ئۆپكە تېبىركوليۇز بىمارلىرى كېسەلدىن ساقايغىچە توي قىلسا بولمامدۇ؟




ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، مەن 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا قان تۈكۈرۈش، نەپەس ئالسام مەيدەم ئاغرىش سەۋەبىدىن ،دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتكەن ئىدىم ،دوختۇر ئۆپكە تىبىركىلىيۇزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىيتتى ، 45كۈندەك بولدى دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس شۇنىىڭغا قارىتا چىقارغان ھەقسىز دورىسىنى ئىچىۋاتىمەن، مەن ئىچىۋاتقان دورا جىگەرگە بەك زىيان قىلىدىكەن ،جىگەرنىڭ ئىسسىق ئىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن جىگەرنىڭ دورىسىنىمۇ تەڭ ئىچىپ كىلىۋاتىمەن ،ئىچكەندىن كىيىن قان تۈكۈرۈپ باقمىدىم نەپەس ئالسام مەيدەممۇ ئاغرىماس بولدى . لىكىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام دوختورخانىنىڭ دورىسىنى ئىچىپ ئۈنۈم بولمىغانلارمۇ باركەن . مەنغۇ ياخىشى بولغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن ، كۈندە بىرۋاغ چامغۇر، سەۋزە، گوتۇ بىلەن شورپا ئىچىمەن، دورىنى ئىچكەندىن كىيىن 2ھەپتىگە يىقىن قوسىغۇم ئىچىپ توختىماي يەپ تۇردۇم ،لىكىن بىرھەپتە بولدى ،قوسىغۇم ئانچە ئاشماس بولدى ،ئاچسىمۇ يىگىم كەلمەيدۇ پەقەت سۇلۇق نەرسىلەرنىلا ئىچكىم كىلىدۇ(قايناق سۇ، چاي،مىۋە دىگەندەك)،شۇرپىنى 1ئايغا يىقىن ئىچتىم ئىچسەم كۆڭلۈم ئىلىشمايتى ،ھازىر كۆرسەملا كۆڭلۈم ئىلىشىپ كىتىدۇ چامغۇرىنى ئاغزىمغا سالغۇچە ھۆ تۇتۇپ كىتىتۇ ، يىمەي دىسەم ئۆزۈم بەك ئاجىز دورىنى ئىچكەندىن كىيىن چوقوم قوۋەتلىك يىمىسەم بول مايدىكەن ،يەي دىسەم بىر كۈن ئاشقازنىم قىزىپ بىئارام بۇلۇپ كىتىمەن ، نىمىشكە شۇنداق بولىمەن؟ دوختۇرخانىنىڭ دورىسىنى ئىچسەم تەل تۈكۈس ساقىيىپ كىتەرمەنمۇ؟ يەنە قوزغۇلۇپ قالارمۇ؟ ئەللەي ۋاختىمدا مىنىڭ ئۆپكەمگە سوغ ئۆتۈت بەلنىىستىمۇ يىتىپتىكەنمەن . ئۆزۈمنىڭ ئىمۇنىت كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن يەنە قوزغۇلۇپ قىلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن، 2،3يىلدىن كىيىن توي قىلىپ قىلىشىم مۇمكىن(ئاللا خالىسا). بۇلار مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا تەسىر قىلارمۇ؟ پەرزەنتلىك بولۇشۇمغا تەسىر قىلارمۇ؟كىيىن بالامغىمۇ ئىرسىيەت بولوپ قالارمۇ ؟ كىچىكىمدىنلا بىر ئاغرىقچان بىر قىز ئىدىم ئاپام دادامدا بار كىسەلنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مەندىمۇ بار ،يۇرۈكۈم بەك سالىدۇ،سول كۆكسۈم نەپەس ئالغاندا پىچاق تىققاندەك ئاغرىيدۇ ، نىرۋام سەل ئاجىز بىشىممۇ كۆپ ئاغرىيدۇ، رىماتىزىممۇ بار كۆپ يول يۇرەلمەيمەن بولمىسا تىلىپ ئاغرىپ ئەتىسى يەل تۇرۇپ كىتىدۇ، ئۆزۈم ئورۇق تەرەققى قىلىشقا تىگىشلىك يەرلىرىم تىخى تەرەققى قىلمىدى ،بولارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاتا -ئانامدا بار ، دادام بۇرۇن تىبىركىلىيۇز بولغان ئەمدى مەن شۇ كىسەل بىلەن داۋالىنىۋاتىمەن .
شۇڭلاشقىمىكىن كىيىن بالامنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قىلىشىنى پەقەت خالىمايمەن .
كەچۈرسىز بەك كۆپ سۆزلىتىپ قالدىم . ماڭا مۇشۇلار ھەققىدە ئازراق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت .

جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام:
ئۆپكە تىبىركوليۇز كىسىلى بولسا نەپەس يولى يەنى ھاۋا ئارقىلىق تىبىركوليۇز تاياقچە باكتىرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقتىن بولىدىغان يۇقۇملۇق كىسەللىك. بۇ خىل كىسەللىك كۆپىنچە ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرىدا كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر بەدەندە كىسەل قوزغاتقۇچى باكتىرىيەنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى بەدەن ئاجىز بولسا ياكى بەدەننىڭ سەزگۈرلۈكى بەكمۇ ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا تىبىركۇليۇز باكتىرىيىسى قان، لىمفا ئارقىلىق بەدەننىڭ باشقا ھەرقايسى ئەزالىرىغا يۆتكىلىپ ماس ھالدىكى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان بر خىل كىسەللىك . مەسىلەن سۆڭەك تىبركوليۇزى، ئۈچەي تىبىركوليۇزى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى تىبىركوليۇزى، تىبىركوليۇز خاراكتىرلىق قوڭساق پەردە ياللۇغى، تىبىركۇليۇز خاراكتىرلىق كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش دىگەندەك.

ئۆپكە تىبىركوليۇزى بولغان دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بولسا ، سىز دوختۇر بەرگەن دورىنى سىستىمىلىق، ئۈزۈپ قويماي تەخمىنەن 9 ئاي ئەتراپىدا يەڭ، ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ھەقسىز دورا يىمەستىن قىممەترەك بولسىمۇ پۇللۇقىنى ئېلىپ يەڭ.(利富喷丁胶囊تاپالىسىڭىز ئۈنۈمى بەكرەك ياخشى) قىممەترەكىنىڭ جىگەرگە بولغان ئەكىس تەسىرى تۆۋەنرەك، ھەم دورا يىيىش مۇددىتىنى نىسبەتەن قىسقارتقىلى بولىدۇ. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ئۈرۈمچىدىكى ئۆپكە كىسەللەر دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرۈنۈپ داۋالىنىش لايىھەسىنى تۈزگۈزۈڭ ھەم شۇ بويىچە داۋالىنىڭ. دورا يەپ داۋالىنىش جەريانىدا ھەر ئايدا بىر جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ، ناۋادا جىگەرگە زىيان يەتكەن ئەھۋال بولسا مەسئۇل دوختۇرغا دەپ دورىنى تەڭشىتىڭ.
يۇقارقى ئەھۋالغا قارىغاندا سىزدە جىگەرنىڭ ئىقتىدارىدا مەلۇم مەسىلە كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ. شۇڭا دەرھال تەكشۈرتۈپ دورىڭىزنى قايتا تەڭشىتىڭ.
تبىركوليۇز ئۈزۈل _ كېسىل ساقايدى دىيىلگەنگە قەدەر توي قىلىشنى ھازىرچە ئويلاشماڭ. ئەگەر توي قىلىش زۆررىيىتى تۇغۇلغاندا بىرەر مەزگىل بالىلىق بولماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
خەير ، كېسىلىڭىزگە ئاللاھ شىپالىق بەرگەي !
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەھىپىسىدىن:
ئۆپكە سىلى (تۇبېركوليۇزى ) نى داۋالاش ھەققىدە
ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى 肺结核 tuberculosis of lunge
قاتارلىق تېمىلارنى كۆرۈپ پايدىلانغايسىز!
________________ سەفىيە






[Birzat بۇنى 2010-07-10 10:34 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تۇبوركوليۇز

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماyellar[2011-07-25 03:49 PM | del]
ياخشىمۇ سىز؟بىرزات ئەپەندىم !سىزدىن سورايدىغان سۇال  بارئدى.( پىكىر دەپتىرى ۋاقتىنچە تاقالدى!)دەيدۇ.پىكىر دەپتىرىنى قاچان ئاچىسىز؟؟؟؟؟....چ چ؛1773017760 ...ياكى....1773017760@qq.com
回复قايتۇرماmhrigul[2010-12-07 11:42 AM | del]
مەن 1 يىلدەك بولۇپ قالدى بۇيۇن قىسمىمغا 3 تال بەز پەيدا بولۇپ قالدى، دوختۇرخاندا تەكشۈرتسەم لىمفا تىبىركىليوز دەيدۇ، داۋالاندى، مىللى تىبابەتتىن دورا يىدىم ھىچ ئۈنۈمى بولمىدى، يا كىچىكلىمىدى، يا چوڭلىمىدى، يا ئاۋۇپ كەتمىدى، قانداق قىلشىمنى بىلمەي قالدىم، سىزنىڭ بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماmhrigul[2010-11-15 11:01 AM | del]
مەن 1 يىلدەك بولۇپ قالدى بۇيۇن قىسمىمغا 3 تال بەز پەيدا بولۇپ قالدى، دوختۇرخاندا تەكشۈرتسەم لىمفا تىبىركىليوز دەيدۇ، داۋالاندى، مىللى تىبابەتتىن دورا يىدىم ھىچ ئۈنۈمى بولمىدى، يا كىچىكلىمىدى، يا چوڭلىمىدى، يا ئاۋۇپ كەتمىدى، قانداق قىلشىمنى بىلمەي قالدىم، سىزنىڭ بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماmirzat[2010-09-23 11:53 PM | del]
ياخشىمۇسىز! ەيدىز كىسىلىنى دوختۇرخانىدا قان تەكشۈرتۈش بىلەن بىلگىلى بولامدۇ؟ رەخمەت سىزگە!
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-09-24 11:52 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنى دېگەندەك ئورۇن ياكى چوڭراق دوختۇرخانىلاردا قان تەكشۈرتۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.