كۈندە 5 رېتسىپ (2) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]



1.رېتسىپ: تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، دىمى سىقىلىىغان ئادەمگە ئىچۈرسە، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ.
2.رېتسىپ : توغراق يىلىمىنى يۇمشاق سوقۇپ بۇغۇزغا قۇمۇش بىلەن پۈركۈپ بەرسە دەم سېقىلىش ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ.
3. رېتسىپ: توغراق سۈيىنى بىر قانچە ئاي ئىچىپ بەرسە ئاشقازان مەيدە ئىچىشىش، كۆپ كېكىرىش، تاماق سېڭمەسلىك قاتارلىق سوغۇق يەلدىن بولغان ئاشقازان كېسەللىكلىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.  
4.رېتسىپ: كىمىكى كېچىسى ياخشى كۆرمىسە ( نامازشام قارغۇسى بولسا ) قارا ئۆچكىنىڭ يىتىم جىگىرىنىڭ ئىچىگە قارامۇچ سېلىپ ئوتقا كۆمۈپ، كۆپىگىنى ئېلىپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كېچىسى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.
5.رېتسىپ: كۆز غۇۋالىشىپ كۆزدىن سوغاق ياش كۆپ ئاقسا، كالا ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كۆز ئېنىق كۆرىدىغان بولىدۇ.

ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. 80خالتا بلوگ ئەسەرلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ. ئەگەر بۇ تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز!!



[Birzat بۇنى 2010-07-12 08:40 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماBirzat[2010-07-11 03:07 PM | del]
توغراق يېلىمى توغرىغۇ شۇ. توغراقنىڭ يېرىق، ئاراچلىرىدىن چىقىدۇ. بۇ تېبابىتىمىزدىكى مەشھۇر دورا جاۋارىش كۇمىنىنىڭ ئاساسلىق ماتىريالى.
ئاشقازان ياللۇقىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۆت ياللۇقىغىمۇ مۇئەييەن پەنپەئىتى بار ئىكەن.
回复قايتۇرماYuksel[2010-07-11 02:00 PM | del]
توغراقنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم چاغلىق ئىكەن.
ئەمما، توغراقنىڭ ئادەمنىڭ پسىخىكىسىغا ۋە خاراكتېرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەققىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگىمەن. ئۇزۇن يىل توغراقلار بىلەن بىرگە ياشىغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىدە توغراقتەك چىداملىق، سەۋرىچان، تۈز خاراكتېر يېتۈلدۈرگەن. ئۇلار ئۆزلىرى ئارىسىدىكى پەزىلەتلىك ئېسىل كىشىلەرنى، راستچىل ، تۈز ، سەمىمىي كىشىلەرنى << توغراقتەك ئېسىل ئادەم >> ، << توغراقتەك تۈز ئادەم >> .... دەپ تەرىپلىشىدۇ.
回复قايتۇرماshagit[2010-07-10 11:21 PM | del]
توغراق يېلىمى دېگەن توغرۇغا شۇمىدۇ يا؟
回复قايتۇرماtemkin[2010-07-10 11:08 PM | del]
يامغۇر ياققاندا قېرى توغراقنىڭ كاۋىكىدىن بەك كۆپ توغراق سۈيى ئالغىلى بولىدۇ دەيدىغۇ ھا ھا ھا چاخچاق. تۈۋىنى كولاپ غول يېلتىزدىن بىرەرنى كېسىپ ئاستىغا قاچا قويۇپ قويسا بىر تامچىدىن چۈشۈپ بەك ئاستا توشىدۇ دەيدۇ.
回复قايتۇرماىستاكان[2010-07-10 11:04 PM | del]
ئىشەنچلىك توغراق سۈيىنى قەيەردىن تاپىدۇ؟ توغراقنىڭ سۈيى دەرەخنىڭ قەيەرىدىن، قانداق ۋاقىتتا ئىلىنىدۇ، مارالبىشى، مەكىتلىك تورداشلار بولسا چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار. ماڭا بەك لازىم ئىدى.
2-3 يىلنىڭ ئالدىدا بىرسىنىڭ مۇشۇ توغراق سۈيىنى قاچىلاپ مەسۇلات ئىشلىمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ما يېقىنغىچە ئاڭلاپ باقمىدىم.
回复قايتۇرماtemkin[2010-07-10 11:00 PM | del]
توغراق سۈيىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شىپاسىە كاتتا ئىكەن. ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ توغراق سۈيى ئىچكەن مەكىتلىكلەر قىش-قەھرىتاندىمۇ مەيدىسىنى ئوچۇق قويۇق توڭلىماي يۈرۈيدۇ دەيدىغان بىر بايانلارنى ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم. ياشاش كىلىمات موھىتى ئىنتايىن ناچار بولغان قۇملۇقتا مەزمۇت تۇرالايدىغان خۇسۇسىيەت بولغان ئىكەن. ئۇنىڭدا دورىلىق خۇسۇسىيەتلەرمۇ كۆپ بولىشى مومكىن. توغراق سۈيىنىڭ بىرسىنىڭ پۇت ئاغرىقىغىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.