ئىچىملىككە برىلگەنلەر توغرىسىدا


بۇ يازمىنى بۇ يەردە كەلتۈرۈشتىن مەقسەت مەيلى ياش يىگىتلەر بولسۇن ياكى تۇمشۇقىغا ئۆلۈم ھىدى پۇراۋاتقانلار بولسۇن ھاراق - شاراپتىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر .
تەڭرى قۇرئان كەرىمدە ھاراق ئىچىشنى زىنا قىلىش ، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش ، قىمار ئويناش بىلەن بىر قاتاردا سانانپ ئۇلار ھەقىقەتەن قەبىھ ، يىرگىنىشلىك ئىشلاردۇر دېگەن .

بىر كىشىنىڭ ئوغلى ئىچىملىككە بەكلا بېرىلىپ كېتىپتۇ . ئەتىدىن كەچكىچە ئىچىدىكەن ۋە ھېچكىمگە ئاراملىق بەرمەيدىكەن . دادىسى ئۇنى يېتىلەپ شەيخۇل رەئىس(ئىبنى سىنا)نىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە ؛سېنى ھەكىملەرنىڭ ھەكىمى دەپ تەرىپلىشىدۇ ، مۇشۇ ئوغلۇمنى داۋالاپ ، توغرا يولغا سېلىپ بەرسەڭ دەپتۇ .

-    نىمە كېسىلى بار ؟ سوراپتۇ ئىبنى سىنا ــ ئىچىملىككە بېرىلىپ كەتتى ، ئۇنى بۇ يولدىن ھەر قانچە قىلىپمۇ توسۇيالمىدىم دەپتۇ ھېلىقى كىشى .

-    ئىبنى سىنا ئىلگىرى مۇنداق كېسەلنى داۋالاپ باقمىغان ئىكەن . شۇڭا بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ‹ مەيلى داۋالاپ باقاي . ئۇنداقتا سەن ماڭا بىر بۇلبۇل ، بىر ئېيىق ، بىر توڭگۇز ۋە ئىككى مايمۇن كەلتۈرىسەن › دەپتۇ . بالىنىڭ دادىسى ئۇ نەرسىلەرنى كەلتۈرۈپتۇ . ئىبنى سىنا ئۇنىڭ ھەر بىرىنى ئايرىم – ئايرىم قەپەسكە سولاپتۇ . كېيىن بىر خىزمەتكارىغا بىر پىيالە شاراب ئىچىشنى بۇيرپتۇ . خىزمەتكار ۋەزىپىنى بېجىرگەندىن كېيىن ئىبنى سىنا ئۇنى بۇلبۇل تۇرغان قەپەسكە كىرىشكە بۇيرۇپتۇ . خىزمەتكار قەپەشكە كىرىپ ، بىردەمدىن كېيىن بۇلبۇلغا قوشۇلۇپ سايراشقا باشلاپتۇ . ناخشا ئېيتىپتۇ . شۇ چاغدا ئۇ شۇنچىلىك لەززەتلىنىپتۇكى ، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان ھېلىقى يىگىت بىلەن ئىبنى سىنانىڭمۇ ھەۋىسى كەپتۇ .

-    ئەتىسى ئىبنى سىنا ھېلىقى خىزمەتكارىغا ئىككى پىيالە شاراب بېرىپ ، ئېيىق تۇرغان قەپەسنىڭ يېنىغا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۆزى ھېلىقى  ئىچەرمەن يىگىت بىلەن يېراقتا قاراپ تۇرۇپتۇ . بىر چاغدا ھېلىقى خىزمەتكار شارابنىڭ تەسىرىدە قېنى قىزىپ ، ئېيىققا ئوخشاش ھۆركىرەپ ئۇنىڭغا تاشلىنىپتۇ ۋە ئېيىقنى ئۇرۇپ ھالاك قىلماقچى بوپتۇ . ئىبنى سىنا ئۇنى ئىچەرمەن يىگىتكە كۆرسىتىپ ‹ قانداق تونۇدۇڭمۇ؟›

-    دەپتۇ . ‹ ياق ، تونۇمىدىم › دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ يىگىت . ‹ياخشى !› دەپتۇ ئىبنى سىنا .

-    ئەتىسى ئىبنى سىنا يەنە شۇ خىزمەتكارىغا ئۈچ پىيالە شاراب بېرىپ توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ . خىزمەتكار توڭگۇز نېمىنى قىلسا شۇنى قىپتۇ ، پاتقاققا مىلەنسە مىلىنىپتۇ ، توپىدا ئېغىنىسا ئېغىناپتۇ . ئىبنى سىنا ئىچەرمەن يىگىتكە ‹تونۇدۇڭمۇ› دەپتۇ . ‹ ياق › دەپتۇ يىگىت . ‹ ياخشى› دەپتۇ ئىبنى سىنا كېيىن خىزمەتكارىغا تۆت پىيالە شاراپ ئىچۈرۈپتۇ ۋە مايمۇننىڭ قەپىسىگە كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ .

-    خىزمەتكار بىردەمدە مايمۇننىڭ ئۆزىلا بولۇپ قاپتۇ . ئىبنى سىنا ئىچەرمەن يىگىتكە ‹تونۇدۇڭمۇ › دەپتۇ . ‹ ياق تۇنۇمىدىم › دەپتۇ يىگىت . كېيىن ئىبنى سىنا يىگىتكە :

-    ھەممىسى بىر ئادەم ئىدى ، مەن ئۇنىڭ كىيىمىنى ئۆزگەرتتىم خالاس ؛ باشقا يېرى ئۇنىڭ ئۆزى شۇ . ئۇنى ئىچىلگەن شاراپ ئۆزگەرتتى . بىر پىيالىدە بۇلبۇل بولدى ، ئىككى پىيالىدە ئۆزىنى ئېيىققا ئوخشاش ھېسابلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشماقچى بولدى . ئۈچ پىيالىدە توڭگۇزغا ئايلاندى . تۆتىنچىسىدە ئۆزۈڭ كۆرگەندەك مايمۇندىن پەرقى قالمىدى . ھە ، سەنمۇ ئىچكەن چاغلىرىڭدا ئۇنىڭدىن بەتتەرراق بولاتتىڭ – دەپتۇ .

ئىچەرمەن يىگىت : ئەي ئۇلۇغ ھېكىم ، سەن مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچتىڭ ، بۇنىڭدىن كېيىن شاراپ ئىچمىگىنىم ئىچمىگەن . ۋەدىسىدە تۇرمىغان نامەرد دەپتۇ ۋە ئىبنى سىناغا رەھمەت ۋە ئاپىرىن ئېيتىپ قايتىپ كېتىپتۇ ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ ئىچىملىكتىن قول ئۈزۈپتۇ .
بۇ يازمىنى بۇ يەردە كەلتۈرۈشتىن مەقسەت مەيلى ياش يىگىتلەر بولسۇن ياكى تۇمشۇقىغا ئۆلۈم ھىدى پۇراۋاتقانلار بولسۇن ھاراق - شاراپتىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر .
تەڭرى قۇرئان كەرىمدە ھاراق ئىچىشنى زىنا قىلىش ، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش ، قىمار ئويناش بىلەن بىر قاتاردا سانانپ ئۇلار ھەقىقەتەن قەبىھ ، يىرگىنىشلىك ئىشلاردۇر دېگەن .



[kukyal بۇنى 2010-06-25 01:53 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: جەزىرە تور خاتىرىسى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: شاراپ ، ئەركەكلەر ،

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.