ئەر-خوتۇن جىمادا كىلىشەلمەي قالغاندا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك


يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش
ئەر-خوتۇن جىنسىي ھېسيات مەسىلىسىدە كىلىشەلمەي قالغاندا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟
مەن توي قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، لېكىن يولدىشىم بىلەن ھىسيات جەھەتتە كىلىشەلمەي ئاجراشماقچى بۇلۇپ تۇرۋاتىمىز، مىنىڭچە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يولدىشىمدا دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مەسلىھەت سوراپ بۇ ئويۇمنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىلىپ باقاي دىگەن.
بىز توي قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىرگە بۇلۇش ۋاقتىمىز شۇنداق قىسقا ھەتتا ئىككى مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ، يەنە دائىم مەندە ھىسيات قوزغۇلۇپ بولغۇچە يولدىشىم ئىشنى باشلاپ مىنى بەك بىئارامسىزلاندۇرۇپ قۇيىدۇ. مەن توي قىلىپ ئەزەلدىن بۇ ئىشنى مەنىلىك ھىس قىلىپ باقمىدىم. ئەكسىچە باغانسىرى بۇ ئىشتىن سەسكىنىدىغان بوپ قالدىم، نۇرغۇن توي قىلغان ئۆزەم دىمەتلىك دوستىلىرىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىسام ئۇلار بىلەن ئۆزەمنى ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنىدىغاندەك ھىس قىلىمەن. بۇ زادى مەندىكى پىسخىك ئاجىزلىقمۇ ياكى يولدىشىمدىكى ئەرلىك ئاجىزلىقمۇ؟ بۇنى 80خالتا تور بېتىدىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۈرۈش ئارقىلىق بۇنى ئەرلەردىكى مەنىي بالدۇر كىتىش كىسىلىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئۇنۇڭغا بۇ ئەھۋالنى ئىيتتىم بۇ ئۇققاندىن كىيىن ئۇمۇ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە ئالتە ئاي ئەتراپىدا داۋالاندى، بۇ ئالتە ئاي جەريانىدا بىزمۇ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتتۇق. لېكىن مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش. داۋاملىق قىلىدىغاننى قىلىپ پۇشۇلداپ ئۇخلىغىنى ئۇخلىغان ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يۇقۇردا ئېيتىقىنىمدەك ئۇنىڭدىن بىزار بۇلۇپ بىللە يېتىشنى خالىمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. ھازىرغىچە ئەر-ئايال ئىككىمىز ئورۇن ئايرىپ يېتىۋاتقىلى 7-8ئاي بوپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇمۇ تەشەببۇسكار بولمىدى. ئاخىرى بېرىپ بىز ئاجىرىشىپ كىتىش باسقۇچىغا بېرىپ قالدۇق. لېكىن مەن بۇنداقلا بەل قۇيۋېتىشنى خالىماي ئۇنى يەنە داۋالىنىشىنى ئويلاپ قالدىم. مەسىلىھەت بەرسىڭىز :
يولدىشىمكى بۇ ئەھۋال كىسەللىككە كىرەمدۇ؟ ئەگەر كىسەللىك بولسا قانداق ئۇسۇلدا داۋالانسا ياخشى بولار؟ مەن قانداق ماسلىشىشىم كىرەك؟
سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يۇقۇردا ئوتتۇرغا قويغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا مەسىلىنىڭ ماھىيتى سىزدىكى پىسخىك ئاجىزلىق مەسىلىى بولماستىن بەلكىم يولدىشىڭىزدىكى مەسىلە بولغان بولىدۇ.
يوشۇرۇن مەزمۇن يوشۇرۇن مەزمۇن
بۇ مەزمۇن ئاپتور تەرىپىدىن يوشۇرىۋېتىلگەن، پەقەت ئەزالارلا كۆرەلەيدۇ كىرىش | تىزىملىتىش

ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنىڭ مۇستەھكەم يېلتىز تارتىپ بىر ئۆمۈر بىرگە ياشاش شارائىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەر-خوتۇنلار جىسنىي تۇرمۇشتا ئورتاق ھېسيات ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىدىن قانائەتلىنىپ رازىمەنلىك، بەخىت تۇيغۇسىدا بولۇش ئىنتايىن موھىم بولغان بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر يولدىشىڭىزدا جىسمانىي جەھەتتىن كېسەللىك، ئاجىزلىق بولغىنىدا ئىدى 6 ئاي سىستېمىلىق داۋالىنىش جەريانىدا ئەسلىدىكى ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان بولاتتى. (ئەگەر دوختۇرنىڭ كېسەللىككە دىئاگنۇس قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسسۇلى توغرا بولغان بولسا) مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يولدىشىڭىزدا جىنسىيەتكە نىسبەتەن بەزى بىر پىسخىك توسالغۇلار ساقلانغان ۋە ياكى ئەر-خوتۇنچىلىق جىنسىيەت بىلىملىرى ھەققىدە ساۋادى كەمچىل، ئەزەلدىن سىزنى ھەم سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزنى چۈشۈنۈپ بېقىش ئىستىكىدە بولۇپ باقمىغان بولۇشىمۇ مومكىن. ئۇندىن باشقا دوستلىرىڭىزنىڭ ئائىلىۋى ئەر-خوتۇنچىلىق ھەققىدىكى پاراڭلىرى زىيادە مۇبالىغا قىلىنغان كۆپتۈرۈپ ئېيتىلغان سۆزلەر بولۇپ سىزگە نىسبەتەن پىسخىك بىسىملارنى ئىلىپ كەلگەن بولىشىمۇ مومكىن. نېمىلا بولمىسۇن بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلى بىلىش، ئەتراپلىق يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن يولدىشىڭىز بىلەن پاراڭلىشىشقا، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ. قايسى خىل ئۇسۇلدا داۋالانسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى شۇ چاغدا ئوبدان بىلگىلى بولىدۇ.
سىزنىڭ مۇشۇ ئۇچۇرنى يوللاپ بىزدىن مەسلەھەت ئالغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىدىنلا يولدىشىڭىزغا نىسبەتەن قوزغالغان بىزارلىقنىڭ تېخى ئاجرىشىش باسقۇچىغا يېتىپ بارمىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. لىكىن مەسىلە يەنىلا ھەل بولماي مۇشۇ ئىزىدا كېتىۋەرسە نىكاھىڭلارنىڭ ئاخىرلىشىپ قىلىشى مۇقەررەر.
سىزنىڭ يولدىشىڭىزغا ماسلىشىپ، قىلىپ بىرەلەيدىغان ئىشىڭىز - ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۆپرەك چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىش، يولدىشىڭىز ھەم ئۆزىڭىنى تەجىربىلىكرەك دوختۇر ياكى جىنسىيەت مەسىللىرىگە پىششىق كەسىپ ئەھلىلىرىگە كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ مەسلەھىتىنى ئىلىش ئارقىلىق جىنسىي تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا ماسلىشىشچانلىقنى قولغا كەلتۈرەلىشىڭلار مومكىن.
بۇ ھەقتە تور بېتىمىزدە ئىلان قىلىنغان <<ئەر-ئايال جىنسىي تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىشنىڭ ئۇسسۇللىرى>>دېگەن ماقالىنى ئەر-ئايال ھەر ئىككىڭلار تەپسىلىي كۆرۈپ ئۆزۈڭلاردا ساقلانغان مەسىللەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.
پىسخولوگىيە ھەم مۇرەككەپ تۇرمۇش مەسىللىرى ھەققىدە تەجىربە - بىلىشىمىزنىڭ كاملىقى سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە يەنە ئارتۇق بىر نەرسە ئېيتالمىغۇدەكمىز! جىسىيەت پىسخىكا بىلىملىرىگە پىششىق، تۇرمۇش تەجىربىسى مول بولغان، جاۋاب بىرىشىنى خالايدىغان تورداشلار بولسا تور بېتىمىزنىڭ <<پىسخكا ۋە ساغلاملىق>> سەھىپىسىگە يوللانغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. بۇ تېمىغا جاۋاب يېزىشنى خالىسىڭىز بۇ يەرگە ئىنكاس يېزىڭ!

________ بىرزات

قەشقەردىن سودىگەر تورداش يولۇچىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:

مىنىڭچە ئاراڭلاردىكى كىلىشەلمەسلىك يولدىشىڭىزنىڭ پەقەت ئۆزى بىلەنلا بولۇپ كىتىپ ،سىزنىڭ ھىسىياتىڭىزنى ئۆزىنىڭكىدەك مۇھىم ئورۇنغا قويمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن،يەنى جنسىيەت بىلىمىنىڭ كەمچىللىكىدىن كىلىپ چىققاندەك قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سز دوسلىرىڭىزنىڭ كۆپتۈرۈپ (چۈنكى ئاياللار يولدىشىنىڭ ئۈزىگە قىلىپ بەرگەن ھەرقانداق ئىشىنى باشقا دوسلىرىغا كۆپتۈرۇپ سۆزلەپ كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق)ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن يولدىشىڭىزغا ھەددىدىن ئارتۇق تەلەپ قويىۋاپسىز، بىرزات ئەپەندىم ئېيتقاندەك بىلىمىڭلارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ،ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرسەڭلار مەسىلە چوقۇم ھەل بوپ كىتىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن يولدىشىڭزدىن ئاجىرشىپ كىتىدىغان خىياللارنى ھەرگىز قىلماڭ ،يولدىشىڭىزنىڭمۇ غورورىنى ئويلىشىپ قويۇڭ ،ئاللاھ سەۋىرچان كىشلەرگە رەھمىتىنى ئايىمايدۇ،ئاللاھ ئەھۋالىڭلارنى بالدۇرراق ياخشى قىلىۋەتكەي!!!

تورداش قەھرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:

بالىڭىز بولمىسا ۋاختىدا ئاجىرىشىپ كىتىڭ. ئاللاھ ئىگەم بەندىلېرىگە ئاتا قىلغان ھەقلىق خۇشاللىقلاردىن بەھرىمان بولالماي قېرىپ كەتكەندىن ياخشاراق. ئەر كىشى بولغاندىكىن ئاجىزلىقىغا تەن بېرىپ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشنى قوبول قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە........

تورداش تېرىلدۈرۈش خانىمنىڭ ئىنكاسى:

ئامال بار يولدىشىڭىزغا ھەر تەرەپتىن كۆيۈنۈڭ!
قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى قىلىپ بىرىڭ. مەسلەن ؛ كەپتەر شورپىسى دىگەندەك.
مىللىي تىبابەتدىن بۆرەك قۇۋۋەتلەش دورىسى ئەكلىپ ئىچكۈزۈپ بىرىڭ. بىرزات ئەپەندىمنىڭ بىر قۇتىسى 100 سوملۇق بىر خىل دورىسى بار، 2ھەپتە ئىچىپ ئالاقە قىلسا بىر سائەتتىن ئۇشۇق ئالاقە قىلغىلى بۇلىدۇ.
ئامال بار شەھۋەت قوزغايدىغان كىنو-فىلىم كۆرمەڭ، ئۆيدە كومپىيوتىردا تورغا چىقدىغان ياش ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك سېرىق فىلىم كۆرۈپ شۇلاردەك ئالاقە قىلسامچۇ دەيدىغان ئاڭ بار.ھەممە ئادەمنىڭ تەن تۇزۇلىشى ئۇنداق كۈچلىك بولمايدۇ، چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇنداق كىنو ئىشلەيدىغانلىرى ئەپيۇن،كوكايىن،مورفىن ئىستىمال قىلۋېلىپ رول ئالدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالاقە ۋاقتى نورمال كىشلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن بۇلىدۇ.
ئېرىڭىزنىڭ مەنى بالدۇر كىتىشنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاڭ. ئىرىڭىزنىڭ زەكىرنى قايسى ئۇسۇل بولسۇن بوش غىدىقلاپ مەنى چىقىپ كىتىشتىن ئاۋۋال ھەركەتنى توختىتىڭ، بوشغاندا يەنە شۇنداق قىلىڭ. كۈندە 10 قېتىم مۇشۇنداق قىلىپ بەرسىڭىز يېرىم ئايغا قالماي مەنى بالدۇر كىتىش ئەھۋالى تۈگەيدۇ، ھەمدە ئالاقە ۋاقتىمۇ ئۇزىرايدۇ.

خوتەندىن تىجارەتچى تورداش ياسىننىڭ ئىنكاسى:

ئېرىڭىزنىڭ جىنسى تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسى ھەقىقەتەن كەمچىلكەن ،
بولسا ئاۋارىچىلىك كۆرمىسىڭىز ئېرىڭىزغا مۇشۇ ھەقتىكى بىلىملەرگە ئائىت كىتاپلارنى ئېلىپ بەرسىڭىز جەزمەن نەتىجىسى بولاتتى !
بولسا سىز ئېرىڭىزغا {نىكاھ ۋە جىنسى تۇرمۇش } ناملىق كىتاپنى ئېلىپ بېرىڭ شۇنى بىر قېتىم تەپسىلى ئوجۇپ چىقسا خېلى بىر نىمىلەرنى ئۆگۈنىۋالىدۇ ، سىزمۇ ئوقۇپ بېقىڭ !

بۇ ھەقتە تورداش نەشتەرى ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى:

ئادەتتىكى ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى بارلىق ھەركەتلەرنى ئاساسەن ئەرلەر تاماملىغاچقا،ئەرلەر بۇ جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماي،يەنە ئايالىنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق،ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا تەڭشەش(ئۆزگەرتىش)ئېلىپ بارىدۇ.ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيتى بىر قەدەر ئازراق بولۇپ،ئاياللار ئۆزىنىڭ پۈتكۈل خىيالىنى پەقەت پىسخىكا پائالىيتىگە ئاتاپ،جىنسىي ھۇزۇرلىنىشتىن بەھرىمان بولىدۇ ۋە جىنسىي ھۇزۇرلىنىشنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت دىگەن ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىسنىڭ ئىشى شۇنىڭ ئۇچۈن بىر تەرەپ مەسئۇلىيەتنى يەنە بىر تەرەپكە ئىتتىرىپ قويۇشقا ياكى قارشى تەرەپكە پىسخىكا جەھەتتە بىسىم پەيدا قىلىپ قويماسلىق كىرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال بولغۇچىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئەر تەرەپنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشىپ بىرىشى كىرەك.ئەرلەردىكى مەني بالدۇر كىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى پىسخىكا ئامىلىدىن بولىدۇ. بەلكىم سىز جىنسي مۇناسىۋەت جەريانىدا پەقەت ھۇزۇرلىنىشنىلا ئويلاپ ئىرىڭىز بىلەن ياخشى ماسلىشىپ بەرمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن.
تەكلىۋىم:1.سىلەر دائىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدىغان مۇھىتنى ئالماشتۇرۇپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.باشقا بىر مۇھىتنى تاللاپ شۇ مۇھىتتا ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى قويۇپ كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بىقىڭلار.چۈنكى جىنسىي تۇرمۇش دىگەن يىڭىلىققا مۇھتاج،ھەر قىتىم ئاشۇ ھۇجرىدا،شۇنداقلا ئاشۇ كارۋات ئۈسـتىدىكى ئاشۇ ئاق رەڭلىك كىرلىك ئۈستىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىۋىرىش ئادەمنى زىرىكتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
2.جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلۇڭلارنى(جىنسىي مۇناسىۋەت شەكلىنى)ئۆزگەرتىپ بىقىڭلار.يەنى ئىلگىرى سىز پەقەت ئوڭدا ياتىدىغان يولدىشىڭىز بولسا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىلىدىغان بىرلا خىل ئۇسۇلنى تاشلاپ،تىخىمۇ يىڭىچە بولغان ھەر ئىككىڭلار رازى بولغۇدەك ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ.بىر خىل يوسۇندىكى جىسىي ھەركەت ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.بۇنداق بىزار بولۇش ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپتە جىنسىي ئاجىزلىق شۇنداقلا جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئانچە قىززىقماسلىقتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.ئىرىڭىزگە كۆيۈش يىتەرلىك بولسۇن.چۈنكى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى بارلىق ھەركەتلەرنى ئاساسەن ئەرلەر تاماملىغاچقا،ئەرلەر بۇ جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدۇ.(چارچايدۇ).شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە يەنە بىر تەكلىۋىم:جىنسىي مۇناسىۋەتتىن 15مىنۇت بۇرۇن يىرىم چىنە ئىلىمان داغ چايغا ئىككى قوشۇق ھەسەل سىلىپ قوچۇپ يولدىشىڭىزغا ئىچكۈزۈڭ.
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تاماملانغاندىن كىيىنمۇ يەنە يىرىم چىنە ئىلىمان داغ چايغا ئىككى قوشۇق ھەسەل سىلىپ قوچۇپ يولدىشىڭىزغا ئىچكۈزۈڭ.بۇنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىماڭ!بۇنىڭ پايدىسى شۇكى يولدىشىڭىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئوڭايلا چارچاپ،ئاسانلا بەل قويۇۋەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.چۈنكى يولدىشىڭىز ئاسانلا چارچاپ قالسا پىسخىكسىدا جىنسى مۇناسىۋەتنى دەرھاللا توختاتماقچى بولىدۇ دە شۇنىڭ بىلەن پەقەت مەنىنى پۈركۈپ چىقىرۋىتىشنىلا ئويلايدۇ شۇنىڭ بىلەن مەنى بالدۇر كىتىدۇ.

ئەسكەرتىش: تورداشلارنىڭ پىكىرى پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي قاراشلىرى بولۇپ تور بېتىمىز بىلەن مۇناىسىۋېتى يوق.





[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:28 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي، مەنىي ھېسيات

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 10 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما[gulbaxikar][2011-10-10 01:32 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم،تولىمۇ خىجىلچىلىق ئىچىدە بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.مەن توي قىلغىلى 3يىلدىن ئاشتى،2ياشقا كىرگەن بىر قىزىممۇ بار.يولدىشىم بىلەن توي قىلغان 3 يىلدىن بۇيان ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئىزچىل تۈردە كېلىشەلمەي كەلدۇق.بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپنى يولدىشىمدا دەپ ئويلايمەن،چۈنكى ھەر قېتىم بىللە بولغاندا ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىلا مەركەز قىلىۋېلىپ،مېنىڭ ھىسسىياتىم بىلەن كارى بولمايدۇ.يېڭى توي قىلغان مەزگىلدە مەن بۇنى ئانچە ھېس قىلماپتىمەن،كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن تۇرمۇشىمىزدىكى بۇ ئاجىزلىقنى ئاستا ئاستا ھېس قىلدىم. بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېرىمنى تور بەت يۈزىدە چۈشۈرۈش نىيىتىم يوق،لېكىن قەلبىمدىكى راست سۆزۈمنى ئېيتسام،مەن ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن،ھەر قېتىم شۇنداق كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشىدۇ.ھەتتا بۇ خىل مۇناسىۋەتتىن كۆڭلۈم پۈتۈنلەي سوۋۇپ كەتتى دىسەممۇ بولىدۇ.بىللە بولۇش ۋاقتىمىزمۇ بىر مىنۇت ئەتراپىدا،بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا،ھەتتا بىر نەچچە سىكۇنتلا داۋاملىشىدۇ.تۈگىگەن ھامان ئۇيقۇسىنى باشلايدۇ.ھەر قېتىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپلا ھېچنىمىنى چاندۇرماي بىر نەچچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم.كىيىن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتىم،ئۇ بۇنى ئۆزىدىكى ئاجىزلىق دەپ قارىمايدىكەن.دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنسىمۇ نورمالكەن دەپتۇ،مەن مىللى تىبابەتتىن لوبۇبى كەبىر،ئىمساك قاتارلىق دورىلارنى ئەكىلىپ بەرسەممۇ دورىنى ۋاقتىدا يىگىلى ئۇنىمىدى،شۇ دورىلار ئۆيدە ھازىرغىچە توپا بېسىپ ياتىدۇ.سوغۇق نەرسىلەرنى ئۆلگىدەك يەيدۇ.نەسىھەت قىلساممۇ ئۈنۈمى بولمىدى.بىر يىلدىن بۇيان كەچلىرى ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇيقۇغا كېتىدۇ.ھەتتا ئايال كىشى تۇرۇپ مەن ئاكتىپ بولۇپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلساممۇ ئۇنىڭدا بىرەر ئىنكاس بولىدىغاندەك ئەمەس.تۇرمۇشتىمۇ گېپىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغان،بىللە تۇرسام بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.ھازىر ئۆيدە تېلىۋىزور ئۇنىڭ،كومپىيۇتېر مېنىڭ.ئۇ ئىشتىن كېلىپ تامىقىنى يەپ بولۇپلا تېلىۋىزورغا قاراپ ئولتۇرىدۇ،بىردەمدىن كىيىن ئۇيقۇسىنى باشلايدۇ،مەن تورغا چىقىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىمەن.بۇ تۇرمۇشنى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتۇراي دىسەم ئوماق قىزىمنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلىغۇم يوق.داۋاملاشتۇراي دىسەم ئەھۋال مۇشۇنداق.قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي بەكلا بېشىم قاتتى.
回复قايتۇرماaaaassssddddffff[2011-09-12 10:17 PM | del]
بىرزات ئەپەندىنىڭ تىرىلدۈرۈش ئىسىملىك تورداش ئىنكاسىدا تەۋسىيە قىلغان بىر قۇتىسى 100 سوملۇق  دورىسى قايسى دورا بولغىيتتى؟ بىر زات ئەپەندى ئېرىنمەي بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسا!!!!!!!!!!!

回复قايتۇرما一多花[2011-04-20 04:56 PM | del]
ئەسسھلھمۇ ئەلەيكۇم !مەن 4-ئاينىڭ 17-كۈنى بىر ئىشتىن مەسلىھەت سوراپ خەت يازغان ئىدىم،لىكىن .ۇنىڭ جاۋابىنى بىلەلمىدىم ،بەلكىم خاتا يوللاپ قالغان ئوخشايمەن ،ئادەتتە مەسلىھەت سوراپ قانچىلىك ۋاقىىتتىن كىيىن جاۋابىنى قۇبۇل قىلىلالايمەن،خاپا بولماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم  1397043445
回复قايتۇرماsali[2010-10-05 12:43 AM | del]
ئەر-ئايال جىنسىي تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىشنىڭ ئۇسسۇللىرى>>دېگەن ماقالىنى نەدىن ئىز دىسەك بولىدۇ.بۇمەسىلنى مەن ئىچ تا پال مىدىم غۇ          
مەن مۇ پايدىلىناي دىگەن !!!!!!؟؟؟؟؟؟؟؟
回复قايتۇرماkaklk[2010-08-21 02:03 PM | del]
بىرزات ئەپەندىنىڭ تىرىلدۈرۈش ئىسىملىك تورداش ئىنكاسىدا تەۋسىيە قىلغان بىر قۇتىسى 100 سوملۇق  دورىسى قايسى دورا بولغىيتتى؟ بىر زات ئەپەندى ئېرىنمەي بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسا
مەن بۇ دوردىن سېتۋالاي دىگەن      
回复قايتۇرماچالىقۇش[2010-08-20 07:46 PM | del]
ئەر-خوتۇن جىنسىي ھېسيات مەسىلىسىدە كىلىشەلمەي قالغاندا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟
مەن توي قىلغىلى بۇيىل 1يىل بولدى ،لېكىن ھازىر غىچە پەرزەنتىم يوق ، يولدىشىم بىلەن ھىسيات جەھەتتە كىلىشەلمەيبەزىدە ئۇرۇشۇپمۇ قالىمىز مىنىڭچە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئىككى دەپ ئويلايمەن ،بىرىنچىدىن مەن توي كېىسى ئاغرىپ قىلىپ توي كىچىسىنى كىيىن ئۆتكۈزگەن شۇكۈنىمۇ توي كېچىسى پەقەت ماسلىشالمىغان ئىدۇق ،مەن پەقەت يولدىشىمغا ماسلاشماي ئوڭدىسغا يېتىۋىلىپ پەقەت ماشلاشمىدىم ھەم قورقىمەن دەپ تۇرۋىلىپ يىغلاپ تۇرۋىلىپ تۇرۋالدىم ،يەنە بىرسى يولدىشىم تا ھازىرغىچە يول قويۇپ ماڭا ئانچە بېسىم قىلمايدۇ پەقەت  سىز ماسلىشىپ بەرسىڭىز پەرزەنتىمىز بۇلۇپمۇ قالار ئىدى دەپلا قويىدۇ ،مەن بەزىدە مەن بۈگۈن چوقۇم ياخشى ماسلىشىمەن دەپ ئويلايمەن لېكىن ئىش باشلىنىپ بولغىچە مىنىڭ پۈتۈن بەدىنىم چىڭۋېلىپ يولدىشىمغا پەقەت مازلاشمايمەن مىنىڭ پۈتۈن نىرۋام تۇرمۇزلىنپ قالىدۇ ،يولدىشىممۇ بەزىدە ئاچچىقلاپ ماڭا گەپ قىلماي يېتىۋالىدۇ بۇ مەندىكى پىخسىكا ئاجىزلىقۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ؟. شۇڭا مەسلىھەت سوراپ بۇ ئويۇمنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىلىپ باقاي دىگەن.ئىككىنچى بىرسى بىز توي قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىرگە بۇلۇش ۋاقتىمىز شۇنداق قىسقا ھەتتا ئىككى مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ، يەنە دائىم مەندە ھىسيات قوزغۇلۇپ بولغۇچە يولدىشىم ئىشنى باشلاپ مىنى بەك بىئارامسىزلاندۇرۇپ قۇيىدۇ.مەنىيمۇ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ ، مەن توي قىلىپ ئەزەلدىن بۇ ئىشنى مەنىلىك ھىس قىلىپ باقمىدىم.داۋالىنىڭ دىسەم سىز ماڭا ماسلىشىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ دەيدۇ ئەسلى بۇ گەپنى سورىمىسام بولاتتى لىكىن ھەممىىز ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەر بولغاچقا سىلىدىن مەسلىھەت سوراي دېدىم ،مەسلىھەتلىرىنى ئايىمىغايلا ،ماڭا پىخسىكىدىن ئازراق ساۋات بەرگەن بولسىلا قانداق قىلسام يولدىشىمغا ماسلىشالايمەن ،دىگەن يىرىدىن چىقالايمەن
回复قايتۇرماabdu[2010-08-17 00:21 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!                                                                                                              مەندە مەنى تېز كېتىش بار،بۇنى داۋالاشنىڭ ئاسان،ۇنۇملۇك ۇسولى ياكى ۇنۇملۇك دورىلىرى بارمۇ؟ بۇ جەھەتتە  مەسلىھەت بەرسىڭىز!!!!
回复قايتۇرما开心1120[2010-06-24 01:31 PM | del]
تېرىلدۈرۈش خانىمنىڭ  说的是什么药 可以说说嘛
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-24 01:16 PM | del]
ئۇ تورداش رېتسىپىنى ئۆزۈم تۈزۈپ تەييار قىلغان مەجۈنى ئىمساكنى دېمەكچى بولسا كېرەك. ئاۋۇ ئىنكاسىدا سەل مۇبالىغە قىلىۋېتىپتۇ، ھەممىلا ئادەمدە ئۇنچىۋالا يۇقۇرى تەسىر بىرىشى ناتايىن. لىكىن ئۇنىڭ تەسىرى نېرۋىنىڭ زىيادە جىددىيلىشىشىنى پەسەيتىپ پەي مۇسكۇللارنىڭ تۇتۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تەسىرى بار.
بۇنى ھەم مەنى تېز كېتىشنىڭ سەۋەبىگە قارىتا مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
回复قايتۇرما/udun[2010-06-24 12:45 AM | del]
بىرزات ئەپەندىنىڭ تىرىلدۈرۈش ئىسىملىك تورداش ئىنكاسىدا تەۋسىيە قىلغان بىر قۇتىسى 100 سوملۇق  دورىسى قايسى دورا بولغىيتتى؟ بىر زات ئەپەندى ئېرىنمەي بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسا!!!!!!!!!!!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.