا،بولدى.  جاۋاپلىرىم  جايىدا  چىقمىغانسېرى  يۈرىكىم  ئېچشىپ  كەتتى.
گىتارىمنى  قۇچاقلاپ  ئويغا  كەتكەن  چاغلىرىمدا  ّْھەپتىدە  21  سائەت  پالانى  دەرسنى  بېرىسەن  ،كۈندە  سەككىز  سائەت  يوقلىمىدىن  ئۆتىسەن  ،مۇنداق  قىلساڭ  ئوقوتۇش  ئۈنۈملۈك  بۇلىدۇ    ،مۇنداق  قىلساڭ  دەرس  ياخشى  ئۆتۈلگەن  بولىدۇ  ،دەيدىغان  بىر  كىشلىك  ئالچۇقتا  ئوقوتۇشقا  شۇنچە  كۈچەپ  ،مائارىپتىن  ئۇتتۇرۇۋەتمەيلى  ،دەپ  شۇنچە  ۋارقىراپ  بۇ  تاغلىق  كەنتتىن  ئۈچ  بالىنى  ئىمتىھاندىن  ئۆتكۈزسەم  يەنە  بىر  يەردىن  چوقۇم  ئۈچ  بالا  ئۈتەلمەي  قالىدۇ.  بۇنىغۇ  مەيلى  دەيلى  ،ئەمما  جەمئىيەتنىڭ  بۇلۇشى  مۇشۇ  بولسا  ،مېنىڭ  ئۇقۇغۇچىلارغا  مەن  سىلەرنى  ھۆكۈمەتنىڭ  تۆمۈر  دەپتىرىگە  ئىلەشتۈرۈپ  مۇئاشلىق  قىلىش  ئۈچۈن  ئەمەس  ،ھەقىقىي  ئادەم  بولۇشىڭلار  ئۈچۈن  ئوقۇتىمەن  ،دېگەنلىرىم  كۆپۈك  بولۇپ  قالماسمۇ؟  دەپ  تولا-تولا  ئويلاپ  قالىدىغان  بولۇپ  قالدىم.  شۇنداق  چاغلاردا  بىرسىنىڭ:  بىز  بىرنەچچە  گۇرۇپپا  ،بەزىلىرىمىز  كۆچەت  تىكىش  ئۈچۈن  ئورەك  كولايمىز  ،يەنە  بەزىلىرىمىز  بۇ  ئورەكنى  تىندۇرىمىز.  ئاندىن  كۆچەت  كېلىدۇ  ،ئاخىرقى  بۆلۈكىمىز  ئۇ  كۆچەتلەرنى  ھېلى  تىندۇرۇلغان  يەرگە  سانجىپ  قويىمىز  ،شۇنداق  قىلىپ  كۆچەت  تىكىش  ئەمگىكىمۇ  تاماملىنىدۇ.ەممىمىز  ئىشسىز  قالمايمىز  ،دېگەن  گېپى  يادىمغا  يېتىدۇ  ،ئۆزۈم  بىلەن  ئۆزۈم  كۈلۈپ  كېتىمەن.  شۇنداق  قىلىپ  ۋاقىتنىڭ  ئۆتۈشى  بىلەن  مەن  بەك  چوڭ  بىلىدىغان  ئوقۇتقۇچىلىقمۇ  ئۆزىچە  خىرەلىشىپ  كەتتى.  گويا  ئۈنۈمسىز  ئىش  ئۈچۈن  بىكاردىن  -  بىكار  ھاياجانلىنىپ  يۈرگەندەك  ھېس  قىلىدىغان    بولۇپ  قالدىم.دېسەم-  دېمىسەم  مۇشۇنداقراق  تۇيغۇ  بۈگۈنكى  كۈندە  تېنىدە  جان  ،دىلىدا  روھ  بار  ھەرقانداق  ئىنساندا  بار.  لېكىن  ،بۇنىڭغا  ئەلەكمۇللا  دېيىش  كېرەكمۇ؟  ياكى  ھېچ  بولمىغاندا  پەرزەنتلىرىمىزمۇ  مۇشۇنداق  ياشىشى  كېرەكمۇ؟  دېگەندەك  ئويلار  بىلەن  نەزەر  دائىرەمگە  جاھان    ئەمەلىيەتلىرى  تىزىلغاندا  ئوخشاش  جاي  ،ئوخشاش  تۈزۈم  ،ئوخشاش    ئورۇندا  تۇرىۋاتقان  لامزەللە  كىشىلەر  بىلەن    ئېسىل  ئادەملەر  ئوخشاش  بىر  سىياسەتنىڭ  يۇقىرىدىكى  ئىجراسى  بىلەن  تۆۋەندىكى  ئىجراسى  ئوخشاش  بىر  ئىشنىڭ    نامەرت  ،بولۇمسىز  ئادەملەر  بىلەن  ئىرادىلىك  ئادەملەر  پەيدا  قىلغان  ئىنكاسى  دەرھاللا  سېلىشتۇرما  بولۇپ  كاللامغا  كېلىدۇ.  ئادلىرنىڭ:  ّْمۇھىت  ئادەمنى  يارتمايدۇ  ،بەلكى  ئۇنىڭ  مۇھىتقا  بەرگەن  شەرھسى  ئادەمنى  يارىتىدۇْْ  دېگەن  ھۆكۈمىگە  چىن  كۆڭلۈمدىن  قايىل  بولىمەن.  بۇ  تەبىئىيكى  نەزىرىمنى    ئىنساننىڭ  ئۆزىگە  مەركەزلەشتۈرىدۇ.كىشىلەر  ئارىسىدىكى  ئۇلۇغلۇققا  دىققەت  قىلغان  چاغدا  باشقىلارنىڭ  ئۇنى  ئۇلۇغ  دەۋالغىنىغا  ئەمەس، ئۇنىڭ  نېمە  ئۈچۈن  ئۇلۇغ  بولۇپ  قالغىنىغا  دىققەت  قىلىمەن.  چۈنكى، بۇيەردە  كاتتا  ھەقىقەت  بار.ھەممە  ئادەم  ئۆزىگە  چۇشلۇق  ياشايدۇ.
داۋامى بار...
مەنبە: قۇمۇل ئەدەبىياتى ژورنىلى 2003-يىل، 2004 يىللىق سانلىرىدا ئىلان قىلىنغان



[Birzat بۇنى 2010-06-25 03:27 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: داۋۇت ئوبۇلقاسىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.