曲马多 (چۇمادو) قانداق دورا؟ Tramadol ياشلارنىڭ باھارىغا سايە تاشلىماقتا


بىر قىسىم تورداشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا 盐酸曲马多 نى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتەك ناچار خاھىشنىڭ ئەدەپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىپ، نەزىرىمىزنى ئۇشبۇ ئىشقا ئاغدۇرۇشقا چاقىرماقتا.
خوش، ئۇنداقتا ، بىر قىسىم ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز نېمە ۋەجىدىن مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلىشىدۇ ؟
ئالدى بىلەن بىز 盐酸曲马多 ئاتلىق بۇ دور بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:
Tramadol Hydrochloride ( يەنسۈەن چۈمادو 盐酸曲马多 ) نىڭ تەسىرى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، كلىنىكىدا ئاساسلىقى يامان سۈپەتلىك ئاغرىقلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىق، راك كېسەللىكىدىكى ئاغرىق، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق قاتارلىق. بۇ دورا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى دور ھېسابلىنىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دورىنى نورمال ئادەم كۈنىگە 200 مىللىگىرامدىن ئۇدا 6 ئاي ئىستېمال قىلسا، بو دورىغا قارىتا ئورگانىزمدا تاينىشچانلىق ( 药物依赖 ) پەيدا بولۇپ، دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئەگەر كۈنىگە 300 - 400 مىللىگىرام ( 6 - 8 تال ) دىن ئۇدا 2 ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىستېمال قىلسا، ئېىغر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، نەپەس يولى سىستېمىسى فۇنكىسىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئورگانىزىمدا دورىغا قارىتا بەرداشچانلىق ۋە تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ ھەمدە باشقا قوشۇمچە ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر دورىنىڭ خۇمارلىقى ( كىشىنى ئۆزىگە خۇمار قىلىپ قويۇش دەرىجىسى ) باشقا زەھەرلىك بويۇملارغا قارىغاندا ئاجىزراق ۋە بۇ خىل تەسىرى ئاستراق بولسىمۇ، مەلۇم مەزگىل ئۇدا ئىستېمال قىلغاندا خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئۇرۇشقاق، يالغانچى، چېچىلاڭغۇ، لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن.
盐酸曲马多 غا خۇمار بولۇپ قېلىش ھادىسىسىگە يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدىغان 5 چوڭ دورىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. دۆلەت ئىچىدىمۇ بۇ دورىنى دورىخانىلاردا قالايمىقان سېتىشنى، بولۇپمۇ رىتسىپسىز سېتىش ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشنى قاتتىق چەكلىگەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇ جايدىكى، بۇ دورىنىڭ ئاغرىق توختىتىش تەسىرىدىن باشقا مەلۇم دەرىجىدە روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىمۇ بار بولۇپ، بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، كىشى مۇئەييەن دەرىجىدە روھلىنىپ، ئۇيقۇسى قېچىپ، كىشى قورساق ئاچقاننى، ھارغان - تالغاننى تۇيماي قالىدىكەن. شۇڭا، ئىرادىسى ئاجىز ياش - ئۆسمۈرلەر بۇ دورىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەستىن قالايمىقان ئىشلەتكەن. بولۇپمۇ تورخانىدىن كۈنبۇيى چىقالمايدىغان ياش - ئۆسمۈرلەر، شەھۋانىي ئىشلارغا بېرىلىدىغان ياش يىگىت - قىزلار خاتا ھالدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلساق << روھلاندۇرۇش، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، ھارغاننى تۇيماسلىق تەسىرىنى بېرىدىكەن >> دەپ قاراپ، قالايمىقان ئىستېمال قىلغان. بىر قسىم گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان قىزلار << قورساقنى ئاچۇرمىسا ، ئۇرۇقلايدىكەنمىز >> دەپ بولۇشىغا ئىستېمال قىلغان. ھەتتا ، ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن ئەتراپىدىكى دوست - ساۋاقداشلىرىغىمۇ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقان. خۇسۇسەن پېقىرمۇ بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىدا ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ( بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلارمۇ بار ) بارلىقىنى بايقىغان ئىدىم ( ئۇ چاغلاردا بۇ مەسىلىگە ئاددىي قاراپ، بەلكىم بىرەر جايلىرى ئاغرىق بولسا كېرەك، دەپ قارىغان ئىكەنمەن. ). يېقىندا ، ئۇزۇندىن بېرى كشىلىرىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى بۈگۈنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن مننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان يېقىن بۇرادىرىم بىرزاتنىڭ بلوگى ( 80 خالتا بلوگى www.80halta.com ) دا دەل مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت سوراپ قالغان بىر توردىشىمىزنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەن ئويلغاندەك يېنىك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى، نەزىرىمىزنى جىددىي ئاغدۇرمىساق بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھەمدە بۇرادىرىم بىر زاتنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن مۇشۇنداقراق بىر تېمىنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ دىققەت - نەزىرىنى ئۇشبۇ مەسىلىگە بۇراش، قېرىنداشلىرىمىزنى 盐酸曲马多 نى قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىققا چاقىرىش ، ئاللىقاچان خۇمار بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.
盐酸曲马多 نڭ ناچار تەسىرلىرى :
1. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، دورىغا قارىتا تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ، كىشىنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ.
2. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى زور دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، بۆرەك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىغا زور دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرىستىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنتۇغاق، لەقۋا، قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.
盐酸曲马多 غا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى :
بۇ دورىغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، توختىماي تىت - تىت بولۇش، يۈرۈكىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك بىئارام بولۇش، سۆڭەك - بوغۇملىرى ئاغرىش، دەككە - دۈككۈدىلا يۈرۈشكە ئوخشاش ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 盐酸曲马多 نىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش بەك تەس بولۇپ، ئادەتتە خىرۇئىن خۇمارىدىنى تاشلاشقا قارىغاندا تەس دەپ قارىلىدىكەن.
يامان يېرى، بۇ خىل دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىسى، ئۇرغاندىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇرۇپ، خۇماردىن چىققۇسى كېلىدىغان ( زوراۋانلىق خاراكتېرى )، بىرنەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان، ئۇرۇپ - چاقىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، دائىم چېچىلاڭغۇ يۈرىدىغان لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك بولمىغان ياش - ئۆسمۈرلەر ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق شەكلى بىلەن دورا پۇلىنى تېپىشقا ئورنىدىكەن. شۇنىسى رۇشەنكى، بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىكەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر 盐酸曲马多 ئاللىقچان دۆلەت تەرىپىدىن رىتسىپسىز سېتىشقا بولمايدىغان، رىتسىپىسىز ئىشلىتىشكە بولمايدىغان، بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشقا بولمايدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرسىمۇ، ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز بۇ دورىنى نەدىن تېپىپ ئىستېمال قىلىدىغاندۇ ؟! ... شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ( دورىخانا خۇجايىنلىرى، دورا ساتقۇچى ) كۆڭلى زەھەردىن قارا ، مانا بۇ كىشىلەر جەمئىيەت ئۈچۈن زەھەردىنمۇ ئېغىر ئاپەت !
بولدى بەس ! قېرىندىشىم، ئېنىم ، سىڭلىم ، ئەمدى بۇ 盐酸曲马多 نى قالايمىقان يېمەڭ ! خۇمار بولۇپ قالغان بولسىڭىز، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ زەھەرسىمان دورىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتكە كېلىڭ ! قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى نابۇد قىلماڭ ! كەلگۈسىڭىزنى ھە دېگەندە قاراڭغۇ - زۇلمەت ئىچىگە ئىتتىرمەڭ ! ....
مەزكۇر يازما << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئېلىندى.



[Birzat بۇنى 2010-07-12 01:27 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: چۇمادو

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماdat[2010-07-29 09:20 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم.   ماڭامەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  مەن چۇمادو دىگەن دورىنى يىيىشنى ئۈگۈنۈپ قېلىپ 2  يىلدىن ئارتۇقراق يىدىم كىيىن سىزنىڭ تېمىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن چۇمادو نىڭ زىينىنى بىلىپ يارىپ ئامبۇلاتۇريەسىدە داۋالاندىم دورىنى شۇنىڭ بىلەن تاشلىدىم لىكىن تويقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۇمادونىڭ بەدىنىمگە تەسىر قىلغان زىينىنى بىلىپ يەتتىم  مەندىكى ئالامەتلەر  جىنسى ھەۋەىس ئاجىز تويقىلغاندىن بۇيان بىر قېتىمدىن ئارتۇق جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىدىم   بىر قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغان دىكىن قايتا ھىسياتىم كەلمەس بوپقالدى ئىككىنچى قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشكە ئۇرۇنسام  بەكتەستە قېتىپ جىنسى مۇناسىۋەت تۈگىمەيلا يۇمشاپ كىتىدۇ جىنسى مۇنا سىۋەتنىمۇ ئۈزەمنى مەجبۇرلاپراق قىلىمەن  سىيگەندىمۇ سۈيدۈك بېسىمسىز .   بەزىدەسىيىپ بولغان دىن كىين مەزى يەنى قۇيۇغراق سۈيدۈك تېمشىيدۇ  ..........سىيىپ بولغان دىن كىيىنمۇ يەنە سىيگم كەلگەندەك سۈيدۈك قېپقالغاندەن ھىسقىلىمەن  ... مەندىكى  بۇ كىسەللىل قانداق كىسەل قانداق  دورىلارنى ئىشلەتسەم ئۈنىمى ياخشىراق  قانچە ئۇزۇن دورا يەيمەن  ھەم قانداق پەرىز تۇتىمەن  مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  دورىلارنىڭ ئىسمىنى ئىنىقراق دەپ بەرگەن بولسىڭىز ..... مىنىڭ يۇرتۇم ئاقسۇدا..  ئاپام قەشقەرگە تۇققان يوقلاپ كەتكەن ئىدى  مىنىڭ كىسىلىمگە ئىشلىتىلدىغان دورىلارنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز  مەن ئاپام غا شۇ دورىنىڭ ئىسمىنى دەپبەرسەم ئالغاش كەلمەكچىتى سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ ئورنىنىمۇ دەپبەرگەن ئىدىم  .دورىنىڭ ئىسمىنى دەپبەرسىڭىز دۇكىنىڭىزغا كىرىپلا دورىنى مەن دەپ بەرگەن بويىچە ئالغاشكەلمەكچى ئىدى چۇنكى ئاپامغا بۇنداق بوپقالغىنىمنى ھەرگىز دىيەلمەيمەن ..جاۋابىڭىزنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىمەن ..ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بىرە ماڭا ياردەم قىلىڭ  مەن تېخى 22گەكىردىم ...ئۈزەمنىڭ بۇنداق بوپقالغان لىقىمنى ئويلىسام ياشاشتىنمۇ رايىم سويۇپكىتىدۇ يەنە شۇ سۇئال سوراقتىن قورقىمەن... ئەمسە مەن جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن بىرزات ئاكا ئاللاغائامانەت...تىزراق مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا ئاپام مۇشۇ شەنبە كۈنى يېنىپ كىلەتتى جاۋاپ لىرىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتى ۋاتىمەن
回复قايتۇرماdat[2010-07-25 05:12 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم.   ماڭامەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  مەن چۇمادو دىگەن دورىنى يىيىشنى ئۈگۈنۈپ قېلىپ 2  يىلدىن ئارتۇقراق يىدىم كىيىن سىزنىڭ تېمىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن چۇمادو نىڭ زىينىنى بىلىپ يارىپ ئامبۇلاتۇريەسىدە داۋالاندىم دورىنى شۇنىڭ بىلەن تاشلىدىم لىكىن تويقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۇمادونىڭ بەدىنىمگە تەسىر قىلغان زىينىنى بىلىپ يەتتىم  مەندىكى ئالامەتلەر  جىنسى ھەۋەىس ئاجىز تويقىلغاندىن بۇيان بىر قېتىمدىن ئارتۇق جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىدىم   بىر قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغان دىكىن قايتا ھىسياتىم كەلمەس بوپقالدى ئىككىنچى قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشكە ئۇرۇنسام  بەكتەستە قېتىپ جىنسى مۇناسىۋەت تۈگىمەيلا يۇمشاپ كىتىدۇ جىنسى مۇنا سىۋەتنىمۇ ئۈزەمنى مەجبۇرلاپراق قىلىمەن  سىيگەندىمۇ سۈيدۈك بېسىمسىز .   بەزىدەسىيىپ بولغان دىن كىين مەزى يەنى قۇيۇغراق سۈيدۈك تېمشىيدۇ  ..........سىيىپ بولغان دىن كىيىنمۇ يەنە سىيگم كەلگەندەك سۈيدۈك قېپقالغاندەن ھىسقىلىمەن  ... مەندىكى  بۇ كىسەللىل قانداق كىسەل قانداق  دورىلارنى ئىشلەتسەم ئۈنىمى ياخشىراق  قانچە ئۇزۇن دورا يەيمەن  ھەم قانداق پەرىز تۇتىمەن  مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  دورىلارنىڭ ئىسمىنى ئىنىقراق دەپ بەرگەن بولسىڭىز ..... مىنىڭ يۇرتۇم ئاقسۇدا..  ئاپام قەشقەرگە تۇققان يوقلاپ كەتكەن ئىدى  مىنىڭ كىسىلىمگە ئىشلىتىلدىغان دورىلارنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز  مەن ئاپام غا شۇ دورىنىڭ ئىسمىنى دەپبەرسەم ئالغاش كەلمەكچىتى سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ ئورنىنىمۇ دەپبەرگەن ئىدىم  .دورىنىڭ ئىسمىنى دەپبەرسىڭىز دۇكىنىڭىزغا كىرىپلا دورىنى مەن دەپ بەرگەن بويىچە ئالغاشكەلمەكچى ئىدى چۇنكى ئاپامغا بۇنداق بوپقالغىنىمنى ھەرگىز دىيەلمەيمەن ..جاۋابىڭىزنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىمەن ..ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بىرە ماڭا ياردەم قىلىڭ  مەن تېخى 22گەكىردىم ...ئۈزەمنىڭ بۇنداق بوپقالغان لىقىمنى ئويلىسام ياشاشتىنمۇ رايىم سويۇپكىتىدۇ يەنە شۇ سۇئال سوراقتىن قورقىمەن... ئەمسە مەن جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن بىرزات ئاكا ئاللاغائامانەت
回复قايتۇرماkukbura610[2010-07-19 08:32 PM | del]
ياىشىمۇ سىز .
مەن يەپ باكمىدىم ،بىراق مىنىڭ دوسلىرىمنىڭ ئارىسىېمۇ بۇنداق دورىلارنى يەيدىغانلار بار،مەن قانداق قېلسام دوسلىرىمنىڭ بۇنداق دۇرىلارنى يىيىشتىن توسالارمەن؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.