曲马多 (چۇمادو) بىلەن ئاخىرلاشقان ھايات!!



ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، تور ئەھلى. چۇمادونىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر يېگىتنىڭ ماڭا ( 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى ) غا يازغان خېتىنى ئالدىنقى قېتىم ھەر قايسى مۇنبەرلەردە ئىلان قىلغاندىن كىيىن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ يۈكسەك دېققىتىنى تارتىپ تېلفۇنلار قىلىشتى. بەزى گېزىتخانىلاردىن تېلفۇن قىلىپ ياشلاردىكى 曲马多 (چۇمادو) دېگەن دورىغا خۇمار بولۇپ قىلىش مەسىلىسىنىڭ تەخىرسىز بىر ئىش ئىكەنلىكىنى . بۇ ھەقتە گېزىتتە تەپسىلىيرەك بىر پارچە ماقالىنىڭ يېزىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بايان قىلىشقان ئىدى.
تور ئارىلاۋېتىپ بىر تورداشنىڭ بۇ ھەقتە يازغان بىر ئىچىنىشلىق مەلۇماتىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر تۆۋەندىكىچە:

بۈگۈن2009-يىل1-ئاينىڭ18-كۈنى.(يەكشەنبە)،بامدات نامىزىغا چىققان كەڭ جامائەت نامازدىن كىيىن مىيىت نامىزى بارلىقىنى بىلىپ،بىرلىكتە ئالتۇنلۇق مەسچىت تەرەپكە يول ئالدى. يولدا كىتىۋاتقاچ بۇ مىيىتنىڭ تېخى ئەمدىلا 17ياشقا كىرگەن بىر ئوغۇلنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ دۇنيادىن بالدۇرلا كىتىپ قالغىنىغا تولىمۇ ئەپسۇسلاندى. مىيىت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىدىغانلار، بۇ بالىنىڭ ئۇشتۇمتۇتلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، بالىدا بىرەر كىسەللىك ئالامىتىنىڭ يوقلۇقىنى، لىكىن رەھمەتلىك جەمىيەتتىكى بىرقىسىم يامان نىيەتلىك بالىلار بىلەن تولا باردى-كەلدى قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلار بىلەن ئىچ قويۇن، تاش قويۇن بولۇشۇپ ناتوغرا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، بولۇپمۇ曲马多دىگەن دورىنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
كەچلىك تاماقتىن كىيىن دادام تۇرۇپلا مەندىن:«ھازىر ياش بالىلارنىڭ ئارىسىدا دورا يەيدىغان ئىش بارمۇ؟»دەپ سوراپ قالدى. مەن بۇنىڭغا قارىتا نىمە بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ دەپ سورىسام دادام بۈگۈن ئەتتىگەن بامدات نامىزىدىن كىيىن بىر بالىنىڭ نامىزىنى ئوقۇغانلىقىنى، ئۇ بالىنىڭ شۇنداق دورا يەپ تۇيۇقسىزلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئىيتىپ ئۆتتى.مەن دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھازىر كۆپلىگەن بالىلار ئارىسىدا(مەن بۇيەردە«كۆپلىگەن بالىلارئارىسىدا»دىيىشىمدىكى سەۋەپ:مەن يىقىنقى 1~2يىل جەريانىدا يەكەندە تورخانىدا ئۇشتۇمتۇت ھۇشىدىن كىتىپ قىتىشىپ قالىدىغانلارنى تولا ئۇچراتتىم. بۇنداق ئەھۋال تولا داۋاملىشىۋەرگەندىن كىيىن مەن مەھەللىدىكى جەمىيەت ئوينايدىغان بالىدىن بۇ ئىشنىڭ曲马多دىگەن دورىنىڭ كارامىتى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.)بۇنداق دورا يەيدىغان ئادەتنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغانلىقىنى بولۇپمۇ 16~20ياشقىچە بولغان بالىلاردا بەكرەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدىم. دادام تەكرار سۇئال سوراۋەرگىلى تۇردى. مەن گەپنى ئۇيان-بۇيانغا بۇراپ سىرتقا چىقىپ كىرەي دەپ ئۆيدىن چىقتىم-دە كوچا ئېغىزىغا چىقىپ، تاماكامدىن بىر تال چەككەچ ، مىنىڭ بىر يىقىن دوستۇم ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
2009-يىل 1-ئاي



[Birzat بۇنى 2010-07-12 06:39 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: چۇمادو ، ئۆلۈم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماblicfan[2011-01-10 03:38 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

يۇكسەل بىلوگىدىكى  "چۇمادو"نىڭ زىيانكەشلىكىدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟  دىگەن 80 خالتا بىلوگىغا ئۇلىنىش قىلىنغان تېما نىمىشقا ئىچىلمايدۇ ؟  http://www.yuksel.me/133.html

مەقسىتىمنى ئۇدۇللا دەۋېرەي  "چۇمادو"نىڭ زىيانكەشلىكىدىن زادى قانداق قىلغاندا قۇتۇلغۇلى بۇلىدۇ ؟
ئەتراپلىق سېستىمىلىق داۋالىنىش كېرەكمۇ، ياكى قەتئې ئىرادىگە كىلىپ يىمەسلىك كېرەكمۇ ، نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك .  تەپسىلى جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز .

رەخمەت سىزگە !

نىمىشقا ھازىرغىچە بۇ سۇئال جاۋاپسىز قالدى ؟

回复قايتۇرماblicfan[2010-12-10 04:07 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

يۇكسەل بىلوگىدىكى  "چۇمادو"نىڭ زىيانكەشلىكىدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟  دىگەن 80 خالتا بىلوگىغا ئۇلىنىش قىلىنغان تېما نىمىشقا ئىچىلمايدۇ ؟  http://www.yuksel.me/133.html

مەقسىتىمنى ئۇدۇللا دەۋېرەي  "چۇمادو"نىڭ زىيانكەشلىكىدىن زادى قانداق قىلغاندا قۇتۇلغۇلى بۇلىدۇ ؟
ئەتراپلىق سېستىمىلىق داۋالىنىش كېرەكمۇ، ياكى قەتئې ئىرادىگە كىلىپ يىمەسلىك كېرەكمۇ ، نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك .  تەپسىلى جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز .

رەخمەت سىزگە !

回复قايتۇرما香妃[2010-11-03 05:37 PM | del]
我不会写维语字所以写汉字我想用你们的药克不知道怎么买
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.