ئەرلىك ئەزاغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسراش تەدبىرلىرى


ئەرلىك ئەزاغا زىيانلىق ئامىللار

1. زىيادە ئاچچىقلىنىش، روھىي چۈشكۈنلۈك، غەم-ئەندىشىنىڭ كۆپ بولۇشى، قاتارلى ناچار روھىي كەيپىياتلار قۇۋۋىتى شەھۋانيىنى كېسىپ جىنسىي ھەۋەس سۇسلىشىش، زەكەر قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 2. يېتەرلىك ئۇخلىمىغاندا بەدەندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جنسىي ھەۋەس سۇسلىشىدۇ، زەكەر قايىم بولمايدۇ.
 3. جنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئاز بولۇشى ياكى زىيادە كۆپ بولۇشى ۋە ياكى پەقەت بولماسلىقى زەكەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاستۇرىدۇ.
 4. ئوزۇقلۇقنىڭ ناچار بولۇشى زەكەرنىڭ تولۇق تىكلەنمەسلىكى، زەكەر بوشىشىش ۋە زەكەر يىگىلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئانانىزىمنىڭ كۆپ بولۇشى زەكەرنىڭ تۈزۈلۈشىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىپ، زەكەرنىڭ ئاجىزلىشىشىنى، تۈۋى تەرەپ ئىنچىكە، ئۇچى توم بولۇشىنى ھەم زەكەرنىڭ مايماقلىقىنى ، يېگىلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 6.زىيادە سوغۇقلۇق تەسىرىدىن زەكەر ئىستىرخاسى كېلىپ چىقىدۇ.
 7. ھەرخىل جىنسىي ھەۋەس قۇزغاتقۇچى ھورمۇن تەركىبلىك دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئشلەتكەندە زەكەردە زىيادە قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زەكەرگە ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق يېتىپ بارالماسلقتىن زەكەرنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 8. ھەددىدىن زىيادە تار ئىچ كىيىم ۋە تار ئىشتانلارنى كىيگەندە زەكەرنى داۋاملىق بېسىپ تۇرغانلىقتىن قان ئايلىنىش ياخىشى بولماي، زەكەرنىڭ تۈزۈلۈشىدە غەيرىيلىك بولۇش بىلەن بىرگە زەكەر يىگىلەش ۋە جىنسىي ئىقتىدار توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 9.دائىم جنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى خىيال قىلىش، شەھۋانى مەزمۇندىكى ئۈن-سىن فىلىملىرىنى ۋە گىزىت -ژورناللارنى كۆرۈش قاتارلىقلار زەكەرنىڭ زەئىپلىكىنى ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
 ئەرلىك ئەزانى ئاسراش تەدبىرلىرى
زەكەرنى ئاسراشتا يۇقىرقى زىيانلىق ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى تەدبىرلارنى قوللىنىش لازىم.
 1. كەكلىك گۆشى، بۆدۈنە گۆشى، پاقلان گۆشى، باچكا گۆشى، ئالما شەربىتى، ئانار شەربىتى، ئۈزۈم شەربىتى قاتارلىقلار ئىستېمال قېلىنىدۇ.
2.ياڭاق چۆچۆرىسى، قايماق چۆچۆرىسى، گۆش گىردە، پولو، ھەرخىل كاۋاپلار، تۇخۇم قاتارلىقلار ئىستېمال قېلىنىدۇ.
3. ئەنجۇر، بانان، ئۈزۈم ، ياڭاق، بادام قاتارلىقلارمۇ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنىدۇ.
4. سەۋزە مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى، ئەنجۇر مۇرابباسى، زەنجىۋىل مۇرابباسى قاتارلىقلارنىمۇ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بېرىش كىرەك .
5. سەۋزە ۋە چامغۇر كۆپرەك سېلىنغان شورپىلارنى ئچىپ بېرش كېرەك.
 6. قوي، كالىنىڭ ئۇرۇقدېنىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە پايدىلىق .
7.زەكەرنى سىرتىدىن تۇخۇم يېغى ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن مايلاپ بېرش لازىم. ئولتۇرغاندا پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق لازىم.
 8. تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشنى چەكلەش لازىم.
 9. قىزىل ئۈزۈمدىن، ياڭاق مېغىزىدىن مۇۋاپىق ئىلىپ سوقماق قىلىپ ئىستېمال قىلىش پايدىلىق.
10. تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، بەدىيان، ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە، كەرەپشە ئۇرۇقى ھەربىرىنى 10 گرامدىن ئىلىپ، چايلىق سوقۇپ ئىچىشكە بەرسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ، سۈيدۈك يولىنى تازلايدۇ، سۆزنەكنى يوق قىلىدۇ.
 11. زەيتۇن يېغى بىلەن ئۆچكىنىڭ بۆرەك يېغى، ئۆردەك يېغى، كالا يېغىدىن 30گرامدىن، گۈل يېغىدىن 60 گرام ئىلىپ ئارلاشتۇرۇپ، زەكەرنىڭ ئەتراپىنى داۋاملىق ياغلاشقا بۇيرىلىدۇ.
12. ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشىنى، بولۇپمۇ ئاق قۇشقاچنىڭ گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال قىلسا پايدىلىق.
 13 . ماددەتۇل ھايات، لوبوبى كەبىر، جاۋارىش زەر ئۇنى قاتارلىق مۇرەككەپ نۇسقىلىق دورىلار بۆرەك ھەم ئەرلىك ئەزانى كۈچەيتىدۇ.  health and body

 پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش
 
 

 
 




[Birzat بۇنى 2010-08-17 06:10 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەرلىك

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماtumurqi[2012-04-08 00:28 AM | del]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ھازىر تۇرمۇش سەۋېيەيىمىزنىڭ ئۇسۈشىگە ئەگىشىپ،توڭلاتقۇ كۇپلىگەن ئائىلىلەردە بار بولدى. يازدا ئوڭاي بۇزۇلۇپ قالىدىغان يىمەكلىلەرنى مەسىلەن؛گۆش،سوغۇق ئىچىملىك،سەي-كۆكتات قاتارلىقلارنى توڭلاتقۇدا ساقلاپ يىسە سالامەتلىككە زىيىنى بارمۇ؟مەسلەھەت بەرسېڭېز بوپتىكەن
回复قايتۇرماmamatsale[2012-02-22 11:13 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن مىنىڭ كومپىيۇتىر  ئىشلىتىش ۋاختىم كۈندە 5~8 كىچە  بۇنىڭ  زىينى بامۇ  مەن مەكتەپتە  وكۇيمەن سىز دىگەندەك كۇندا  يىرىم سائەت ئەتىراپىدا  پىيادە  ماڭىمەن ھەم  توپ  ئويناي  مەن  مىڭە  راكى  مىنىڭمۇ بىىشىم ئاغرىيدىغان بولۇپ  قالغان ئىدى
回复قايتۇرماezdan[2010-08-21 02:50 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.
مەن ئىلگىرى ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ، ھازىر ئۇ قىلىقنى تاشلىغىلى خىلى بولدى، لىكىن ئانانىزىمنىڭ ئاسارتىمىكىن ئەرلىك ئەزانىڭ تومۇرلىرى كڭىيىپ مائوسنىڭ سىمىدەك توملۇقتا كىڭىيىش ئالامەتلىرى بار.
بۇ مەزى بىزىنىڭ تەسىرىمۇ؟؟؟  مەن قەشقەردىن ، ئىلگىرى سىلىنىڭ دۇكانغا بارغان، مەسلەھەت بىرىشلىرىنى سورايمەن.سىلىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن،
回复قايتۇرماtaxnalikim[2010-08-21 11:33 AM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.
ئوزۇم 20 ياش كورلىدىن سىلەردىن سوراي دىغان بىر سۇئالىم بائىدى .مىنىڭ ئەرلىكىمدن بىرخىل سۇيۇقلۇق ئاقىدىغان بۇلۇپ قالدى،ھەم چىڭقىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا سىلەرنىڭ مەسلىھەت بىرىشىڭلانى توۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
回复قايتۇرماشةيدا[2010-08-20 11:22 PM | del]
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.