تىرناققا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى



تىرناق-زىچ مۈڭگۈزلەشكەن ئېپىتېلىيىدىن تۈزۈلگەن، قولۋە پۇت بارماق ئۇچىنىڭ ئۈستى تەرىپى ياپىلاق، ئىككى تەرەپكە ئىگىلگەن، يېرىم سۈزۈك ھالەتتە بولىدۇ.
تىرناق-تىرناق پىلاستنكىسى ۋە تىرناق يېلتىزىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تېرىدىن سىرتىغا كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسىمى تىرناق پىلاستنكىسى، تېرە ئىچىدە كۆمۈلۈپ تۇرغان قىسىمى تىرناق يېلتىزى دەپ ئاتىلىدۇ. تىرناق پىلاستنكىسىنىڭ تۈۋىدە يېرىم ئاي شەكىللىك ئاقارغان رايۇن بولۇپ، تىرناق يېرىم ئايى دەپ ئاتىلىدۇ، قول تىرنىقىنىڭ ئۆسۈشى پۇت تىرنىقىنىڭكىدىن تېز بولۇپ،كۈنىگە0.1 مىللىلىتىر ئۆسىدۇ.تىرناق بەدەن شەكىلىگە گۈزەللىك بېرىش، تېرىنى قوغداش، بارماق ئاخىرىقى ئۇچلىرىنى بېسپ تۇرۇش ئارقىلىق بارماق ئۇچىنى قوغداش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.
تىرناققا زىيانلىق ئامىللار
1. تىرناق ھەرخىل زەخمىلىنىشلەر، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، كىسىلىپ كېتىش، يېرىلىپ كېتىش قاتارلىق زەخمىلىنىشلەر سەۋەبىدىن شەكىلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ياكى پۈتۈنلۈكى بۇزۇلۇپ،تىرناق گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ.
2.ھەرخىل خىمىيىلىك دورىلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش سەۋەبىدىن تىرناق چىرىش، بۇزۇلۇش كىلىپ چىقىدۇ.
3.تىرناقنى ۋاقتىدا ئالماسلىقمۇ تىرناق گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
4.تىرناقنى ھەرخىل رەڭدە سۈنئىي خېنىدا بوياپ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

تىرناقنى ئاسراش تەدبىرلىرى
1. تىرناقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرۇش لازىم.
2. تىرناقنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇش، تىرناق يېرىلىش، قۇرغاقلىشىش، چىرىش كۆرۈلسە خېىنە يېقىش ياكى سىلىقلاشتۇرغۇچى، تىرناق ئۆسۈشكە ياردەم بەرگۈچى ياغلاردا ياغلاش لازىم.
3.خىمىيىلىك كىسلاتالىق بويۇملار بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا تىرناقنىڭ زەخمىلىنىشىدىن، بارماق ئۇچىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش، ئامال بار سۇلىياۋ پەلەي كىيىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش كېرەك.
4.تىرناقنى زەيتۇن يېغىدا ياغلاش، خېىنە ۋە گىرىم بويۇملىرىدا زىننەتلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاسراش لازىم.



[Birzat بۇنى 2010-07-10 10:34 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تىرناق ئەزالار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماleili[2010-07-10 11:15 PM | del]
بۇ تور بەتتىكى رەسىملەر نىمانداق چىرايلىق، مەزمۇنلىرىغا شۇنداق ماس كەپتۇ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.