پات-پات يۇيۇنۇش- ھۆسۈننى تۈزەپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ
ماتىرياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ،ئەنگىلىيىكلەر بىر يىل ئىچىدە يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا 99مىليون فوند ستىرلىڭ سەرپ قىلغان. بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى يۇيۇنۇش ھۆسۈننى تۈزەپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.ئوخشاش بولمىغان يۇيۇنۇشنىڭ ئۈنىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

خۇش پۇراق ئىچىدە يۇيۇنۇش نىرۋىنى تىتىكلەشتۈرۈش ،جىددىلىكنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يۇيۇنىدىغان سۇغا بىر قىسىم خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى قوشۇۋەتسە زور دەرەجىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.قۇرغاق تېرىلەرگە سۇ تولۇقلاپ نەمخۇش قىلىدۇ،تېرە سىلېقلىنىدۇ. تېرە خۇش پۇراق پۇرايدۇ.ناھايىتى راھەت ھىس قىلىدۇ.
 

" /> يۇيۇنۇشتا سۇنى ھەر خىل تەڭشەشنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى - 80 خالتا بلوگى

يۇيۇنۇشتا سۇنى ھەر خىل تەڭشەشنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى


پات-پات يۇيۇنۇش- ھۆسۈننى تۈزەپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ
ماتىرياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ،ئەنگىلىيىكلەر بىر يىل ئىچىدە يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا 99مىليون فوند ستىرلىڭ سەرپ قىلغان. بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى يۇيۇنۇش ھۆسۈننى تۈزەپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.ئوخشاش بولمىغان يۇيۇنۇشنىڭ ئۈنىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئادەمنى تىتىكلەشتۈرىدۇ،يۇيۇنۇش ۋاقتى ئىسسىق كۈنلەردە سەھەردە ياكى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنۇش بەدەندە قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە جىنسى يول ياللۇغى داۋالاشقىمۇ پايدىسى بار.
خۇش پۇراق ئىچىدە يۇيۇنۇش نىرۋىنى تىتىكلەشتۈرۈش ،جىددىلىكنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا يۇيۇنىدىغان سۇغا بىر قىسىم خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى قوشۇۋەتسە زور دەرەجىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.قۇرغاق تېرىلەرگە سۇ تولۇپلاپ نەمخۇش قىلىدۇ،تېرە سىلېقلىنىدۇ. تېرە خۇش پۇراق پۇرايدۇ.ناھايىتى راھەت ھىس قىلىدۇ.
ئىسسىقلىق بەدەن قايناتمىسىدە يۇيۇنسا بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈك يوقىلىپ ،ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ،بوشاڭلىق ،ئۇيقىچان بولۇش،ھۇرۇنلۇق ،ئاق خۇن كۆپ كىلىش ھەمدە قول پۇت بەل سوۋۇش لارغىمۇ داۋا بولىدۇ.
ئارشاڭ سۈيىدە يۇيۇنۇش ئىنتايىن قىممەتلىك يۇيۇنۇش بولۇپ ،ئارشاڭ سۈيۈدە كۆپ يۇيۇنسا ،روھ ئىنتايىن كۆتۈرلۈپ قالىدۇ.
ئىلمان سۇدا يۇيۇنسا ،مۇسكۇللارنى بوشىتىپ،ئاغرىقنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

80خالتا بلوگى ئۈچۈن كەۋسەر خانىم تەييارلىغان




[Birzat بۇنى 2010-08-10 01:34 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: يۇيۇنۇش

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkunupka[2010-08-10 09:23 PM | del]
مېنىڭ كۆز قارىشىمدا ئىسسىق سۇدا يۇيۇنساق قان قېتىشىدۇ،يىپىشقاقلىقى ئېشىپ قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستىلاپ كېتىدۇ. چۈنكى ئاقسىل ئىسسىقتا قېتىيدۇ. مەسىلەن: تۇخۇم پىشۇرساق تۇخۇمنىڭ ئىچىدىكى ئاقسىل قېتىيدۇ، قان دېغىنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيىمىز.
ئەكسىچە سۇغۇقراق سۇدا يۇيۇنساق  قان ئايلىنىش ياخشىلىنىدۇ، مايلىق ياكى قۇۋۋەتلىك تاماقنى كۆپ يەپ قان قۇيۇلۇپ ماغدۇرسىزلانغاندا سوغۇق سۇدا يۇيۇنساق (ئامال بار تاغدىن كەلگەن ئەركەك سۇدا) راھەتلىنىپ قالىمىز.
回复قايتۇرماYuksel[2010-08-10 07:37 PM | del]
مەن ئادەتتە قىززىقراق سۇدا يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ خىل يۇيۇنۇشنىڭ زىيىنى يوقتۇ ؟! ...
回复قايتۇرماBirzat[2010-08-10 01:46 PM | del]
ئۆستەڭ سۈيى تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ ھەم ئاپتاپ كۆرۈپ تاغدىن كىلىدىغان ئەركەك سۇ  
ما تۇربا سۈيى قاراڭغۇ يەر ئاستىدا ئۇزۇن يىل يېتىپ تەبئىتى سوۋۇپ كەتكەن <<ئۆلۈك>> سۇ
شۇڭا مىجەزلىرىگە ياقمىدىمىكى ...
回复قايتۇرماkunupka[2010-08-10 01:34 PM | del]
ياز كۈنلىرى ئىلىمان سۇدا يۇيۇنسام ئىككى كۈن ھاشار چاپقاندەك چارچاپ كىتىمەن، ئىككى كۈنگىچە ماغدۇرۇم ئەسلىگە كەلمەيدۇ. شۇڭا نىمە بولسا بولمامدۇ دەپ سوغۇق سۇدا يۇيۇنىمەن. غەلىتە ئىش كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆستەڭدە سۇ ئۈزۈپ ئوينايىتتۇق، ئۆستەڭ سۇيى ھىچقانداق زىيان قىلمايىتتى، لىكىن ھازىر تۇرۇبا سۈيىدە (سوغۇق سۇ) يۇيۇنسا نىمە ئۈچۈن زىيان قىلىدىغاندۇ، تۇرۇبا سۈيىنىڭ تېمپىراتۇرىسىمۇ ئانچە تۆۋەن ئەمەس.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.