


كۆزگە زىيانلىق ئامىللار [ئەزالارغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇلارنى ئاسىرا
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-06-24

كۆزنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسق بولۇپ، ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇ تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ:
1.كۆزگە كۆرۈنىدىغان شەئىيلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ئۆز ئەينى بويىچە كۆرۈپ، مېڭىگە ئەينەن ئەكىس ئەتتۇرۈپ بېرىدۇ.
2.ئادەمنىڭ ھۆسنىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.
3. ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئەينىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىسياتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
كۆزگە زىيانلىق ئامىللار
1. مۇھىتتكى ھەرخىل چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك ۋە ھەرخىل ئۇششاق ھاشارەتلەردىن كۆزنى مۇداپىئە قىلمىغاندا كۆزگە كىرىپ كەتسە ھەرخىل كۆز زەخمىلىنىشلىرىنى، كۆزنىڭ قىزىرىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.كۆزنى زىيادە چارچىتىۋېتىش، يەنى ئۇزۇن مۇددەت توختىماي كىتاب كۆرۈش، ماشىنىدا مېڭىۋىتىپ كىتاب كۆرۈش،تاماق يەۋىتىپ كىتاب كۆرۈش، كىچىك خەتلەرگە كۆپ قاراش، قىزىل رەڭلىك قەلەملەرنى كۆپ ئشلىتىش، كىتابنى بەك يېقىن تۇتۇپ كۆرۈش، رەڭلىك تېلېۋىزورلارغائۇزۇن مۇددەت تىكىلپ قاراپ ئولتۇرۇپ كۆرۈش،خەت يېزىش قىياپىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى، يەنى كۆز بىلەن ماتىريالنىڭ ئارلىقى بەك يېقىن بولۇپ كېتىش ياكى بەك يىراق بولۇپ كېتىش، ئۇزاق مەزگىل كومپىيوتۇر ۋە ئۆتكۈر نۇرلار ئاستىدا خىزمەت قىلىش قاتارلىق ئادەتلەر كۆزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
3. تاماق تاللاش، يەنى كۆزگە پايدىلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلانى يېمەسلىك،لازا-ئاچچقسۇ، يەللىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيش، كۆزگە پايدىلىق بەزىبىر يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك قاتارلىقلارمۇ كۆزنىڭ ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. زىيادە ئىسسقلىق تەسىرىدىن كۆزدە ئىسسقتىن مىزاج بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىپ، كۆز ئىچكى بېسىمى ئارتىپ كېتىش،كۆز چىڭقىلىپ ئاغرىش، كۆز قىزىرىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. كۆزنىڭ تازلىقى ياخشى بولماسلىق، يەنى پاسكىنا قول ۋە پاسىكىنا لۆڭگىلەر بىلەن كۆزنى سۈرتۈش، كۆزنى پاسكىنا سۇلار بىلەن يۇيۇش قاتارلىقلارمۇ ھەرخىل كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.
6. كۆزنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرماسلىق، يەنى ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن كۆزنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرماسلىق ۋە ئارام ئالدۇرماسلىق سەۋەبىدىنمۇ يېقىننى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ھەرخىل كۆز كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.
7. يۈرەك، مېڭىنى ۋە جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرغۇچى ھەرخىل ھورمۇن تەركىبلىك دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا مېڭىدىكى سەزگۈ قۇۋۋەتنى ئاجىزلىتىپ،كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، ناماز شام قارىغۇسى ۋە قارىغۇ بولۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. كۆزگە قالايمىقان كۆز گىرملىرىنى ئىشلىتىش، يەنى سۈپىتى ناچار، ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرخىل سۈرمە، لاك ۋە كۆز قاپاقلىرىغا سۈرىدىغان گىرىم بويۇملىرىنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ھەرخىل كۆز ياللۇغلىرى ۋە كۆز قىزىرىپ ئىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق، يەنى ۋاختىدا قېنىپ ياخشى ئۇخلىماسلىقمۇ كۆزنىڭ قىزىرىپ قېلىشى ۋە كۆزنىڭ چارچاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. ھاراق-تاماكىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، بۇمۇ كۆزگە زىيانلىق بولۇپ، يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ كۆزنىڭ ئىچكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ، كۆز قىزىرىپ قېلشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
11. كۆزگە زورمۇ زور گرادۇسلۇق ئەينەك تاقاش، بۇ خىل ئادەت كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش
كومپۇتېر مەشغۇلاتىدا : 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تور ياردەمچىسى بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم
[Birzat بۇنى 2010-06-24 08:16 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۆز، زىيانلىق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:





ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛مىھرىبان ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئاتاقىلسۇن!مىنى بۈگۈن سىلە بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئاللاھقا چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇن.ھەممىلىرىگە ئاللاھنىڭ سالامى يەتسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم كەچلىكڭلار خەيىرلىك بولسۇن ! ئاللا سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل ئىدراك ئاتا قىلىپ بىزلەردەك ئاجىز كىشىلەرگە كۆپلەپ مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن .ئاياللاردا ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا بەل-پۇت تېلىش ،كۆپ كىچىك تاھارەت قىلىش ،بەل-پۇت تېلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى بۆرەكنىڭ سوغاق ئېلىپ كېتىش سەۋەبىدىنمۇ ؟ ھېيىز كەلگەن ۋاقىتتا قورساق قىسمى ئاغرىش ،توختىغاندىن كېيىنمۇ قورساق ئىچىدىن تارتىشىپ ئاغرىش نىمە سەۋەبتىن بولىدۇ ؟ يوقارقى كېسەللىكنى تۈگىتىش ھەمدە يوقارقى كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار ؟
ئىنكاس يوللاش