بۇغداش بىرخىل ياۋا كۆكتات، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، بەزى جايلاردا بۇغداشنى«ئۇزۇن ئۆمۈر ئوتيېشى» دەپ ئاتايدۇ.
ئېلىمىزدە ئۆستۈرۈلىدىغان بۇغداشنىڭ ئۈچ تىپى بار: بىرىنچىسى، يېشىل بۇغداش، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى يېشىل رەڭدە، ئىسسققا چىداملىقى كۈچلۈك، يېيشكە قاتتىق؛ ئىككىنچىسى، قىزىل بۇغداش، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭدە، ئىسسققا چىداملىقى ئوتتۇرا ھال، يېيىشكە يۇمشاق، ئۈچىنچىسى، رەڭدار بۇغداش، ئۇنىڭ يوپۇرماق تومۇرى ئەتراپى قىزغۇچ بىنەپشەرەڭدە، يوپۇرماقلىرىنىڭ گىرۋىكى يېشىل رەڭدە، يېيىشكە يۇمشاق.

" /> بۇغداشنىڭ (amaranth) ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

بۇغداشنىڭ (amaranth) ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


بۇغداش بىرخىل ياۋا كۆكتات، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، بەزى جايلاردا بۇغداشنى«ئۇزۇن ئۆمۈر ئوتيېشى» دەپ ئاتايدۇ.
ئېلىمىزدە ئۆستۈرۈلىدىغان بۇغداشنىڭ ئۈچ تىپى بار: بىرىنچىسى، يېشىل بۇغداش، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى يېشىل رەڭدە، ئىسسققا چىداملىقى كۈچلۈك، يېيشكە قاتتىق؛ ئىككىنچىسى، قىزىل بۇغداش، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭدە، ئىسسققا چىداملىقى ئوتتۇرا ھال، يېيىشكە يۇمشاق، ئۈچىنچىسى، رەڭدار بۇغداش، ئۇنىڭ يوپۇرماق تومۇرى ئەتراپى قىزغۇچ بىنەپشەرەڭدە، يوپۇرماقلىرىنىڭ گىرۋىكى يېشىل رەڭدە، يېيىشكە يۇمشاق.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
بۇغداش تەركىبىدە ۋىتامىنK،تۆمۈر، كالتىسي،فوسفور قاتارلىقلار بار.
بۇغداشنىڭ كۆكى، ئۇرۇقى،يىلتېزى دورىلىق قىممەتكە ئىگە. ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك، بۇغداشنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، ئىسسقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ،ھۆللۈكنى تۈگىتىپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، چڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
بۇغداش چىش ۋە سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىگە قارىتا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ ھەمدە نورمال يۈرەك مۇسكۇلى ھەركىتىنى ساقلايدۇ، يوتا مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بۇغداش قاننىڭ ئۇيۇششىنى ئىلگىرى سۈرۈش،قان قىزىلى ئاقسىلى(ھېموگلوبىن) نىڭ مىقدارىنى ئۇنىڭ ئوكسىگىن ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،قان ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق روللارغا ئىگە.
بۇغداش ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ، زەھەرنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىستېمال قىلشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
بۇغداش ياشانغانلار، بالىلار، ئاياللار، سەمىرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
بۇغداشنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. بولمىسا ئاسانلا تېرە جەھەتتىكى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان-ئۈچىيى يېقىمسىزلانغانلار، ھەزىم قىلىشى ناچارلار بۇغداشنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى ياكى پەقەتلا ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
بۇغداشنى پىشۇرۇش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم.




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.